چىڭگىزخان داموللام

ئورنى Wikipedia

چىڭگىز داموللام، 1906–يىلى بۈگۈرنىڭ يېڭىسار يېزىسىدا موللا ھوشۇر داموللام ھاج ئىسىملىك دىنىي زاتنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئەسلى ئىسمى ئابدۇلئەزىز بولسىمۇ، خەلق ئارىسىدا «چىڭگىز داموللا» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان. 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدا ياشىغان ۋەتەن سۆيەر مەرىپەتپەرۋەر زاتلىرىمىزدىن بىرىدۇر.

چىڭگىز داموللام دەسلەپكى دىنىي مەلۇماتىنى بۈگۈر ۋە كۇچالاردا ئالغاندىن كېيىن، قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە بىر مەزگىل ئوقۇغان. ئاندىن 1925 يىلى ھىندىستانغا بېرىپ، ئاسىيا بويىچە ئەڭ داڭلىق مەدرىسە-دىيۇبەند مەدرىسىدە بىر يېرىم يىل ئوقۇغان.

1926 يىلى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، پاراخوت بىلەن قاھىرەگە قاراپ يولغا چىققان. قاھىرىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، 1927 يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ داڭلىق ئىلىم يۇرتى-ئەزھەر ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇشقا باشلىغان ۋە 1934–يىلى ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى ۋە ئىسلام تارىخى ساھەسى بويىچە ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملىغان. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىرىنچى فۇئاد ئۇنىۋېرسىتېتىدا (بۈگۈنكى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى) ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1939 يىلى مەككىگە بېرىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلغان.

چىڭگىزخان داموللام سەئۇدى ئەرەبىستاندا مەھمۇت سىجاڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياپۇنىيىگە بارغان.

ياپونىيە ھۆكۆمىتى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن ، مەھمۇت سىجاڭ ۋە چىڭگىزخان داموللامنى بىيجىڭغا ئورۇنلاشتۇرغان. مامۇت شىجاڭ 1944-يىلى بىيجڭدا ۋاپات بولغان. كېيىن چىڭگىزخان داموللام نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.

ئۇ، 1945–يىلى تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن بۈگۈرگە قايتىپ بارغان بولۇپ، شۇ يىللىرى قۇرۇلغان «بىرلەشمە ھۆكۈمەت»نىڭ كاتتىۋاشلىرى ئۇنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىشلار نازىرى، قوشۇمچە ئۈچ مەسلەك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قىلىپ تەيىنلىگەن.

چىڭگىز داموللام ئۈرۈمچىدىكى يىللىرىدا يەنە ئۆلكىلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ مەنىۋى تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئەينى زاماندىكى مىللەتچىلەرنىڭ نەشرى ئەپكارى بولغان «ئەرك» گېزىتى قاتارلىق گېزىتلەردە ماقالە يازغان. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىندە ئىسلام تارىخى ۋە دىنىي دەرس بەرگەن.

1949-يىلى 9-ئايدا چەتئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان چوڭ كارۋانغا قېتىلغان، بۇلاردىن بىر قىسمى چېگرادىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، چىڭگىزخان داموللام قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەر ئۆتەلمەي كوكارتتىن قايتىپ كەلگەن. چىڭگىزخان داموللام ۋەتەندە تۇرۇپ كۈرەش قىلىشنى ئەۋزەل كۆرۈپ قايتىپ كەتكەن دېگەن قاراشمۇ بار.

چىڭگىز داموللام 1950–يىلى قولغا ئېلىنغان. 1952-يىلى 2–ئاينىڭ 25 –كۈنى: «خەلق دۈشمىنى» دېگەن تۆھمەت بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە مەسئۇد ئەپەندى، قۇربان قوداي قاتارلىق ئىنقىلابچى، ئەدىبلەر بىلەن بىللە شېھىد قىلىنغان.

چىڭگىزخان داموللام قىسقىغىنە ھاياتىدا قان تەر سەرپ قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى»، «تىغ تۇركانى» (پارسچە)، «گۈزەل شەرقىي تۈركىستان»، «ئەركىن شەرقىي تۈركىستان»، «ئۇلۇغ شەرقىي تۈركىستان»، «گۈزەل شەرقىي تۈركىستان»، «تۈركچە تەجۋىد»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىسى»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىنتاكسىس قائىدىسى»، «شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامىيەت»، «تۈرك ئەدەبىيات تارىخى»، «شەرقىي تۈركىستان ئەل خالىدە» قاتارلىق 13 پارچە كىتاب يازغان بولۇپ، بۇلاردىن: «شەرقىي تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى»،«سەۋتۇل ۋىجدان (ۋىجدان ئاۋازى)»، «ئۇيغۇر سېنتاكىسىسىسى» ۋە «تىغ تۈركانى» قاتارلىق تۆت پارچە كىتابىلا نەشر قىلىنغان، قالغان كىتابلىرى نەشر قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەستىن يوقاپ كەتكەن.

ئايرىلمىسۇن[تەھرىرلەش]

ئابدۇلئەزىز مەخسۇم

1894-1982.8

مىللىتىم مىللىي ھەمىيەت شانىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم ھەق توغرا نىيەت جامىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم ساپ ئادىمىيەت سانىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم بىرلىك مەئىيەت يانىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم مەندىن ۋەسىيەت قانىدىن ئايرىلمىسۇن.

مىللىتىم ئىنسانىيەت مەيدانىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم ئىسلامىيەت ئىمانىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم ھەققانىيەت ۋىجدانىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم تۇرانىيەت ئۇنۋانىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم ھۆر ئافىيەت دەۋرانىدىن ئايرىلمىسۇن.

مىللىتىم ئەغيار ئۈچۈن ھېچ يول بىلەن ئالدانمىسۇن،

مىللىتىمنى ئۆزگىلەر مايمۇن قىلىپ قوللانمىسۇن،

مىللىتىم تارىخنى پاك ساقلىسۇن، بۇلغانمىسۇن،

مىللىتىم ھەرگىز بېقىندىلىق ئۈچۈن گوللانمىسۇن،

مىللىتىم ئەركىن ياشاش ئىمكانىدىن ئايرىلمىسۇن.

مىللىتم بىلسۇن ۋەتەننى، قەدرىنى خار ئەتمىسۇن،

بۇ مۇقەددەس جان ۋەتەن، جانانىنى زار ئەتمىسۇن،

باشقىلار ”بىزنىڭ“ دېگەن شۇم سۆزىگە ئىقرار ئەتمىسۇن،

”مۇشتەرىك دۆلەت“ دېگەن يالغاننى دەركار ئەتمىسۇن،

ئانا ۋەتەن شەرقىي تۈركىستانىدىن ئايرىلمىسۇن.

كىمگە مەنسۇپ، كىمگە ھەقلىق، كىمگە مىراس بۇ ۋەتەن،

ئەسلى-نەسلى قانى بىر، تۇغقان ئۇيۇشقان ئىزچىمەن،

شۈبھىسىز ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، تاجىك بىلەن،

بۇ ۋەتەن تۈرى ئۇرۇققا ئاتا مىراس چىمەن،

ئاتا مىراس چىمەن تۇرانىدىن ئايرىلمىسۇن.

نەقەدەر شانلى بۈيۈك ئەرلەر يېتىشتۈرگەن ۋەتەن،

ئەرلەر ئىچرە تۇرلى جەۋھەرلەر يېتىشتۈرگەن ۋەتەن،

شانۇ-شەۋكەت ئەھلى گۆھەرلەر يېتىشتۈرگەن ۋەتەن،

داھىي ۋە دانايى رەھبەرلەر يېتىشتۈرگەن ۋەتەن،

ئارسلان ۋە قەھرىمان ئوغلانىدىن ئايرىلمىسۇن.

بۇ ۋەتەن باغ ۋە گۈلىستانلار بىلەن تولغان چىمەن،

تاغۇ-تۈز مەيدانلىرى كۆركەم گۈزەل بولغان چىمەن،

كاتتا خىسلەت، زور پەزىلەتلەرگە ئورناشقان چىمەن،

يەر يۈزىنىڭ جەننىتى شانلى ئۇلۇغ تۇران چىمەن،

دائىما جەننەت نىشان بولغانىدىن ئايرىلمىسۇن.

ۋەخپە مۇتلەق بولمىسۇن ئەغيار ئۈچۈن ئالىي ۋەتەن،

شۇم ئاياقلەر ئاستىدا دەسسەلمىسۇن غالى ۋەتەن،

مۈستەقىل، مۇختەر ئۆتسۇن ھەر زامان ھالى ۋەتەن،

مىللىتىمگە خاس مىراس بولسۇن ئىقبالى ۋەتەن،

ئەركىن، ئازاد، بەختىيار تۇرغانىدىن ئايرىلمىسۇن.

مىللىتىم باشىنى ئايلاندۇرغۇسى ئەغيارىلەر،

قان سۈرتمەك بىرلە يۈرتمەك بولغۇسى مەككارىلەر،

شۇنىڭچىن تۈرلى تۇزاق، دام قۇرغۇسى ھەييارىلەر،

بەدنىيەت شۇم پىكىردە قوللانغۇچى ھەر چارىلەر،

مىللىتىم بايقاپ قەدەم باسقانىدىن ئايرىلمىسۇن.

ئەسلىتەر جەننەتنى دائىم ۋەتىنىم گۈلزارلىرى،

ھۆرى-غىلمانلەرنى ئەسلەتكەي چىمەن دىلدارلىرى،

باغۇ-بوستان، گۈل-گۈلىستانلار ئارا گۈلنارلىرى،

پەيزى رەھمەت، نازۇ-نېمەت، كىنىزدۇر ئەسرارلىرى،

جەننەتۇل فىردەۋىس مەيدانىدىن ئايرىلمىسۇن.

ۋەتىنىم تارىخى ئۈستۈن، قەدىرلىك ئوڭ-سوللىرى،

ئارسلانلار ئىزلىرى بىلەن چېنىققان يوللىرى،

قەھرىمانلار ئۈستىخانىدىن قۇرۇلغان ھۈللىرى،

كىمكى خائىن بۇ ۋەتەنگە قۇرۇسۇن پۇت-قوللىرى،

ئەركىن-ئازاد گۈللىنىش جەريانىدىن ئايرىلمىسۇن.

ئەسىرلەر غەپلەت-جاھالەتلەردە قالغان بولسىمۇ،

كۆز ئاچالماي جاھىلى نادانلىقتا ياتقان بولسىمۇ،

دەۋرلەردىن خارۇ-زارلىقلەرگە پاتقان بولسىمۇ،

كۆپ زامانلار زۇلمى-كۈلپەتلەرنى تارتقان بولسىمۇ،

ھەمدە پارلاق بەختلىك دەۋرانىدىن ئايرىلمىسۇن.

قولغا كەلمەس ئەرك مۈشۈكتەك تەلمۈرۈپ تۇرغان بىلەن،

قايتۇرۇپ بەرمەس بۇلاڭچى يالۋۇرۇپ سورىغان بىلەن،

بەخت ئىزدەپ كەلمىگەي ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغان بىلەن،

ئالدىنىپ قالماسلىق كېرەك ئالداپ ئۇمۇندۇرغان بىلەن،

ھەقنى ئۆز كۈچى بىلەن قولغا ئالغانىدىن ئايرىلمىسۇن.

ۋەتەن-مىللەتنى سۆيمەك ئەھلى ئىسلام شانىدۇر،

بۇ ھەقىقەت،بۇ ئادالەت تەڭرىنىڭ پەرمانىدۇر،

بۇ ئېنىق سىر شۈبھىسىز ھەققانىيەت مىزانىدۇر،

ئەسلى-نەسلى پاك، ۋىجدان ئەھلىنىڭ جانانىدۇر،

جانىدىن ئايرىلسۇن، لېكىن جانانىدىن ئايرىلمىسۇن.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]