مولتىمىتىر

ئورنى Wikipedia

مولتىمىتىر ۋە ئۇنى ئشلىتىش

مولتىمىتىر (multimeter ،万用表)ئېلىكتىر رىمىنۇت ئشلىرىدا كۆپ قوللىنىلىدۇ ، ئادەتتە ئۇنۋىرسالمىتىردېگەندەك ناملاردا ئشلىتىلىدۇ . چوڭ جەھەتتىن مۇنداق ئىككى تۇرگە بولىندۇ .

1. ئستىرىلكىلىق مولتىمىتىر (指针式万用表,analog multimeter ) 2. رەقەملىك مولتىمىتىر (数字万用表 , digital multimeter )

ئوخشاشلىقى ھەققىدە سۆزلىمىسەكمۇ بولا . پەرقى : ئستىرىلكىلىق مولتىمىتىر : ئەرزان ، ئومرى ئۇزاق ، كاشىلىغا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى ياخشى ،پەيىتلىك توكنى( 瞬间电流) كۇزىتىشكە بەك قولايلىق ،لېكىن ئۇگىنىش ۋە سان ئوقۇش بىر ئاز قىيىن ، بەزى ئۆلچەشلەردە قولايسىز .

رەقەملىك مولتىمىتىر :ئستىرىلكىلىق مولتىمىتىردىن خىلى بەك قولاي . ئۇگىنىش ئاسان ،ئەستە ساقلاش ئېقتىدارى(hold)بار ، سانلىق قىممەتنى بىۋاستە ئوقۇپ ئېرىشكىلى بولىدۇ .لېكىن ئېلېكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچىراپ سانلىق قىممەتنىڭ توغىرلىقىغا تەسىر يەتكۇزىدۇ ،سۇپىتى ئاسان بۇزۇلىدۇ ، ياخشىراقلىرىنىڭ باھاسى قىممەت .250-300 يۇەننىڭ تۆۋىنىدىكىسىنى ئالغاننىڭ پايدىسى يوق ، (胜利,VICTOR) ماركىلىق رەقەملىك مولتىمىتىر باھاسى سەل قىممەت بولسىمۇ لېكىن ئقتىدارى ياخشى ،سۇپەتلىك ، ئەڭ قولايلىقى victor 86c ، بۇنىڭ خوتى ئاز ، ئۆلچەش دائىرسىنى تەڭشەش ھاجەتسىز ، ئېقتىدارى كۆپ .


ئاتالغۇلار :

توك (电)– زەرەتلەرنىڭ(电荷) يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشى توكنى شەكىللەندۇرىدۇ ، توك بىر تال تۇيۇق(回路) ئۆتكۇزگۇچتە شەكىللىنىدۇ ، ماددا ، مولىكۇلا ، زەرەت ، ئاتوم ، ئاتوم يادروسى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى تولۇق ئوتتۇرا فىزىكا كىتابىدىن كۆرۇۋىلىڭلار . ئېلىكتىر بىسىمى (电压) – توك يولىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان قارشىلىق(电阻)سەۋەبىدىن ، زەرەتلەرنىڭ يۆتكىلىشى تەسكە چۇشىدۇ ، شۇڭا بىز زەرەتلەرنى يۆتكەيدىغان بىر خىل كۇچكە ياكى بىسىمغا مۇھتاج بولىمىز ، بۇخىل كۇچ ياكى بىسىم ئېلىكتىر بىسىمى دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ ئككى تال سىمدا شەكىللىنىدۇ ، يەنى يۇقرى پوتىنسىئال(势) بىلەن تۆۋەن پوتىنسىئال ئوتتۇرسىدا شەكىللىنىدۇ .

ئۆزگىرىشچان توك ۋە تۇراقلىق توك (交流和直流)


توك ھەقىدە ئاساسىي ئۇقۇملار

توك تۇراقلىق توك ۋە ئۆزىگىرىشچان توك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ . توكنىڭ چوڭ كىچىكلىكى يۆنىلىش ۋە ۋاقتقا ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدىغان توكتۇراقلىق توك دېيىلىدۇ . مەسلەن، بىز ئىشلىتىدىغان باتارىيەدىن چىققان توك. توكنىڭ چوڭ كىچىكلىكى يۆنىلىش ۋە ۋاقتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان توك ئۆزگىرىشچەن توك دېيىلىدۇ ،مەسلەن ، يول بويلىرىدىكى توك سىملىرىدا ئېقىۋاتقان توك .


ئستىرىلكىلىق مولتىمىتىردا ۋە رەقەملىك مولتىمىتردا ، ئاۋال ئككى ئۆلچەش چوكىسىنى 1- رەسىم 8- كىچىك كۆرسەتمە بويىچە ، قىزىل رەڭلىك چوكىنى قىزىل(红表笔) ئۇلاش نۇقتىسىغا ، قارا رەڭلىك چوكىنى(黑表笔) قارا ئۇلاش نوقتىسىغا چاتىمىز ، مولتىمىتىرنىڭ ئچكى قىسمىدا قارا چوكا مولتىمىتىر باتارىيەسىنىڭ مۇسبەت ياكى پىلوس قۇتۇبىغا ، قىزىل چوكا مەنپىي ياكى مىنۇس قۇتۇبىغا ئۇلىنىدۇ ،ئككى قۇتۇپلۇق كىرىستال لامپا ئۆلچىگەندە بۇ نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك .

خوتنى ماس ئورۇنغا يۆتكەيمىز .ئشلەتمىگەن ۋاقىتتا ئادەتتە ئېتىك (OFF关,) ھالەتتە ياكى ئۆزگىرىشچان توك بىسىم  يۇقرى بىسىم خوتىغا قويۇپ قويىمىز.

ئادەتتەئستىرىلكىلىق مولتىمىرغا بىرلا ۋاقىتتا ئككى خىل باتارىيە چۇشىدۇ ،بىرسى بىر يىرىم ۋولىتلىق ، يەنە بىرسى 9 ۋولىتلىق .باتارىيە خوراي دېگەندە قارشىلق ئۆلچىگىلى بولمايدۇ ، بولۇپمۇ يۇقرى قىممەتتىكى قارشىلىقلارنى ئۆلچىگەندە ئستىرىلكا تولۇق ئاغمايدۇ .

مولتىمىرنى ئۇزۇن مۇددەت ، مەسىلەن :ئۇچ ئايدىن ئارتۇق  ئشلەتمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا ، باتارىيەسىنى ئېلىۋىتىش كېرەك ، بولمىسا ، باتارىيە چىرىپ ، باتارىيە سۇيۇقلۇقى مولتىمىتىرنى بۇزۇپ قويىدۇ .

رەقەملىك مولتىمىترغا ئادەتتە بىر تال 9 ۋولىتلىق باتارىيە چۇشىدۇ .


1- رەسىم 2-نوقتا : ئستىرىلكىنى نۆلگە توغۇرلاش مىخى بولۇپ ، ئادەتتە ، مولتىمىر ئستىرىلكىسى سول تەرەپ نولنى توغرا ، ئۆلچەملىك كۆرسىتەلمىسە ، مۇشۇ مىخىنى ئوڭ سولغا بۇراپ ، تەڭشىسەك بولىدۇ .

- رەسىم 3-نوقتا :ئوم خوتتا نۆلگە تۇغۇرلاش مىخى ، ئوم خوتتا قويۇپ قارشىلىق ئۆلچىگەندە ، ئوڭ تەرەپ نۆلگە توغۇرلاش ئۇچۇن ئشلىتىلىدۇ .

رەسىم 4-نوقتا : يۇقرى بىسىمv 2500 ،مۇشۇ رەسىمدىكى مولتىمىتىرغا نىسبەتەن 1000 ۋولىتتىن يۇقرى بولغان ، تۇراقلىق توك ۋە ئوزگىرىشچان توك بىسىملىرىنى ئۆلچەشكە ئشلىتىلىدۇ ئەڭ يۇقرى ئۆلچەش دائىرىسى 2500 ۋولىت . دىققەت : قارا چوكىنى مىدىراتماي ، قىزىل چوكىنى مۇشۇ ئورۇنغا سانچىيمىز . قوشۇمچە :توك بىسىمى 700 ۋولىتتىن يۇقرى بولغان ئەھۋالدا مولتىمىتىرنى بىۋاستە قولدا تۇتۇپ مەشغۇلات ئېلىپ بارماسلىق كېرەك ، چوقۇم ئزولىياتۇر پەلەي كىيىش كېرەك .

- رەسىم 5-نوقتا : يۇقرى توك كۇچىA10 مۇشۇ رەسىمدىكى مولتىمىتىرغا نىسبەتەن 500 مىللىي ئامپىردىن يۇقرى بولغان ، تۇراقلىق توك كۇچىنى ئۆلچەشكە ئشلىتىلىدۇ ئەڭ يۇقرى ئۆلچەش دائىرىسى10 ئامپىر . دىققەت : قارا چوكىنى مىدىراتماي ، قىزىل چوكىنى مۇشۇ ئورۇنغا سانچىيمىز . قوشۇمچە :توك كۇچى 10 ئامپىر بولغان ئەھۋالدا ، ئۆلچەش ۋاقتى چوقۇم 10 سىكونۇتتىن ئاز بولۇش كېرەك ، چوقۇم ئزولىياتۇر پەلەي كىيىش كېرەك.

1-رەسىم 8-نوقتا :ئادەتتە مولتىمىتىرنىڭ قىزىل ۋە قارا چوكىسى مۇشۇ جاينىڭ رەڭگى ماس كېلىدىغان جايلىرىغا ئۇلىنىدۇ .

مولتىمىتىردىكى بىر قانچە خىل خوت رايۇنىنى چۇشەندۇرۇش .
-1ئوم خوت(欧姆档) (Ω) رايۇنىنى چۇشەندۇرۇش ,

ئوم خوتى بىر قانچە كىچىك خوتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، ئۇلار بىر ھەسسە 1X، ئون ھەسسە 10X، يۇز ھەسسە 100X ، مىڭ ھەسسە 1000X ، ئون مىڭ ھەسسە 10k قاتارلىقلار بولۇپ ، ئۆلچىنىدىغان قارشىلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ، تاللىۋىلىنىدۇ .دىققەت :ئوم خوت رايۇنىدا ئۆلچەش ئېلىپ بارغاندا ، ئستىرىلكىنىڭ ئغىشى ئومۇمي كۆرسىتىش رايۇنىنىڭ % 70 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ، ئېشىپ كەتسە قارشىلىق قىممىتىنىڭ توغرا ئۆلچىنىشىگە تەسىر يەتكۇزىدۇ ،شۇڭا خۇتنى چوڭراق قىلىپ تاللايمىز ، ھەر قىتىم خوت يوتكىگەندە ، بىر قىتىم ئوم خوتنى نولگە تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز ، ئۇسۇلى مۇنداق :مەلۇم ئوم خوتىغا قويۇپ ، قىزىل قارا چوكىلارنى بىر-بىرىگە تەككۇزسەك ، مولتىمىتىر ئستىرىلكىسى ئوڭ تەرەپ نۆلگە ئاغىدۇ ، نولنى تۇغرا كۆرسەتمىسە ،1- رەسىم 3-نوقتىدىكى مخىنى ئوڭ سولغا بۇراش ئارقىلىق نولگە كەلتۇرۇپ ،ئاندىن ئۆلچەش ئېلىپ بارىمىز .

قارشىلىق ئۆلچەش :ئەڭ ئاۋال ئۆلچىمەكچى بولغان توك يولىدا توك بولماسلىقىغا جەزىم قىلغاندىن كىيىن ياكى توك مەنبەسىنى ئۇزىۋەتكەندىن كىيىن ، ئۆلچىمەكچى بولغان قارشىلىقنىڭ ئەڭ كېمىدە بىر پۇتىنى توك يولىدىن ئاجرىتىپ ئالىمىز ،مولتىمىتىرنى ئوڭ تەرەپ نۆلگە توغۇرلايمىز ، ئاندىن مولتىمىترنىڭ ئىككى چوكىسىنى ئۆلچىمەكچى بولغان قارشىلىقنىڭ ئككى پۇتىغا تەككۇزىمىز ،(قولىمىز ئۆلچىنىدىغان قارشىلىق ۋە مولتىمىترنىڭ چوكىسى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشماسلىقى لازىم ، ) ئاندىن ئستىرىلكا كۆرسەتكەن ماس ساننى ئوقۇيمىز ، ئادەتتە ، مولتىمىتىرنىڭ كۆرسىتىش رايۇنىنىڭ ئەڭ ئۇستىدىكى Ω بەلگىسى ئۇدۇلىدىكى ساننى ئوڭدىن سولغا ئوقۇيمىز . باشقا خوتلاردىكى ساننى سولدىن ئوڭغا ئوقۇيمىز .

AC V ۋە DC V يەنى ئۆزگىرىشچان توك AC ۋە تۇراقلىق توك DC بىسىملىرىنى ئۆلچەش رايۇنى .

ئسمىدىنلا مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتىكى ، بۇ توك بىسىمى ئۆلچەيدىغان خۇت رايۇنلىرى بولۇپ ، مۇۋاپىق خوت تاللاپ توك بىسىمى ئۆلچەشكە بولىدۇ ، ئادەتتە ناتونۇش بىسىملارغا نىسبەتەن ، ئاۋال يۇقرى خوتتا سىناپ ئۆلچەش يەنى مولتىمىتىرنى يۇقرى خوتتا قويۇپ ، قىسقا ۋاقىت ئچىدە مولتىمىتىرنىڭ قىزل قارا چوكىسىنى ئۆلچەيدىغان بىسىم نوقتىسىغا تۇتاشتۇرۇپ ، كۇزىتپ بېقىش ، ئاندىن يەنە مۇۋاپىق خوت تاللاپ ئېنىق ئۆلچەش .

توكنىك تۇراقلىق ياكى ئۆزگىرىشچان ئكەنلىكىنى بىلمىسەك ، ئاۋال ئۆزگىرىشچان توك خوتىدا ئۆلچەپ ، ئاندىن تۇراقلىق توك خوتىدا ئۆلچىسەك ئستىرىلكا نورمال ئغىشىدۇ ،بۇ تۇرۇقلىق توك بولىدۇ ، ئۆزگىرىشچان توك مولتىمىتىر تۇراقلىق توك خوتىدا تۇرغان ئەھۋالدا مولتىمىتىر ئستىرلكىسىنى بىر يۆنىلىشتە نورمال ئغىشتۇرالمايدۇ . تۇراقلىق توكنىڭ بىسىمنى ئۆلچىگەندە ، مولتىمىتىرنىڭ قىزل چوكىسى ئوت سىمغا ياكى مۇسبەت قۇتۇپقا ، قارا چوكىسى نول سىمغا ياكى مىنۇس قۇتۇپقا تەككۇزىمىز ، ئۆزگىرىشچان توكقا نىسبەتەن مەنپىيى مۇسبەت قۇتۇپنىڭ پەرقىي يوق ،شۇڭا قىزىل ۋە قارا چوكىلارنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئۇلاشقا بولىدۇ .


توك بىسىمى ئۆلچەش توك بىسىمى ئۆلچىگەندە ماس كىلىدىغان خوتنى تاللاپ ، مولتىمىتىر چوكىسىنى سانچىغاندىن كىيىن ، ئستىرلكىنىڭ ئغىشىنى كۇزىتىپ ، ماس كېلىدىغان سانلىق قىممەتنى ئوقۇپ چىقىمىز .

ACmA ۋە DCmAخوتىدا (交流电流档和直流电流档上测电流)توك ئقىمى(توك كۇچىنى ) ئولچەش .

كۆپ قىسىم مولتىمىتىرلاردا ACmA خوتى بولمايدۇ ، يەنى ئۆزگىرىشچان توكنىڭ ئقىمىنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ . يىڭىدىن بازارغا سىلىنغان بىر قىسىم مولتىمىتىرلاردا ACmA نى ئۆلچەش ئېقتىدارى قوشۇلغان .

ھازىر نوقتىلىق قىلىپ DCmA خوتىنى تونۇشتۇرىمىز ، ئۆلچەشتىن ئاۋال ، مولتىمىتىرنى DCmA خوتغا توغۇرلايمىز ، ئاندىن ئۆلچىمەكچى بولغان توكنىڭ ئقىم دائىرسىنى مۆلچەرلەيمىز ، يەنى ئۆلچەش دائىرسىنى ئەڭ چوڭ خۇتقا قويۇپ ، سىناپ ئۆلچەش ئېلىپ بارىمىز، دېققەت ! توك قىزىل چوكىدىن كىرىپ قارا چوكىدىن چىقىپ كېتىدۇ ، ئستىرىلكىنىڭ ئغىشىغا قاراپ ، خوت ئالماشتۇرۇش ياكى ئالماشتۇرماسلىقنى جەىملەشتۇرىمىز ، ئادەتتە كېچىك توكلارنى ئۆلچەشكە ئشلىتىمىز ، چوڭ توكلارنى ئادەتتە 500mA ئېشىپ كەتكەنلىرىنى چوڭ توك خوتىدا يەنى 10A خوتىغا قويۇپ ئۆلچەيمىز .

ACmA  نى ئۆلچەش ئۇسۇلى  DCmAغا ئوخشاش ، شۇڭا ئايرىم سۆزلەنمەيدۇ .

دېققەت !!! ھەرگىز ھەرگىز ئوت سىم نول سىمنىڭ توكىنى مولتىمىتىرنىڭ ئىككى چوكىسىنى بىۋاستە ئۇلاپ ئۆلچەشكە بولمايدۇ ، يەنى مولتىمىتىرنى توك ئقىمى (كۇچى) ئۆلچەش خوتىدا قويۇپ ، ئىككى چوكىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئوت سىم ۋە نۆل سىمغا ئۇلاشقا بولمايدۇ .


قوشۇمچە ئېقىتىدارلار : بەزى مولتىمىتىرلاردا ، كوندىساتور ،تىمپىراتۇرا ، ئۇچ قۇتۇپلۇق لامپا قاتارلىقلارنى ئۆلچەش ئېقتىدارى قوشۇلغان بولىدۇ . بۇنى شۇنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئۇگىنىۋالسا ،ياكى شىنجاڭ ئېلكتېرون ھەۋەسكارلىرى تورىدن(www.xjefan.com) مەسلىھەت سورىسىمۇ بولىدۇ .

رەقەملىك مولتىمىتىر :

ئشلىتىش ئۇسۇلى ئادەتتە ئستىرىلكىلىق مولتىمىترىغا ئوخشاش ، پەقەت شۇ ئستىرىلكا كۆرسەتكەن ساننى بىۋاستە رەقەم شەكلىدە ئېكراندا كۆرسىتىپ بېرىدۇ ،لېكىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قولايلىق بولغاچقا ، ئشلىتىش دائىرىسى بارغانسىرى كېڭىيىپ ، تىز ئوموملاشماقتا .

3 . ئامبۇر شەكىللىك مولتىمىتىر(钳式万用表) :


بۇ خىل مولتىمىتىر ئارقىلىق ، چوڭ توكلار مەسىلەن 200- 300 ئامپىرلىق توكلارنى ۋاستىلىق ھالدا توغرا ھەم قولاي ،تىز سۇرئەتتە ئۆلچىگىلى بولىدۇ ، بىخەتەر .

ئشلەش پىرىنسىپى : توك ئۆتىۋاتقان ئۆتكۇزگۇچنىڭ ئەتراپىدا ئېلېكتىر ماگىنىت مەيدانى ماۋجۇت (مەۋجۇت ، بىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرادىكى فىزىكا مۇشۇنداق دەيىتتى ، بىزمۇ بۇ مۇئەللىمگە XX ماۋجۇت دەپ لەقەم قويغانتۇق )، بۇ ئېلېكتىر مەيدانى ئۆتكۇزگۇچ ياكى سىم ئورامغا يولۇققاندا ، مەزكۇز ئۆتكۇزگۇچ ياكى سىم ئورامدا توك ھاسىل بولىدۇ ،خۇددىي تىرانسىفۇر ماتۇر (بىيەناچى 变压器) غا ئوخشاش ،