باراك ئوباما

ئورنى Wikipedia
44. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرىزدېنتى باراك ئوباما

باراك ھۈسەيىن ئوباما (ئىنگ: Barack Hussein Obama)، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ 44. دەۋلەت رەئىسى. 1961-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي شىتاتىنىڭ مەركىزى ھونولۇلۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

ئاتىسى كىنىيەلىك، ئانىسى كانزاس ئىشتاتىدىن. ئۇلار ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تونۇشقان. دادىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن، ئوبامانى ئانىسى كىچىكىدىن باشلاپ باققان. ئوباما ئىككى ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن. ئالتە ياش ۋاقتىدا ئوباما ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۆگەي دادىسى بىلەن ھىندونېزىيەدە تۇرمۇش كەچۈرگەن.

تۆت يىلدىن كېيىن، ئوباما ھاۋايغا قايتىپ كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ كالىفورنىيە ئىشتاتى غەرب ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئىككى يىلدىن كېيىن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئالمىشىپ كەتكەن.

1983-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپىي بويىچە باكالاۋۇرلىق ئۇنۋانى ئالغان. 1985-يىلى ئۇ چىكاكوغا كېلىپ مەھەللە خىزمىتى ئىشلىگەن. 1988-يىلى ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1991-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، چىكاكودىكى بىر ئادۇكاتخانىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. ئوباما دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1996-، 1998-، 2002-يىللىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئۈچ قېتىم ئىللىنوئىس ئىشتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 2004-يىلى پارلامېنت سايلىمىدا ئوباما قوشما شىتات پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان، قوشما شىتاتنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولغان مەزگىلىدە ئۇ مۇنتىزىم قۇراللارنى كونترول قىلىش توغرىسىدىكى لايىھە، قوشما شىتات فوندىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئامما نازارەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، سايلام ئالدامچىلىقى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يادرو تېررورلۇقى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى بىر يۈرۈش لايىھەلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان. ئۇ يەنە شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان. 2007-يىلى 2-ئايدا ئوباما پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە «ئىسلاھات» تېمىسى بىلەن ئىراق ئۇرۇشىنى ئاياقلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيەدە ئۆزىنى تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، باجنى ئازايتىش سىياسىتىنى توختىتىش، داۋالاش سۇغۇرتىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكىتلىگەن ھەمدە پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقئارادا قايتىدىن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا پىرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ 56-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان ھەمدە ئامېرىكا تارىخىدىكى ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان تۇنجى پىرېزىدېنتقا ئايلانغان. 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوباما رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان. 2009-يىلى10-ئاينىڭ 9-كۈنى نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى 2009-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئوباماغا بېرىپ، ئۇنىڭ «خەلقئارا دىپلوماتىيە ۋە خەلق ئارىسىدىكى ھەمكارلىق»نى كۈچەيتىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تەقدىرلىگەن. 2009-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، ئوباما جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان. ئۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ بىر يىل ئىچىدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى. ئوبامانىڭ «دادامدىن كەلگەن ئارزۇ »، «قورقماس ئۈمىد: ئامېرىكا چۈشىنى قايتا تەكىتلەش» ناملىق ئەسەرلىرى بار. «دادامدىن كەلگەن ئارزۇ » دېگەن ئەسەر ئوبامانىڭ تەرجىمىھالى بولۇپ، 1995-يىلى تۇنجى قېتىم نەشىردىن چىققان. «قورقماس ئۈمىد: ئامېرىكا چۈشىنى قايتا تەكىتلەش» 2006-يىلى نەشىردىن چىققان، ئاساسلىقى ئوبامانىڭ سىياسىي غايىسى ۋە كۆز قاراشلىرى تونۇشتۇرۇلغان. ئوباما 1992-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ساۋاقدىشى مىچىل روبىنسۇن بىلەن توي قىلغان، ھازىر ئىككى قىزى بار.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]