قوي گۆشى

ئورنى Wikipedia
كاللا-پاقالچاق
قوي قوۋۇرغىسى

تونۇر كاۋىپى


ئىككى ياشلىق پاقلان ئىككى دانە، ئاق ئۇن 105 گرام، تۇخۇمنىڭ سېرىقى بەش دانە، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، زەرچىۋە ئازراق، سوققان زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق.



1. قوينى بوغۇزلاپ، تېرىسىنى سويۇپ، باش ۋە پاقالچاقلىرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، قورسىقىنى كىچىكرەك يېرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىلىدۇ. ئاندىن ئىچىنى ئىسسىق سۇ بىلەن چايقاپ، قۇرۇق لاتا بىلەن سۈرتىۋېتىلىدۇ. ئاندىن قوينى بىر تال ياغاچقا پۈتۈنلەي تىكلەپ ئۆتكۈزۈپ، ياغاچ قوينىڭ بوينى تۇرغان يېرىگە بىر تال مىخ قېقىپ قويۇلىدۇ (بۇ مىخ قوي گۆشىنىڭ ياغاچتىن پەسكە سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىشىنى توساپ تۇرىدۇ).

2. تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا تۇز، سوققان زەرچىۋە، زىرە، قارىمۇچ، ئاق ئۇنلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياساپ، ئۇنى گۆشنىڭ يۈزىگە سۈرتۈپ تەييارلىنىدۇ.

3. تونۇرنى ياخشى قىزىتىپ، چوغلىرىنى ئېلىۋېتىپ، داپخاننى چىڭ ئېتىپ، تەييارلانغان پۈتۈن قوي گۆشىنى بېشىنى پەس تەرەپكە قىلىپ تونۇرغا تىكلەپ تۇرغۇزۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى ھور چىقمايدىغان قىلىپ ھىم ئېتىپ، بىر يېرىم سائەت تونۇرنىڭ ئىچىدە قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ. گۆشنىڭ پىشقان ـ پىشمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، تونۇرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قاراپ باقىدۇ. ئەگەر ياغاچنىڭ گۆشكە ئۆتكۈزۈلگەن يېرى شورغا ئوخشاش ئاق گەز باغلىغان ھەم گۆش ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەن بولسا، پىشقان ھېسابلىنىدۇ.

قوينىڭ مۆڭگۈزىگە قىزىل لاتا، ئاغزىغا كەرەپشە چىشلىتىپ، غالتەك ھارۋا بىلەن مېھمانلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلىدۇ. پىشقان كاۋاپنى پۈتۈن ھالدا ياكى سۆڭىكى بىلەن قوشۇپ 105-140 گرام چوڭلۇقتا پارچىلاپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.