كونا تاڭنامە

ئورنى Wikipedia

«كونا تاڭنامە » (旧唐书)

«كونا تاڭنامە » كېيىنكى جىن پادىشاھلىقى (946-936- يىللار ) دەۋرىدە باش ۋەزىر ليۈ شۈ قاتارلىق كىشلەر تەرپىدىن 945- يىلى تەزكىرە- يىلنامە شەكىلدە تۈزۈلگەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرى تارىخى بايان قىلىنغان 200 جىلدىلىق تارىخىي ئەسەر.

«كونا تاڭنامە »دە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ تارىخىي، خۇغراپىيەسى، سىياسى، ئىقتىسادى ئۆرۈپ – ئادەتلىرىگە دائىر ئاز بولسىمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك مەزمۇنلار خاتېرلەنگەن .

«كونا تاڭنامە »نىڭ 40- جىلد «جۇغراپىيە تەزكىرىسى»دە تاڭ سۇلالىسنىڭ تىيەنباۋ 11- يىلنى (مىلادىيە 752- يىلى) ئۆلچەم قىلىپ، پۈتۈن مەمىلكەتتىكى چېگرا قاراۋۇلخانىلىرى، شەھەر- قورغانلىرنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى ، قىسىملارنىڭ سانى ۋە ھەر قايسى يوللاردىكى ئايماق ناھيىلەرنىڭ تەسىس قىلنىشى، نۇپۇسى قاتارلىق ئەھۋاللار بايان قىلىنغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدىكى تۈرك- ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ، بەگلىكلەرنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسىگە دائىر مەلۇماتلار خاتېرلەنگەن.

«كونا تاڭنامەنىڭ »194- جىلد «تۈرۈكلەر تەزكىرىسى» دە تۈرك خانىقىنىڭ قۇرۇلۇشى، شەرقىي ۋە غەربىي تۈركلەرنىڭ ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ غەربىي رايون ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خاندانىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.

«كونا تاڭنامە» نىڭ 195- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە كېيىنكى ۋېي پادىشاھلىقى (386- 534- يىللار) دەۋرىدىن تارتىپ تاكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ دا جۇڭ يىللىرىغىچە (847- 859- يىللار) بولغان تارىخىي جەريانىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانى، ئۇيغۇر قەبىلىرىنىڭ شەرقىي تۈرك خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشى، ئېلتەبىر تومىد (俟利发吐迷度) نىڭ سىر- تاردۇش خانلىقى (630- 646- يىللار) نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى بەرپا قىلىشى، مىلادىيە 651- يىلى ۋە 656- يىللىرى بايان قاغاننىڭ تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، غەربىي تۈركلەرگە (ئاشىنا قۇلىغا) جازا يۈرۈش قىلغانلىقى، كەييۈەن يىللىرىنىڭ ناھايتى روناق تاپقانلىقى، نەتىجىدە قارلۇق، باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ، كېيىنكى شەرقىي تۈرك خانلىقىنى (680- 744- يىللار) پۈتۈنلەي گۈمران قىلىپ، قۇدرەتلىك ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قايتا تۇرۇپ چققانلىقى، شۇنداقلا كېيىنكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ھاكمىيەت تۈزۈلمىسى، ئۆرپ- ئادەتلىرى، ئىجتىمائىي ئىگىلىكى، زېمىن دائىرىسى، تاڭ سۇلالىسىدە مىلادىيە 755- 763- يىللىرى كۆتۈرۈلگەن ئۆڭلۈك- سۆيگۈن توپىلىڭىنى باستۇرۇپ بېرىش جەريانلىرى، تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان قۇدىلىق مۇناسىۋىتى ۋە يىپەك- ئات سودا مۇناسىۋىتى، مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىشى، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ بېشبالىققا قىلغان ئۇرۇشلىرى، تاڭ سۇلالىسى چاڭچىڭ يىللىرىدىن (822- 825- يىللار) كېيىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەدىرجىي زەئىپلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى زىدديەتنىڭنىڭ كۆپىيىشى، قىرغىز قەبلىسىنىڭ ھۇجۇمى ۋە تەبئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ غەرب ۋە جەنۇپقا كۆچۈشى، كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قاتارلىقلار قىسقىچە بايان قىلىنغان.

«كونا تاڭنامە» نىڭ 199- جىلد «شىمالىي دىلار تەزكىرىسى» دە تېلى قەبىلىلىرى (15 قەبىلە) نىڭ ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ سۈي سۇلالىسى دايې يىللىرىنىڭ (605- 617- يىللار) ئوتتۇرلىرىدا تۈرك خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ، بىر قىسىملىرىنىڭ بۇغدا تېغى باغرىغا كۆچۈپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خانلىقىنى تىكلىگەنلىكى، كېيىن شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ سىر- تاردۇش خانلىقىنى تىكلەنگەنلىكى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ كېيىنكى شەرقىي تۈرك خانلىقى دەۋرىلىرىگىچە بولغان جەريانىدىكى ئەھۋالى ھەم قىتان (契丹)، شىرۋى (室韦) قاتارلىق شەرقىي شىمال رايونىدا ۋە شىمالدا ياشايدىغان بىر قىسىم قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ بايان قىلىنغان.