چاغانتوقاي ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
چاغانتوقاي ناھىيىسى

چاغانتوقاي ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تارباغاتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. چاغانتوقاينىڭ يەر مايدانى 6،090 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 50،000.

تارىخ[تەھرىرلەش]

چاغانتوقايدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 14 - يىلى (1888 - يىلى) تارباغاتاي دوتەي مەھكىمىسىگە قارايدىغان <ئوگىرداي> (موڭغۇلچە مىڭبېشى دېگەن مەنىدە) لىق تۈزۈمى ئورنىتىلغان. مىنگونىڭ 29 - يىلى (1940 - يىلى) چاغانتوقاي مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 31 - يىلى (1942 - يىلى) بۇ ئىدارە ناھىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ۋە تارباغاتاي ۋالى مەھكىمىسىگە، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

چاغانتوقاي ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربى، دۆربىلجىن دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپى تولى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى چۆچەك شەھىر بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبى تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 140 كىلومېتىر). شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 5.65 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 8.4906 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 1 بازار، 5 يېزا، 38 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 9 - شىسىنىڭ 1 - تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئارىلىقى 590 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدكى ئومۇمىي نوپۇسى 49 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 31.63% نى، خەنزۇلار 60% نى، باشقا مىللەتلەر 8.37% نى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ، جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس، شىمالىي قىسمى قۇمۇچ كۆل تىندۇرما تۈزلەڭلىكى، ئوتتۇرا قىسمى تاغ ئېتىكى تىندۇرما تۈزلەڭلىك، جەنۇبى تاغلىق، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون 78.8% نى، تۈزلەڭلىك 20.6% نى، سازلىق 0.6% نى ئىگىلەيدۇ. 24 دەرياسى بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 589 مىليون كۇب مېتىر تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 109 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، سۈلەيسۈن، بۇغا، ياۋا تۇڭگۇز، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقدىن سۇغىگۈل، يۇمران بۇغا مۇگڭۈزى، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، پەبۇت قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىرىدىن ھاكتاش، گىلائۇبېر تۇرزى قاتارلىقلار بار. چاغانتوقاي ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.5℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 35.9℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2840.2 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2905.4℃، قىروسىز مەزگىلى 148 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 275.9 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1872.6 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 23 مىڭ 100 گېكتار (347 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 18 مىڭ 700 گېكتار (280 مىڭ مو) ئورمانلىقى، 471 مىڭ 300 گېكتار (7 مىليون 7ىڭ مو) ئوتلىقى بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا چارۋا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىسىدىن قوي، ئات، كالا قاتارلىقلار بار. بۇلار ئىچىدە باشباي ياپما قۇيرۇق قوي ئەڭ داڭلىق. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، قىچا، زاراڭزا، گازىر تاۋۇز، كۆممىقوناق، ئاپتاپپەرەس، قىزىلچا، مېۋە - چېۋە، قوغۇن - تاۋۇز كۆكتات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، قەغەزچىلىك، سېمونت ئىشلەش، ھاراق ئىشلەش، كۆن - خۇرۇم، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، يەم - خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. چاغانتوقاي ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ئۇنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى 2 ئۆلكە تاشيولى ۋە 6 ناھىيە، يېزا تاشيولى ئۆزئارا تۇتىشىپ كەتكەن. 0002 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلغان، كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە ىسمىسىز چاقىرغۇلارمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىرلەش]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

تەربىيە[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

مائارىپ[تەھرىرلەش]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى