قۇربان ھېيت

ئورنى Wikipedia
قۇربان ھېيت

قۇربان ھيىت بايرىمىمۇ روا ھېيتقا ئوخشاش ئەسلى ئىسلامىيەت ئەقىدىسى بويىچە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرام بولۇپ، خۇددى روزا ھېيتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمىغا ئايلىنىپ قالغىنىغا ئوخشاش جەريان ئارقىسىدا تەدرىجىي ھالدا مىللىي بايرام تۈسىنى ئالغان.[تەھرىرلەش]

قۇربان ھېيت — ئۇيغۇر ، قازاق ، خۇيزۇ ، قىرغىز ، تاجىك ، ئۆزبېك ، تاتار ، دۇڭشياڭ ، سالا ، باۋئەن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەڭ تەنتەنىلىك ھېيىتى . قۇربان ئەرەب تىلىدىن ئېلىنغان سۆز بولۇپ ،‹‹ قۇربانلىق قىلىش›› مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ . قۇربان ھېيت بىلەن روزى ھېيت ئىسلام دىنىنىڭ ئىككى چوڭ ھېيىتى ھېسابلىنىدۇ . ئىسلام كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 12–ئاينىڭ 10– كۈنى قۇربان ھېيت بولىدۇ . ئىسلام شەرىئىتىدە ئىسلام كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 12– ئاينىڭ باشلىرى دىن مۇخلىسلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پەرىزىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن مەككە مۇھەررەمگە بېرىپ تاۋاپ قىلىش ۋاقتى قىلىپ بەلگىلەنگەن . ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ( يەنى 12–ئاينىڭ 10–كۈنى ) قوي ، كالا سويۇلۇپ ، ھېيت تەبرىكلىنىدۇ . بۇ دەل روزى ھېيتتىن كېيىنكى 70– كۈنگە توغرا كېلىدۇ . قۇربان ھېيتتا مال سويۇپ ، قۇربانلىق قىلىش ئەسلىي ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى ئىدى . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىگە ئاللاھ تائالاھ زاھىر بوپتۇ ، ئاللاھ ئۇنىڭغا مىلاد تېغى جىلغىسىغا بېرىپ ، ئوغلى ئىسمايىلنى ئۆز قولى بىلەن ئولتۈرۈپ ، ئاللاھ يولىدا قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرۇپتۇ .ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇپ ، ئارزۇلۇق ئوغلىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ، ئاللاھ پەرىشتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بىر كۆك قوچقارنى ئەۋەتىپ ، ئاللاھ سېنىڭ ئاللاھغا بولغان ساداقىتىڭنى مەقبۇل كۆردى ، ئەمدى كۆك قوچقارنى ئۇنىڭ ئورنىغا قۇربانلىق قىلغىن ، دەپتۇ . مۇشۇ رىۋايەتكە ئاساسەن ، ئەرەبلەر ئارىسىدا ھەر يىلى مال سويۇپ قۇربانلىق قىلىدىغان ئادەت بارلىققا كەلگەن . كېيىنچە ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ھېيتىغا ئايلانغان .[تەھرىرلەش]

بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەن كىشلەر شادلىنىپ ، كۈلۈشۈپ ، ناخشا ئېيتىشىپ ، ئۇسۇل ئوينىشىپ ، پۈتكۈل ئايەم كۈنلىرىگە ئاجايىپ تەنتەنىلىك ، قىزغىن تۈس كىرگۈزىدۇ . دۆلەتنىڭ بەلگلىمسىگە ئاساسەن ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئاممىسى قۇربان ھېيتتا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ .[تەھرىرلەش]

3 ئۆرپ-ئادىتى[تەھرىرلەش]

ئىسلام دىنى كالېندارى بىلەن ھازىرقى مىلادىيە كالېندارى ئوتتۇرىسىدا 11 كۈنگە يېقىن پەرق بار . شۇنىڭ ئۈچۈن ، مىلادىيە كالېندارىدىكى ھەر يىلقى قۇربان ھېيتنىڭ ۋاقتى مۇقىم ئەمەس . ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ، ھېيىتتىن ئىلگىرى ھەممە ئائىلىلەر ئۆي ئىچى ، ھويلا –ئاراملىرىنى پاك – پاكىز قىلىپ تازىلاپ ، يېڭىلاپ چىقىدۇ ھەم ھېيتلىق ئىگىن تەييارلايدۇ . ئاياللار ساڭزا سېلىپ ، ياغلىق توقاچ – نانلارنى يېقىپ ، تۈرلۈك تاتلىق –تۈرۈملەرنى پىشۇرىدۇ ، ھەر خىل پېچىنە – كەمپۈت ، مېۋە –چېۋە دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ، ھېيتقا ئوبدان تەييارلىق قىلىدۇ . ھېيت كۈنى ئەتىگەندە ، ئىخلاسمەن ئىسلام مۇخلىسىلىرى يۇيۇنۇپ ، ئىگىن يەڭگۈشلەپ ، مەسچىتكە بېرىپ ھېيت نامىزى ئۆتەيدۇ . ئاندىن تۇپراق بېشىغا چىقىپ ، ۋاپات بولغانلارنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلايدۇ ،ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قوي سويۇپ ، گۆش پىشۇرۇشقا باشلايدۇ . يەنە بەزىلەر كالا ، تۆگە سۆيىدۇ . قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنى سېتىشقا بولمايدۇ . بەلگىلىمە بويىچە قوينىڭ تېرە– ئۈچەيلىرىنى مەسچىتكە بەرگەندىن باشقا ، گۆشى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ ۋە ئۇرۇق – تۇغقان ، دوست – يارەنلەرگە بېرىلىدۇ . ھېيت مەزگىلىدە ھەممە ئۆينىڭ داستىخىنىغا ئوبدان پىشۇرۇلغان بىر تاۋاق گۆش بىلەن چىرايلىق تىزىلغان ساڭزا ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بولسا يېمىش تەخسىلىرىگە ۋە چىرايلىق ۋازىلارغا قاچىلانغان تۈرلۈك پېچىنە – پىرەنىك ، تاتلىق يېمەكلىكلەر ، كەمپۈت ۋە مېۋە– چېۋىلەر تىزىپ قويۇلغان بولىدۇ . ھېيىت كۈنلىرى كشىلەر ئەڭ چىرايلىق ئىگىنلەرنى كىيىپ ، ئەڭ ئېسىل بېزەكلىرىنى تاقاپ ، ئۆزئارا مۇبارەكلىشىدۇ ، پەتىلىشىىدۇ ، ھېيتلاپ كەلگەنلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ . بۇرۇن ئارازلىشىپ قالغانلارمۇ ھېيتتا يۈز كۆرۈشكەندە چىرايلىق ھال– ئەھۋال سورىشىدۇ ، نۇرغۇن ئادەملەر ئۇ كۈندىن باشلاپ ، بۇرۇىقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ، قايتا ياخشى ، خوپ بولۇشۇپ قالىدۇ، ھېيت كۈنلىرى يەنە تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ .[تەھرىرلەش]

4 بايراملىق يىمەكلىك[تەھرىرلەش]

ھېيت مەزگىلىدە ھەممە ئۆينىڭ داستىخىنىغا ئوبدان پىشۇرۇلغان بىر تاۋاق گۆش بىلەن چىرايلىق تىزىلغان ساڭزا ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بولسا يېمىش تەخسىلىرىگە ۋە چىرايلىق ۋازىلارغا قاچىلانغان تۈرلۈك پېچىنە – پىرەنىك ، تاتلىق يېمەكلىكلەر ، كەمپۈت ۋە مېۋە– چېۋىلەر تىزىپ قويۇلغان بولىدۇ . ھېيىت كۈنلىرى كشىلەر ئەڭ چىرايلىق ئىگىنلەرنى كىيىپ ، ئەڭ ئېسىل بېزەكلىرىنى تاقاپ ، ئۆزئارا مۇبارەكلىشىدۇ ، پەتىلىشىىدۇ ، ھېيتلاپ كەلگەنلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ .[تەھرىرلەش]

5 قۇربان ھېيتنىڭ ئالاھىدىلىكى قۇربان ھېيت قۇربان ھېيت(3) قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىش، ھېيتلىق راسلانغان داستىخانغا روزا ھېيتتا قويۇلىدىغان نازۇ-نېمەتلەر قاتارىدا گۆش قويۇلىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇراسىم پائالىيىتى ۋە باشقا پائالىيەت مەزمۇنلىرى روزا ھېيتقا ئوخشاش. ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى:[تەھرىرلەش]

① قۇربان ھېيىت تېخىمۇ داغدۇغىلىق ۋە باياشات ئۆتكۈزۈلىدۇ. قۇدرىتى يەتكەنلىكى ئۆيلەردە، بىردىن مال قۇربانلىق قىلىنىدۇ. ھەر سەۋەبلەر تۈپەيلى قۇربانلىق قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلەر بازارنىڭ جىڭ گۆشىدىن ئېلىپ قازان قاينىتىدۇ. ھەقىقەتەن قۇدرىتى يەتمەيدىغان ئۆيلەرگە قۇربانلىق قىلغانلار قۇربانلىق قىلغان مېلىنىڭ گۆشىدىن ئۈچ-تۆت كىلودەكتىن گۆش ئاپىرىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ قازان قاينىتىپ ھېيتلاپ كەلگۈچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ.[تەھرىرلەش]

② ھېيىت نامىزى ئوقۇشقا ماڭغان جامائەت، بىر توپ-بىر توپ بولۇپ مەسچىتكە يېتىپ بارغۇچىلىك يەتتە ئورۇندا توختاپ يەتتە قېتىم تەگبىر ئېيتىدۇ، مەسىلەن. «ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر» (بۇ «ئاللا ئۇلۇغ» دېگەنلىك بولىدۇ) . ③ ھېيتلاش باشلىنىش بىلەن تەڭ ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى باشلىنىپ كېتىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ئاساسەن يەككە ۋە كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئوينىلىدۇ.[تەھرىرلەش]

ھېيىت كۈنى چۈشلەرگە يېقىن چوڭ جامە پەشتاقلىرى ياكى ۋاقىتلىق ھازىرلانغان مەيدان-سورۇن يېنىدىكى ئۆگزىلەردىن ناغرا-سۇناي ساداسى ياڭرايدۇ. بۇنى ئاڭلىغان خەلق ئارقا-ئارقىدىن بۇ مەيدانغا قاراپ ئېقىپ ئۇسسۇل-ساما باشلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەيدان تەدرىجىي ئۇسسۇل-ساما قاينىمىغا ئايلىنىدۇ، رەڭگارەڭ چىرايلىق بايراملىق كىيىملىرى قاينىمىغا ئايلىنىدۇ، رەڭگارەڭ چىرايلىق بايراملىق كىيىملىرى بىلەن بېزەلگەن چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، ئەر-ئايال بەس-بەستە مەيدانغا چۈشۈپ ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىدۇ.[تەھرىرلەش]

ساما-ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، مەيداننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ 40-50 كىشى، ھەتتا نەچچە يۈز كىشى تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئورۇنىلىدۇ. ساما ئۇسسۇلى جەنۇبىي شىنجاڭدا، بولۇپمۇ قەشقەر رايونىدا كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، قىزغىن-جۇشقۇن كەيپىياتتا ئوينىلىدۇ. ھەر يىلى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ھېيتگاھ مەيدانىدا نەچچە يۈز كىشى بىرلا ۋاقىتتا ساما سالىدۇ. سامانىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، دولقۇنسىمان شەكىلدە ئوينىلىدۇ. ئوينىغۇچىلارنىڭ قول-پۇت ۋە بەدەن تولغىنىش-ئايلىنىش ھەرىكەتلىرى بەلگىلىك تەرتىپتە ناغرا-سۇناي كۈيىگە رىتىملىق ماسلاشتۇرۇلىدۇ. ساماغا چۈشكەن شۇنچىۋالا نورغۇن كىشىنىڭ ھەرىكىتى بىر-بىرىگە شۇنداق ماسلىشىدۇكى، كۆز ئالدىڭىزدا خۇددى بىر ئادەم ھەرىكەتلىنىۋاتقاندەك ھاياجانلىقتا ھاڭقېتىپ قالىسىز.[تەھرىرلەش]

قۇربان ھېيىتتا تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك «ھارپا كۈنى چاچ ئالدۇرسا، گىلدىڭ باش بولۇپ قالىدۇ» دېگەن بىر خىل غەيرىي-رەسمىي ئادەت قارىشىمۇ مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت بەزى چېچىنى ئالدۇرۇشقا قېرىق ياش-ئۆسمۈرلەرنى شۇ ئۇسۇل بىلەن چۆچۈتۈش ئارقىلى ق بايرام ئالدىدا شەخسىي تازىلىق قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.[تەھرىرلەش]

6 قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشى . قۇربان ھېيتتا مال سويۇپ ، قۇربانلىق قىلىش ئەسلىي ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى ئىدى . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىگە ئاللاھتائالاھ زاھىر بوپتۇ ، ئاللاھ ئۇنىڭغا مىلاد تېغى جىلغىسىغا بېرىپ ، ئوغلى ئىسمايىلنى ئۆز قولى بىلەن ئولتۈرۈپ ، ئاللاھ يولىدا قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرۇپتۇ .ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇپ ، ئارزۇلۇق ئوغلىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ، ئاللاھ پەرىشتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بىر كۆك قوچقارنى ئەۋەتىپ ، ئاللاھ سېنىڭ ئاللاھغا بولغان ساداقىتىڭنى مەقبۇل كۆردى ، ئەمدى كۆك قوچقارنى ئۇنىڭ ئورنىغا قۇربانلىق قىلغىن ، دەپتۇ . مۇشۇ رىۋايەتكە ئاساسەن ، ئەرەبلەر ئارىسىدا ھەر يىلى مال سويۇپ قۇربانلىق قىلىدىغان ئادەت بارلىققا كەلگەن . كېيىنچە ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ھېيتىغا ئايلانغان .[تەھرىرلەش]

7 ۋاقتى[تەھرىرلەش]

ئىسلام دىنى كالېندارى بىلەن ھازىرقى مىلادىيە كالېندارى ئوتتۇرىسىدا 11 كۈنگە يېقىن پەرق بار . شۇنىڭ ئۈچۈن ، مىلادىيە كالېندارىدىكى ھەر يىلقى قۇربان ھېيتنىڭ ۋاقتى مۇقىم ئەمەس .[تەھرىرلەش]

8 ھېيىتتىكى ئۆرىپ-ئادەتلەر تۇپراق بېشىنى يوقلاش[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدە، ئادەم تۇپراقتىن يارالغان، ئاخىرىدا يەنىلا تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇرلار مەرھۇملارنىڭ تۇپراق بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، مەرھۇمنىڭ بېشى قويۇلغان تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ تاۋاپ قىلىدۇ. كېيىنكىسى ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كېيىنكى مەزمۇنلار بىلەن بىرىكىپ كەتكەن بولۇپ، مەككىگە، يەنى قىبلە تەرەپكە يۈزلىنىپ، يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ تىلاۋەت قىلىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە، ھەر پەيشەنبە كۈنى مەرھۇملارنىڭ روھىنى يوقلايدىغان كۈندۈر. خەلق رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، پەيشەنبە كۈنى، مەرھۇملارنىڭ روھى ئارام ئالىدىغان كۈن بولۇپ، مەرھۇملارنىڭ روھى مۇشۇ كۈنى قەبرىسىگە قايتىپ، كىشىلەرنىڭ دۇئا - تىلاۋەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ كۈندە مەرھۇملارنىڭ روھى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ يوقلاپ كېلىشىگە تولىمۇ ئىنتىزار بولىدۇ، ئەگەر ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى يوقلاپ كەلمىسە كۆڭلى يېرىم بولىدۇ، قۇربان ھېيتتا تېخىمۇ بەكرەك شۇنداق بولىدۇ. ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن ئائىلىلەر بولسا، ھەر پەيشەنبە تۇپراق بېشىنى يوقلىغاندىن باشقا، يەنە ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلايدۇ. ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلاشتىكى مەقسەت ياغنىڭ ھىدىنى ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ روھىغا پۇرىتىشتۇر؛ بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئۆلۈپ كەتكۈچى ياخشى كۆرىدىغان ئاش - تاماقلارنىمۇ تەييارلايدۇ، چۈنكى مەرھۇملارنىڭ روھى دائىم ئۆيىدىكى تاماق پۇرىقىنى، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى سېغىنىدۇ.[تەھرىرلەش]

قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئاقساقاللارنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، قۇربان ھېيت تۇپراق بېشىنى يوقلاشتىن باشلىنىدۇ. قۇربان ھېيتتىكى تۇپراق بېشىنى يوقلاش مۇراسىمى ئادەتتە ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى سەھەردە (بامدات نامىزى ۋاقتى بىلەن تەڭ) باشلىنىدۇ، بۇ قۇربان ھېيتنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تۇپراق بېشىنى يوقلاش مۇراسىمىنىڭ تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: (1) كىشىلەر ئۇرۇق - تۇغقان ۋە دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ تۇپراق بېشىغا كېلىپ، تۇپراق بېشىنى ۋە ئەتراپىنى تازىلايدۇ؛ (2) «خەتمىقۇرئان» قىلىنىدۇ، «خەتمىقۇرئان» ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھەممىسى بىرلىكتە دۇئا قىلىدۇ؛ (3) تۇپراق بېشىنى يوقليغۇچى ئۇرۇق - تۇغقان ۋە دوست بۇرادەرلىرىنىڭ تۇپراق بېشىغا بۇغداي ياكى قوناق چېچىپ، مەرھۇم ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە دوست بۇرادەرلىرىنى ئەسلەيدۇ ھەمدە قۇشلارنىڭ بۇ بۇغداي - قوناقلارنى يەپ، مەرھۇمنىڭ گۇناھىنى ئازايتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ (4) تۇپراق بېشىنى يوقلاپ چىققان ھەممە كىشى دېگۈدەك ئالدىغا ئۇچرىغان تىلەمچىلەرگە سەدىقە بېرىدۇ.[تەھرىرلەش]

ھېيىت نامىزى[تەھرىرلەش]

ھېيىت كۈنى ئەتىگەندە بارىلىق مۇسۇلمان ئەرلەر چوڭ ھېيىتگاھ مەسجىتكە يىغىلىپ ئىككى رەكئەت قۇربان ھېيىت نامىزى ئوقۇيدۇ.[تەھرىرلەش]

قۇربانلىق قىلىش[تەھرىرلەش]

قۇربانلىق قىلىش. قوي قۇربان ھېيت سىستېمىسىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، شۇنداقلا قۇربان ھېيتنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ قوي بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ھېيتتا قوي سېتىۋېلىپ قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى «قۇرئان كەرىم» دۇر. ئىسلام دىنىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلغاندا تۆت چىشلىق (ئىككى چىشلىقتىن كىچىك بولماسلىقى كېرەك دېگۈچىلەرمۇ بار) تىن كىچىك قوينى، ئىككى چىشلىقتىن كىچىك كالا ياكى تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. قارىغۇ، توكۇر، قۇلىقى پۇچۇق، كالتە قۇيرۇق مالنىمۇ قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ھېيت باشلىنىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە قۇربانلىق قىلىنغاندا، ئاندىن قۇربانلىققا ھېساب بولىدۇ، ئۈچ كۈن توشقاندىن كېيىن قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ.[تەھرىرلەش]

ئۇنىڭدىن باشقا، ئەل ئارىسىدا قويغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھېكايىلەر بار. ئۇيغۇر ئاقساقاللار: «قىيامەت بولغاندا كىشىلەر ھايات ۋاقتىدا قۇربانلىق قىلغان قوي ئۇلارنى مىنگۈزۈپ پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن بىخەتەر ئۆتۈش - ئۆتمەسلىكى قۇربانلىق قوينىڭ ساغلام، قاۋۇل ۋە قورقماس بولۇشىغا باغلىق بولىدۇ» دەپ رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ رىۋايەت كېيىنچە ھېيت ئۆرپ - ئادىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان ھەمدە ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىلىپ، قوي قاتتىق پەرھىز ۋە تەلەپلەر بويىچە سېتىۋېلىنىدىغان بولغان، يەنى ئالدى بىلەن قوي سېتىۋالغۇچىنىڭ تەقۋادار بولۇشى تەلەپ قىلىنغان. يېزىلاردا ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىراق ئائىلىلەر ھېيت يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنلا، ئائىلىسىدە قۇربانلىق قىلىدىغان قويغا كۆڭۈل قويۇپ يەم-خەشەك بېرىپ بوردايدۇ، بىراق شەھەرلەردە كىشىلەر ھېيتتىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن قوي سېتىۋالىدۇ.[تەھرىرلەش]

قوي قۇربان ھېيتتا ئالاھىدە ئورۇنغا ۋە رولغا ئىگە بولغاچقا، قوي سېتىۋېلىشمۇ بىرخىل مەخسۇس ئىقتىدارغا ئايلانغان ھەمدە ھەرقايسى جايلاردا مەخسۇس قوي بازىرى شەكىللەنگەن. قوي بازىرىدا بىر قىسىم كېلىشتۈرگۈچىلەر بار، ئۇلار سودىگەر بىلەن خېرىدارنى ئۆزلۈكىدىن كېلىشتۈرۈپ قويىدۇ، سودا پۈتكەندىن كېيىن «چاي پۇلى» غا ئېرىشەلەيدۇ. بۇمۇ ھازىر بارا - بارا بىرخىل كەسىپكە ئايلىنىپ، مەخسۇس كەسىپ قائىدىسى، كەسپىي سۆزلىرى ۋە كەسىپ ئەخلاقى شەكىللەنگەن.[تەھرىرلەش]

سەدىقە بېرىش[تەھرىرلەش]

سەدىقە بېرىش مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ مال - مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزلۈكىدىن نامرات ياكى موھتاج مۇسۇلمانلارغا سەدىقە بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە ھېيت نامىزى ئاخىرلاشقان ياكى تۇپراق بېشىنى يوقلاپ بولغاندىن كېيىن، ئالدىغا ئۇچرىغان تىلەمچىلەرگە پۇل - پىچەك سەدىقە قىلىش ياكى يوقسۇللارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش كۆپرەك ئۇچرايدۇ. «قۇرئان كەرىم» ۋە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا سەدىقىنىڭ ئۆلچىمى ئېنىق تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار مال - مۈلكىنىڭ 40 تىن بىرىنى يوقسۇل، قېرى، ئاجىز، يېتىم، غېرىب - غۇرۋالارغا بېرىدۇ. سەدىقە بېرىش يالغۇز قۇربان ھېيت بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، خالىغان چاغ ۋە خالىغان جايدا، باشقىلارغا جار سالمىغان ئاساستا، ئەڭ يۇقىرى چەكتە سەدىقە بەرسە بولىدۇ. قۇيماق سەدىقە قىلىش ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى روھقا مۇناسىۋەتلىك ئۆرپ - ئادەتلەردىن كېلىپ چىققان، بۇنى ئۇيغۇر تىلىدا «ياغ پۇرىتىش» دەپ ئاتايدۇ. بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، مەرھۇملارنىڭ روھى ئۈچۈن تەييارلانغان يېمەكلىكلەر كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىلگەندە، ئاندىن قىممىتى بولىدۇ، شۇڭا ئۆلۈملۈك بولۇپ قالغان ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتە مۇشۇنداق قىلىدۇ؛ ئۆيىدە ئۆلۈم بولمىغان، ئەمما ئاغرىق - سىلاق بولغانلارمۇ كېسەلنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشى ئۈچۈن سەدىقە بېرىدۇ؛ ھەتتا ئائىلىسىدىكى ئېغىر كېسەللەر ساقايغاندىن كېيىن، كېسەلنىڭ شىپالىق تاپقانلىقىغا ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشىنىلىرىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىدۇ. كۈنىمىزدە بۇخىل سەدىقە بېرىش ئىشلىرى ئاستا - ئاستا ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتكە، قېرى، ئاجىز، يوقسۇللارغا ياردەم بېرىدىغان گۈزەل ئەخلاققا، خەلقنىڭ ئۆز - ئۆزىنى چەكلەيدىغان ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەيدىغان مېخانىزمىغا ئايلانغان.[تەھرىرلەش]

قۇربان ھېيت ئاخىرلاشقان چاغدا، مەسچىت ئالدىدىكى ۋە مەيداندىكى تىلەمچىلەرنىڭ سانى ئادەتتىكىدىن كۆپرەك بولىدۇ. تىلەمچىلەر ئارىسىدا قېرىلار، ئاياللار، بالىلار ۋە مېيىپلەر بىر قەدەر كۆپ، كىشىلەر ئۇلارغا بەس-بەستە سەدىقە بېرىدۇ. سەدىقە بېرىدىغان پۇلمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى سەدىقە بېرىدىغان، ساخاۋەت قىلىدىغان ئۇلۇغ كۈن، دەپ قارايدۇ.[تەھرىرلەش]

قۇربان ھېيت تەنتەنىسى ـــ ساما ئۇسسۇلى: ھېيت نامىزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كىشىلەر چوڭ مەيدانغا چىقىدۇ. بارلىق ئەرلەر ئەتراپىدىكىلەر بىلەن تونۇشسۇن - تونۇشمىسۇن «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ تىنچ - ئامانلىق سورىشىدۇ. سىرتتا ئۇزۇن يىل تۇرۇپ قالغانلارمۇ قۇربان ھېيتتا يۇرتىغا قايتىپ، ئۇزۇنغىچە كۆرۈشەلمىگەن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە كونا دوست - يارەنلىرى بىلەن كۆرىشىدۇ. مەسچىتلەرنىڭ پىشايۋىنىدا ناغرا ۋە سۇناينىڭ ئاۋازى ياڭراپ، شادىيانە بايرام مۇزىكىسى پۈتكۈل مەيداننى لەرزىگە سالىدۇ. خەلق ئارىسىدىكى ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى مۇشۇنىڭ بىلەن باشلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ناغرا-سۇناي ساداسى مەيداندىكى تەنتەنىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى، شۇنداقلا قۇربان ھېيتتىكى مۇقەددەسلىكنىڭ ئۆرپ-ئادەتكە يۈزلەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.[تەھرىرلەش]

ھېيىتلىشىش[تەھرىرلەش]

ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ، ھېيىتتىن ئىلگىرى ھەممە ئائىلىلەر ئويئىچى ، ھويلا –ئاراملىرىنى پاك – پاكىز قىلىپ تازىلاپ ، يېڭىلاپ چىقىدۇ ھەم ھېيتلىق ئىگىن تەييارلايدۇ . ئاياللار ساڭزا سېلىپ ، ياغلىق توقاچ – نانلارنى يېقىپ ، تۈرلۈك تاتلىق –تۈرۈملەرنى پىشۇرىدۇ ، ھەر خىل پېچىنە – كەمپۈت ، مېۋە –چېۋە دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ، ھېيتقا ئوبدان تەييارلىق قىلىدۇ .[تەھرىرلەش]

ھېيت مەزگىلىدە ھەممە ئۆينىڭ داستىخىنىغا ئوبدان پىشۇرۇلغان بىر تاۋاق گۆش بىلەن چىرايلىق تىزىلغان ساڭزا ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بولسا يېمىش تەخسىلىرىگە ۋە چىرايلىق ۋازىلارغا قاچىلانغان تۈرلۈك پېچىنە – پىرەنىك ، تاتلىق يېمەكلىكلەر ، كەمپۈت ۋە مېۋە– چېۋىلەر تىزىپ قويۇلغان بولىدۇ . ھېيىت كۈنلىرى كشىلەر ئەڭ چىرايلىق ئىگىنلەرنى كىيىپ ، ئەڭ ئېسىل بېزەكلىرىنى تاقاپ ، ئۆزئارا مۇبارەكلىشىدۇ ، پەتىلىشىىدۇ ، ھېيتلاپ كەلگەنلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ . بۇرۇن ئارازلىشىپ قالغانلارمۇ ھېيتتا يۈز كۆرۈشكەندە چىرايلىق ھال– ئەھۋال سورىشىدۇ ، نۇرغۇن ئادەملەر ئۇ كۈندىن باشلاپ ، بۇرۇىقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ، قايتا ياخشى ، خوپ بولۇشۇپ قالىدۇ، ھېيت كۈنلىرى يەنە تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ . بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەن كىشلەر شادلىنىپ ، كۈلۈشۈپ ، ناخشا ئېيتىشىپ ، ئۇسۇل ئوينىشىپ ، پۈتكۈل ئايەم كۈنلىرىگە ئاجايىپ تەنتەنىلىك ، قىزغىن تۈس كىرگۈزىدۇ .[تەھرىرلەش]

پەتىلەش قۇربان ھېيتتىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا كونكرېت مۇراسىم ھەرىكەتلىرىگە ئىگە. پەتىلەش ئوبيېكتلىرى ئادەتتە چوڭلار، ئۇرۇق-تۇغقانلار، دوست-يارەنلەر، قولۇم-قوشنىلار، ساۋاقداشلار، خىزمەتداشلار، بولۇپمۇ يېقىندا ئۆلۈملۈك بولۇپ قالغانلار، ئېغىر كېسەللەر ياكى يوقسۇللار بولىدۇ. ھېيتنىڭ ئالدىنقى ئۈچ كۈنىدە ئاساسلىقى ئەرلەر (ھەربىر ئائىلىدىكى ئەر ساھىبخاننى كۆرسىتىدۇ) پەتىلەيدۇ، ئاياللار (ھەربىر ئائىلىدىكى ئايال ساھىبخاننى كۆرسىتىدۇ) ئۆيدە قېلىپ مېھمان كۈتىدۇ. پەتىلىگەندە ئالدى بىلەن چوڭلارنىڭكىگە، ئۆلۈملۈك بولۇپ قالغانلارنىڭكىگە، ئاندىن باشقىلارنىڭكىگە بېرىپ پەتىلەيدۇ. ئاياللار ئادەتتە ھېيتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئاندىن پەتىلەشكە بارىدۇ.[تەھرىرلەش]

پەتىلەش ـــ جامائەت بىلەن پەتىلەش ۋە ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر بىلەن پەتىلەش، دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. جامائەت بىلەن پەتىلەشكە ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەمدە قاتتىق تەرتىپلىرى بولىدۇ. ھېيت نامىزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «جامائەت» ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە پەتىلەشنى باشلايدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن يېقىندا ئۆلۈملۈك بولۇپ قالغان ئائىلىلەر، ئېغىر كېسەللەر ۋە يالغۇز چوڭلاردىن تىنچ - ئامانلىق سورايدۇ، ئاندىن ھەممە ئۆيگە بىر - بىرلەپ كىرىپ پەتىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىر ئۆيدە تۇرىدىغان ۋاقتى ئانچە ئۇزاق بولمايدۇ، ئۆزئارا سالاملىشىدۇ ۋە ھال - ئەھۋال سورىشىدۇ. يېقىن دوست - بۇرادەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەتىلەشتە ئاساسلىقى ئۆزئارا تەبرىكلەش، يوقلاش، يالغۇزلار ۋە ئېغىر كېسەللەرنى يوقلاش، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارا بېرىش - كېلىش قىلىش ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى قاتارلىقلار بولىدۇ.[تەھرىرلەش]

مەيلى جامائەتنىڭ پەتىلىشى بولسۇن ياكى خەلقنىڭ پەتىلىشى بولسۇن، ھەممىسى مۇنداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: (1) ئۆزئارا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بولۇپمۇ يېقىندا ئۆلۈملۈك بولۇپ قالغانلار، ئېغىر كېسەللەر ۋە يوقسۇللار ئەلنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ؛ (2) زىددىيەتنى پەسەيتىش. ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بايرام قائىدە يوسۇنلىرىغا ئاساسلانغاندا، ساھىبخان پەتىگە كەلگەن ھەربىر مېھماننى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ، يەنى رەقىبىنىمۇ شۇنداق كۈتۈۋالىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساھىبخان ئۆزى رەقىبىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئايىمىنى تەبرىكلەيدۇ. قانداقلا بولسۇن، بۇمۇ خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشنىڭ ياخشى يولىدۇر؛ (3) بايرام مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادلارنى خەير - ساخاۋەت قىلىدىغان، قانائەتچان، پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيەلەيدۇ.[تەھرىرلەش]

ساما ئۇسسۇلى[تەھرىرلەش]

ساما ئۇسسۇلى ـــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئەلئارا مەيدان مەدەنىيىتى تەزكىرە ماتېرىياللىرىغا ۋە قەشقەردىكى فولكلورشۇناس مۇھەممەد ئوسمان ھاجىم («ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەدەپ - ئەخلاق تەربىيەسى»، «ئىزدىنىشتىن تامچىغان تەرلەر» ۋە «ئىششىق يولى» نىڭ ئاپتورى) نىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، بۇرۇنقى چاغلاردا قۇربان ھېيتتا ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى ساما ئۇسسۇلى، چېلىشىش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، دارۋاز ئويۇنلىرىنى ئوينايدىكەنتۇق. بىراق بۇ كۈنلەردە پەقەت ساما ئۇسسۇلى ۋە توخۇ سوقۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئويۇننىلا كۆرگىلى بولىدۇ.[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت - ئايەملەردىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئارىسىدا ئەڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى روزا ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتتا ئوينىلىدىغان ساما ئۇسسۇلىدۇر. ساما ئۇسسۇلىنى ئۇيغۇرلار «ساما سالماق» دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق ئۇسسۇلچىسى، شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتنىڭ 1- دەرىجىلىك رېژىسسورى كۈرەش رەجەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ساما ئۇسسۇلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئون چوڭ ئۇسسۇلىنىڭ بىرى بولۇپ، چوڭ ساما ئۇسسۇلى، بايرام ساما ئۇسسۇلى، مۇقام مەشرەپ ساما ئۇسسۇلى ۋە شوخ ساما ئۇسسۇلى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.[تەھرىرلەش]

قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەيدانىدا ئوينىلىدىغان ساما ئۇسسۇلى بىلەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ساما ئۇسسۇلىنىڭ تۈرلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق كوللېكتىپلىق، ئېچىۋېتىلگەن ۋە بېكىتىلمىگەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ پائالىيەتتە سەھنە ياكى تاماشىبىن بولمايدۇ، ھەربىر كىشى ئۇسسۇلچى بولالايدۇ، قاتناشقۇچىدا سالاھىيەت پەرقى بولمايدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەر يىلى مەيداندا ساما ئۇسسۇلى پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلارمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ھەر يىلى ساما ئۇسسۇلىنى ئورۇنلاش شەكلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ مەيدان ساما ئۇسسۇلىغا بولغان تەلپۈنۈشىمۇ يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ھېيتگاھ مەيدانىدىكى ساما ئۇسسۇلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەيداندىكى تەنتەنىلىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئارىسىدىكى مۇھىمى، چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ باراۋەر، ئەركىن، ئىناق غايىۋى تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشىنى ئىپادىلەپ بەرگەن، دەپ قاراشقا بولىدۇ.[تەھرىرلەش]

ساما ئۇسسۇلىنى ئويناش جەريانى مۇنداق بولىدۇ: ھېيت نامىزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەخمىنەن سائەت 9:30 ئەتراپىدا چوڭ مەسچىتلەرنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئۈستىدە بىر سۇنايچى ۋە ئىككى ناغرىچى شادىيانە ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى چېلىشقا باشلايدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00 دە ناغرا - سۇناي ساداسى يەنە ياڭرايدۇ، مەيدانغا توپلاشقان ئەرلەر ساما سېلىشقا باشلايدۇ، ئون نەچچە كىشى بىلەن باشلانغان ئۇسسۇلغا بىرەر سائەتتىن كېيىنلا يۈزدىن ئارتۇق كىشى قېتىلىدۇ، بۇلار ئاساسلىقى ياشلار بولىدۇ. يۈزلىگەن - مىڭلىغان تاماشىبىنلار غايەت زور ھالقىسىمان ئۈستى ئوچۇق ئۇسسۇل مەيدانى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇسسۇل مەيدانىدىكى كىشىلەر ناغرىنىڭ 4/2 ئۇدارلىق يۇقىرى رىتىمىغا ئەگىشىپ دەسسەپ، سۇناي مۇزىكىسىغا جور بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئوينىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئالدىغا ماڭىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن بىلىكىنى ئوڭغا، سولغا رەتلىك ھالدا ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ، ئارقىدىنلا ئوڭ، سول تەرەپ ئاستىغا چۈشۈرۈپ، بىر پۇتىنى يىغىپ، بىر پۇتى بىلەن ئۆز ئورنىدا 180 گىرادۇس چۆرگىلەيدۇ. ئۇسسۇل ئوينىغۇچىلار پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ، قەدەملىرىنى بىردەك ئېلىپ، توختىماستىن بىر يۈرۈش ھەيۋەتلىك، جەسۇر ھەرىكەتلەرنى تەكرارلاپ، نۆۋەت بىلەن ئۆرلەپ - پەسلەپ، خۇددى گاھ كۆتۈرۈلۈپ، گاھ پەسىيىۋاتقان دولقۇنغا ئوخشاش توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.[تەھرىرلەش]

ھېيتتا باشقا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمۇ بولىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇراسىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ بېكىتىلمىگەن بولۇشتەك خۇسۇسىيىتىگە باغلىق. مەيلى قاتنىشىدىغانلار بولسۇن ياكى كۆڭۈل ئېچىش مەزمۇنى بولسۇن، ھەممىسى ئالدىن بېكىتىلگەن ياكى مۆلچەرلەنگەن بولماستىن، بەلكى پۈتۈنلەي بايرام كۈنىدىكى ئاممىنىڭ قىزىقىشى ۋە شارائىتىغا باغلىق بولىدۇ. شۇڭا ساما ئۇسسۇلىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئامما ئۆزلۈكىدىن توخۇ سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، چېلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەيدۇ.[1][تەھرىرلەش]

9 بەلگىلەنگەن ئارام كۈنى[تەھرىرلەش]

دۆلەتنىڭ بەلگلىمسىگە ئاساسەن ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئاممىسى قۇربان ھېيتتا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ .[تەھرىرلەش]

10 ئەھمىيىتى[تەھرىرلەش]

قۇربان ھېيت ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ دىنىي بايرىمى بولۇپ، تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ بايرام ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن زىچ بىرىكىپ، كۈنىمىزگە كەلگەندە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇھىم مىللىي ئۆرپ - ئادەت بايرىمىغا ئايلاندى. قۇربان ھېيتنىڭ مۇقەددەسلىك بىلەن ئۆرپ - ئادەت زىچ بىرىككەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بۇ بايرامغا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مول مەزمۇنلىرىنى، جۈملىدىن ئېلىمىزدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، تاجىك، باۋئەن، دوڭشياڭ ۋە سالا قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇھىم مەدەنىي پائالىيەت مەزمۇنلىرىنى يۈكلىگەن ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئورتاقلىق، روشەن ھالدىكى مىللەت ۋە رايون خاراكتېرلىك پەرقلەرنى شەكىللەندۈرگەن، شۇڭا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تىپىكلەشتۈرۈلگەن نامايەندىسى، دېيىشكە بولىدۇ. قۇربان ھېيت ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىرى مۇنداق بىر نەچچە تەرەپتە گەۋدىلىنىدۇ:[تەھرىرلەش]

ئىناق جەمئىيەت ئارزۇسىغا يېتىش. ئىسلام دىنى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن، ئىسلام دىنىنىڭ مۇرىتلىرى بولغان مۇسۇلمانلارمۇ بۇ گەپكە ئەمەل قىلىدۇ. قۇربان ھېيت نامىزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەسچىت ئىچىدىكى مۇسۇلمانلار مەيلى ئۆزئارا تونۇشسۇن ياكى تونۇشمىسۇن، ھەممىسى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئۆزئارا «ئايىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!» دېيىشىدۇ. كونا ئاداۋىتى ۋە زىددىيىتى بار قولۇم - قوشنىلار، ئاجرىشىپ كەتكەن ئەر - خوتۇنلارمۇ مۇشۇ چاغدا يارىشىپ قالىدۇ، ياش ئوغۇل - قىزلارمۇ ھېيت مەزگىلىنى توي قىلىشنىڭ ياخشى پەيتى ھېسابلايدۇ.[تەھرىرلەش]

مەدەنىيەت ئەنئەنىمىزنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش، بولۇپمۇ ئاغزاكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش. ھەر يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلى، چوڭلار كىچىك بالىلارغا قۇربان ھېيت ئەنئەنىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ئۆرپ - ئادەت بىلىملىرىنى ئېيتىپ بېرىدىغان مۇھىم ۋاقىت.[تەھرىرلەش]

تەربىيەلەش رولى. قۇربان ھېيتنىڭ تەربىيەلەش رولى ئۇنىڭ خەير - ساخاۋەت، كەڭ قورساقلىق، كۆيۈمچانلىق، سەمىمىيلىك قاتارلىقلارنى تەكىتلەيدىغانلىقىدا گەۋدىلىنىدۇ.[تەھرىرلەش]

سەنئەتنىڭ ئەنئەنىۋى رولى ۋە كۆڭۈل ئېچىش رولىنى ساقلاپ قېلىش. دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، قۇربان ھېيتقا تېخىمۇ كۆپ ئۆرپ - ئادەت رولى ۋە كۆڭۈل ئېچىش رولى يۈكلەنگەن بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش جەريانىدا، ئەنئەنىۋى خەلق سەنئىتى پائالىيىتى بىلەن تەنتەربىيە پائالىيىتى ساقلىنىپ قالغان. مەسىلەن: قەشقەردىكى قۇربان ھېيت يەرلىك مىللىي بايراملارنىڭ تەركىبىي قىسمى، بۇ بايرامنىڭ ئالدىن بېكىتىلمىگەن ۋە ئېچىۋېتىلگەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ھەرخىل سەنئەت پائالىيەتلىرى ۋە شەكىللىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، ئەنئەنىۋى دارۋازلىق ئويۇنى، ئەنئەنىۋى توخۇ سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، مەيدان ساما ئۇسسۇلى، ئەنئەنىۋى مەدداھلىق سەنئىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قۇربان ھېيتتا ئورۇنلىنىدۇ.[تەھرىرلەش]

ئىقتىسادىي رولى. گەرچە ئىسلام دىنىنىڭ بايرىمى بولغان قۇربان ھېيت ئەستىلىك سۈپىتىدىكى مۇقەددەس ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلسىمۇ، سەدىقە بېرىش ۋە خەير - ساخاۋەت قىلىشنى تەكىتلەيدۇ، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزلۈكىدىن سەدىقە بېرىشنى تەكىتلەيدۇ، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كۈنىمىزگە كەلگەندە يەرشارىلىشىش بۇ قەدىمكى ئۆرپ - ئادەت ئەنئەنىسىگە غايەت زور خىرىس ئېلىپ كېلىپ، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىۋى كۆز قارىشىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. قۇربان ھېيت سودىگەرلەر بىلەن يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىگە ئايلىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىقتىسادىي مەنبەسىنى بېكىتىدىغان پىشاڭغا ئايلاندى.[تەھرىرلەش]

قۇربان ھېيت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان، شۇنداقلا بۇ بايرامنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان كۆز قاراشنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىشى جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.[تەھرىرلەش]

11 ئالاقىدار بايان روزا ھېيىت بىلەن قۇربان ھېىيىت بايرىمىدىكى ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقتى تۇراقسىز. بۇ ئىككى بايرام ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەچكە ۋاقتى ھەر يىلى ئون كۈن ئالدىغا سۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى ھىجىرىيە كالېندارىدا ھەر ئاينىڭ كۈن سانى يېڭى ئاي كۆرۈنگەن كۈنىدىن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، مىلادى كالېندارى بىلەن ھىجرىيە كالېندارى ئوتتۇرىسىدا ھەر يىلى ئون كۈن پەرق كېلىپ چىقىدۇ. بۇ پەرق بويىچە بۇ ئىككى بايرامنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى ھەر يىلدا ئون كۈن، ھەر ئۈچ يىلدا بىر ئاي ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر ئوتتۇز يىلدا بىر يىل دەۋر قىلىدۇ. دېمەك بىر يىل ئىچىدە تۆت پەسىلنىڭ ھەر بىر ئېيىدا بايرام ئۆتكۈزۈش نۆۋىتى كېلىدۇ.[تەھرىرلەش]

[0][تەھرىرلەش]