قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى

ئورنى Wikipedia
ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ
Kashgar-mezquita-id-kah-d01.jpg
ئورنى


Heyitgah.jpg



قەشقەر ھېيتىگاھ مەسچىتى شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنىڭ مەشھۇر كاتتا مەسچىتى .ئورنى قەشقەر شەھىرى ئازادلىق يولىدا . << ھېيتگاھ >> سۆزى ئەرەبچە << ھېيت >> دېگەن سۆز بىلەن پارىسچە << گاھ >> دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان بولۇپ ، << ھېيت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان جاي >> دېگەن مەنىدە . بۇ مەسچىت شىنجاڭدا مۇسۇلمانلار يىغىلىش - مۇراسىملارنى ئۆتكۈزىدىغان كاتتا مەسچىت ، دىنىي تەلىم - تەربىيە ۋە مەدەنىيەت مەركىزى . بۇ مەسچىتنىڭ قاچان سېلىنىشقا باشلىغانلىقى توغرىسىدا قولىمىزدا ئىشەنچىلىك ماتېرىيال يوق . ئىيتىشلارغا قارىغاندا ، بۇ مەسچىت ئابباسىيلار سانغۇنى قۇتەيبە ئەرەبىستاندىن دىن تارقاتقىلى كەلگەن ئىمامنىڭ مازىرىنى كۆچۈرۈپ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلغانىكەن . مىڭ سۇلالىسىنىڭ جېڭتۇڭ يىللىرىدا (1436-1449 - يىللىرى ) قەشقەر ھۆكۈمرانى سانسىز مىرزا ئۆلگەندىن كېيىن مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىكەن ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مازارنىڭ يېنىغا بىر مەسچىت سالدۇرغانىكەن ، شۇ مەسچىت مۇشۇ ھېيتىگاھ مەسچىتىنىڭ ئاساسى ئىكەن . 16 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەكەن خانلىقىنىڭ قەشقەرنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ئەمەلدارلىرى بۇ مەسچىتنى كېڭەيتىپ چوڭ جامەگە ئايلاندۇرغانىكەن . 1798-يىلى يېڭىسارلىق ئۇيغۇر قىزى مۇسۇلمان زۇلپيە خېنىم پاكىستانغا كېتىۋېتىپ سەپەر ئۈستىدە قەشقەردە قازا قىپتۇ ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن قالغان سەپەر خىراجىتىنى ئىشلىتىپ ، بۇ مەسچىتنى يەنە كېڭەيتىپ ، ھېيتگاھ دەپ نام بېرىپتۇ . كېيىن يەنە كۆپ قېتىم كېڭەيتىلىپتۇ . چىڭ سۇلالىسىنىڭ داۋگۇاڭ يىللىرىدا (1821-1850-يىللىرى ) قەشقەر شەھىرى كېڭەيتىلگەندە ، ھېيتگاھ مەسچىتى شەھەرنىڭ ئىچىگە ئېلىنىپ ، تولۇق رېمونت قىلىنىپ ، يەنە بىر قېتىم كېڭەيتىلگەنىكەن . 1872-يىلى قوقانلىق تاجاۋۇزچى ياقۇپبەگنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مەزكۇر مەسچىت تېخىمۇ زور كۆلەمدە كېڭەيتىلىپ ، مەسچىت ئۆيلىرى ، ئىسسىق بۆلمىلەر ، غۇسلىغانا ، پەشتاق ، سۈنئىي كۆللەرنى ياسىغاندىن باشقا ، مەسچىت دەرۋازىسى ، جاينامازلارنى ھازىرلاپ ، مەسچىتنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ھېيتگاھ مەسچىتى ھازىرقى دائىرىگە ئىگە بولغان . مەسچىتنىڭ بارلىق ئىگىلىگەن يېرى 25 مو ، بۇ ئاساسەن مەسچىت دەرۋازىسى ، خانىقا ، پەشتاق ، مەسچىت ئۆيلىرى ، سۈنئىي كۆل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . ئالدىنقى دەرۋازىسى شەرىققە قاراپ تۇرىدۇ ، دەرۋازا ئالدىدا مەسچىت نامىدىكى ھېيتگاھ مەيدانى بار . دەرۋازا مۇنارى ئەرەبچە بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ، دەرۋازا چوققىسىدا قۇببە بار ، ئۈستىگە كىچىك ئۇچلۇق مۇنار سېلىنغان . دەرۋازا ئىچىدە سەككىز بۇرجەك دەھلىز ، دەھلىزنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە مەسچىت قورۇسىغا ئېچىلغان مېھرابسىمان ئىككى ئىشىك بار . ئېگىزلىكى 18 مېتىرچە كېلىدىغان ، خىشتا قوپۇرۇلغان ئىككى تۈۋرۈكسىمان ئەزان ئېيتىش مۇنارى مەسچىتنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدە قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ ، مۇنار تۆۋەندىن - يۇقىرىغا ھەر قەۋەتتە ئاز - ئازدىن قۇرۇلۇپ ، ھەر خىل نەقىش ۋە شەكىللەرنى چىقىرىپ قوپۇرۇلغان . مۇنار بىلەن دەرۋازا راۋىقى قىسقا تام بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان . تام ۋە دەرۋازا راۋىقى ھەممىسى سۇس سېرىق رەڭدە سىرلانغان ، خىشلارنىڭ ئارلىقلىرى ۋە تامغا چىقىرىلغان ئويۇقلار ھاك بىلەن ئەنكاپلانغان ، سىزىقلىرى ئېنىق ۋە راۋان بولۇپ ، كىشىگە كۈچلۈك سىتېرېئولۇق تۇيغۇ بېرىدۇ . خانىقا ( نامازخانا ) مەسچىت قورۇسىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ ، ياغاچ ۋە خىش بىلەن قۇرۇلغان . ئۆگزىسى تۈز ، ئۇزۇنلىقى 160 مېتىر ، ئىشىكتىن غول تامغىچە 16 مېتىر . ئىچكى - تاشقى نامازخانا ۋە دەھلىزدىن تەشكىل تاپقان ، ھەممىسىگە تۆۋرۈك قويۇلغان بولۇپ ، ئۇيۇلغان نەقىش 158 تال . ياغاچ تۈۋرۈك ئاق تورۇسنى تىرەپ تۇرىدۇ ، تورۇسقا ھەر خىل گۈل ۋە گېئومېتىرىيلىك شەكىللەر سىزىلغان . مەسچىت قورۇسى كۆركەم ، ئازادە ، دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان بولۇپ ، كىشىگە راھەت بەخىش ئېتىدۇ . پۈتۈن مەسچىتنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى مۇۋاپىق ، بىناكارلىق سەنئىتى نەپىس ، بېزىلىشى ئاددىي - ساددا بولۇپ ، كۆركەم كۆرىنىدۇ ، ئۇسلۇبى ئالاھدە . مەسچىت قورۇسى ۋە ھېيتگاھ مەيداننى قوشقاندا نەچچە ئون مىڭ كىشى بىمالال ناماز ئوقىيالايدۇ ، يېقىنقى زامانلاردىن تارتىپ ھېيتگاھ مەسچىتى قەشقەر شەھرىدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەت مەركىزى بولۇپ كەلدى . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، خەلق ھۆكۈمىتى مەسچىتنى رېمونت قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ قېتىم پۇل ئاجرىتىپ بېرىپ ، مەسچىتنى يېڭىلاپ تۇردى . ھازىر ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بويىچە مەدەنيەت يادىكارلىقى قاتارىدا نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن .`

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ AAA ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ < ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻧﻮﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻖ > ﺗﯘﺭ . ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻗﻮﻝ ﮬﯚﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺯﯨﺒﯘ - ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﺯﯨﻴﻰ ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﺭ ﻣﯘﺯﯨﻴﻰ ، ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ . ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1442 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﺳﯩﻠﯩﺸﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .

ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 746 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1442 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ 565 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻦ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ . ﺑﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ، ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ، ﻛﯚﻟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ . ﺑﯘ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﯩﯔ 4 - ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ - ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﭘﯘﺭﯗﻗﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪﯗﺭ . ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﻣﯘ ﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻼﺭ ﺗﻮﭘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻏﻪﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﺷﻪﺭﯨﻘﻘﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ (ﻏﻪﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﺟﻪﻧﯘﭘﻘﺎ) 120 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ (ﻏﻪﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﺷﻪﺭﯨﻘﻘﻪ) 120 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻮﻣﻮﻣﻰ ﻳﻪﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ 16000 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ (25.22 ﻣﻮﻏﺎ ﺗﻪﯓ) . ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﺧﺎﻧﯩﻘﺎ ، ﻛﺎﻳﯩﯟﺍﻥ ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ، ﮬﻮﻳﻼ ، ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ، ﻣﯘﻧﺎﺭ ، ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺑﯚﻟﻪﻛﻜﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻥ .

ﺧﺎﻧﯩﻘﺎﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ 36.5 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 10.5 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ 456 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﺎﻳﯩﯟﺍﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﻳﯩﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ 2600 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ 4200 ﻛﯩﺸﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﺳﯩﯖﯩﺸﻜﻪﻥ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﻰ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﻮﺭﯗﺳﻨﯩﯔ ﻳﯧﭙﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﯚﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺟﻪﻛﻪ (ﻟﯩﻢ) ﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ 100 ﺋﺎﺭﺍﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺟﯩﭙﺴﯩﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﯚﺕ ﺑﯘﻟﯘﯕﻠﯘﻕ ﮔﯧﺌﻮﻣﯧﺘﯩﺮﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺷﺎﮬﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ . ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﻮﺭﯗﺳﻨﻰ ﺗﯚﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻦ 140 ﺗﯜﯞﺭﯛﻙ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻠﻪﺭ ﺗﯩﺰﯨﻠﯩﺶ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﮔﻪ ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﯜﺭ ﺑﯩﺮﯨﭗ ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﺘﺎ ﺩﻩﺑﺪﻩﺑﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺗﯘﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﺭﺍﻏﺎ ﺭﻩﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﮔﯜﻝ - ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﺭ ﺳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ .

ﭼﻮﯓ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 18 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ 28 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﭼﻮﯓ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 12 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﭼﻮﯓ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 4.7 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 4.3 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺯﺍﻟﻰ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻳﯜﺯﻯ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ، ﺋﯜﺳﺘﻰ ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ﺗﻮﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺳﺎﻻﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺭ ﯞﻩ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﻠﻪﺭ ، ﺗﺎﻣﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﯧﮭﺮﺍﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺗﺎﻛﭽﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﺟﯩﻠﯟﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﭘﯘﺭﯨﻘﯩﻨﻰ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﮬﻮﺯﯗﺭ ﺑﯩﻐﯩﺸﻼﻳﺪﯗ .

ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺩﻩ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻪﺵ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ . ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ 9000 - 8000 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ . ﺭﻭﺯﺍ ﮬﯧﻴﺖ ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﺟﺎﻣﻪ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ 50 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ . ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﯧﻴﺖ - ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻼﺭ ( ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺭﻭﺯﺍ ﮬﯧﻴﺖ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺖ ) ﺩﺍ ﮬﯩﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﻧﺎﻏﺮﺍ - ﺳﯘﻧﺎﻱ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﭘﻪﻟﻪﻛﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻣﺎ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺑﯘ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﺪﯨﻦ ﮬﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ .

ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ - ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 960 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﻘﻘﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ 1 - ﺑﺎﺯﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭖ - ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 5 - 6 ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﯞﻩ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .

ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﻏﺮﺍﺕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﯩﻠﻰ ﺳﻪﻳﯩﺪ . ﺋﻪﻟﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ (1435-1458 ﻳﯩﻞ) ؛ < ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﻩﺷﯩﺪ > ﺩﻩ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ : " ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﺧﻪﻳﺮﻯ - ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﻣﯩﺮ ( ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻝ ) ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ " ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ . ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻤﯘ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ .

1442 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﺳﻪﻳﯩﺪ . ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺳﺎﻗﺴﯩﺰ . ﻣﯩﺮﺯﺍ ( ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﺴﯩﺰ . ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺑﺎﺑﻪﻛﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ) ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺧﺎﻧﯩﻘﺎ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ، ﺑﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ . ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﻟﯩﺪﯗﺭ .

1538 - ﻳﯩﻠﻰ ( ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 944 - ﻳﯩﻠﻰ ) ﻳﻪﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻤﻰ ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﺎﺩﻯ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﯧﺰﯨﺰ ﯞﻩﻟﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﺩﻩﭘﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﺎﺩﻯ ﺑﻪﮔﺪﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﻐﯩﺸﻼﺵ ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯗ - ﺩﻩ ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 944 - ﻳﯩﻠﻰ ( ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 944 - ﻳﯩﻠﻰ ) ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺒﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ < ﺑﻪﺵ ﯞﺍﺥ ﻧﺎﻣﺎﺯ > ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﯟﻯ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ < ﺟﺎﻣﻪ > ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻥ . < ﭼﻮﯓ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ > ﺩﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﺑﯘ ﮬﺎﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﺎﺩﻯ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﺰﻯ ﻳﻪﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 7 - ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺧﺎﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﯩﺸﻰ ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻕ ﺗﺎﻏﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯗﺭ ؛ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﻯ " ﻣﯚﮬﺘﯩﺮﻩﻡ " ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻙ ﺑﺎﻱ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻪﻛﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩﻐﺎ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ " ﺧﺎﻧﯩﻢ ﭘﺎﺷﺎ " ﺩﯗﺭ .

1787 - ﻳﯩﻠﻰ ( ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1201 - ﻳﯩﻠﻰ ) ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺧﺎﻧﺌﯧﺮﯨﻖ ﻳﯩﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ " ﺯﯗﻟﭙﯩﻴﻪ ﺧﯧﻨﯩﻢ " ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ( 200 ﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﭼﺎﻛﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﭘﯘﻟﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ) ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﻮﻝ ﺭﺍﺳﺨﻮﺗﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻛﻜﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﮬﻪﺝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﭼﻪﺕ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺟﺮﺍ ، ﺋﯘﺭﯗﺵ - ﺟﯩﺪﻩﻟﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﭘﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺯﯗﻟﭙﯩﻴﻪ ﺧﯩﻨﯩﻢ ﺋﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﺩﯨﺮﺍﮬﯩﻠﻪ ( ﻳﻮﻝ ﺭﺍﺳﺨﻮﺗﻰ ) ﺳﯩﻨﻰ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺑﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﯩﯖﻪﻳﺘﻜﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺧﺘﻪﻛﻠﻰ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻼ 3000 ﻣﻮ ﻳﻪﺭ ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﯩﯔ ﯞﻩﺧﭙﻪ ﻳﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﮔﻪ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻏﺎ ﮬﻪﻡ ﺭﺍﺳﺨﻮﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﺧﯩﻠﻰ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﺗﺎﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .

1798 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﺍﻣﯩﻠﻪﮔﯜﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ، ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎﯞﺍﺑﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻮﻧﺎ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﻰ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﯩﯔ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﭗ ﻧﺎﻣﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ - ﻳﯩﻘﯩﻨﻐﺎ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺗﯜﺭﺩﻩ < ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ > ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ .

1809 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺑﯧﮕﻰ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺑﻪﮒ ﺯﻭﮬﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ( ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺯﻭﺭﺩﯗﻥ ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ، ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﯨﻨﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭې ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﻮﯓ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﻝ ﻛﻮﻻﭖ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ " ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ .

1870 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﻪﺩﻩﯞﻟﻪﺕ ( ﻳﺎﻗﯘﭘﺒﻪﮒ ) ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪ ، ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻝ ، ﺷﻪﺭﻕ ، ﺟﻪﻧﯘﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ 72 ﺋﯧﻐﯩﺰ ﮬﯘﺟﺮﺍ ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ 100 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﯘﻳﯘﻧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﻤﺎﻡ ( ﻣﯘﻧﭽﺎ ) ، ﻣﯘﻧﺎﺭ ، ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ، ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻱ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﯩﻼﭖ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻮﭘﺘﻮﻏﺮﺍ 3 ﻳﯩﻞ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ، 1872 - ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯜﭼﻰ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﻳﻮﻕ .

1902 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22 - ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ، ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ 10 ﺑﺎﻝ ﺗﻪﯞﺭﻩﭖ ، ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﻣﯧﻨﯘﺕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ، 10 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺋﯚﺭﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻥ . ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺭﻯ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ . 1904 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺑﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺮﯨﻢ ﺑﺎﻱ ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﯩﻼﺭ ﺑﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻼﭖ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻳﯩﻐﻘﺎﻥ . ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﺍﻟﯩﻴﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻣﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ، ﻣﯘﻧﺎﺭﻧﻰ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ .

ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺋﯜﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ . 1955 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻣﻮﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ . 11 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ 3 - ﺋﻮﻣﻮﻣﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ، ﺩﯨﻨﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1980 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﯩﯔ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .

ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﻮﺭﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﻠﻪﺭﺩﻩ ، ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭖ - ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘﺭﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ، ﺋﻪﺩﯨﭗ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﮬﯩﺮﻗﯩﺘﻰ (1634-1724 - ﻳﯩﻠﻰ) ﯞﻩ 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﻧﯩﺰﺍﺭﻯ (1770-1848-ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ .

ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ، ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ، ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺩﯨﻨﻰ ﺯﺍﺗﻼﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻣﻤﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯩﯖﻪﺵ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺴﻪﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ ؛ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﯩﺰﯨﭗ ﯞﻩ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﻤﺎﻗﺘﺎ .

ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ 1962 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ . 2001 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25 - ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ