كالتەك توپ

ئورنى Wikipedia

كالتەك توپ بولسا توپ ئۇرۇشنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان بىر خىل كوللىكتىپلىق ، قارشى تۇرۇشچانلىقى ناھايىتى كۇچلۇك بولغان تەنھەركەت تۈرى . ئۇنىڭ خەلىقئارادا تارقىلىشى كەڭ ، تەسىرى بىرقەدەر كۇچلۇك بولۇپ ، «كۈرەشچانلىق ۋە ئەقىل پاراسەتنىڭ بىرىكمىسى« دەپ ئاتالغان . ئامرىكا ۋە ياپۇنىيىدە بىر قەدەر كەڭ بولۇپ ، «دۆلەت توپ« دەپ ئاتالغان . كالتەك توپ قائىدىسىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ ئاز دىگەندە 9 ئادەم بولىدۇ ، دەپ بەلگىلەنگەن ، ئوخشاش تۇردىكىلەردىن يەنە قورغان توپ بار . كالتەك توپ ئەزالىرى ھۇجۇمچى ۋە قوغدىغۇچى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ ، توپ كالتىكى ۋە پەلەي بىلەن بىر يەلپۇگۇچسىمان كالتەك توپ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ . مۇسابىقىدە ، ئىككى تەرپ ئالمىشىپ ھۇجۇم قىلىدۇ ، ھۇجۇم قىلغان تەرەپ ئەزاسى ئەسلى ئورنىغا غەلبىلىك قايتىپ كىلەلىسە ، بىر نومۇرغا ئېرىشىدۇ . توققۇز مەيداندا ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن تەرەپ ئۇتقان بولىدۇ . 1845 يىلى ، ئامرىكىلىق ئالىكساندىر(Alexander Joy Cartwright) ئىسمى ۋە ئۇرۇش ئۇسۇلىنى بىرلىككە كەلتۇرۇپ ، تارىختىن بۇيانقى بىرىنجى قېتىملىق كالتەك توپ مۇسابىقىسىنى تۇزدى . تۇزگەن مەيدان شەكلى ۋە چوڭ كىچىكلىكى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ، ھەمدە رەسمىي تۇردە كالتەك توپ(Baseball)دىگەن بۇ ئىسىمنى ئىشلەتتى . ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم قائىدىلەر داۋاملىق ئىشلىتىلدى ، كالتەك توپ دىگەن بۇ ئىسىم ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ . چۇنكى ھازىرقى زامان كالتەك توپ ھەركىتى ئەنگىلىيىدە بارلىققا كىلىپ ، ئامرىكىدا تەرەققىي قىلغان . 1839 يىلى ، ئامرىكا نىۇيورك شىتاتىنىڭ كۇپاس بازىرىدا تارىختىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق كالتەك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۇزۇلدى . 1860 يىلى ، ئامرىكىدا كەسپىي كالتەك توپ ماھىرلىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى . 1871 يىلى ئامرىكىدا «دۆلەتلىك كەسپىي كايتەك توپ ماھىرلىرى تەشكىلاتى« قۇرۇلدى ؛ 1876 يىلى ، بۇ تەشكىلات «دۆلەتلىك كالتەك توپ بىرلەشمىسى« دەپ ئۆزگەرتىلدى . 1881 يىلى ، باشقا بىر دۆلەتلىك كەسپىي كالتەك توپ تەشكىلاتى قۇرۇلدى ، يەنى كىيىنكى «ئامرىكا كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمىسى« . 1884 يىلى تۇنجى قېتىم بۇ ئىككى تەشكىلات چىمپيونلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۇزۇلدى ، يەنى «دۇنيا كالتەك توپ چىمپيونلۇق مۇسابىقىسى« . شۇنىڭدىن كىيىن ، 1910 يىللىق ئامرىكا زوڭتۇڭى ۋىليام(William Howard Taft)كالتەك توپ تەنھەركىتىنىڭ ئامرىكا «دۆلەت توپ« ى ئىكەنلىكىنى رەسمىي تەستىقلىدى ."L"