يۈسۈپ خاس ھاجىپ

From Wikipedia

Jump to: navigation, Izdash

Yusuphas hajip.jpg



يۈسۈپ خاس ھاجىپ(1019-1085)


قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم ، مۇتەپەككۇر ، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019-يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن . ئەدىب ئۆزىنىڭ "قۇتادغۇبىلىك " ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى ھىجىرىيە 462- يىلى ( مىلادىيە 1069-يىلى ) قەشقەردە يېزىپ ، ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان . قاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق ئۈنۋانى بېرىپ ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان . ئەدىب مىلادىيە 1085-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.


]