ھاجەتتەپە ئۇنىۋرېستېتى

ئورنى Wikipedia

ھاجەتتەپە ئۇنىۋرېستېتى


تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بىرى بولغان ۋە ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلىدىغان ھاجەتتەپە ئۇنىۋرېستېتى

ئەنقەرەدىكى داڭلىق ھاجەتتەپە ئۇنىۋرېستېتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بىرى بولغان ۋە ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلىدىغان ھاجەتتەپە ئۇنىۋرېستېتى

تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يەرلىك ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرىستېتى، زامانىۋى دۇنيانىڭ ئىلغار ۋە خەلقئارا ئۆلچەمدىكى ئۇنىۋېرستېتلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشەلەيدىغان بىر ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر. ئىلىم – پەننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىلمىي، پەن - تېخنىكا ۋە سەنئەت جەھەتتىكى بىباھا بايلىق مەنبەسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىقتىدارلىق بىلىم ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى نىشان قىلغان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، تەتقىقات، مائارىپ ۋە تۈرلۈك خىزمەت ساھەلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆز زېممىسىگە يۈكلەنگەن مۇقەددەس بۇرچى ھېساپلايدۇ.

ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، تىرىشچان، ئەستايىدىل، كەشپىياتچان، يىراققا نەزەر تاشلىيالايدىغان ئاكادېمىكلىرى ئارقىلىق خەلقئارادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلارغا ئوخشاشلا خەلقئارا ئۆلچەمگە لايىق رەۋىشتە مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھاجەتتە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئۇل تېشى؛ 1954 – يىلى 2 – فېۋرال كۈنى قۇرۇلغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى مىدىتسىنا فاكولتېتىگە قاراشلىق بالىلار سالامەتلىكى بۆلۈمىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن سېلىنغان. كېيىنچە، 1957 – يىلى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى بالىلار سالامەتلىكى ئىنىستىتۇتى ۋە دوختۇرخانىسى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى قورۇسىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن. 1961 – يىلى ھاجەتتە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قۇرۇسىدا مىدىتسىنا تېخنىكىسى، فىزىكىلىق داۋالاش ۋە زەھەرسىزلەندۈرۈش (سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش) ساھەلىرىدە سەھىيە بىلىملىرى ئالىي تېخنىكومى، 1962 – يىلى ئائىلە ئىقتىسادىي ئالىي تېخنىكومى قۇرۇلغان. 1963 – يىلى بولسا قايتىدىن مىدىتسىنا ۋە سەھىيە بىلىملىرى فاكولتېتى قۇرۇلغان. كېيىنكى مەزگىللەردە، بۇ فاكولتېتقا قاراشلىق ئېغىز بوشلۇقى ئالىي تېخنىكومى قۇرۇلغان.

1965 – يىلى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنى بىلەن 1966 - يىلى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى مىدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغان. ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان مىدىتسىنا ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى مىدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى دوختۇرخانىسى 1967 – يىلى قۇرۇلۇپ رەسمىي خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن. شۇنداق قىلىپ، 1967 – يىلى 4 – ئىيۇل كۈنى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى رەسمى قۇرۇلىدۇ.

تۈركىيىدىكى داڭلىق ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن بىرى بولغان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، قۇرۇلغاندىن تارتىپلا ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىپ، شەھەرنىڭ مەركىزىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان مەكتەپ بىنالىرىدىن سىرت، ئىككىنچى قورۇسىنى ئەنقەرەدىن 17 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بەيتەپە رايونىغا قۇرىدۇ. ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ فاكولتېت، ئىنىستىتۇت ۋە ئالىي تېخنىكوملىرى سېھھىيە، بەيتەپە، بەشئەۋلەر، كەچىئۆرەن، پولاتلى ۋە بالا قاتارلىق 6 ئالىي مەكتەپ قورۇسى بار. ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بەيتەپە مەكتەپ قورۇسى، ئىلغار بىلىم ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بىر ئۇنىۋېرستېت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە دىققەت تارتىدۇ. ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ زامانىۋىي كۈتۈپخانىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى قامدايدىغان ئىجتىمائىي مۇئەسسەسەلىرى، زامانىۋىي ياتاقلىرى ۋە باشقا خىزمەت مۇئەسسەسەلەرى، ھەمدە بەيتەپە مەكتەپ قورۇسى قانچە مىڭلىغان يەرلىك ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا زامانغا لايىق ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكتە.

2009 – يىلى ئېتىبارى بىلەن، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئاپپاراتلىرى؛ 13 فاكولتېت، 3 ئالىي تېخنىكوم، 3 كەسپىي ئالىي تېخنىكوم، 1 سەنئەت مەكتىپى، 13 ئىنىستىتۇت ۋە 35 تەتقىقات مەركىزىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

2009 – يىلى ئېتىبارى بىلەن، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ 3670 نەپەر ئوقۇتقۇچى خادىملىرى ۋە 26398 ئوقۇغۇچىسى بار.

ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر ئۇنىۋېرستېت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلمىي، پەن- تېخنىكا ۋە سەنئەت ساھەلىرىدە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دۇنيانىڭ تەرەققى قىلىشىغا زور تۆھپە قوشماقتا.

خەلقئارا ئۆلچەمگە لايىق رەۋىشتە ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە تۈۈكچە، ئىنگىلىزچە، فرانسوزچە، نېمىسچە قاتارلىق تىللاردا مائارىپ خىزمىتى ئېلىپ بارماقتا. مائارىپ ساھەسىدە ھەر قانداق بىر شەخسنىڭ بىلىم، مەدەنىيەت – سەنئەت ۋە پەن – تېخنىكا ساھەلىرىدە ئۆزى خالىغانچە ئوقۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن قۇرۇلغان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، خەلقئارا بىلىم دۇنياسىدىكى ئىلغار مائارىپ خىزمىتى ئارقىلىق ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدىغان بىر ئالىي مائارىپ ئاپپاراتىدۇر. مىسىتسىنا فاكولتېتى، ئېغىز بوشلۇقى فاكولتېتىدىن ئىنژىنىرلىق فاكولتېتىغا، سەنئەت فاكولتېتىدىن خەۋەرلىشىش فاكولتېتىغا قەدەر ھەر خىل ۋە ئىلغار سەۋىيىدىكى فاكولتېتلارغا ئىگە بولغان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى ھەققىدە www.hacettepe.edu.tr ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ۋە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز.

ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى گراژدانلىرىغا مائارىپ ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش جەھەتتىن خىزمەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرۇلغاندىن تارتىپلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكتە. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئىلغار سەۋىيىدە ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى؛ تىل، تارىخ، جەمئىيەتشۇناسلىق، پەلسەپە، تۈركشۇناسلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرستېتلاردىن بىرىدۇر.

ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى گىراژدانلىرىنىڭ ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش جەھەتتىن زامانغا لايىق رەۋىشتە ۋە ئىلغار سەۋىيىدە بىلىم ئالالىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر مائارىپ ئورگىنىدۇر. ئىلغار، كەشپىياتچان ۋە تاللانغان ئىلىم ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش بىلەن بىرگە يەنە، بىلىم، سەنئەت، مەدەنىيەت ۋە تېكنولوگىيە ساھەلىرىدىمۇ ئىلغار سەۋىيىدە ئوقۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى، تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن بىلىم ۋە تېكنولوگىيە جەھەتتىن تەرەققى قىلىشنى نىشان قىلغان.

ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، ئۆز ساھەسىدە ئالاھىدە نوپۇزغا ئىگە مىدىتسىنا ئۇنىۋېرستېتىدىن سىرت يەنە، ھەر خىل كەسپلەر بويىچە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان فاكولتېتلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتىغا قاراشلىق ئەنقەرە شەھرىنىڭ بەشەۋلەر رايونىدا ئۆزىگە ئائىت زامانىۋى بىناسىدا مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سەنئەت مەكتىپى، مۇزىكا ساھەسىدە تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن بىرىدۇر.