ھەپتە

ئورنى Wikipedia

كەنجئاي [kencay] (ھەپتە) — كالىندار ھېسابىدا دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە، شەنبە، يەكشەنبىدىن ئىبارەت يەتتە كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تەكرارلىنىدىغان ۋاقىت بىرلىكىنىڭ نامى، بىر ھەپتە يەتتە كۈن بولىدۇ.

ئەجدادلىرىمىز يەتتە كۈننى بىر ھەپتە قىلىپ، ھەر بىر كۈنگە بىردىن يۇلتۇزنىڭ نامىنى قويۇپ ۋاقىت خاتىرىلىگەن. مەسىلەن:

1. ساقان [saqan] — دۈشەنبە (زۇھەل، ساتۇرىن يۇلتۇزى)؛ سەكەنتۇر، سەكەنتىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

2. ئوڭاي [oñay] — سەيشەنبە (ئوڭاي يۇلتۇزى يەنە ئۇيغۇرچىدا ئەرەنتىر، قاراقۇش دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان؛ مۇشتەرى، يۇپىتىر يۇلتۇزى).

3. قۇرت [qurt] — چارشەنبە (مېرىخ، مارس يۇلتۇزى)؛ قۇرت — بۆرىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى، قەدىمكىلەر بۆرىنى ئۇلۇغلىغاچقا ۋە ئۇنىڭدىن قورققاچقا، ئۇنىڭ نامىنى بىۋاستە ئاتىماستىن، ئۇنى قۇرت دەيتتى، بۆرە ئۆلتۈرسە، قۇرۇت ئۆلتۈردۈم دەيتتى؛ قۇرۇت، كۇرۇت، كۇرۇد دېگەندەك تەلەپپۇزلىرى بار.

4. قۇياش [quyaş] — پەيشەنبە (قۇياش؛ كۈن).

5. سەۋىت [sevit] — جۈمە (زۆھرە، چولپان، ۋېنېرا يۇلتۇزى).

6. ئاتارۇت [atarut] — شەنبە (ئارزۇ، مېركورى يۇلتۇزى).

7. يالچىق [yalçiq] — يەكشەنبە (ئاي، ئاي شارى).


ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بىر ھەپتىنى يەتتە كۈنگە بۆلۈپ، ئۇلارنى، باش كۈن (دۈشەنبە)، بوش كۈن (سەيشەنبە)، سوڭ كۈن (چارشەنبە)، كىچاتنا كۈن (پەيشەنبە)، ئاتنا كۈن (ئازنا-جۈمە)، ئاتناراس (شەنبە)، پازار كۈن (يەكشەنبە) دەپ ئاتىغان.