كۈنەس ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
كۈنەس ناھىيىسى

新源县.Kunes County

كۈنەس ناھىيىسى خەرىتىدىكى ئورنى
ئومۇمىي ئەھۋال
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئوبلاست ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
مىللەتلەر ئۇيغۇرقازاق
تىللار ئۇيغۇرچەقازاقچە
كوچا باشقارمىسى سانى 0 دانە
بازارلىق سانى 9 دانە
يېزا سانى 2 دانە
نوپۇس (2015-يىل) 321,739 [1]
يەر مەيدانى 7583 كۋادرات كىلومېتىر
باشقىلار
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 999 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新F

كۈنەس ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Künes Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تىگە قارايدۇ. كۈنەس ناھىيىسى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان. شارقىي جەنۇب تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى نىلقا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 921 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 65 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 7.6446 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە نەش بازار، بەش يېزا، 102 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىدە يەنە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئىككى تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 520 كىلومېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

كۈنەس ناھىيىسى قارمىقىدا 9 دانەبازارلىق بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 كۈنەس بازىرى Künes Baziri Kunes Town 新源镇 10 51.5 270
2 زېكتى بازىرى Zékti Baziri Zekti Town 则克台镇 6 24.6 503
3 ئالمالى بازىرى Almali Baziri Almali Town 阿勒玛勒镇 5 16 72
4 ئارالتۆپە بازىرى Araltöpe Baziri Araltope Town 阿热勒托别镇 7 27 897.7
5 كەڭسۇ بازىرى Kengsu Baziri Kengsu Town 坎苏镇 5 10.9 374.3
6 نارات بازىرى Narat Baziri Narat Town 那拉提镇 9 27.6 1,984
7 تالدى بازىرى Taldi Baziri Taldi Town 塔勒德镇 11 23.4 1,164.3
8 شوربۇلاق بازىرى Shorbulaq Baziri Shorbulaq Town 肖尔布拉克镇 8 9.3 268
9 قارابوغدا بازىرى Qaraboghda Baziri Qaraboghda Town 喀拉布拉镇 8 20.6 633.3

ئىزاھات:

  • 1. 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى ئالمالى يېزىسى ئالمالى بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.[2]
  • 2. 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى كەڭسۇ يېزىسى كەڭسۇ بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.[3]
  • 3. 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى قارابوغدا يېزىسى قارابوغدا بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

كۈنەس ناھىيىسى قارمىقىدا 2 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 بەشتۆپە يېزىسى Beshtöpe Yézisi Beshtope Township 别斯托别乡 15 28.9 783
2 تۈرگېن يېزىسى Türgén Yézisi Turgen Township 吐尔根乡 3 11.5 200

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي ئېگىز، غەربى پەس بولۇپ، شەرق، جەنۇب، شىمال تەرەپلىرىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. تۈزلەڭلىك 21.1% نى، تاغلىق جايلار 73.2% نى، ئېدىرلىق 5.7% نى ئىگىلەيدۇ. كۈنەس دەرياسى، چاپ دەرياسى ۋە ناھىيىنى كېسىپ ئۆتكەن تېكەس دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بولۇپ، يەر ئۈستى بايلىقى 2 مىليارد 94 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا چوشقا، ئۇلار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە تىيانشان شامشادى، ياۋروپا سوۋدان تېرىكى، تاغ سوگىتى، قېيىن، ئۇچقات، سۇغىگۈل، چۈچۈك بۇيا، قانتېپەر، قارلەيلىسى قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مەرمەرتاش، خرۇستال تاش، ھاك تېشى، سىڭىرتاش قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

ناھىيىنىڭ چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي ۋە قازاق ئېتى داڭلىق. ھازىر 38 مىڭ 300 گېكتار (574 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 60 مىڭ 600 گېكتار (909 مىڭ مو) ئورمانلىق، 353 مىڭ گېكتار (7 مىليون 995 مىڭ مو) يايلاق بار. ئاشلىق، مايلىقدان ۋە ئالما قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. ئېلېكتر - ئېنېرگىيە، سېمونت، گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش، ھاراق ئېچىتىش، كەسپى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، <ئىلى ئالىي ھارىقى> قاتارلىق بىر قاتار ھاراقلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا شۆھرەت قازانغان. كۈنەس ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخىشلانماقتا. دۆلەت يولىنىڭ 172 -، 218 - لىنىيىسى ۋە ئۆلكە يولىنىڭ 316 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېىسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى تاشيوللار تەرەپ - تەرەپكە تارالغان.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

كۈنەس ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 39.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 34.7℃، قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2693.5 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 2952.2℃، قىروسىز مەزگىلى 150 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 479.7 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1285.8 مىللىمېتىر.

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

ناھىيە داڭلىق كۈنەس يايلىقىغا جايلاشقان. نارات مەنزىرە رايونى، قاپ دەرياسى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى، ياۋا مېۋىزارلىق قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار، قەدىمكى ئۇيسۇن قەبرىستانلىقى، يۈەن دەۋرى قەدىمىي قىياتاش رەسىملىرى قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار بار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

قارالسۇن[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-29.
  2. "ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقنامىسى(ئالمالى بازىرى)". Archived from the original on 2017-09-21. Retrieved 2018-05-29.
  3. "ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقنامىسى(كەڭسۇ بازىرى)". Archived from the original on 2017-09-21. Retrieved 2018-05-29.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى