قۇتادغۇبىلىك

ئورنى Wikipedia

| ئەسكى ئۇيغۇرچە تېكست، 1980\ۋ.ۋ. رادلوڧ

تۈر دىداكتىك داستان
مەناسى قۇت كەلتۈرگۈچى بىلىم
ۋاقت 1070-1069 (946 ياشىدا)
تەۋەلىكى كاشغەر، قاراخانىيلار خانلىقى
تىلى خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى
كاتىب مۇھەممەد ئال دەمەشقى
مۇئەللىڧ يۈسۈڧ خاس ھاجىب
تېما(لار) دەۋلەت ئىدارەسى
نۇسخا(لار) ۋيېنا نۇسخسى

ڧەرغانە نۇسخىسى
قاھىرە نۇسخىسى

بايقىغان زەكى ۋەلىدى توغان
ئورنى ۋيېنا، قاھىرە، ئىستانبۇل

|} قۇتادغۇ بىلك (ئۇيغۇر لاتىن Qutadghu Bilig، تەلەڧڧۇزى: /kuːˈtɑːdɡuː ˈbɪlɪk/) (بەخت كەلتۈرگۈچى بىلم ياكى بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم) -- تۈرك تائىڧىلىرىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسردە ياشىغان بۈيۈك مۇتەڧەككۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرەڧىدىن يازىلغان چوڭ ھەجىملىك داستان. بۇ داستان قەدىمكى زامان ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدىن ھازىرچە بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن يېگانە بەدئىي ئەسەر ۋە 11- ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئەڭ ياخشى نۇمۇنەسىدۇر. بۇ ئەسەر 1980- يىلى تومۇز\ئاۋغۇست ئېيىدا ھامۇت ئېنىموڧ مەسئۇللىغىدا بىر تەھرىر ھەيئىتى قۇرۇلۇپ ئەسەرنىڭ ھازىرىقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي ۋە نەسرىي يەشمىسى بىلەن خەنزۇچە تەرجىمىسى، ئاخىرىدا ئىندېكس (سۆزلۈك) قىسمىنى نەشرگەتەييارلاش قارا قىلىنىغان. 1984- يىلى 5- ئايدا تۇنجى قېتىم بېيجىڭ شەھرىدە مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

ئەسەر ئۈستىدە ئىشلىگەنلەر[تەھرىرلەش]

  • نەزمىي يەشمىسىنى ئىشلىگۈچىلەر

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئەھمەد زىيائى
مەمتېمىن يۈسۈپ

  • ترانسكرىپيىلىك مەتنىنى ئىشلىگۈچىلەر
    ئابدۇشۈكۇر تۇردى
    ئابدۇللاھ مۇھەممەدى
    مەھمۇد زەيدى

ئەسەر ھەققىدە[تەھرىرلەش]

بۇ ئەسەر 462- ھىجرىدە 18 ئاي تاماملانغان. مىلادى بويىچە 1069 - 1070- يىللارغا توغرا كېلىدۇ.

  • ۋىئانا نۇسخاسى مىلادى 1439- يىلى ھېرات شەھرىدە ھەسەن قارا سايىل شەمس دېگەن كىشى تەرىپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىغىدا كۆچۈرۈلۈپ 1474- يىلى ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلگەن ۋە كېيىن [[ئاۋىستىرىيلىك شەرقشۇناس ھاممىر پورگىشتال بۇ نۇسخىنى ۋىئانا ئوردا كۈتۈپخانىسگە كەلتۈرگەن. بۇ ھازىرمۇ شۇ كۈتۈپخانىدا ساقلانماقتا. بۇ نۇسخا ھېرات شەھرىدە كۆچۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ھېرات نۇسخاسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
  • قاھىرا نۇسخاسى ئەرەب ھەرىڧلىرى ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، قاھىرەدىكى «ھېدۋ» (قىرال) كۈتۈپخانىسىدە ساقلانماقتا.
  • ڧەرغانە نۇسخاسى ھەم ئەرەب ھەرىڧلىرى ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن ۋە ھەممىدىن تولۇق نۇسخا بولۇپ، بۇ نۇسخانى تۇنجى بولۇپ تاتار ئالىمى زەكى ۋەلىدى توغان 1914- يىلى ڧەرغانەنىڭ نەمەنگان شەھرىدىكى مۇھەممەد ھاجى ئىشان لالەرىش دېگەن كىشىنىڭ شەخسىي كۈتۈپخانسىدە كۆرگەن ۋە بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلغان.

بۇ 3 خىل كۆچۈرمە نۇسخادا بېيىتلار سانى ھەرخىل بولۇپ، قاھىرە نۇسخاسىدا 5400 بېيىت بولسا، ڧەرغانە نۇسخاسىدا 6095 بېيىت باردۇر، ۋىئانا نۇسخاسى تېخىمۇ تولىقسىزدۇر.

ئەسەرنىڭ ۋيېنا نۇسخسى، ڧەرغانە نۇسخىسى ۋە قاھىرە نۇسخىسى قاتارلىق نۇسخىلىرى بار.

قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئۈچ خىل نۇسخاسىدىن ئۆرنەكلەر

ئەسەردىن ئۈزۈندىلەر[تەھرىرلەش]

كۆر، ئارسلان بۇلۇ بىرسە ئىتقا باشى،
بۇ ئىت بارچا ئارسلان بۇلۇر ئۆز تۈشى.
قالى بولسا ئارسلانغا ئىت باشچىسى،
ئول ئارسلان بولۇر بارچە ئىت ساقشى.


(بولىۋەرسە ئىتقا، كۆر، باش ئارسلان،
بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسىمان.
ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش،
بولۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.)


بودۇم ئوقتەگ ئەردى، كۆڭۈل ئەردى يا،
كۆڭۈل قىلغۇ ئوقتەگ بودۇم بولدى يا.

(بويۇم ئىدى ئوقتەك، كۆڭۈل ئىدى يا،
كۆڭۈل قىلغۇ ئوقتەك، بويۇم بولدى يا.)

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

1. قۇتادغۇ بىلك، 1984- يىل نەشرى