2.ئىزدىنىش سەپىرى

ئورنى Wikipedia

ئامېرىكىدا ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ باشلىغان ئېنگىلىزچەم بىر مەزگىللىك قىزغىنلىقتىن كېيىن توختاپ قالدى. ماڭا تىل ئۆگىنىش تولىمۇ تەس كېلىۋاتاتتى. ئېنگىلىزچە بىر سۆز ئۆگەنسەم كاللامدا شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلار بايرام قىلاتتى. تىل ئۆگىنىش ئادەتتە قۇرۇق يادىلاش ۋە دوراش جەريانى بولغاچقا مېنىڭ ئويچان تەبئىتىم بىلەن ھىچ سىغىشالمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭدەك يات شەھەردە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان « سەن كىم؟»،«ئۇيغۇر قانداق خەلق ئىدى، بۈگۈنى قانداق، ئەتىسىچۇ؟، ئۇيغۇرنىڭ توپراقلىرى قايەردە ئېدى، قايەردە بولار؟» دېگەندەك يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە سۇئاللار، مەقسەتلىك ۋە مەقسەتسىز قىزىقىشلار مېنى كىتابلار ۋە تەگسىز خياللارغا غەرق قىلاتتى. بەزىدە پۈرۈشكەن ئاغىزلار، ئالايغان كۆزلەر، نەپرەتلىك سۆزلەردىن تېمىۋاتقان « يانچۇقچى، ئوغرى، مەينەت كاۋاپچى، مەرىپەتسىز ياۋايى، نومۇسسىز كەلگۈندى» دېگەندەك مەنىدىكى زەھەرلەر مېنى چەكسىز، ئازاپلىق سۇئاللارغا چۈمدۈرگەن ئېدى. بەزىدە بەكلا گەۋدىلىك ئۇيغۇرغا خاس چىرايىمدىن بىزار بولغانلىقىمنىمۇ يوشۇرمايمەن. ھەتتا ئاپتوبۇسقا چىققاندا «مۇشۇ خەق ئوغرى دەپ قالمىسۇن » دېگەن ئەندىشىدە يوغان خەنسۇچە كىتاب كۆتۈرىۋالاتتىم ھەم ئىككى قولۇمنى تۇتقۇچتىن ئالمايتتىم.( كېيىن بۇ ئادەتنىڭ مەندىلا ئەمەس ئىچكىرىدە ئوقۇغان 90-يىللاردىكى خېلى كۆپ دوستلاردا مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى بايقىدىم) . مۇشۇنداق سۇئاللار ۋە مۇئامىلىلەر ماڭا ھاياتىم ۋە ئىستىقبالىمنىڭ ئۆزۈم مەنسۇپ بولغان خەلق بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇرۇپ تۇراتتى.

مەن ئالى مەكتەپكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ئۇنۋېرىستىتتا ئوقۇش مەقسەد ئەمەس بىر ۋاستە دەپ ئويلايتتىم. ئالىم مەكتەپكە قاراپ سەپەرگە چىققاندا بىر ساۋاقدىشىم ”ئۈچ يىللىق مەكتەپتە ئوقۇپلا خىزمەتكە چىقىدىغان ئىشنى قىلغۇم بارتى، بەش يىللىق مەكتەپكەن“ دەپ ئاغىرىنىپ بەرگەندە تاڭ قالغانتىم. بېيجىڭغا كەلگەندە ئەلا ئوقۇپ يۇرتۇمدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن ئاقارتىشقا قاتنىشىمەن، دەپ ئويلايتتىم. ئەمما مېنىڭ ئون بىر يىل بىلىم دەپ ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ پەقەتلا بىر ئىدولوگىيە ئۈچۈن بولغانلىقىنى بايقىغىنىمدا قارارىمدىن شۈبھىلەندىم. ئالى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرى تەييارلىۋالغان كۆنسىپىكلىرىنى يادلىتىشلىرى، شۇنچە يۇقۇرى نومۇر بىلەن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ نېمە ئوقۇۋاتقىنىدىن ئەمەس پەقەت بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقىنىدىنلا پەخىرلىنىشى مېنى ئويغا سالاتتى. بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ بېيجىڭدا ئۇيغۇر ھەققىدە بەزىدە ئاڭلىق بەزىدە ئاڭسىز نۇرغۇن خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ يۈرىشى ماڭا مۇشۇنداق بوغۇنلارنى ئۆز يۇرتىدىلا تەربىيەلەشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى. بىر ئىش پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىر كۈنى مەركىزىي مالىيە ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئۈرۈمچىلىك خەنسۇ بالا مەكتىپىدە تاياق يەپ بىزنىڭ خوشنا ياتاققا يارىدەم سوراپ كەپتۇ. بىزنىڭ ”قەھرىمان“ بالىلار توپلۇشۇپ بېرىپ شۇ نانقېپىغا بولۇشۇپ باشقىلارنى ئۇرۇپ سوقۇپ كەلدى، ۋە پايدىسىغا ھاراق ئىچىشتى. شەرقى شىمال ئۇنۋېرىستىتىنى تۈگەتكەن بىر يۇرتدېشىمنىڭ دەپ بېرىشىچە مەكتىپىدە كىم ”ئۇيغۇردىن دوستۇم بار“ دېسە باشقىلار چېقىلالماسمىش. بىرىنجى يىلى يازلىق تەتىلدە يۇرتقا قايتقىنىمدا بىر سورۇندا مەن ئوقۇغان مەكتەپنى بېيجىڭلىقلارنىڭ « ئىككىنجى ھايۋاناتلار باغچىسى» دەيدىغانلىقى ھەققىدە پاراڭ بولدى. مەن بۇ گەپنى قىلغان بېيجىڭلىقلاردىنلا ئەمەس شۇ گەپنى ھېجىيىپ تۇرپ ھىچ خورلۇق ھىس قىلماستىن ماڭا شۇلارنى دوراپ دەۋاتقان قېرىنداشلىرىمدىن نەپرەتلەندىم.

نەزەر خوجا ئۇيغۇر بالىسى 1913- يىلدىكى بىر خاتىرىسىدە ” خەلقىمىزنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى چەنتۇ دەپ ئاتاشتىن ئۇيالمايدۇ“ دېگەنىكەن. خىيالىمدا توقسان نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۆزىنى خەق قويغان ھاقارەتلىك نام بىلەن ئاتاشتىن ئۇيالمىغان ئۇيغۇر بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپنى ”ھايۋاناتلار باغچىسى“ غا ئوخشۇتۇپ كالچاراۋاتقان بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئوپمۇ ئوخشاش تۇراتتى. ئەڭ ھەيران قالارلىقى ئۇيغۇر بالىسى تەسۋىرلىگەن ئۇيغۇر تەربىيەسىز قالغانلىقتىن شۇنداق دېگەن بولسا بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان تۇرۇپ شۇ گەپنى دەۋاتاتتى. بەزىدە بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىم «ئۇيغۇرلار مەرىپەتسىز، قالاق » دېسە ھاراق ئىچىپ مۇش كۆتۈرەتتىيۇ، قالاق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگىدەك تارىخىي بىلىمدىن ساۋاتسىز ئېدى. بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پىداكار مۇئەللىملەرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە رىغبىتى بىلەن « ئۇيغۇرشۇناسلىق ئەنجۈمەنى» ئىسىملىك بىر ئىلمىي مۇنبەرنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق. ئىككى ھەپتىدە بىر چاقىرىلىدىغان ئەنجۈمەن شۇنداق قىزغىن داۋاملاشقان بولۇپ ھەر قېتىمقى لېكسىيەدە سىنىپقا بالىلار پاتماي قالاتتى. بۇندىن باشقا ھەر يىللىق نورۇزنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمى ۋە 1995-يىلغىچە داۋام قىلغان « تەڭرىتاغ لوڭقىسى» تەنھەركەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق بېيجىدىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار ئارىسىدا مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ، ئىستىقبالنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە تەپەككۇر ئويغانغانىدى. ئۆز ساھەلىرىدە ئۇتۇق قازانغان دوكتۇر، مۇتەخەسىسلەردىن ئىلھام توختى، زەپەر ئابلىز، كۆرەش ئىبراھىم، راھىلە داۋۇت، ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇرەئوپ پولات، لېتىپ توختى، مەترېھىم سايىت قاتارلىقلارنىڭ ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى نەتىجىسىدە ساۋاقداشلىرىمىزدا قانداق ئۆگىنىشىنى، قانداق ياشاشنى ۋە قانداق چېنىقىشنى بىلىش ھەققدىكى چۈشەنچە ۋە تەجرىبىلەر تارقىتىلغان ئىدى. مەن شۇ چاغدا ئاتوم پىزىكىسى ئالىمى كۆرەش ئىبراھىمغا ئەگىشىپ ئاپتوبۇس بېكىتىگىچە ئۇزۇتۇپ چىققان نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ كەيپىياتىدىن ئۈلگىنىڭ چوقۇم كۆز ئالدىمىزدىكى كىشىلەردىن، ئۆزىمزىدىن چىقىشىنىڭ نەقەدەر موھىملىقىنى ھىس قىلغانىدىم.

مىجەزىم شۇ بولسا كېرەك، بىر نەرسىنى ئۆزەم بىلەر بىلمەي باشقىلارغا دەپ بېرىشكە، ئۆگىتىپ قويۇشقا ئالدىرايتتىم. نەتىجىدە چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە ۋاقىت يېتىشتۈرەلمەيتتىم. بەلكىم بۇ ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان پىسخىك ئىھتىياج – ھۆرمەتلىنىش ئىھتىياجى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. ۋەياكى مېنىڭ بىر ئاكام دېگەندەك ياخشىلىق قىلىش پىشانەمگە يېزىلغاندۇ. بەزەن شۇ چاغدا قۇرۇق ئاۋارە بولغاندەك ئويلاپ قالىمەن. ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلارنىڭ مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن. مەسىلە قانداقتۇر شۇ چاغدا مەن ئېقىمغا ئەگىشىپ قاقشىغاندەك مىللتىمىزنىڭ ”ئەيپلىرى“ بىلەن مۇناسىۋەتسىزكەن. سىياسەتنىڭ زورى بىلەن قوبۇل قىلىنغان، ئىقتىسادىي نەپ تۈپەيلى مەكتەپتىن ئاسانلىقچى قوغلانمايدىغان، ”ئىتىبار“ تۈپەيلى تۈزۈكرەك دەرسمۇ ئورۇنلاشتۇرلمايدىغان ستۇدېنت قايسى مىللەت بولمىسۇن ”بۇزۇلىدىكەن“. ئالى مەكتەپتە ئۆزەم مەنىسىنى ۋە زۆرۈرىيىتىنى ھىس قىلىپ قىلغان ئىنگىلىزچە ئۆگىتىش، ئۇيۇشما قۇرۇش، لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ كىملەرگە، قانچىلىك بەركەت ۋە ئۈنۈم ئاتا قىلغانلىقىدىن بىخەۋەر قالدىم، لېكىن بېيجىڭدىكى داۋانلاردا__ ئەنجۈمەنلەردە، مۇسابىقەلەردە ۋە يىغىلىشلاردا مېنى يالغۇز قويمىغان ۋە يار يۆلەكتە بولغان دوستلارنى دائىم سېغىنىمەن. ئۇلارسىز بۇ مۈشكۈل سەپەردە ھاراتتىم. شۇ چاغدا ھەمسەپەر بولغان دوستلارنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى مۇشەققەتلىك مۇساپىدە يەنە يېنىمدا بولۇشىنى ئارمان قىلىپ قالىمەن.

بېيجىڭدا ئېنگىلىزچىنى شۇنچە پۇل خەجلەپ مۇشەققەتتە ئۆگەندىم لېكىن ئۆزەم رازى بولغۇدەك سەۋىيەگە يېتەلمىدىم. ئۆزەم ئالاقىگە خوشسىز بولغاچ بۇ تىلدا راۋان سۆزلەشنى ئۆگىنەلمىدىم، تىلنىڭ يۇقۇرقى بىرىنجى ئۆتكىلدىن ئۆتەلمىگەچ ئۆزەم ئامراق كىتاب ئوقۇش باسقۇچىغا يېتەلمىدىم. بۇ جەياندا شۇنى ھىس قىلدىمكى، مەندەك ئالاقىگە پەمسىز ۋە خوشسىز ئادەمنىڭ تىل ئۆگەنمىكى مۈشكۈلكەن. بەزىدە چەتئەلگە توغرىسى ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش ھەققىدىكى ئىرادەم دائىم تەۋرىنىپ تۇراتتى. بەلكىم مېنىڭ تەقدىرىم شۇ بولسا كېرەك، مەن دائىم ھاياتنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئويلۇنۇپ قالاتتىم ۋە قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ ئەھمىيىتىدىن توختىماي شۈبھىلىنەتتىم. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدا ”سوڧىنىڭ دۇنياسى“ (بۇ كىتاپنى 2000-يىللاردا داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى) دېگەن كىتاب بازارلىق بولدى. كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پەلەسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ كىتابىدا غەرپ پەلەسەپىسىنى ھىكايەلەشتۈرۈپ بىر يىپقا تىزىپ چىقانىدى. شۇ چاغدا بىزگە مەھمۇد كاشغەرىدىن تارتىپ تەجەللىگىچە بولغان تەۋەرۈكلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن تەپسىلى ئۆگىتىلەتتى، ئەمما مەزمۇنى ھەققىدە كۆپ سۆزلەنمەيتتى. ئوقۇغان مەزمۇندىن بەھىر ئالالمىغاچقىمۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ بەزىلىرى توغرىسى بۇ دەرسلەرگە ئۆچ ئېدى.

بىر قېتىم قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەرسىدە مۇئەللىم، تۇرپاندا 1912 يىللاردا بىر دېھقاننىڭ نەچچە ھارۋا قەدىمكى قول يازمىنى ”كاپىر قالماقلارنىڭ بىر نەرسىسى ئىكەن“ دەپ سۇغا ئېقىتىۋەتكەنلىكىنى ئېچىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى. دەرس تۈگەپ ياتاققا قايتقاندا بىر ساۋاقدېشىم ”ئەجەپمۇ ياخشى قىلغانىكەن شۇ دېھقان، بولمىسا ئۆگىنىپ ئاۋارە بولاتتۇق “ دېۋىدى باشقا ساۋاقداشلىرىممۇ تەستىقلاشتى. دەسلەپتە نېمە دېيىشىمنى ئۇقالمىدىم، ئاندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ قالدىم، مەنچە قەدىمكى ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە يېشەلىگەن بولساق مۇنداق بىزارلىق بولمايتتى. ماڭا ”سوفىنىڭ دۇنياسى“ تېپىلماس ئىلھام بولۇپ شۇنداق بىر كىتاب يېزىش پىكىرى تۇغۇلدى. تارىختىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى قىزىقارلىق شەكىلدە بىر يىپقا تىزىپ چىقىشنى خىيال قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئۇنۋېرىستىتقا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا تىزىملاتتىم.

بۇ ئىش ماڭا چەتئەلدە ئوقۇشتىنمۇ موھىم بىلىندى. گەرچە شۇ قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولساممۇ شۇ چاغدا چىڭىغان ئىرادە قەشقەرنىڭ بىر كەنتىدە خەنسۇ سېكرتارغا تەرجىمانلىق قىلىۋېتىپمۇ، ساۋاتسىز كەنت مۇدىرىغا كاتىپىلىق قىلىۋېتىپمۇ سۇنمىدى. بېيجىڭ داۋانلىرىدا چېنىققان روھ بىزنى يېزا شۇجىسىنىڭ گەنسۇ تەلەپپۇزىدا ۋارقىراشلىرىغا باش ئەگدۈرمىدى، تىللاشلىرىدىن ئازات قىلدى. دوست بۇرادەرلەر خىزمەتنى تاشلىغىنىمدىن ھەيران قېلىشتى،« ھىچ ئىش تاپالمىسام بېيجىڭغا قايتىپ كاۋاپچىلىق قىلىمەن!» دېگەن سۆزۈمنى ئۇلار پايانسىز سۈكۈتلىرىگە سىڭدۈرىۋېتىشتى، چۈنكى ئۇلار سىتۇدېنت بىلەن كاۋاپچىنىڭ پەرقلىق تەبىقىگە مەنسۇپلىقى تەكىتلىنىدىغان موھىتتا تەربىيەلەنگەن ئېدى. ئۇلارنىڭ كاللىسىدا كادىر، ئىشچى، دېھقان، تىجارەتچىدىن ئىبارەت پولات قاتلام شەكىللەنگەن بولۇپ تىز پۈكۈپ كادىر بولۇشنى تىك تۇرۇپ كاۋاپچىلىق قىلىشتىن ئەلا بىلەتتى. بىر دوستۇمنىڭ يارىدىمىدە يۇرتۇمدا تۇنجى ئىگىلىز تىلى كۇرسىنى ئاچقىمىندا سىنىپىمغا ئادەم پاتمىدى،كەلگەنلەرنى تىزىملاپ ئۈلگۈرەلمىدىم. ئوقۇرمەنلىرىمگە مەلۇم بولغايكى، بۇ قوش تىلللىق مائارىپ بويۇنتۇرۇققا ئايلانغان 2000-يىللار ئەمەس 90-يىللار ئېدى. مەن سىنىپقا سىغماي ئولتۇرۇشقان قارا كۆز، قارا قاشلاردىن كەلگۈسىنى، ئۈمىدنى كۆردۈم، مىللەت ئومۇمىيۈزلۈك ئىنكار قىلىنىۋاتقان ئۇ چاغلاردا شۇ كىچىككىنە ئۈمىد ئۇچقۇنى قىممىتىمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسى بولدى.


ئالدىنقى: 3. رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا

كـىيىنكى: 1.خاتىرەمدىكى ئامېرىكا