كولۇمبو

ئورنى Wikipedia
كولۇمبو

كولۇمبو


كولۇمبۇ ياۋروپادىن غەربكە قاراپ دېڭىزدا مېڭىپ، شەرقا ئەللىرىگە بارىدىغان دېڭىز يولىنى تاپماقچى بولىۋىدى، نەتىجىدە، ئۇ ئامېرىكا قىتئەسىنى تېپىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ئويلىمىغان يەردىن دۇنيا تارىخىدا شۆھرەت قازاندى ۋە نوپۇزغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ بۇ يېڭى كەشپىياتى دۇنيا ئېكسپېدىتسىيە ۋە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. بۇ تارىختىكى دەۋر بۆلگۈچ خاراكتېرىدىكى ئۇلۇغ بىر ۋەقە دەپ قارىلىدۇ.

كولۇمبۇ ياۋروپالىقلار ئۈچۈن ئىككى چوڭ قىتئەنى كەشىپ قىلىپ بېرىپ، بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئاھالىلەرگە يېڭى ماكان تېپىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كان مەھسۇلاتلىرى ۋە خام ئەشيا مەنبەلىرىنى تېپىپ بەردى. ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك ئاھالە - ئىندىئانلار مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، غەربىي يېرىم شاردا نۇرغۇن دۆلەتلەر بارلىققا كەلدى، بۇلار يەرلىك ئاھالە ئىندىئانلار بىلەن تۈپتىن ئوخشاشمايتتى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى دۇنيادىكى خەلقلەرگە غايەت زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى.

كولۇمبونىڭ ئاساسىي ھاياتى ھەممەيلەنگە نوتۇشلۇق. ئۇ 1451 - يىلى گېنۇيەدە تۇرۇشلۇق ئىسپانىيىلىك يەھۇدىي توقۇمىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلدى. ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا دېڭىزچىلىك ھاياتىنى باشلىدى، چوڭ بولغاندىن كېيىن كاپىتان بولۇپ، كۆزگە كۆرۈنگەن دېڭىزچى بولۇپ قالدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇ غەربكە قاراپ يۈرۈش قىلىپ، ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتسە، ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى دۆلەتلەرگە بارغىلى بولىدىغانلىقىغا بارغانسېرى ئىشىنىشكە باشلىدى.

كولۇمبو بۇ ئويىدا چىڭ تۇردى، كېيىن ئۇ ئىسپانىيە كوزۇلىنىڭ خانىكەسى ئىزابىلارنى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق دېڭىز ئېكسپېدىتسىيىسىگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشقا ماقۇل كەلتۈردى.

1492 - يىلى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سەھەردە كولۇمبو ئۈچ دانە يەلكەنلىك كېمىدىن تەشكىل قىلىنغان فىلوتىنى باشلاپ ئىسپانىيىدىن يولغا چىقتى، ئۇنىڭ توختىغان بىرىنچى جايى ئافرىقىنىڭ غەربىي دېڭىزدىكى كاينال تاقىم ئارىلى ئىدى. كېيىن ئۇلار بۇ ئارالدىن ئايرىلىپ غەربكە قاراپ سەپىرىنى داۋام قىلدى. بۇ بىر قېتىملىق ئۇزۇن سەپەر ئىدى. ماتروسلار تەشۋىشلىنىشكە باشلىدى. ئۇلار تەۋرىنىپ قېلىپ، كەلگەن يولنى بويلاپ كەينىگە قايتماقچى بولدى. بىراق، كولۇمبو ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇردى، ئاخىرى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، چوڭ قۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى.

1493 - يىلى، كولۇمبو ئىسپانىيىگە قايتىپ كەلدى. غەلىبە بىلەن قايتقان بۇ ئېكسپېدىتسىيىچى كورۇل ۋە خانىكەنىڭ تەنتەنىلىك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇدا ئۈچ قېتىم ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، تولۇپ تاشقان ئارزۇ بىلەن جۇڭگو ياكى ياپونىيىگە بىۋاسىتە بارماقچى بولغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇردى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىغا بارىدىغان يېڭى يولنى بايقىغانلىقىغا ئىشەندى. كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆز ئارزۇسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقىنى بىلدى.

ئىلزابىلا كولۇمبونى يېڭى قۇرۇقلۇقنىڭ ھۆكۈمرانى قىلىپ تەيىنلەشكە ۋەدە بەردى. بىراق، ئەمەلىيەت ئۇنىڭ بىر مەغلۇپ بولغان ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ ئەمىلىدىن ئېلىۋېتىلىپلا قالماستىن، يەنە چەمبەرچاس باغلانغان ھالەتتە ئىسپانىيىگە قايتۇرۇپ كېلىندى. دۆلەتكە قايتىپ كېلىپلا قويۇپ بېرىلدى، لېكىن كېيىن ھېچقاندق مەمۇرىي ھوقۇق بېرىلمىدى. ئۇنى نامراتلىق ھەم كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن دېيىشكە ھېچقاندق ئاساسىمىز يوق. ئۇ 1506 - يىلى ۋاپات بولدى. شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۇ ناھايىتى باياشات تۇرمۇش كەچۈرگەنىدى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كولۇمبونىڭ بىرىنچى قېتىملىق دېڭىز ئېكسپېدىتسىيىسى ياۋروپا تارىخىدا ئېنىقلاپ خاراكتېرلىك تەسىر قوزغىدى. ھەر بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ 1492 - يىلنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بىراق، كولۇمبونى بۇ 100 مەشھۇر شەخسلەر قاتارىغا قويغانغا، يەنە كېلىپ بۇنداق ئورۇنغا قويغانغا، نۇرغۇن كىشىلەر ئوخشاشمىغان پىكىرلەردە بولۇپ كەلمەكتە.

بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قارشى پىكىر، كولۇمبو يېڭى قۇرۇقلۇقنى بايقىغان ياۋروپالىق بىرىنچى شەخس ئەمەس. دېڭىز ساياھەتچىسى لىۋئالكسىن كولۇمبودىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ئامېرىكا قىتئەسىگە بارغان دېيىشىدۇ. لىۋ بىلەن كولۇمبو ئارىلىقىدا يەنە نۇرغۇن ياۋروپالىق ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن.

تارىخىي نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا، كولۇمبونىڭ داڭقى ياۋروپاغا پۇر كەتكەن. ئۇنىڭ دېڭىز ساياھىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ بىر بىۋاسىتە نەتىجىسى ئامېرىكا قىتئەسىگە بايلىق ئىزدىنىشكە بارىدىغان يېڭى مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى.

كۆپ ساندىكى شەخسلەرگە ئوخشاش، كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، كولۇمبونىڭ قىلغىنىنى ھەرقانداق بىر ئادەم قىلالايدۇ. كولۇمبونىڭ ئېكسپېدىتسىيىسى بولمىغان بولسا، باشقا ئادەم چىققان بولاتتى، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا، ياۋروپا داۋالغۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان، سودا بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان ئەھۋالدا تۇراتتى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئېكسپېدىتسىيىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى تەبىئىي ئىدى. كولۇمبو ھۈرمەتكە سازاۋەر ئادەم. بۇ پۇلغا ئامراق بىر گاداي ئىدى. بىراق، شۇنى ئەيىبلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، ئۇ ئىندىئانلارغا ناھايىتى ۋەھشىي پوزىتسىيە تۇتقانىدى. ھېلىمۇ ياخشى، بۇ تىزىملىك ئالىي پەزىلەتلىك ئاق كۆڭۈل ئادەملەرنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن. بولمىغان بولسا، كىتابخانىلار بۇ يەردە كولۇمبونىڭ نام - شەرىپىنى كۆرەلمىگەن بولاتتى.

«دۇنيادىكى 100 مەشھۇر شەخىس» ناملىق كىتاپتىن