سامساق

ئورنى Wikipedia
سامساق

سامساق گۈلسامساق ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى ئوتتۇرا ئاسىيا بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپلەپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سامساق
تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئاسىيانىڭ غەربى ئىگىزلىكلىرى، ھازىرقى خېنەن ، شەندۇڭ ، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەر دە ئۆستۈرۈلىدۇ .
تىپى ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى گۈلسامساق تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى پىياز ئۇرۇقدىشى
ئېنگلىزچە: Garlic
ئاددى خەنچە يېزىلىشى 大蒜
تەۋەلىكى ئۆسۈمۈلكلەر دۇنياسى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى گۈلسامساق ئائىلىسى
تۈرى سامساق

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ھىندىستان تامىل نادۇدىكى ياۋا سامساق

    سامساق گۈلسامساق ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق ئۆسۈملۈك  بولۇپ ، يىلتىزى ساقالسىمان چاچما يىلتىز بولۇپ، ھەقىقىي غولى ياپىلاق ھەم يۇمىلاق تەخسىسىمان غولدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا 8 ~13 تالغىچە يوپۇرماق ئۆسىدىغان بولۇپ، يوپۇرمىقى ياپىلاق ھەم تار تاسمىسىمان كېلىدۇ. يوپۇرماق غىلىپى ئورىلىپ كانايسىمان يالغان غولنى شەكىللەندۈرىدۇ. سامساقنىڭ تەڭگىچە غولى سامساق چىشى(تىلىمچىلىرى) دىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئوزۇقلۇق زاپاس ساقلاش ۋە كۆپىيىش ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ.

تۈرى ۋە تىپى[تەھرىرلەش]

سامساقنىڭ سورتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، سامساق چىشلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ چوڭ چىشلىق سامساق ۋە كىچىك چىشلىق سامساق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى سامساق بېشى ئېلىشقا ماس كېلىدىغان بولۇپ، تەمى ئاچچىق، مەھسۇلاتى يۇقىرى بولىدۇ؛ كېيىنكىسى سامساق مايسىسى ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان بولۇپ، يېشىل كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. داڭلىق لياۋنىڭ سامسىقىنىڭ ئەڭ چوڭ سامساق بېشى  200 گرام ئەتراپىدا كېلىدىكەن. خاتىرىلىنىشىچە، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ خىل سامساق داڭلىق كۆكتات ئورنىدا ئوردىغا سوۋغا قىلىنىدىكەن.

ئىشلىتلىشى[تەھرىرلەش]

ئاسما سامساق

 بۇنىڭدىن  5000 يىللار ئىلگىرىلا قەدىمكى مىسىر ۋە رىملىقلار سامساق يېسە كېسەل داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىغا، شۇنىڭدەك ئادەمنى ساغلام ھەم باتۇر قىلىپ يېتىلدۈرىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەن. قەدىمكى يۇناندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارغا روھلاندۇرۇش دورىسى(ستىمۇلانت) ئورنىدا سامساق يېگۈزۈلگەن. سامساق تەركىبىدە ئۇچۇپان «ئاللىتسىن(سامساق ماددىسى) » بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىش، مىكروب ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە. تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى ھەم خولېرا يايسىمان باكتېرىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەش ۋە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن. ئامېرىكا مېدىتسىنا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سامساق يەنە قان تەركىبىدىكى خولېستېرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا يۈرەك كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى داۋالاشتىكى ئېسىل دورا ھېسابلىنىدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، سامساق يەنە ئادەم تېنىدىكى نىتروزامىن(راك پەيدا قىلغۇچى ماددا) نىڭ سىنتېزلىنىشى ۋە سۈمۈرۈشىنى كۆپ جەھەتتىن توسۇپ، ئادەم تېنىنىڭ راكقا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدىكەن.

ياپونىيىدە كىشىلەر بىر خىل پۇراقسىز سامساقنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل سامساقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى سامساقتىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىكەن.

جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى[تەھرىرلەش]

ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى ئوتتۇرا ئاسىيا بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپلەپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدەقامۇسى