Pichan nahiyisi

ئورنى Wikipedia

Pichan nahiysi Xinjiang Uyghur aptunum rayoni da'irisi ichidiki bir nahiye bulup memuri jehettin Turpan wilayititige qaraydu. Pichanning yer maydani 39,548 kuwadirat kilometer bolup 2002-yildiki sitatiskiga asaslanganda , uning nupusi 210,000.

تارىخ[تەھرىر]

پىچان خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئالدىنقى قانقىل قەبىلىسى زېمىنىنىڭ شەرقىي قىسمى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئاستانە ئايمىقىنىڭ لۈكچۈن ۋە پىچان ناھىيىسىگە تەۋە بولغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇر ؟خانلىقىغا قاراشلىق بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە رۇقچاققا قاراپ، يۈز بېشى مەمۇرىي ئەمەلدارى دارۇغاچنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى لۈكچۈن دەپ ئۆزگەرتىلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭ جىڭ 5 - يىلى (1727 - يىلى) پىچان بازىرى قۇرۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) پىچان خان ئامبىلى قويۇلغان. چىچەنلۇڭ 36 - يىلى (1771 - يىلى) پىچان تەپتىش بېگى قويۇلغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28 - يىلكى (1902 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنىپ، پىچاننىڭ خەنزۇچە نامى شەنشەنگە ئۆزگەتىلگەن ۋە تۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو مەزگىلىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر دوتەي مەھكىمىسىگە، ئۈرۈمچى ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋالىي مەھكىمىسىگە، ئاپتونوم رايون ھاۋالە قىلغان تۇرپان مەركىزىي ناھىيىسىگە ۋە قۇمۇل ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

پىچان ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىي بۆلىكى، بۇغدا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى قۇمۇل شەھىرىگە، غەربىيى تۇرپان شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبىي تەرىپى چاقىلىق ناھىيىسىگە، لوپنۇر ناھىيىسىگە، شىمالىي تەرىپى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن گۇچۇڭ ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 190 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 250 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 38 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا 5 بازار، 5 يېزا، 81 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكىنى قېردىرىپ تەكشۈرۈش - ئېچىش قوماندانلىق شىتابى، گېئولوگىيە - قېزىلما بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى 1 - گېئولوگىيە ئەترىتى، شىنجاڭ قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە تەتقىقات ئورنى بار، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 277 كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيىنىڭ 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 187 مىڭ 100، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 67.63% نى، خەنزۇلار 27.24% نى، باشقا مىللەتلەر 5.13% نى تەشكىل قىلىدۇ. 1975 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتىگە قارىغان. يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، شەرق،جەنۇب، شىمال تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، تەڭرىتاغ تىزمىسىدىكى بۇغدا تېغى ناھىيە تەۋەسىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. تاغ يېرى 7.8% نى، تۈزلەڭلىك 8.1% نى، قۇم - چۆل 84.1% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە تەڭرى تېغى ۋە يالقۇنتاغدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسىدا 6 دەريا بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 238 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 480 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ياۋا تۆگە، سايگاڭ بۆكۈنى، قوڭۇر ئېيىق قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قانتېپەر، سوغىگۈل، چاكاندا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس، ماگنىي، بېنتونىت، ناترىيىلىق سېلىترا، گىلائۇبېر تۇزى، مەرمەر تاش، كرىستال قاتارلىقلار بار. پىچان ناھىيىسى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 44.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 126.5 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 3112.4 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 4518.1℃، قىروسىز مەزگىلى 263 كۈن. ئوتتۇرىچە يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 25.2 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2727.0 مىللىمېتىر كېلىدۇ. بۇ ناھىيە ئىقتىسادىي زىرائەتنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 14 مىڭ 300 گېكتار (215 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 5300 گېكتار (79 مىڭ 500 مو) ئورمان، 312 مىڭ گېكتار (4 مىليون 680 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە 30 مىڭ گېكتار (450 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 3300 گېكتار (50 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. ئىقتىسادىي زىرائەتتىن كېۋەز، ئۈزۈم، قوغۇننى ئاساس قىلىدۇ. قوغۇن ماكانى ھېسابلىنىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قۇناق قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ. چارۋىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن قېزىلماي بايلىق قېزىش، مېتال تاۋلاش، ئانئورگانىك تۇز - خىمىيە سانائىتى، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈر، يېمەكلىك سانائىتى قاتارلىقلار بار. پىچان ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى بىرقەدەر ياخشى. دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 - لىنىيىسى ، لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزا تاشيوللىرى گىرەلىشىپ تۇتىشىپ كەتكەن. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىك كابىلى تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. 3600 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ پۈتۈن مەملىكىتىمىز بىلەن تورلاشتۇرۇلغان. كۆچمە تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىمەكتە.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

تەربىيە[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن يەتتە قىز مازىرى، تويۇق مىڭ ئۆيى، پىچان دۆڭ بازىرى چوڭ مەسچىتى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى