.توك (توك ئېقىمى)
ئورنى Wikipedia
توك (توك ئېقىمى)
توك (توك ئېقىمى) زەرەتلەرنىڭ تۆنۈلۈشلىك يۆتكىلىشى توك (توك ئېقىمى ) دېيىلىدۇ . توك ئادەتتە I بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . توك مۇقىم توك ۋە ئۆزىگىرىشچان توك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ .
توكنىڭ چوڭ كىچىكلىكى يۆنىلىش ۋە ۋاقتقا ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدىغان توك مۇقىم توك دېيىلىدۇ . مەسلەن، بىز ئىشلىتىدىغان باتارىيەدىن چىققان توك. توكنىڭ چوڭ كىچىكلىكى يۆنىلىش ۋە ۋاقتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان توك ئۆزگىرىشچەن توك دېيىلىدۇ ،مەسلەن:
يول بويلىرىدىكى توك سىملىرىدا ئېقىۋاتقان توك . توكنىڭ بىرلىكى ئامپىر A , يەنە mA ,uA قاتارلىق بىرلىكلىرى بار . 1A=1000mA ,1mA=1000uA .
توكنى ئامپىرمېتىر ئارقىلىق ئۆلچەشكە بولىدۇ ، ئۆلچىگەن چاغدا ئامپىرمېتىر توك يولىغا ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىدۇ .