قەشقەردىكى تاماشىبىنلار

ئورنى Wikipedia

ھېيىتگاھنىڭ ئالدىدىكى سەيناغا چوڭ ئىكرانلىق تېلۋىزور ئورنۇتۇلغان بولۇپ ھەر قىسما ئېلانلارنىڭ ساداسى ھەركۈندە بەش مەرتە توۋلىنىدىغان ئەزاننى بىمالال بېسىپ چۈشەلەيدىكەن. بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىغا ئۈلگۈرۈپ ھېيىتگاھ مەيدانىغا باردىم. كەم دېگەندە ئىككى ئۈچ يۈز كىشى تېۋىزوردا قويۇلىۋاتقان قايسىدۇر بىر كىنونى كۆرۈپ ئولتۇرغانىكەن. ئەپتىدىن قارىغاندا ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كەلگەن ئىشلەمچىلەردەك قىلاتتى. ئۇزاق ئۆتمەي خۇپتەنگە ئەزان چىقتى. بىرەر ئىككى كىشىدىن باشقا ھىچ كىم قىمىرلىمىدى. خۇپتەندىن يېنىپ بىر موتۇ كىرا قىلىپ قايتتىم. موتۇچى يىگىت يوپۇرغىدىن ئىكەن. تۈمەننىڭ كۆۋرىكىگە يېقىن قالغاندا يوتىسىنى ئاران ياپقان، مەيدىسى يالاقتەك كۆينەك كىيىپ بىر موتۇغا مىنگەشكەن ئىككى خەنسۇ ئايالنى كۆرۈپ قالدى. قايرىلىپ شۇنداق ئۇزۇن قاراپ كەتتى. بۇمۇ يەتمىگەندەك ئۈچ قېتىم موتۇنى ئالدىغاراق ھەيدەپ، ئۈچ قېتىم كەينىدە قېلىپ ماراپ تاماششا قىلىپ چىقتى. جۇدۇنۇم ئۆرلەپ مەنزىلىمگە يەتمەي تۇرۇپلا پۇلىنى بېرىپ چۈشۈپ قالدىم.

دەرسىم شەھەردىكى ئەڭ چوڭ باغچىنىڭ كەينىدىكى بىر بىنادا بولغاچقا كۈندە شۇ باغچىنى كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. ھەر كۈنى باغچىدا تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىدىغان، ناخشا ئېيتىدىغان، ئۇنى بۇنى چالىدىغان خەنسۇلار توپ توپ بولۇپ مەشىق قىلىشاتتى. ھەر قېتىم ئالدىمدا زاھىر بولىدىغان بۇ مەنزىرە ماڭا بۇ يەرنىڭ قەشقەر ئەمەس لەنجۇ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتەتتى. مېنى ھەيران قىلىدىغىنى قەشقەرنىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىدىن كەلگەن شۇنچە كۆپ دېھقانچىراي ئۇيغۇرنىڭ بۇ نومۇرلارنى قانماي كۆرۈشى بولدى. مەن ئىچكىرىدە شۇنچە تۇرۇپ مەيلىم چۈشمىگەن چاڭچىلىنى بۇ دېھقانلارنىڭ بېرىلىپ كۆرۈپ كېتىشىگە تاڭ قالاتتىم. دىققەت قىلسام قەشقەر شەھەر ئۇيغۇرلىرى نامىزىنى ئوقۇپ تىجارىتىگە ياكى ئۆيلىرىگە راۋان بولۇشاتتى، ھەتتا شەھەرلىك كىچىك بالىلارمۇ دا داق يەردە ئولتۇرۇپ چاڭچىلە كۆرمەيتتى. بەزىدە بۇ دېھقانلار چاڭچىلە كۆرۈۋاتامدىغاندۇر ياكى ئىچ كىيىملىرى بىلەنلا دېگۈدەك باغچىغا چىقىۋېلىشقان بۇ پىشقەدەم خەنسۇ سەتەڭلەرنى كۆرۈۋاتامدۇ، دەپ ئويلاپ قالاتتىم. ئەرلەرغۇ ئاياللارنى كۆرۈۋاتقاندۇر، ئاياللار ۋە بالىلارچۇ؟ مۇشۇلارغا قاراپ قەشقەرنى زاماندىن نەپ ئېلىۋاتقان زەردارلار، ئەمەلدارلار ۋە سەتەڭلەرىنىڭ قىياپەتلىرى، ئويۇن تاماششىلىرى ۋە ھېلە نەيرەڭلىرىگە ھاڭ بېقىپ قاراپ قالغان مۇڭلۇق تامماششابىنلارغا ئوخشاتقۇم كەلدى.

بۇ يىل رامازان ھېيىتىدا ئوپالغا باردىم. تۇققانلار ھارپا ئاخشىمى پاراڭلاشقاچ قۇربان ھېيتلىق كېچىلىكنى كۆردۇق. تېلۋىزوردا مۇقام بېرىلىۋېدى. بىر تۇققىنىمىزنىڭ تولۇقسىزنى ئاران پۈتكۈزگەن دېھقان ئوغلى " نېمانداق ئۇزۇن بېرىدۇ، بۇ مۇقام دېگەن بىر نېمىنى !" دەپ قالدى. شاڭخەيدە ئوقۇيدىغان جىيەن قىزىم بۇنى ئاڭلاپ "ھېيىتتا مۇقام بەرمەي چاڭچىلە بەرسە بولامتى ئەمىسە، مۇقام دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگەن بايلىقى" دېدى. ھەيران قالدىم، قەشقەردىن ئايرىلىپ باقمىغان دېھقان بالا مۇقامدىن زېرىككەن بولسا، شەھەردە ئوقۇغان، ئىچكىرىدە يىللاپ مۇساپىر بولغان سىتۇدېنت قىز مۇقامنىڭ قەدرىنى قىلىۋاتاتتى. خۇپتەن نامىزىنى جىيەن قىزىم ئىككىمىز بىللە ئوقۇدۇق. دېھقان تۇققانلارمۇ، بالىلىرىمۇ نامازغا تۇرمىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى تېلۋىزوردا بېرىلىۋاتقان خەنسۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بىر فىلىمدىن نېرى بولمىدى. ئەتىسى مەھمۇد قەشقەردى مەقبەرىسىگە بېرىپ تۇپراق باشلىرىنى يوقلىدۇق. تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە ھېيىتلاپ كىرسەك بالىلار "غەرپكە ساياھەت" نىڭ خەنسۇچىسىنى تاماششا قىلغىلى تۇرۇپتۇ.

ئەسئەت سۇلايمان بىر ماقالىسىدە بىر شەرق ئەللامەسىنىڭ " دېھقىنى بار مىللەت يوقالمايدۇ" دېگەن ھېكمىتىنى نەقىل ئالغانىكەن. ئەسئەت مۇئەللىم بۇنىڭغا "دېھقان مىللەت" ئۆزبېكلەرنىڭ رۇس كومۇنىستلىرىنىڭ ئاسمىلاتسىيەسىگە قېرىنداش قازاق ۋە قىرغىزلارغا قارىغاندا كۈچلۈك تاقابىل تۇرالىغانلىقىنى دەلىل قىلغانىكەن. مەنچە بۇ يەردىكى سەۋەپ ئۆزبېك دېھقانلىرىنىڭ بولغانلىقىلا ئەمەس مىڭ يىللاردىن بېرى شەھەرلەشكەن مەدەنىيەتلىك ئاھالىسىنىڭ بولغانلىقى موھىم رول ئوينىدىمىكىن دەيمەن. ئۇيغۇرچىمىزدىكى "شەھەر كۆرگەن ئىتتىن قورق" دېگەن ماقالمۇ شەھەر كۆرگەن خەلقنىڭ خەقنىڭ شەھرىگە، مەدەنىيىتىگە دۈم چۈشمەيدىغانلىقىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر تىلىمىزدىكى مەدەنىيەت سۆزىنىڭ شەھەر دېگەن كەلىمىدىن كەلگەنلىكىگە دىققەت بەرسەك، شەھەردىلا شەكىللىنىدىغان مەدەنىيەتنىڭ ئاسان تەسلىم بولمايدىغانلىقى بىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى موللىسى قالمايۋاتقان، مۇئەللىمى بىلەن ئايلىقچىسى، سىياسىي ئۆگىنىشنىڭ نېرىسىغا باش قاتۇرالمايۋاتقان ئۇيغۇر يېزىللىرىدا نە پەننىي مائارىپ، نە دىنىي مائارىپتىن بەھىر ئالالماي چوڭ بولغان ۋە چوڭ بولۇۋاتقان دېھقان ياشلىرىنى مىللەتنىڭ تۈۋرۈكلىرى دەپ قالپايتىش ئىلمىيلىك ئەمەس.


ئالدىنقى: 1.خاتىرەمدىكى ئامېرىكا

كـىيىنكى: ئامېرىكا «شەيتان» مۇ؟