ھىلمى زىيا ئۈلكەن

ئورنى Wikipedia

پروفېسسور ھىلمى زىيا ئۈلكەن

ھاياتى[تەھرىرلەش]

( 1974-1901)

ھىلمى زىيا ئۈلكەن ــ تۈرك پەلىسەپەسى، جەمئىيەتشۇناسلىقى، پىسخولوگىيىسى، پەلسەپە تارىخى، مەنتىق تارىخى، ئىسلام پەلسەپەسى، تۈرك ـ ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى، ھازىرقى زامان تۈرك ئىدېئولوگىيىسى، بىلىم پەلسەپەسى ۋە مائارىپ پەلسەپەسى قاتارلىق ساھەلەردە كۆپلىگەن ئەسەر يازغان، بولۇپمۇ، تۈرك ئىدېئولوگىيە تارىخى تەتقىقاتىدا ئەڭ چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان كىشىدۇر.


ھىلمى زىيا ئۈلكەن 1901 ـ يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى خىمىيە ئالىمى، دوكتور مۇھەممەد زىيا ئۈلكەن ئەپەندى، ئانىسى (قازانلىق مۇدەررىس كەرىم ھەزرەتنىڭ نەۋرىسى) مۈشفىقە ئۈلكەننىڭ ئوغلىدۇر. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن كېيىن (1918)، «مۈلكىيە مەكتىپى»نى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ھىلمى زىيا ئۈلكەن، 1921 ـ يىلى «ئىستانبۇل دارۇلفۇنۇنى»نىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتېتىغا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى (جۇغراپىيە دەرسى ئۈچۈن) لىققا تەيىنلەندى.

پەلسەپە پاكۇلتېتىدىن ئەخلاق، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە پەلسەپە تارىخى دەرسلىرىدىن گۇۋاھنامە ئالدى. 1924 ـ يىلى بۇرسا ئوتتۇرا مەكتىپىگە جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ تەيىنلەندى. شۇ يىلى ئەنقەرە ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكىلىپ، تارىخ ۋە جۇغراپىيە دەرسى بەردى. 1925 ـ يىلى مائارىپ نازارىتىنىڭ تەرجىمە ھەيئىتىگە ئەزا بولۇپ كىردى. بىر تەرەپتىن، ئوقۇتقۇچىلىقنىمۇ داۋاملاشتۇردى.

ئۇندىن كېيىن، ئىستانبۇل «چاپا مۇئەللىمە مەكتىپى»دە تارىخ ۋە پىسخولوگىيە دەرسلىرىگە كىردى، ئاندىن «ئوغۇللار ئوتتۇرا مەكتىپى»دە پەلسەپە دەرسى ئۆتتى. 1933 ـ يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئۇنىۋېرسىتېت ئىسلاھاتىغىچە «ئوقۇتقۇچىلار مەكتىپى»، «گالاتا ساراي ئوتتۇرا مەكتىپى» ۋە «قاباتاش ئوتتۇرا مەكتىپى» قاتارلىق مەكتەپلەردە پەلسەپە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق دەرسلىرىگە كىردى.

ئىسلاھاتتىن كېيىن، «ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى» ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى پەلسەپە پاكۇلتېتى تۈرك مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇۋەققەت ھەيئىتىگە «كاندىدات پروفېسسور» سۈپىتى بىلەن قېتىلدى ۋە بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بېرلىنغا ئەۋەتىلدى.

1941 ـ يىلىغىچە «ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى»دە، دوتسېنت سۈپىتى بىلەن تۈرك ئىدېئولوگىيە تارىخى دەرسى ئۆتكەن ھىلمى زىيا ئۈلكەن، ئۇ يىلى، پەلسەپە پاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئەرنىست ۋون ئاستەر ۋە پروفېسسور دوكتور شەرافەتتىن يالتقايانىڭ تەكلىپى بىلەن پروفېسسورلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشتى.

شۇندىن باشلاپ، ئىسلام پەلسەپەسى، جەمئىيەتشۇناسلىق دەرسلىرىنى بېرىشكە باشلىدى. 1944 ـ يىلى مائارىپ نازارىتى پەلسەپە دەرسىنى ئايرىم بۆلۈم قىلىپ قۇرۇپ، ئۇنى بۆلۈم باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى. ئۇندىن باشقا، «ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى»دە سەنئەت تارىخى دەرسىگە كىردى. 1949 ـ يىلى، يېڭى قۇرۇلغان «ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى» ئىلاھىيەت (دىن) ئىنىستىتۇتىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىدى. 1957 ـ يىلى ئوردىناريۇس پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. (ئوردىناريۇس پروفېسسورلۇقى ــ تۈركىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە بەش يىلدىن يۇقىرى دەرس ئۆتۈش سىتاژىغا ئىگە، مول تەجرىبىلىك پروفېسسورلارغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان بولۇپ، بۇ ئۇنۋان 1960 ـ يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.)

1960 ـ يىل 5 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، 1960 ـ يىل 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى «مىللىي بىرلىك كومىتېتى» تەرىپىدىن چىقىرىلغان 114 ـ نۇمۇرلۇق قارارغا بىنائەن، پەلسەپە بۆلۈمىدىكى ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلاندى. 1962 ـ يىلى، بۇ قارار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئىستانبۇلغا قايتمىدى ۋە 1962 ـ يىل 8 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى «ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى»دىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، «ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى» ئىلاھىيەت (دىن) ئىنىستىتۇتىغا ئورۇنلاشتى. 1968 ـ يىلى قۇرۇلغان مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا قوشۇمچە مائارىپ پەلسەپەسى دەرسى ئۆتتى. 1971 ـ يىلى پىنسىيە يېشىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىلاھىيەت ئىنىستىتۇتىدىكى ۋەزىپىسىنى (پارلامېنت قارارى بىلەن) 1973 ـ يىلىغىچە داۋاملاشتۇردى.

پائالىيتى[تەھرىرلەش]

ھىلمى زىيا ئۈلكەننىڭ نەشر ۋە كەسپىي تەشكىلات ھاياتى بەكمۇ كەڭ بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن چىقىشقا باشلىغان «مىھرالى» ۋە «ئانادولۇ» (يەنى ئاناتولىيە) ژۇرناللىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «مۇئەللىملەر بىرلىكى» تەرىپىدىن چىقىرىلغان «مۇئەللىملەر بىرلىكى» ناملىق ژۇرنالدىمۇ خىزمەت قىلدى. 1928 ـ يىلى مۇھەممەد سەرۋەت بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەدىكى پەيلاسوپلارنىڭ تۇنجى كەسپىي تەشكىلاتى «تۈرك پەلسەپە جەمئىيىتى»نى قۇردى ۋە بۇ جەمئىيەتنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىيەت مەجمۇئەسى» ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى. بۇ جەمئىيەتنىڭ 1932 ـ ۋە 1943 ـ يىللىرى قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن كىشىلەردىن بىرى ئىدى. ئۇ يەنە 1949 ـ يىلى «جەمئىيەتشۇناسلىق جەمئىيىتى»نى قۇردى.

1930 ـ يىللىرى، تۈركىيەدە تۈرك مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئۇلى ھەققىدە ئىزدىنىش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ھەتتا يارىتىش دولقۇنى يۇقىرى پەللىگە چىققانىدى. «تۈرك تارىخى تەتقىقاتى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىلمى زىيا ئۈلكەن، 1933 ـ يىلدىكى ئۇنۋېرسىتېت ئىسلاھاتىدىن كېيىن، «تۈرك تەپەككۇر تارىخى» ناملىق ئىككى توملۇق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بۇ كىتابنى كۆرگەندىن كېيىن، «گالاتا ساراي ئوتتۇرا مەكتىپى»نىڭ پەلسەپە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئوقۇتقۇچىسى ھىلمى زىيا ئۈلكەننى ئەنقەرەگە دەۋەت قىلدى. ئاتاتۈرك ئۇنىڭغا يېڭى قۇرۇلماقچى بولغان ئۇنىۋېرسىتىتتا (ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى) بۇ تېمىدا دەرس ئۆتىدىغانلىقىنى، بىلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن چەتئەلگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېڭى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەلسەپە پاكۇلتېتى تۈرك مەدەنىيىتى تارىخى بۆلۈمىگە يۆتكەلگەن ھىلمى زىيا ئۈلكەن، بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن گېرمانىيەگە ئەۋەتىلدى. گېرمانىيەدىن دوتسېنتلىق ئۇنۋانى بىلەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ بۆلۈمنىڭ غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ بىر تەرەپتىن، بۇ بۆلۈمدە خىزمەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىۋېرسىتېت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەھمىيەتلىك ۋە پايدىلىق پائالىيەتلەرگە پائال قاتناشتى. مەسىلەن، جەمئىيەتشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «جەمئىيەتشۇناسلىق ژۇرنىلى»نىڭ 1941 ـ 1960 ـ يىللىرى ئارىسىدا توختاۋسىز نەشر قىلىنىشىغا كۆپ كۈچ چىقاردى. مەكتەپ سىرتىدا بولسا، «ئىنسان» ژۇرنىلىنى نەشىر قىلدۇردى (1938 ـ دىن 1943 ـ يىلغىچە).

1933 ـ يىلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئىسلاھاتىدىن بۇرۇن، «ئىستانبۇل دارۇلفۇنۇن» پەلسەپە پاكۇلتېتىدا «ئىسلام پەلسەپەسى» گۇرۇپپىسى بار بولۇپ، بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان دەرسلەرنى ئىسمائىل ھەققى ئىزمىرلى ئۆتەتتى. ئىسلاھاتتىن كېيىن، مەدرىسىلەرنىڭ تەسىرىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا كونا پەلسەپە پاكۇلتېتلىرىدىكى مېتافىزىك چۈشەنچىسى چىقىرىپ تاشلانغانىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى پەلسەپە پاكۇلتېتلىرىنىڭ بۆلۈملىرى ئارىسىدا «ئىسلام پەلسەپەسى»گە ئوخشاش بۆلۈملەرگە ئورۇن تەگمىگەنىدى. ئەمما 1938 ـ يىلى، بۆلۈم باشلىقى ئەرنىست ۋون ئاستەر، ئومۇمىي پەلسەپەنىڭ بىر تارمىقى بولغان «ئىسلام پەلسەپەسى»گە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قاراپ، ھىلمى زىيانى بۇ دەرسلەرنى ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. شۇ ئارقىلىق، پەلسەپە پاكۇلتېتلىرىدا «ئىسلام پەلسەپەسى» دەرسى قايتا ئوقۇتۇلۇشقا باشلىدى.

ھىلمى زىيا ئۈلكەن، پەلسەپەۋىي چۈشەنچىسىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا بىر ـ بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ئېقىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. ئۇ، 1930 ـ يىللارنىڭ باشلىرىدا، سپىنوزانىڭ «ئاشق ئەخلاقى ۋە ئىنسانىي ۋەتەنپەرۋەرلىك» ناملىق ئەسىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، «كۆپلۈكتە بىرلىك چۈشەنچىسى»نىڭ ئۇلىنى سېلىشقا تىرىشتى. 1933 ـ يىلىدىكى ئىسلاھاتتىن كېيىن، رېچىنباچنىڭ تەسىرى بىلەن ئىلمىي پەلسەپەگە قىزىقىشقا باشلىدى ۋە «ۋىئانا مەكتىپى»نىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان مورتىزنىڭ «ئىلىم ۋە پەلسەپە» ناملىق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلدى. «پەلسەپە يىللىقى» ژۇرنىلىنىڭ ئىسلاھاتتىن كېيىن چىققان ئىككىنچى سانىدىمۇ شۇ مەزمۇندىكى تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى.

1940 ـ يىللىرى، «20 ـ ئەسىرنىڭ پەيلاسوپلىرى» ناملىق ئەسىرىدە رېچىنباچ ۋە يېڭى ئېقىمنى تونۇشتۇرغان ھىلمى زىيا ئۈلكەن، «ئۈلكۈ» ژۇرنىلىنىڭ 1943 ـ يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلغان «پەيلاسوپ ۋە فىلولوگ» ناملىق ماقالىسىدىمۇ ئۆزىنىڭ نېمىس پەيلاسوپى رېچىنباچتىن ئىلھاملانغانلىقىنى ئوچۇق نامايەن قىلغانىدى. ئۇ، تۈركىيەدە پەلسەپەۋىي ئاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن «پەيلاسوپ بىلەن فىلولوگ بىردۇر» دەپ قارالماسلىقى كېرەكلىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، پەيلاسوپلارنىڭ پەلسەپە تارىخى ۋە فىلولوگىيىلىك ئىزدىنىشلارغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇنىڭچە، پەيلاسوپ ئۆز دەۋرىنىڭ بارلىق ئىلمىنى تولۇق ئىگەللەپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىش ئاساسىدا تاكاممۇللىشىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، پەلسەپەۋى مەسىلىلەر پۈتۈنلەي تەبىئىي ئىلىملەردىن كېلىپ چىقىۋاتاتتى. تۈرك پەيلاسوپلىرى بولسا، تەبىئىي پەن ئىلىملىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز بولۇپ، قۇرۇق گەپ قىلىدىغان «سەپسەتىچىلەر» ئىدى. ئۇنىڭچە، تۈركىيەدە «ھەقىقىي پەلسەپە ھەرىكىتى» پەقەت بىلىم بىلەن پەلسەپە ئارىسىدىكى ئايرىمچىلىق يوقىتىلغاندىلا ئاندىن ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ، شۇ زامانلاردا نەشر قىلغان «ئىنسان» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە، ئۆزىنىڭ ماتېرىيالىزم ۋە ھەتتا سوتسىيالىزمغا بولغان مايىللىقىنى ئىپادىلىگەن بولسا، 1948 ـ يىلىغا كەلگەندە، بۇ پىكرىدىن پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈپ «تارىخىي ماتېريالىزمغا رەددىيە» ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەسىرىدە، ھېگەلدىن ئايرىلىپ، پلاتون تەرەپكە ئۆتكەن ھىلمى زىيا ئۈلكەن، ئامىستېردامدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا پەلسەپە يىغىنى»غا سۇنغان «مەۋجۇداتنىڭ ئىككى يۈزى» ماۋزۇلۇق دوكلاتى ۋە ئۇندىن كېيىن يازغان «پەلسەپەگە كىرىش»، «ئىلىم ۋە ئۆلچەم»، «مەۋجۇدات ۋە بارلىق» ناملىق ئەسەرلىرىدە، پلاتوننىڭ «دىياد» ئۇقۇمىدىكى مەۋجۇدىيەت ئىلمى ۋە بىلىم ئىلمىنىڭ تەپسىلاتىنى ئەمەس، بەلكى ھۇسسەرل ـــ نىڭ تەسۋىرى ئۇسلۇبىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ ئەسەرلىرىدە قىممەت ساھەسىدىكى «مەۋھۇم مەۋجۇدىيەت» بىلەن بىرلىشىش ئارقىلىق مەۋجۇدىيەت، ئىلىم ۋە قىممەت ساھەلىرىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئىككى قۇتۇپلىشىشتىن ھالقىغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ ساھەگە تەۋە بولغان «ھەقىقەت»كە تايانماي تۇرۇپ، ئىلىم ۋە مەۋجۇدىيەت ساھەلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. مانا بۇلاردىن، ئۇنىڭ ناتۇرالىست ۋە ماتېريالىست رامكىسى ئىچىدىكى كۆز قاراشلىرىدىن ئاستا ـ ئاستا ئىدىئالىست مېتافىزىككە يۈزلىنىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ باشقىلارنىڭ پىكىر ۋە كۆز قارىشىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىۋەتمەستىن، ئۆزىگە خاس ئىزدىنىش روھى بىلەن كۆزىتىپ، نامۇۋاپىقلىرىنى شاللايتتى ۋە ئۆزىنىڭ پىكىر ـ چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىرىشاتتى.

ھىلمى زىيا ئۈلكەننىڭ تۈركىيەدىكى تەسىر دائىرىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ پەلسەپە تارىخى ۋە ئىسلام پەلسەپەسى تارىخى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇ تۈرك ـ ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى ۋە غەربلىشىشتىن كېيىنكى تۈرك ئىدېئولوگىيىسى تارىخى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلىرىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك مۇشۇ تېما ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلىگەن ۋە رىغبەتلەندۈرگەنىدى.

ئۇنىڭ «ئىستانبۇل دارۇلفۇنۇنى»دا ۋە «ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى»دا (ئىلاھىيەت (دىن) ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر) دەرس ئۆتۈشى، ئىسلام پەلسەپەسى ۋە تۈرك ـ ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى ئاساسىدا ئىسلام پەلسەپەسى تارىخى تەتقىقاتىنىڭ يېڭىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن ئۇل سالغانىدى. ھىلمى زىيا ئۈلكەن، پاكۇلتېت بۆلۈملىرى ئارىسىدا ئىسلام پەلىسەپەسى بۆلۈمىنىڭ تەسىس قىلىنىشىدا، «پاكۇلتېتنى ئىلمىي دانالىق بىلەن كۈچلەندۈرۈش» مەقسىتىدە كونا ۋە يېڭى دەۋر پەلسەپە تارىخى، سىستېمىلىق پەلسەپە، مەنتىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىققا ئوخشاش دەرسلەرنىڭ ئاساسىي دەرسلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى، ئىلاھىيەت (دىن) پاكۇلتېتلىرىدا پەلسەپە دەرسلىكىنىڭ رەسمىيلىشىشىدىكى مۇھىم شەخس دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

«ئىجتىمائىيەت ھەققىدە ئىپتىدائىي مەلۇمات» (1924).

«ئومۇمىي روھىيەت» (1928).

«پەلسەپە دەرسلىرى» (بىلىم ۋە ۋۇجۇد نەزىرىيىلىرى) (1928).

«ئاشق ئەخلاقى» (1931)، «ئومۇمىي ئىجتىمائىيەت» (1931 ـ يىل 2 ـ نەشرى).

«تۈرك تەپەككۇر تارىخى» 2 توم (1932 ـ 1933).

«ئىنسانىي ۋەتەنپەرۋەرلىك» (1933).

«ئىجتىمائىي پەلسەپە تەنقىدلىرى» (1933).

«تۈرك پەيلاسوپلىرىدىن تەرمىلەر» (1935).

«ئويغىنىش دەۋرىدە تەرجىمىنىڭ رولى» (1935).

«تۈرك ـــــــ تەتقىقاتىغا كىرىش» (1935).

«20 ـ ئەسىر پەيلاسوپلىرى» (1936).

«پرىنسىپ مەسىلىسى ۋە دىئالىكىت» (1938).

«فارابى» (1940).

«تۈرك تارىخىدا مەزھەپ توقۇنۇشلىرى» (1940).

«ئىجتىمائىي پرىنسىپلار تارىخى» (1940).

«ئىبنى خەلدۇن» (1941).

«پوچتا يولى» (رومان، 1941).

«شەيتان بىلەن سۆھبەت» (رومان، 1941).

«مەنتىق تارىخى» (1942).

«زىيا گۆكئالپ» (1942).

«دىنىي جەمئىيەتشۇناسلىق» (1943).

«رەسىم ۋە جەمئىيەت» (1943).

«يېرىم ئادەم» (رومان، 1943).

«يەھۇدىي مەسلىسى» (1944).

«مىللەتنىڭ ئويغىنىشى» (1945).

«ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى: تۈرك تەپەككۇر تارىخى تەتقىقاتىغا كىرىش» (1946).

«ئەخلاق» (1946).

«تەسەۋۋۇر ۋە پىسخولوگىيە» (1946).

«ئىسلام مەدەنىيىتىدە تەرجىمىلەر ۋە تەسىرلىرى» (1947).

«مىللەت ۋە تارىخ ئېڭى» (1948).

«ئىسلام سەنئىتى» (1948).

«فارابى تەتقىقاتلىرى» (1950).

«تارىخىي ماتېريالىزمغا رەددىيە» (1951).

«ئىبنى رۇشد» (1951).

«ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىگە كىرىش» (1954).

«جەمئىيەتشۇناسلىق مەسىلىلىرى» (1955).

«دۇنيادا ۋە تۈركىيەدە جەمئىيەتشۇناسلىق دەرسلىرى ۋە تەتقىقاتلار» (1956).

«تۆرىلىش ۋە جەمئىيەت» (1957).

«ئىبنى سىنا» (1957).

«ئىسلام پەلسەپەسى تارىخى» (1957).

«پەلىسەپەگە كىرىش» (1957 ـ 1958).

«سىياسى پارتىيەلەر ۋە سوتسىيالىزم» (1963).

«بىلىم ۋە قىممەت» (1965).

«قىممەت، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت» (1965).

«تۈركىيەدە زامانىۋىي ئىدېئولوگىيە تارىخى» (1966).

«مائارىپ پەلسەپەسى» (1967).

«ئىسلام پەلسەپەسى» (1967).

«مەۋجۇدىيەت ۋە بارلىق» (1968).

«ئىلىم پەلسەپەسى» (1969).

«جەمئىيەتشۇناسلىق لۇغىتى» (1970).

«ئومۇمىي پەلسەپە دەرسلىرى» (1972).

تەرجىمە ئەسەرلىرى:

«ئىلمىي زىھنىيەت» (گ. بېچلارد، 1934).

«ئىلىم ۋە پەلسەپە» (م. سچىلك، 1934).

«مېتافىزىك» (ئارىستوتىل، 1935).

«لوگىكىلىق پرىنسىپلار ۋە زامانداش تەنقىد» (د. رېماند، 1942).

«تەبىئەت قانۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى ھەققىدە» (ئپ. بوتروكس، 1947).

«ئىبنى سىنا رىسالىلىرى» (1954).

پايدىلانغان ماتېرىياللار[تەھرىرلەش]

  1. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى