موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە غەربىي ئاسىياغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار

ئورنى Wikipedia

<<ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي ئاسىياغا كۆچۈشى مىلادى9- ئەسىردە باشلانغان. خەلىپە مەمۇن دەۋرىدە(813-833)باغداتقا كەلگەن بەزى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى مۇتەئەسىم دەۋرىدە(833-847) قۇرۇلغان سامېررا شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. شۇنىڭدىن باشلاپ غەربىي ئاسىيادا ئۇيغۇر سەنئىتى يىلتىز تارتىشقا باشلىغان. مىلادى 11- ئەسىردە تۇرپاندىن مانى دىنىدىكى بەزى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى غەزنەگە بارغان. بۇ غەزنەدە كېيىنكى Bold textۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىققان سەنئەت ئەسەرلىرىدىكى ئۇسلۇب ئوخشاشلىقىدىن مەلۇم بولدى. ئۇيغۇر رەسساملىقىنىڭ تەسىرى مىلادى 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەزنەۋىيلەرنىڭ لەشكەرى بازار سارىيىدىكى فرېسكلىرى بىلەن شۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سەلجۇقلارنىڭ رەيدىكى تام رەسىملىرىدە، بولۇپمۇ رەي ۋە كاشاندىكى پاقىراق كېسەكلەر بىلەن كاھىشلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ. مانىنىڭ «ئارژاڭ» دېگەن رەسىملىك كىتابىنىڭ مىلادى 1056- يىلى غەزنەدە تارقالغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەت بۇ ئۇسلۇب ئوخشاشلىقىنى دەلىللىمەكتە.

مىلادى 13- ئەسىردە موڭغۇللارنىڭ غەرپكە قىلغان يۈرۈشىدە ئۇيغۇرلار ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. ھەتتا تۇرپان، كۇچا، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھىلاكۇخاننىڭ قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ باردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سىياسىيونلار، ئالىملار، سەنئەتكارلار، زىيالىلار، كاتىپلار ۋە شائىرلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار غەربىي ئاسىيادا قۇرۇلغان موڭغۇل ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە ھەربىي ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.

ئىران چېگرىسىغا ھىلاكۇخان كېلىشتىن بۇرۇن خوراسان ۋە شەرقىي ئىران قاتارلىق جايلارغا ئۆگەدايخان ۋە موڭكىخانلار ئۇيغۇرلاردىن باش ۋالى تەيىنلەنگەن ئىدى. مىلادى 1222- يىلى چىڭگىزخان ئىلچىگىداي نوياننى ئەۋەتىپ، ھېراتنى قايتا ئىشغال قىلدى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە بىر قىسىم ئاھالىدىن باشقا زور كۆپچىلىك ئاھالىنى قىرىپ تاشلىدى. ئامان قالغان ھۈنەرۋەنلەر ۋە بىر قىسىم ئاھالە شەرققە كۆچۈرۈلدى. ئۇلاردىن 1000 ئائىلىگە يېقىن كىشىنى بەشبالىققا يەرلەشتۈرۈپ، بۇ يەردە توقۇمىچىلىق كارخانىسى قۇردى. چىڭگىزخاننىڭ قۇتلۇق ئەلشى ئىسىملىك خانىشىنىڭ سۇيۇرغاللىقىغا تەۋە بولغان بۇ كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ھېراتنىڭ بۇرۇنقى توقۇلما رەختلىرىگە ئوخشاش سىپتا بولمىغانلىقىنى كۆرگەن ئۆگەدايخان بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەكچى بولغان. بەشبالىقتىكى ھېراتلىقلاردىن ئىززەلدىن خاراۋى رەختلەرنىڭ سىپتا توقۇلىشى ئۈچۈن پاختىنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىنى، بۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان كىۋەزنى يېتۈشتۈرۈشكە بەشبالىقنىڭ ئىقلىمىنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۆگەدايخان مىلادى 1238- يىلى ئىززەلدىننى ھېراتلىق توقۇمۇچىلاردىن 50 ئائىلىلىك كىشىنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىنى ۋە بۇ سانائەتنى ئۇ يەردە راۋاژلاندۇرۇشنى بۇيرىغان. چىڭگىزخان ھېراتنى قايتا ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، خوراساننى مەملىكەتنىڭ دائىرىسىگە قوشماي «چېگرا بوشلۇقى»غا ئايلاندۇرغانلىقى ئۈچۈن مىلادى 1222-1237- يىللاردا ھېرات خارابىلىققا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بۇ قېتىم ئۆگەدايخان كىساكۆر دېگەن بىر ئۇيغۇرنى ھېراتقا دارۇغاچ(ھەربىي ۋالى)، ئىززەلدىننى مالىك (يەرلىك ئاھالىنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل مەمۇر)قىلىپ تەيىنلىگەن. بۇلار ھېراتتا ئالدى بىلەن سۇ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئوڭشىدى. بىر يىلدىن كېيىن يەنە بەشبالىقتىكى ھېراتلىقلاردىن 100 ئائىلىلىك كىشى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇلغان. بۇ چاغدا خارلىگ(يەنى قارلۇق)ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ھېراتقا دارۇغاچ، خارازىملىق شەرەفەددىن بىتىگچى، مەجدەلدىن مالىك بولۇپ تەيىنلەنگەن. بۇلار ھۇشك دەرۋازىسى يېنىغا نۇرغۇن بىنالارنى سالدۇرغان. خارلىگ ئېھتىمال بۇددىست بولسا كېرەك. ئۇ بۇ يەردە بىر بۇددا ئىبادەتخانىسىمۇ ياساتقان. تېمورىيلار دەۋرىدە ئاخىرقى تەرەققىياتىغا ئىرىشكەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يىراق شەرق سەنئىتى ھېراتتا دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يىلتىز تارتىشقا باشلىدى. ئۆگەدايخان ھېراتقا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئادەم كۆچۈردى. شۇ قاتاردا ئالمالىقتىن ئازارمى قول ئاستىدىكى ئادەملەر بىرلىكتە ھېراتقا كۆچۈرۈلگەن ئىدى. خارلىگ بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى جەرىكە مۇسۇلمانلارنى ياقتۇمايتتى. شۇڭا ئۇ ھېراتقا ئۆزلىرىگە ئوخشاش شەرقلىقلەرنىڭ يەنى بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلغان. مىلادى 1240-1241- يىللاردا ھېراتنىڭ ئاھالىسى 900 كىشىگە يەتكەن. خارلىگنىڭ ئىنىسى سۈكۈر ھېراتقا بىر مەزگىل بىتىگچى بولغان. خارلىگ ھېراتقا مىلادى 1258- يىلىغىچە 22 يىل دارۇغاچ بولدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە ھېرات قايتىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان.

خوراسان ۋە شەرقىي ئىران قاتارلىق جايلارغا موڭكىخان تەرىپىدىن باش ۋالى بولۇپ تەيىنلەنگەن چىن تۆمۈر(1231-1235)، كۆركۈز(1235-1242)ۋە ئارغۇن ئاكا(1243—1255)قاتارلىق ئۇيغۇر ۋالىلىرى دەۋرىدە ئۇيغۇر تىل – يېزىقى ئىراندا پارس تىل -- يېزىقى بىلەن تەڭ ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن. كۆركۈز چىڭگىز خاننىڭ ئوغۇللىرىغا ئۇستاز بولغان. ئۇ ئەسلىدە بۇددا دىنىگە ئېتىقاد قىلاتتى، كېيىن ئىسلام دىنىگە كىرگەن. ئارغۇن ئاكا يىتىشكەن خەتتات ۋە شائىر ئىدى. ئۇ ئىسلام دىنىغا بەكلا مايىل كىشى بولغاچقا، دائىم پارىس شائىرى شەيخ سەئىدى بىلەن سۆھبەتلىشىپ تۇراتتى. ئۇ ھاياتنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئۇنىڭ ئوغلى نەۋرۇز ئىلخانىيلار خانى غازانخان(1295-1304)نىڭ ئىسلام دىنىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولغان. ئىرانلىق تارىخچى راشىدىن (1274-1318)«جامىئۇتتەۋارىخ» دېگەن ئەسىرىدە ئىلخانىيلار خانى ھىلاكۇخان دەۋرىدە 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئىلىدىن ئايرىلىپ ئىراندا پوچتا -- ئالاقە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بىرىدۇ. ئىلخانىيلار خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ھىلاكۇخان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇيغۇر يېزىقى ئىلخانىيلار دەۋرىدىكى ئىران شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە زۇلپىقارغا ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئوخشىتىلغان. تارىخچى جۇۋەينىنىڭ ئىراندا ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ بىرىنجى ئورۇنغا قويۇلغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ تىل يېزىقنى ئۈگىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقىغا ئۆكۈنۈپ يازغان بايانلىرى موڭغۇل تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان تارىخشۇناسلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. ئۇ مۇنداق يازغان:«دۇنيانى ۋەيران قىلغان بۇ كۈرەشلەر نەتىجىسىدە مەدرىسلەر خاراپ بولدى، ئالىملار ئۆلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ ئالىم – ئۆلۈمالارنىڭ توپلانغان يېرى ۋە ئىلىمنىڭ ئوچىقى بولغان خوراسانمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولدى. بۇ يەردە قەلەم ساھىبى بولغان بۇيۈك شەخسلەرنىڭ ھەممىسى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلدى. ھايات قالغانلىرى ئۈچۈن بولسا ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئۈگىنىشتىن باشقا چارە قالمىدى». بۇ دەۋردە موڭغۇل خانلىرىنىڭ قوشنا دۆلەت بىلەن بولغان ھەربىي ئىشلىرىدىمۇ ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر داستانى «ئوغۇزنامە»مۇ ئىراندا ئۇيغۇر يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن. بۇ ھەر ھالدا راشىدىننىڭ ئۆز كىتابىغا كىرگۈزگەن «ئوغۇزنامە»نىڭ ئۇيغۇرچىسى بولسا كېرەك.

غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى توپ - توپ ھالدا رەي، قۇم ۋىلايەتلىرىگە، ئاناتولىيىتىدە بولسا قەيسەرى، كونيا ۋە قارامان قاتارلىق يەرلەرگە يەرلەشكەن. ھىلاكۇخان تەرىپىدىن ئاناتولىيىگە ئەۋەتىلگەن ئىلخانىيلارنىڭ تۇنجى ۋەكىلى تۈكلۈك باخشى دېگەن كىشىمۇ دەل ئۇيغۇرلاردىن چىققان باخشى(كاتىپ)ئىدى. ئاناتولىيىگە كەلگەن ھەر قانداق بىر بەگ ۋە نويانغا ئوخشاش تۈركلۈك باخشىنىڭ قول ئاستىدىمۇ ئۇيغۇرلار بار ئىدى. غەربىي ئاسىياغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپ قىسمى بۇددا دىنىغا ئىشىنەتتى. شۇڭا، ئۇيغۇرلار ھەر ۋاقىت بۇددىزمنىڭ ھەقىقي ۋەكىللىرى ھېساپلانغان. ھەتتا سۇلتان ۋەلەد كونيالىق تاجۈددىن ھۈسەيىنگە يازغان دېداكتىك بىر ماھىيەتتىكى شېئىرلىرىدە ئۇيغۇر سۆزىنى مۇسۇلمانلىققا زىت ۋە كاپىرلىق سىمۋولى سۈپىتىدە قوللانغان. بۇ ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئاناتولىيىگە يەنە چورماغۇن ۋە مەلىكشاھ دېگەن كىشىلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە تۇرپان، كۇچا ۋە قەشقەردىنمۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ۋە قارلۇقلار كەلگەن. خوتەندىن كەلگەن ۋە ئۇ يەردە بۇرۇنقى بىر يۇغرۇش(باش ۋەزىر)نەسلىدىن بولغان بىر ئائىلە نىگدەدە ۋالىلىك قىلغان. خوتەنلىك بىر قانچە ئۇيغۇر دىيابەكىردە ئامىل(مەمۇرى ۋە مالىيە ئەمەلدارى- باسقاق)ۋەزىپىسىگە قويۇلغان. قەشقەر، كۇچا ۋە خوتەندىن بارغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار موڭغۇل فۇتۇھاتىنى ئاناتولىيىنىڭ ۋە ئەزەربەيجاننىڭ يەرلىك تۈركلىرىگە تۇنۇتۇشتا ۋاسىتە بولغان بولسا كېرەك. چورماغۇن بىلەن بىرلىكتە كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇددىست ئىدى. بۇلارغا سارىجى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن قارا سۈدەر، سىنسى باخشى، ئالى باخشى(ئىسمىدىن قارىغاندا بۇ كىشى مۇسۇلمان بولسا كېرەك)ۋە ئالى باخشىنىڭ ئوغلى مىڭ ئىگەتمىش قاتارلىقلار قوماندان بولغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئاجاي، ئۇنىڭ ئوغلى تۇغرۇل ۋە سۇبۇكتاي قاتارلىقلار بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوماندان ۋە بەگلىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.

ھىلاكۇخاندىن كېيىن ئىلخانىيلارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان ئاباقان(1265-1282)دەۋرىدە ئىرانغا باش ۋالى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئەنگيانۇ ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇنىڭ ياردەمچىسى خوتەنلىك جالالىدىن بولسا تەقۋادار مۇسۇلمان ئىدى. ئاباقان دەۋرىدىكى ئۇيغۇر بېگى سۇبۇكتاينىڭ قىزى ئەشبەن خاتۇن مىسىردىكى مەملۈكلەر خانلىقىنىڭ خانى مەلىك ئۆز زاھىر كىلاۋۇنىڭ خانىشى بولۇپ، ئۇ موڭغۇل كىيىم فاسۇنىنى مىسىرگە ئېلىپ بارغان كىشىلەردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنۇلغان ئىدى. ئاباقان بۇددىست ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ھۆرمەت كۆرسەتكەن. ئەمما، خرىستىئانلارنىمۇ ھىمايە قىلغان. شىمالىي جۇڭگوغا جايلاشقان شەنشىدىكى توقتو دېگەن يەردە نېستۇرىيانلارنىڭ پاترىكى بولغان ئۇيغۇر راببان چائۇما بىلەن خانبالىقتىكى نېستۇرى پاترىكى ئۇيغۇر ماركۇس مىلادى 1275- يىلى ئىرانغا كەلگەن ۋە ئاباقاننىڭ رۇخسىتى بىلەن خوراساندىكى تۇس شەھىرىگە يېقىن بىر يەردە مۇناستىر قۇرغان.

ئەبۇ سەئىدخان دەۋرىدە(1316-1335)پۈتۈن ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەمىر چوپان مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئۇلۇس بېگى ئۇيغۇر ئىسەن قۇتلۇق نويان بولغاندا ئۇيغۇر ئەرتەنە بەگ ئاناتولىيىگە باش ۋالى بولدى. ئەسلىدە ئەمىر سەئىدنىڭ ئۇيغۇر نائىبى ئەمىر چوپان سۇلدۇزنىڭ ئوغلى تەمۇر تاش(1317-1327) رۇم ۋىلايىتى ئەمىر لەشكىرى ۋە باش ۋالىسى ئىدى. تەمۇر تاش مىلادى 1327-يىلى دادىسى ئۆلتۈرۈلگەندە ئەبۇ سەئىدقا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىسىرغا قېچىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئورنىغا قەيسەرىنىڭ ۋالىسى جەپەرنىڭ ئوغلى ئەرتەنە رۇم ۋىلايىتى(ئاناتولىيە)گە باش ۋالى بولدى. مىلادى 1335-يىلى ئەبۇ سەئىد ئالەمدىن ئۆتكەندە ئەرتەنە ئاناتولىيىدە مۇستەقىللىق ئىلان قىلىپ، ئەرتەنە خانلىقىنى قۇردى، ئۆزىنى «سۇلتان» ۋە «ئالائېددىن» دېگەن ئۈنۋاندا ئاتىدى. بۇ خانلىق1381- يىلىغا قەدەر 46 يىل ھۆكۈم سۈرگەن. ئەرتەنە مىلادى 1352- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن غىياسىدىن(1352-1365)، ئالائىددىن(1365-1380)، مۇھەممەد(1380- يىلى)ۋە قىلىچ ئارسلان(1380-1381)قاتارلىقلار تەختتە ئولتۇرغان. بۇ خانلىق ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىلدە زېمىنى پۈتۈن ئاناتولىيىگە كىڭەيگەن. ئەرتەنەنىڭ ئىنىسى تاخرەتەن بولسا تىمۇر ۋە يىلدىرىم بايازېد دەۋرىگە قەدەر ئەزەربەيجانغا ۋالى بولغان. رۇم ۋىلايىتىدە يەنە ئۇيغۇر بەگلىرىدىن تارىمتاي ۋە سەنەكتايلارمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

ئەرتەنە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن قەيسەرىگە دەپنە قىلىنغان. بۇ يەردىكى كىشلەر ئۇنى ئەرتانا دەپ ئاتىغان. ئۇ موڭغۇللارنىڭ رۇم – ئاناتولىيىگە تەيىنلىگەن باش ۋالىلىرى ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارنى توپلىغان ئىدى. ئۇ ئوغۇزلارغىمۇ ئېتىبار بىرىپ ئاناتولىيىدە بوزۇلغان مىللىي بىرلىكنى ۋە باراۋەرلىكنى يېڭىدىن قۇرغان. سۇلتان ئەرتەنە سىياسىي نوپۇزى كۈچلۈك بىر كىشى سۈپىتىدە تۇنۇلغاندىن سىرت، ساقال- بۇرۇتى شالاك ۋە ئىدارە قىلىشتا ئادىل كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن «كۇسا پەيغەمبەر»دەپ ئاتالغان ئىدى. لېكىن ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن تەختكە چىققان ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى خانلىقنى ياخشى ئىدارە قىلالمىغاچقا، ئاخىرى بۇ خانلىق كادى بۇرھانىدىن ئەھمەد تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. مۇھەممەد ئىبن شاباگارە ئەرتەنە توغرىسىدا:«ئەمىر ئەرتەنە ئەمىر سەئىدخاننىڭ يارلىقى بىلەن رۇم ۋىلايىتىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلەندى. ئەبۇ سەئىدخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇ مەملىكەتنى ئادالەت بىلەن ئىدارە قىلىپ، خەلقنى باياشاد قىلدى. شەرىئەتنىڭ كۈچىيىشىگە، سەييىد، ئۆلىما -- ئالىم ۋە ماشايىخلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە بەكلا ئەھمىيەت بەردى» دەيدۇ. مەشھۇر ئەرەپ ساياھەتچىسى ئىبن باتتۇتا ئەرتەنەنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئىرىشكەن. ئۇ ئەرتەنەنىڭ ئۆزى بىلەن ئەرەب تىلىدا سۆزلەشكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتكەن. ئەرتەنەنىڭ دەۋرداشلىرىدىن ھەلەبلىك نۇرىددىن ھەسەن «ئەرتەنە ئادىل، ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئېغىر بېسىق، ناھايىتى غەيرەتلىك ۋە جاسارەتلىك كىشى ئىدى. ئۇ ھەر قانداق كىشىگە خۇشخۇي مۇئامىلە قىلاتتى» دەپ يازغان. مىسىرلىق سالاھىددىن ساپادى ئەرتەنەنىڭ دىندار، ياخشىلىق قىلغۇچى، پاكىز، پەھرىزكار، ئالىم ۋە پازىللار بىلەن داۋاملىق ھۆھبەتلىشىپ تۇرىدىغان پەزىلەتلىك ئىنسان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بۇ ئىككى مۇئەللىپنىڭ ئەرتەنە ھەققىدە يازغان شېئىرلىرىمۇ بار.

غەربىي ئاسىيادا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن سۆز ئېچىلغاندا كازۋېن ئالاھىدە تىلغائېلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر تىل - يېزىقىدا شېئىر يېزىپ داڭق چىقارغان ئۇيغۇرئىدى. ئىلخانىيلار دەۋرىدە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى رەسساملىق ساھەسىدە ئاجايىپ كاتتا ئەسەرلەرنى ياراتتى. 13- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلخانىيلار تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر رەسساملىرى مىنياتۈر سەنئىتىدە يېڭى بىر پارلاق دەۋرنى ئاچتى. ئۇيغۇرلار مەراگا ۋەتەبرىز قاتارلىق يېڭى مەركەزلەردە مىنياتۈر سەنئىتىنىڭ يېڭى شاھ ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى. ئىلخانىيلارنىڭ ۋەزىرى راشىددىننىڭ «جامىئۇتتەۋارىخ» دېگەن ئەسىرىدىكى مىنياتۈرلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار سىزغان. شۇنىڭ بىلەن ئىران مىنياتۈر سەنئىتى ئىلخانىيلار دەۋرىدە ئوردىدا ئىشلىگەن ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ قولى بىلەن شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رەسساملىقىنىڭ تەسىرى ئاستىدا شەكىللىنىشكە باشلىدى. كېيىنكى دەۋرلەردە تۈرك رەسساملىرى بۇ ساھەدە چوڭ رول ئوينىدى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ تۈرتكىسىدە غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدا ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدا رەسىم سىزىش دولقۇنى ۋە دەۋرى شەكىللەنگەن. بۇنىڭدىن سىرت مىسىردىكى مەملۈك پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۇيغۇرچە بىلىدىغان كاتىپلار تۇرغۇزۇلغان. ئۇلار «قۇتادغۇ بىلىگ»نى ئەرەپ يېزىقىدا كۆچۈرگەن.

موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە غەربىي ئاسىياغاكۆچكەن بۇ ئۇيغۇرلاردىن خاتىرە سۈپىتىدە يەنە بەزى يەر – جاي ناملىرىمۇ ساقلىنىپ قالغان. ئاماسيادىكى «ئۇيغۇر»، ئەنقەردىكى «ئۇيغۇرجا»، مۇغلا تەۋەسىدىكى «ئۇيۇر» دېگەن رايون ۋە يېزا ناملىرى ۋە قەيسەرىدىكى ئاخىرى «سىن» سۆزى بىلەن ئاخىرلاشقان يېزا ناملىرىمۇشۇ ئۇيغۇرلاردىن قالغان توپونومىك ناملار ئىدى.>>