نىكولا ساركوزى

ئورنى Wikipedia
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

نىكولا ساركوزى
نىكولا ساركوزى (Nicolas Sarkozy فرانسۇزچە "نىكولا ساخكوزى" دەپ ئوقۇلىدۇ)
1-ۋەزىپىسى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى 23- نۆۋەتلىك پرىزدىنتى
ۋەزىپە مۇددىتى 2007-2012
ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋاقتى 2007-يىلى 16-ماي
سىياسى پارتىيەسى خەلق ھەرىكىتى بىرلىكى UMP
جۇمھۇرىيەت بەشىنچى جۇمھۇرىيەت
باش مىنىستىر فرانسوۋا فىيون
سابىق پرىزدىنت ژاك شىراك
2-تەرجىمىھالى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1955-يىلى 28-يانىۋار
تۇغۇلغان يېرى' پارىژ
ۋەتەنداشلىقى فرانسۇز
ئايالى كارلا برۇنى
پۈتتۈرگەن مەكتىبى پارىژ نانتەر 10-ئۇنىۋېرسىتى
كەسپى ئادۇۋكات
دىنى كاتولىك

ئوقۇش ھاياتى[تەھرىرلەش]

فرانىسىيە جۇمھۇرىيىتى 23-نۆۋەتلىك پرىزدىنتى نىكولا ساركوزىنىڭ ئوقۇش ھاياتى سىياسى ھاياتىنىڭ ئەكسىچە ناھايىتى توسالغۇلۇقتا ئۆتكەن ۋە ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قىينىلىپ تۈگىتىپ، ئاران تەستە 1973-يىلى پارىژ 10-ئۇنىۋېرسىتى يەنى نانتەر ئۇنېۋېرسىتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتىغا كىرگەن. ئوقۇش نەتىجىسى ناچار بولغاچقا، دادىسى ئۇنى ياخشى كۆرمەيتتى. ئۇنېۋېرستتىكى تۆت يىللىق ئوقۇشنى بەش يىلدا تاماملاپ، ئىككى يىلدىن كىيىن، ئادوۋكاتلىق چوڭ ئىمتىھانىنىڭ چېكىدىن ئون نومۇر بىلەن ئۆتۈپ (تولۇق نومۇر 20، تۆۋەن چەك 10 نومۇر)ئادوۋكاتلىق ئۇنۋانىنى ئالغان ۋە ماگىستىرلىقىنى تۈگەتكەن. 1979-يىلى، فرانسىيەنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق سىياسى ئالى مەكتىپى بولغان "پارىژ سىياسى پەنلەر ئنىستىتۇتى"غا كىرىپ، ئىككى يىلدىن كىيىن، لاياقەتلىك بولالماي ئاياقلاشتۇرغان.

كەسپى ۋە سىياسى ھاياتى[تەھرىرلەش]

1981-يىلى بىر ئادوۋكاتلىق كابىنتىغا پراكتىكانت بولۇپ كىرگەن. 1987-يىلى، باشقا ئىككى ئادوۋكات بىلەن بىرلىشىپ، ئايرىم كابىنت قۇرغان.

مەكتەپتىن بەزگەن ياش ساركوزى 1974-يىلىلا ئوڭچىل پارتىيە "جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن دېموكىراتىيە" گە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئىككى يىلدىن كىيىن يېڭىدىن قۇرۇلغان پارتىيە "جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن توپلىنىش" قا قاتناشقان ۋە پارىژ نۆيى رايونى شۆبىسىنىڭ باشلىقى بولغان. كىيىنكى يىلى نۆيى رايونىنىڭ شەھەرلىك قۇرۇلتاي مەسلىھەتچىىلىكىگە سايلانغان. 1983-يىلى، نۆيى شەھەر رايونىنىڭ شەھەر باشلىقى تۇيۇقسىز كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلىپ، سايلام ئۆتكۈزىلىدۇ. ساركوزى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى شاغلى پاسكۇۋاغا قارشى ئۆزىنى نامزات كۆرسىتىدۇ. ساركوزىنى بىر قوللاپ ئۆستۈرگەن پاسكۇۋا بۇنى بىر خائىنلىق دەپ بىلىدۇ. 28 ياشتا، نىكولا ساركوزى فرانسىيەنىڭ ئەڭ ياش شەھەر باشلىقىغا ئايلىنىدۇ.

1987-يىلدىن 1988-يىىلىغا قەدەر، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى رادىئو ۋە خىمىيىۋى زەھەرلىك ماددىلارغا قارشى بۆلۈمگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، "چىرنوبىل ئاپىتى" گە چېتىلىپ قېلىپ، سىياسى سەتچىلىككە قالىدۇ.

1988-يىلىدىكى جۇمھۇرىيەت رەئىسى سايلام مەزگىلىدە، ژاك شىراكنىڭ نامزاتلىقى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ قىزى كلود شىراك ۋە دوستى ئېدۇۋارد باللادۈر بىلەن يېقىن دوست بولىدۇ. 1993-يىلىدىكى پارلامنىت سايلىمىدا، ئوڭچىللار غەلىبە قازىنىدۇ ۋە ساركوزى باش مىنىستىر ئېدۇۋارد باللادۈرنىڭ ھۆكۈمىتىدە مالىيە مىنىستىرىگە ئۆستۈرۈلىدۇ ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 1995-يىلىدىكى پرىزدىنت سايلىمىدا، ژاك شىراكنى تاشلاپ، بالادۈرنىڭ نامزاتلىقى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. شىراك ئائىلىسى بۇنى بىر قاتتىق خائىنلىق دەپ بىلىدۇ. سايلامدا ژاك شىراك ئۈزۈپ چىقىدۇ ۋە ساركوزى ۋەزىپىلىرىدىن ئايرىلىدۇ. 1997-يىلىدىكى پارلامىنت سايلىمىدا، سولچىللار غەلىبە قازىنىىدۇ ۋە ساركوزى كونا پارتىيىسىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن "خەلق ھەرىكىتى بىرلىكى" نىڭ باش كاتىپى بولىدۇ. 1999-يىلى، "فرانسىيە مۇسۇلمانلار مەدەنىيتى مەسلىھەتچىلىكى" نىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ياۋروپا پارلامىنت سايلىمىدا، ساركوزىنىڭ پارتىيىسى باشقا ئوڭچىل پارتىيەلەرگە ئوخشاشلا مەغلۇپ بولىدۇ ۋە ساركوزى بارلىق سىياسى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدۇ.

2002-يىلقى پرىزدىنت سايلىمىدا، ساركوزى بۇ نۆۋەت ژاك شىراكنىڭ نامزاتلىقىنى قوللايدۇ. سايلامدىن كىيىن، ساركوزىنىڭ خائىنلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغان شىراك باش مىنىستىرلىككە ژاڭ-پىيەر راففارەننى تاللايدۇ ۋە ساركوزىنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە مەسئۇل قىلىدۇ. 2004-يىلىدىكى ھۆكۈمەت تەشكىلىنى ئۆزگەرتىشتە، نىكولا ساركوزى دۆلەت پۇل-مۇئامىلە ۋە سانائەت مىنىستىرلىكىنىڭ ئاچقۇچىنى قولىغا ئالىدۇ. بۇ مەزگىلدە، فرانسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا-سانائەت گۇرۇھلىرى بولغان "فرانىس تېلېكوم" ۋە "فرانسىيە گاز-توك شىركىتى" لىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى شەخسلەر ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزىدۇ.

2004-يىلى سېنتەبىردە "خەلق ھەرىكىتى بىرلىكى"نىڭ رەئىسلىكىگە نامزات كۆرسەتكەن ساركوزى، شۇ يىلى 28-نويابىردا%85 ئاۋاز بىلەن رەئىسلىككە سايلىنىدۇ. ساركوزى مىنىستىرلىكتىن ئىستىپا بېرىدۇ. 2005-يىلى مايدا، ھۆكۈمەت شۇنچە تىرىشقان "ياۋروپا ئاساسى قانۇنى" خەلق رايىدىن ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن، راففارەن ھۆكۈمىتى ئىستىپا بېرىدۇ. نىكولا ساركوزى دۆلەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ بەلگىلىنىدۇ ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا، پارتىيىسىدىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە يۇقىر سەينا ۋىلايىتى ئومۇمى مەسلىھەتچىلىكىنىڭ مۇدىرلىقىنى تۇتىۋېرىدۇ.

2005-يىلى 20-ئىيۇن، پارىژ رايونى ئەتراپىغا زىيارەتكە كەلگەن مىنىستىر ساركوزى "بۇ رايونلارنى كارشەر بىلەن تازىلاش" سۆزىنى قوللىنىدۇ. بۇ ئىپادە پۈتۈن فرانسىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا ۋە سىياسى سەتچىلىك قوزغايدۇ. شۇ يىلى سېنتەبىردە، ئۇ يەنە بارلىق ساقچى مەركەزلىرىنىڭ فرانسۇزلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە توسالغۇ بولىدىغان كىشىلەرگە قارىتا ھۇشيارلىقىنى كۈچەيتىشنى سورايدۇ. بولۇپمۇ يۆتكىلىپ يۈرىدىغانلار، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە شەھەر ئەتراپى ياشلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بۇ نۇتۇق يەنە قايتىدىن پۈتۈن فرانسىيەدە نارازىلىق قوزغايدۇ. يەنە شۇ يىلى، 26-ئۆكتەبىردە، ئارژانتۆي رايونىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ساركوزى رايوندىكى بەزى ياشلار تەرىپىدىن ھاقارەتلەنگەندىن كىيىن، ئۇلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن "داشقال" سۆزىنى ئىشلىتىپ، نارازىلىقلارنى پەللىگە يەتكۈزىدۇ.

2006-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، چەتئەللىكلەرگە قارىتا قانۇننى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ، كۆچمەنلەرنىڭ فرانسىيەگە كىرىشىنى تەسلەشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ "ئائىلە بىرلىشىش" تېخىمۇ قاتتىقلىشىدۇ. ساركوزى يېڭى قانۇننى ئاقلاش ئۈچۈن، "جاپالىق كۆچمەنلىك"تىن "تاللانما كۆچمەنلىك"نىڭ تېخىمۇ توغرىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كۆپلىگەن ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى "ساركوزى قانۇنى"دىن قاتتىق نارازى بولىدۇ. گەرچە ساركوزى مەخسۇس سېنېگال ۋە مالى دۆلەتلىرىگە بېرىپ قانۇنىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما "ئرقۋاز"لىقتا ئەيىپلىنىدۇ.

2007-يىلى 14-يانىۋار، سىياسى پارتىيىسى نامىدىن پرىزدىنت سايلىمىغا نامزات بولىدۇ. سايلام پائالىيىتىنىڭ شوئارى "كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلەش" بولۇپ، بۇ شوئار كىيىن نۇرغۇن پائالىيەتلەردە مەسخىرە ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. 21-ئاپرىلدىكى بىرىنچى سايلام ۋە 6-مايدىكى ئىككىنچى سايلامدا %53 تىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن، رىقابەتچىسى بولغان سوتسىيالىستلار پارتىيىسى نامزاتى روۋايال خانىمنى يېڭىپ چىقىپ، جۇمھۇرىيەت رەئىسلىكىنى قولىغا ئالىدۇ.

ژاك شىراك بىلەن پەرقىنى ئايرىش ئۈچۈن، ساركوزى ھوقۇققا چىقىپلا ھۆكۈمەتكە بەزى سولچىللارنى تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئايال مىنىستىرلەرنى كۆپەيتىدۇ. "فرانسۇز دوختۇر"لەقىمى بولغان "چىگراسىز دوختۇرلار"جەمىيىتىنى قۇرغان سوتسىيالىست بەرنار كۇشنەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە بېكىتىلىدۇ. كۆچمەن ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئەرەپ مىللىتىدىن بولغان رەشىدە داتې ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە ئورۇنلىشىدۇ. ئوتتۇرىچىل پارتىيە رەھبىرى ئەرۋې مورەن مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنى باشقۇرىدۇ. 2009-يىلىدىكى يىللىق "يېزا ئىگىلىك سالونى"نى زىيارەت قىلىۋاتقان ساركوزى، قولىنى سىقىشنى رەت قىلغان بىر پۇقرانى "يوقال بىچارە قوڭالتاق" دەپ ھاقارەت قىلىدۇ ۋە بۇ سۆز شۇ كۈنىلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ باش تېمىسى بولۇپ قالىدۇ. يەنە بۇ سۆز ھەر قېتىملىق نامايىشتا مەسخىرە ئوبىكتى بولۇپ قوللىنىلىدۇ.

ھۆكۈمەت تەشكىلىدىلا پەرق پەيدا قىلمىغان ساركوزى يەنە ئۆزىنىڭ شەخسى ئىستىلىدىمۇ بۇرۇنقى پرزدىنتلاردىن پەرقلىنىدۇ. ياسىنىشقا، ئالى تۇرمۇش ۋە بەدخەجلىكتە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراقلىقى فرانسىيەدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخباراتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ ۋە فرانسۇزچىدا يېڭىدىن "بلىڭ-بلىڭ" (ئۇيغۇرچىدا ۋال-ۋۇل سۆزىگە توغرا كېلىدۇ)سۆزىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ. "بلىڭ بلىڭ پرىزدىنت" دەپ لەقەم مەيدانغا كېلىدۇ. 2009-يىلى، ساركوزىنىڭ ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنى قالدۇق ئوقۇۋاتقان 23 ياشلىق ئوتتۇرانچى ئوغلى ژاڭ ساركوزى ئۆزىنى ياۋروپانىڭ ئەڭ باي سودا رايونى، نۆيىدىكى ئېپادنىڭ باش مۇدىرلىقىغا نامزات كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىش فرانسىيەدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيادا غۇلغۇلا ۋە سەتچىلىك قوزغايدۇ. فرانسىىيەدىكى ھەر قايسى ئاخباراتلار بۇنىڭ ساركوزىنىڭ ئۆز ئورنىغا دېپلومۇمۇ يوق ئوغلىنى قويۇشى دەپ قاراپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ بانانغا ئايلىنىپ قېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى قاتتىق جاكارلىشىدۇ. فرانسۇزلار تەرەپ-تەرەپتىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىلتىماس يېزىپ كىچىك ساركوزىنىڭ نامزاتلىقتىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلىشىدۇ. نەتىجىدە، بۇ قەدەر قاتتىق غەزەپلەردىن، ژاڭ ساركوزى نامزاتلىقتىن ۋاز كېچىدۇ.

شەخسى تۇرمۇشى[تەھرىرلەش]

ساركوزىنىڭ ھاياتى ناھايىتى قىزىقارلىق بىر رومانغا ئوخشايدۇ. ياش ۋاقتىدىلا دادىسىغا ئوخشاش ئاياللارغا ئامراق ساركوزى گەرچە ئوقۇش ھاياتى غەلبىلىك بولمىسىمۇ ئەمما سىياسىيغا قىزىقاتتى. دادىسى باشقا ئايالنىڭ كەينىدىن كېتىپ ئىككى ئاكىسى بىلەن قالغان ساركوزىنى ئانىسى يالغۇز چوڭ قىلىدۇ. ساركوزىنىڭ دادىسى ۋىنگىرىيىلىك چوڭ بىر بۇرژۇئا ئائىلىسىدىن بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋىنگىرىيىدىن فىرانسىيەگە قېچىپ كېلىدۇ ۋە ساركوزىنىڭ ئاپىسى بىلەن تونۇشۇپ توي قىلىدۇ.ساركوزىنىڭ ئانىسىنىڭ تېگى گىرىتسىيەلىك يەھۇدى بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلارغا قارشى قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن، ساركوزىنىڭ يەھۇدى چوڭ دادىسى دىنىنى خىرىستىيانغا ئۆزگەرتكەن. تاكى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە، ھىچكىم بۇ ئائىلىنىڭ ئەسلى يەھۇدى ئائىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن.نىكولا ساركوزى 17 ياشتا ژاك شىراكنىڭ پارتىيىسى ئەينى ۋاقىتتىكى ئاجىز بىر پارتىيە خەلق ھەرىكىتى پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرىدۇ. بىر يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىنمۇ ئۆتۈپ پارىژ ناڭتەر ئۇنىۋىرسىتى قانۇن فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئىشتا ئەستايىدىل ۋە چاققان، گەپكە ئۇستا بۇ ياش ناھايىتى تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، 28 ياشتا پارىژ رايونى نۆيې شەھرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولىدۇ. شۇ يىلى باش شەھەر باشلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭ يېقىنىنىڭ قىزى مارې بىلەن توي قىلىپ ئىككى ئوغۇللۇق بولىدۇ. فىرانسىيەدە توي خېتى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە ئېلىنىدۇ ۋە شەھەر باشلىقى بىر جۈپ ياشنى شەخسەن ئۆزى تەبرىكلەيدۇ. نۆيې فىرانسىيەدىكى ئەڭ باي بىر شەھەر بولۇپ، داڭلىق شەخسلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى بۇ يەردە تويىنى ئۆتكۈزەتتى. نىكولا ساركوزى نۇرغۇن بايۋەچچە دوستلىرىنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە تويىغا گۇۋاھچى بولۇش جەريانىدا تونۇغان. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، 25 ياشلىق گۈزەل بىر مودېل قىز بىلەن داڭلىق ئارتېست 56 ياشلىق ژاك ماختەڭ ھۆكۈمەت زالىدا ساركوزىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدۇ. قىزغا بىر كۆرۈپ ئاشق بولغان ساركوزى ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ، قىزنى قانداق قولغا كىرگۈزۈشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىدۇ. ساركوزى ئائىلىسى بىلەن ماختەڭ ئائىلىسى جان-جىگەر دوستلارغا ئايلىنىدۇ. ژاك ماختەڭ بىلەن ئۇنىڭ ياش، گۈزەل ئايالى سېسىلىيانىڭ ئىككى قىزى بولىدۇ. ئىككى ئائىلە ھەتتا يازلاردا بىللە تەتىل ئۆتكۈزىشىدۇ. دۇنياغا داڭلىق ئارتېست ماختەڭنىڭ ئۆيدە تۇرغۇدەك ۋاقتى يوق، لېكىن ياش ئايالىنىڭ ئىشلىشىگە يول قويمايتتى. ئۆيدە يالغۇز قالغان سېسىلىياغا ساركوزى ئوبدان مەلھەم بولىدۇ. بىر يازدا ئىككى ئائىلە يەنە بىللە تەتىلگە بېرىشىدۇ. لېكىن ۋاقتنىڭ كەملىكىدىن، ژاك ماختەڭ كېلەلمەيدۇ. كوچا-كويلاردىكى مىش-مىش پاراڭلاردىن بىر نەرسىلەرنى تۇيۇپ بولغان ساركوزىنىڭ ئايالى مارې بىر كۈنى يولدىشى بىلەن سېسىلىيانىڭ ئۈستىدىن چۈشىدۇ.لېكىن ساركوزى ئاللىقاچان دەرىزىدىن قۇيرۇقىنى خادا قىلغان ئىدى. مارې دەرھال ئاجرىشىدۇ ۋە ژاك ماختەڭنى بۇ ئىشتىن خەۋەرلەندۈرىدۇ. سېسىلىيا بىلەن ژاكمۇ ئاجرىشىدۇ. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن، مالىيە مىنىستىرلىقىغا ئۆسكەن ساركوزى ئاخىرى سېسىلىيا بىلەن توي قىلىدۇ. ئىككىسىنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ. ساركوزى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ سايلانغاندىن كىيىن، ئىككىسىنىڭ ئارىسى بۇزۇلۇشقا باشلايدۇ.2006 يىلى كۈزدە، پۈتۈن مەملىكەتتە تېگى كۆچمەن ياشلار نامايىش قىلىپ، ماشىنىلارغا ئوت قويۇپ، قالايمىقانچىلىق پۈتۈن فىرانسىيەنى بىر ئالغان مەزگىللەردە، سېسىلىيا كىچىك ئوغلى لۇئىنى ئېلىپ نيو-يوركتا داڭلىق سودىگەر، مىليادىر غىشاغ ئاتتىياس بىلەن ئالتە ئاي بىللە قالىدۇ. ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى تارتىپ "پارىژدا مۇسابىقە" گېزىتىدە ئېلان قىلغان مۇخبىر ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىشتىن ھەيدىلىدۇ. سايلامنىڭ ئىككىنچى ئايلىنىشىدا، ساركوزىنىڭ ئايالى بولغان سېسىلىيا يولدىشىغا بېلەت تاشلىمايدۇ. جۇمھۇرىيەت باشلىقى بولۇپ يېرىم يىلدىن كىيىن، ئۆكتەبىردە ئىككىيلەن رەسمى ئاجرىشىدۇ. كىيىنكى يىلى ئىككىنچى ئايدا، ساركوزى ناخشىچى ۋە مودېل كاغلا بىغۇنى بىلەن توي قىلىدۇ. بىر ئايدىن كىيىن، سېسىلىيا نيو-يۇركتا ئاتتىياس بىلەن كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

نىكولا ساركوزى ئايالى كارلا برۇنى ساركوزى بىلەن بىللە 20 كۈچلۈك دۆلەتلەر يىغىنىدا

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]