قىران

ئورنى Wikipedia

قىران [qiran]— ئەسلى مەنىسى جۈپلىشىش، قوشۇلۇش دېگەن سۆز ھازىرقى ئىستېمالدا قىران چۈشەنچىسى ئىككى خىل، بىر خىلى بويىچە قىران 25 يىلغا تەڭ. يەنى بىر ئەسىرنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ.

ئادەتتە كىشىلەرنى «قىرانىغا يەتتى» دېگەنلىك 25 ياشقا تولدى، جۈپلىشىش-نىكاھلىنىش مۇددىتىگە يەتتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

يەنە بىر خىل چۈشەنچە بويىچە قىران — تەخمىنەن 30 يىلغا تەڭ بولىدۇ، بىر ئەسىرنىڭ ئۈچتىن بىرى نەزەردە تۇتۇلىدۇ.