Jump to content

«ئاللاھ» بىزنىڭ، «تەڭرى» ئۇلارنىڭمۇ؟ (1)

ئورنى Wikipedia

«ئاللاھ» بىزنىڭ، «تەڭرى» ئۇلارنىڭمۇ؟ (1)

يېقىندا سەھىپىدە ئورتاقلاشقان مەلۇم بىر يازمىنىڭ «تەڭرى قانۇنىيىتى» دەپ باشلىنىشى بەزى ئوقۇرمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى بولغاي، بۇ ھەقتە مېنىڭ بۇ سۆزنى نېمە مەنىدە ئىشلەتكەنلىكىم، شۇنداقلا بۇنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ يوق، دەپ سوئال تاشلىدى. گەرچە مەن سورالغان سوئالنىڭ ئورانى بويىچە جاۋاب بەرگەن بولساممۇ، مەزكۇر قېرىندىشىمىز جاۋابقا قېتىلمايدىغانلىقىنى ئۇرغۇلاش يۈزىسىدىن ئۆزى قانائەت تاپقان بەزى نۇقتىلارنى بايان قىلىپ تۇرۇپ زاكون تۈسىدە ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ. زاكون تۈسىدە بولغان ئىكەن، كەمىنىمۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۇسۇلىغا ماس ھالدا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلاشتىم، لېكىن سوئالنىڭ چېتىلىش نۇقتىلىرىنىڭ بىر ئىككى ئىنكاسلىق يازمىدىن ئۇزۇن بولۇشنى تەقەززا قىلدىغانلىقى بۇ ھەقتە بىر قەدەر كەڭرى توختىلىشىم كېرەكلىكىنى ئەسلەتتى. بۇ ۋەجىدىن مەزكۇر تېما ئوتتۇرىغا چىقتى. تۆۋەندە مەن قېرىندىشىمىزنى «ئوقۇرمەن» نامىدا زىكىر قىلىمەن. ئەمما، بۇ جاۋابلار پەقەتلا سوئال تاشلىغان ۋە زاكونلاشقان قېرىندىشىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى سوئالدىكىگە ئوخشاش تونۇشقا ئىگە يەنە نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلارنىڭمۇ ئويلاۋاتقان، شەخسەن مېنىڭمۇ ئۆز زامانىسىدا ھايات مۇساپەمدە ئويلىنىشقا، ھەل قىلىشقا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەردىن بىرى بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ يېزىلدى. شۇڭا، يازمىدىكى مۇخاتەب ئوبيېكتىمىز سوئال سورىغان كىشى ئەمەس، مۇشۇ سوئاللارنى ئويلاۋاتقان بارچە ئويلانغۇچىلاردۇر. دىققەتكە ئېلىنغاي!

ئوقۇرمەننىڭ سوئالى:

«يازمىدىكى «تەڭرى» كەلىمىسىنى ئاللاھ كەلىمىسى ئورنىغا قوللاندىلىمۇ؟

ئاللاھ كەلىمىسى ئورنىغا «تەڭرى»كەلىمىسىنى قوللانساقمۇ بولامدۇ؟

.............................

بۇرھان مۇھەممەدنىڭ جاۋابى:

بىرىنچى، تەڭرى كەلىمىسىنى ئاللاھنىڭ ئورنىغا ئەمەس، ئاللاھ سۆزىنىڭ مەنىسى ۋە تەرجىمىسى ئورنىدا ئىشلەتتىم. ئاللاھنى كۆرسىتىدىغان تېرمىن ئورنىدا، مۇتلەق قادىرى قۇدرەت مەنىسىدە ئىشلەتتىم. يەر - كۆكنىڭ ئىگىسى (خالق السماوات والأرض) قاتارلىق مەنىلەرنى ئۇقتۇرىدىغان ئۇقۇم سۈپىتىدە قوللاندىم.

ئىككىنچى، كەڭرى قوللانسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. گېزى كەلگەندە ئاللاھ كەلىمىسىنى، گېزى كەلگەندە تەڭرى كەلىمىسىنى، گېزى كەلگەندە «پەرۋەردىگار»نى، «رەب»نى، «رەھمان»نى، «رەھىم»نى پەرقلىق كونتېكىستلاردا باب كەلتۈرۈپ بىمالال قوللانسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. ھەممىسى مەۋجۇداتنىڭ خالىقىنى، ئالەملەرنىڭ يەككە - يېگانە پەرۋەردىگارىنى كۆرسىتىدىغان ئىسىم - سۈپەتلەردۇر.

قوشۇپ قويىدىغىنىم: مۇسۇلمان ئابا - ئەجدادىڭىز ئەسىرلەپ قوللىنىپ كەلگەن، ئالىم - مۇتەپەككۇرلىرىڭىز ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىپ دادىل ئىشلىتىپ كەلگەن ساغلام ئاتالغۇ، ئىسلامىيلىشىپ ئۆزلىشىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئاتالغۇ، ئىسىم، سۈپەت - ۋەسىپلەرنى جايى - جايىدا ئىشلىتىپ ئىگە چىقمىسىڭىز، ياكى ئىشلەتمەي ئىستېمالدىن چىقىرىپ تاشلىسىڭىز دەسلەپ چانمىغاندەك بىلىنىدۇ، ئارقىدىن نەسىل ئالمىشىشى بىلەن بارا - بارا ئۇنتۇلىدۇ. قاملاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان، ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكتە تەرەددۇتلىنىپ قالىدىغان ھالغا چۈشكەندە كومپىلىكس توزىقى مۇسەللەت بولۇشقا باشلايدۇ. ئاندىن ئۇزۇنغا بارمايلا ياتلاشقان ئەۋلاد ئىچىدىن يات دىن ۋە يات مەدەنىيەتكە روھىنى ساتقان شالغۇت زېھنىيەتلەر، ئوقۇغانچە جاھالىتى مۇرەككەپلىكتە سەۋىيە ئاتلاپ قاتماللىقلىقنى «ئايدىڭلانغانلىق» چاغلايدىغان بىرىلىرى چىقىپ سىز جۈرئەت قىلالماي ئىستېمالدىن چىقىرىپ تاشلىغاننى ئەكېتىپ ئىگە چىقىشقا، يېڭى چوقۇنغان مەبۇدىغا، دىنىغا، ئىدېئولوگىيەسىگە تارتىپ ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. ھەقىقەت تەجەللى قىلمىغان ئورۇندا سەپسەتە ھەقىقەتسىمان كۆرۈنۈپ ئۇسۇلغا چۈشىدۇ. ئۆزگە ئايلىنىپ بولغاننى ئىلىم - ھېكمەتكە ئاساسلانمايلا ئايرىۋاشلاپ بىرىنى ئۆز، بىرىنى يات قىلىپ يەكلەشتىن ساقلىنىش لازىم. ئىلىم - ھېكمەتكە ئاساسلانغان ئىشتا بولسا دادىل ۋە جۈرئەتلىك بولۇش ئاقىللىق جۈملىسىدىندۇر. جانابى ئاللاھ ھەممىمىزگە ھېكمەت ئوچۇقىدا تاۋلانغان «ئەقىل» جەۋھەرلىرىدىن نېسىپ ئالغان بولۇشنى نېسىپ قىلسۇن!

...........................

ئوقۇرمەننىڭ سوئالى:

ئاللاھ ۋە تەڭرى سۆزىنى ئىستېمال قىلىشتا ئالىملىرىمىز ئارىسىدا ئىختىلاپ باركەن، بۇ ئىختىلاپتا مېنىڭ قانائىتىم تۆۋەندىكىدەك؛ (ئەگەر مۇتەئەسسىپلىك ياكى خاتالىق بولسا تۈزىتىپ بېرىشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن).

بىرىنچى: نەجىب فازىل مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سۆزى خاس ئىسىم، خاس ئىسىم ئەينەن قوبۇل قىلىنىدۇ، تەرجىمە قىلىنمايدۇ. تەڭرى كەلىمىسى بولسا، ئاللاھ سۆزىنىڭ ئەمەس، ئاللاھتىن باشقا مەبۇد ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدىغان «اله» يەنى ئىلاھ كەلىمىسىنىڭ تەرجىمىسى بولالايدۇ». شۇنداقلا، بىزدىمۇ تەڭرى كەلىمىسى تارىخىمىزدىكى باتىل ئىلاھلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈنمۇ قوللىنىلغان. تەڭرى دېگىنىمىزدە زېھىن دۇنيامىزدا ئەكس ئىتىدىغىنى ۋە تەڭرى كەلىمىسى ئۆز ئىچىگە سىغدۇرىدىغىنى، پەقەت ئاللاھلام ئەمەس. شۇڭلاشقا، مۇتلەق قادىرى قۇدرەت مەنىسىدە «ئاللاھ» كەلىمىسىنى قوللانساق توغرا، دەپ قارىغانلارنىڭ پىكرىنى بۈگۈنگە قەدەر توغرا دەپ قاراپ كەلدىم. ۋە يەنە، قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ ئۆزىنى « اله » دەپ ئاتىغاندا بولسا «واحد»دېگەن سۈپەت ئارقىدىنلام كېلىدۇ.

ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا سۈرە ئەئرافتا شۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە ـ كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» [180].

بۇ ئايەتتە، ئاللاھ تائالاھ ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۆزىنى شۇ گۈزەل ئىسىملار بىلەن ئاتاشنى بۇيرۇق قىلغان.

ئاللاھ تائالا سۈرە تاھادا شۇنداق دەيدۇ:«مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن» [14].

بۇ ئايەتتە ئىلاھ مەنپىي ئاللاھ مۇسبەت شەكىلدە كەلگەن. ئىلاھ يوق پەقەتلام ئاللاھ بار.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنى چاقىرىشىمىز ئۈچۈن گۈزەل ئىسىملارنى بەلگىلەپ بەرگەن ۋە شۇ ئىسىملار بىلەن چاقىرىشىمىزنى بۇيرۇق قىلغان ئىكەن، شۇ ئىسىملار بىلەن چاقىرىشنى توغرا - دەپ، قارىغانلارنىڭ پىكرىنى توغرا دەپ قارايمەن.

ئۈچىنچى: مۇسۇلمان ئابا - ئەجدادىم قوللانغان بولسا، نېمىگە ئاساسەن ئاللاھ دېگەن خاس ئىسىمنىڭ ئورنىغا تەڭرى دېگەن ئورتاق ئىسىمنى قوللانغان؟ بۇ ھەققىدە ئېنىقراق مەلۇمات بېرىشىڭىزنى سورايمەن.

ئورتاق ئىسىم دېيىشىمدە: كۆك تەڭرى، تەپتەڭرى، ئايتەڭرى، خانتەڭرى… دېگەندەك ئىسىملار قەدىمكى ئەسەرلىرىمىزدە ئۇچراپ تۇرىدۇ.

تەڭرى كەلىمىسىنى قامۇسىمىزدىن تاشلاپ چىقىرىشقا مەن قارشى، چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر ئاللاھنى قويۇپ تەڭرىلەرگە چوقۇنۇۋاتقانلارمۇ ھەم بار.

ھەتتا، نەجىب فازىلنىڭ «ئاللاھ تەڭرىنىڭ بالاسىنى بەرسۇن. تەڭرى سىلەرنى قوغدىسۇن ئاللاھ بىزگە كۇپايە» دېگەندەك تەڭرى كەلىمىسىنى ئاللاھ كەلىمىسىنى ئىپادىلەشتە لايىق كۆرمىگەن يەرلىرىمۇ بار.

گۈزەل تىلەكلىرىڭىز ئۈچۈن ئامىن!

ئاللاھ ھەممىمىزگە ھېكمەت ئوچۇقىدا تاۋلانغان «ئەقىل» جەۋھەرلىرىدىن نېسىپ ئالغان بولۇشنى نېسىپ قىلسۇن!

................

بۇرھان مۇھەممەد:

بىرىنچى: ئاللاھ ۋە تەڭرى سۆزىنى ئىستېمال قىلىشتا ئالىملىرىمىز ئارىسىدا ئىختىلاپ باركەن، دېگەن گەپنىڭ ئاساسى يوق. تەڭرى ئۇقۇمى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئىسلام تارىخىمىزدا ئىختىلاپ تېمىسى بولۇپ باققان ئەمەس. ئەكسىچە تەڭرى دېگەن سۆز تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىدە باشقا دۇنيا قاراش ۋە مەدەنىيەت ھاۋزىلىرىدىن ئېرىغدالغان، ئەسلىدىكى بىر خۇدالىق دەۋرىدىكى ئۇقۇمىنى ئىسلامنىڭ تەۋھىد چۈشەنچىسى بىلەن يۇغۇرۇپ بارچە تۈركىي قەۋملەر نەزىرىدە ئىسلامىي دۇنيا قاراشنى ئىپادىلەشكە يارايدىغان سۆز ھالىتىگە ئايلىنىپ بولغان ساپ تۈركچە ئاتالغۇدۇر. بۇ سۆز يەنە ئىسلامىيەت دەۋرىدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېزىق تىلىمىز قەغەزگە پۈتۈلۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر تۈركىستان ۋە ماۋەرائۇننەھر ئالىملىرى قەلىمىدە بارلىققا كەلگەن ئەدەبىيات، تارىخ، تەپسىر، فىقھى قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردىكى تۈركىي تىلدا قەلەمگە ئېلىنغان ئەسەرلەردە بىمالال ئىشلىتىلىپ كەلگەن. قولىمىزدىكى قوليازما ۋە ئەسلىي نۇسخىدىكى ئەسەرلەردە بۇنىڭ دەلىللىرى كۈرمىڭ تۇرۇپتۇ. شۇڭا بۇنداق مەسىلىلەردە سۆز قىلغان ۋاقىتتا، «ئالىملىرىمىز ئارىسىدا ئىختىلاپ بار» دېگەن جۈملىنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىش لازىم. چۈنكى، بۇنداق مەسىلىلەردە كەچمىشىنى تۈزۈك ئىزدەنمىگەن، تۈركىستاننىڭ ئىلىم - ئېرفان تىلىدىن بىخەۋەر يېتىشىپ قالغان ئىلىم تەلەپكارلىرىنىڭ، ئاسارەتتىن كېيىنكى نوقۇل ئەرەبچە «نەس»نىڭ يۈزەكى مەنىسىگە تايىنىپلا دەتالاش قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ قۇتۇپلاشقان دەتالاشلىرى خۇددى ئىجمادىن كېيىنكى شاز قاراشلار ئىجمانى بۇزالمىغاندەك، ئىختىلاپسىز ھالدا ئومۇميۈزلۈك مەقبۇللۇققا ئېرىشىپ بولغان ئاتالغۇلارنى ئىختىلاپلىق ھالغا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. پەلسەپەسى ئېنىقلىشىپ بولغان، شەرئىي ئاساسى بار بولغان بىر نەرسە ئىختىلاپلىشىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالغاندا، قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىختىلاپنىڭ خاراكتېرىنى مۇھەققىقلىق سەۋىيەسىدە ئايدىڭلىققا ئىگە قىلىش بولۇشى، ئىككى قاشتىن بىرىگە چىقىۋېلىپ سېنىڭ خاتا مېنىڭ توغرا دەتالىشىغا تەڭكەش قىلىشىپ بېرىش بولماسلىقى كېرەك. بۇ ھەقتىكى ئىختىلاپلارمۇ كۆپىنچە ھالدا چالا موللا تائىپىسى بىلەن شالغۇت زىيالىيلار تۈركۈمى ئارىسىدا چىقىدۇ. بۇ ئەھۋال يەنە مەسىلىنى مۇھەققىق ئالىملارنىڭ نۇقتىئىنەزەرىدە كۆزىتىش باسقۇچىغا يېتەلمىگەن ئىلىمدارلاردىمۇ كۆرۈلۈشى (ئاز بىر قىسم يەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا)، مەسىلىگە گويا راست ئىختىلاپ بار ئىشتەك مۇئامىلە قىلىشى يىراق ئەمەس. ئاللاھ ۋە تەڭرى ئىسمىنى تالىشىپ ئىككى قاش بولۇش خۇددى موللا دېسە زىيالىي دېگىلى بولمايدۇ، زىيالىي دېسە موللا دېسە بولمايدۇ، دېگەنگە ئوخشاش شالغۇتچە شەكىلۋازلىق جېدىلىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنىڭ ھەممىسى ئاسارەتتىن كېيىنكى ئىلمىي چېكىنىش، پىكرىي ياتلىشىش، مەدەنىيەت يىلتىزى قۇرۇشقا قاراپ يۈزلىنىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەردىن كېلىپ چىققان بىنورمال ھادىسىلەردۇر.

ئىككىنچى: ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار دەپ تۇرۇپ ئۆرنەككە نەجىب فازىلنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش قايسى ئىلمىي تارازىغا ئۇيغۇن كېلەركىن، بىلىپ بولمىدى. بىرىنچىدىن، نەجىب فازىل كىساكۈرەك كاتتا شائىر، ئىسلام مۇتەپەككۇرى، ئىسلاھاتپەرۋەر نادىر شەخسىيەتلەردىن. لېكىن، نەجىب فازىل بىر شەرئىي ئاتالغۇدا، دىنىي تېرمىندا، مېتافىزىكىلىق بىر ئۇقۇم مەسىلىسىدە كۆز قاراشلىرى ھۆججەت قىلىنسا بولىدىغان، ياكى ئىختىلاپلىق بىر مەسىلىدە خىلاپىي كۆز قاراشنىڭ بىر ۋەكىلى سۈپىتىدە مىسال قىلىنسا بولىدىغان شەخسىيەت ئەمەس. يەنى نەجىب فازىل بۇ مەنىدە سۆزى نەقىل قىلىنىپ دەلىل قىلىنىدىغان ئالىم ئەمەس. ئۇنىڭ مۇتەپەككۇرلۇقى، كاتتىلىقى ئۆز ئورنىدا، ئۆلىما ۋە ئالىملار ئارىسىدا تۇتىدىغان ۋەزنى ئۆز ئورنىدا بولمىقى زۆرۈر. ئىككىنچىدىن، نەجىب فازىلنىڭ يۇقىرىقى كۆز قارىشى ئۇنىڭ شەخسىي تەۋىلى بولالايدۇ خالاس. ئەگەر يۇقىرىقى سۆزنى تەڭرى ئۇقۇمىنى چەتكە قېقىش يۈزىسىدىن ئېيتقان بولسا، ئۇنىڭ ئېيتقان يۇقىرىقى سۆزىنىڭ ئۆزىلا نەجىب فازىلنىڭ مەسىلىگە مۇھەققىق ئالىم نۇقتىئىنەزەرىدە قارىمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. زادى نەجىب فازىلنىڭ گېپى ئورۇنلۇقتى دەيدىغان، تەڭرىنى ئەرەبچىدىكى ئىلاھ دېگەن سۆزگە ئۇدۇل كېلىدۇ دەيدىغان ئىش بولسا، يەنى ئىلاھنىڭ تۈركچىسى تەڭرى دېگەنگە ئۇدۇل كېلىدۇ دېگەندە چىڭ تۇرۇۋېلىنسا، بىز دەيمىزكى، نەجىب فازىلنىڭمۇ ئابا - ئەجدادى بولغان، شۇنداقلا ئەرەب ۋە تۈرك تىلىدىلا ئەمەس، شەرئىي ئىلىملەرنىڭ ئومۇمىسىدا يېتۈك ئالىم بولغان مەھمۇد كاشغەرىي تەڭرى سۆزىنى ئەرەبچىگە ئىلاھ مەنىسىگە ئۇدۇل كەلتۈرۈپ ئەمەس، ئاللاھ مەنىسىگە ئۇدۇل كەلتۈرۈپ تەرجىمە قىلغان. مەسىلەن تۆۋەندىكىچە:

- تنكري ألك تركردي، ئوقۇلۇشى: تەڭرى ئۆلۈك تىركۈردى. ئەرەبچە تەرجىمىسى: أحيى الله الميت.

- تنكري يلنكق يرتي. ئوقۇلۇشى: تەڭرى يەلىنكوق يەرەتتى. ئەرەبچە تەرجىمىسى:  خلق الله تعالى آدم وغيره من الخلق.

- أر ترلدي، تنكري تركردي، ئوقۇلۇشى: ئەر تىرىلدى. تەڭرى تىركۈردى. ئەرەبچە تەرجىمىسى: حيي الرجل، أحياه الله تعالى.

- تنكري آژون ترتي، جغري اذ تزكنور، ئوقۇلىشى: تەڭرى ئاژۇن تۈرۈتتى، جىغرى ئىزى تەزكىنۇر. تەرجىمىسى: خلق الله تعالى العالم والفلك العالي دائما يدور.

- تنكري قرغشي أنك أزا، ئوقۇلۇشى: تەڭرى قەرغەشى ئەنىڭ ئۇزا. ئەرەبچە تەرجىمىسى: لعنة الله عليه.

- من تنكريكا سغينورمن، ئوقۇلۇشى: مەن تەڭرىغە سىغىنۇرمەن. ئەرەبچە تەرجىمىسى: إني أعوذ بالله.

مەھمۇد كاشغەرىي يۇقىرىدا ۋە دىۋاننىڭ ھەممە يېرىدە دېگۈدەك تەڭرى سۆزىنى ئىلاھ دەپ ئەمەس. شۇنداقلا ۋاھىد ياكى ئەھەد سۈپىتىسىز بىۋاسىتە «ئاللاھ» دەپ تەرجىمە قىلغان. بىلىمىزكى، مەھمۇد كاشغەرىي ئەلەمدە كامالەت ئەھلى بولۇپلا قالماي ئىلىم - ئېرفان بابىدا يېتۈك زاتلاردىن. ئۇ پەقەت تىل ئالىمىلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە دەۋرىنىڭ ئۆلىما ۋە مۇجتەھىد ماقامىدىكى ئالىملارنىڭ تەلىمىنى ئالغان، مۇھەددىسلەرنىڭ قولىدا يېتىشكەن كاتتا ئۆلىما ھەم مۇدەررىس.

بۇ يەردە يەنە مۇنداق بىر نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى يەنە ئاللاھتائالانىڭ «قانداقلا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتمەيلى، ئۇنى بىز ئۆز قەۋمىگە بايان قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن ئەۋەتتۇق» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن تەڭرى كەلىمىسىنىڭمۇ تۈرك مىللەتلىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق كەلگەن ئاللاھنىڭ ئىسىم  - سۈپەتلىرىدىن بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئەسكە سالىدۇ. بۇنى يەنە قۇرئاندىكى «قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتلەرمۇ تۈركلەرگىمۇ قەدىمدە پەيغەمبەر كەلگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەزگە ئېلىش كېرەكلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇنداقتا، تۈركلەرگە ئەۋەتىلگەن تۈرك پەيغەمبەرلەر ئاللاھنى ئەرەبچە «ئاللاھ» دەپ ئاتىغانمۇ ياكى ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن «تەڭرى» دەپ ئاتىغانمۇ؟ دېگەن مەسىلە قۇرئان مەنتىقىسى بويىچە ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلىلەردىندۇر.

يۇقىرىدا تەڭرى ئۇقۇمىنى ئىسلامىي ئاتالغۇ قىلىپ ئىشلەتكەن دېگىنىمىزنىڭ يەنە بىر بائىسى شۇكى، قولىمىزغا يېتىپ كەلگەن قاراخانىيلارنىڭ دەۋرىگە ئائىت بولغان قۇرئان تەرجىمىلىرىدە «تەڭرى» سۆزى پۈتۈنلەي باشتىن ئاخىر «ئاللاھ» ئىسمىنىڭ تەرجىمىسى، شۇ ئىسىمنى بىلدۈرىدىغان تېرمىن قىلىپ ئىشلىتىلگەن. دېمەك شۇ دەۋر مۇپەسسىرلىرى بىردەك قۇرئان تەرجىمىسىدىكى ئاللاھ سۆزىنى تەڭرى دەپ تەرجىمە قىلغان. «مۇشۇ تېمىغا قوشۇپ چىقىرىلغان خاقانىيە تىلىدىكى ۋە ئۇندىن كېيىنكى دەۋرلەردە قىلىنغان قۇرئان تەرجىمىلىرى رەسىمىگە قاراڭ!)

ئۈچىنچى: نەجىب فازىلنىڭ تەڭرىنى ئەرەبچىدىكى ئىلاھ دېگەنگە توغرا كېلىدۇ، دېگىنىگە ماقۇل دەپ تۇرغاندىمۇ يەنە تەڭرى دېيىشنىڭ تامامەن توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئىلاھ دېگەن ئەرەبچىدە نوقۇل چوقۇنىلىدىغان ئوبيېكتىپنىڭلا ئىسمى ئەمەس، ئۇ يەنە مەبۇد مەنىسىدە. ئاللاھ دېگەن كەلىمىدىن ئەلىف ۋە لام ھەرپلىرىنى ئېلىۋەتكەن چاغدا ئاللاھنى ئىلاھ دېگەنلىك، يەنى ئۇنى مەبۇدى بەرھەق «ئىبادەتكە تېگىشلىك زات» دېگەنلىك بولىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھنى ئەلىف ۋە لامسىز ھالدا ئىلاھ دېسەك بولمايدۇ دەيدىغان گەپمۇ يوق. بولغان بولسا بۇ بىر ئويدۇرما قۇرۇق گەپتۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى توپلانغان مۆتىۋەر ئەسەرلەردە ئىلاھ كەلىمىسىمۇ ئاللاھنىڭ ئىسىم - سۈپەتلىرى قاتارىدىن سانالغان. شۇڭا قۇرئاندا ئاللاھ ئۆزىنى ئىلاھ دەپ ئاتىغاندا دەرھاللا ۋاھىد دېگەن سۈپەت بىللە كېلىدۇ، دېگەنلىكمۇ بىر تەرەپلىمە چۈشەنچىدۇر. چۈنكى قۇرئان ئېنىق قىلىپ ئاللاھنى «وهو الذي في السماء إله وفي الأرض إله» دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇ يەردە خۇددى «وهو الله في السماوات وفي الأرض» دېگەن ئايەت بىلەن ئوخشاش بىر قۇرۇلمىدا ئىلاھ دەپ ئىشلەتكەن.  مانا بۇ ئايەتتە ئىلاھ ۋاھىد دېگەن سۈپەت بىلەن دەرھاللا بىللە كەلگەن ئەمەس. چۈنكى ئىلاھ دېگەنلىك مەبۇدى بەرھەق دېگەنلىك. يەنە كېلىپ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دېگەنلىك، ئۆز نۆۋىتىدە ئىلاھ پەقەتلار ئاللاھتۇر. ئۇندىن باشقا ئىلاھ ياكى ئىلاھلار باتىلدۇر، دېگەنلىك بولىدۇ. «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن كەلىمە شاھادەتتىكى ئىستىسنا بۇ نۇقتىنى كۈچلۈك مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. يەنى بۇنىڭدىن ئىلاھ ياكى ئىلاھلار دا كۆزدە تۇتۇلغان ئوبيېكتىپ بويىچە ساختا ئىلاھ ۋە ھەقىقىي ئىلاھ پەرقىنى ئايرىپ ئىشلەتسە بولۇۋېرىدىغانلىق چىقىدۇ. ھەم شۇنداق ئىشلىتىپ كېلىنگەن. تەڭرى ۋە تەڭرىلەر كەلىمىسىمۇ بىزنىڭ ئىستېمالىمىزدا مۇشۇ تەرىقىدە ئىشلىتىلىدۇ.

   ئۇنداقتا سوئال سورىغۇچى قايىل بولغان نەجىب فازىلنىڭ تەڭرىنى ئەرەبچىدىكى ئىلاھ دېگەنگە ئۇدۇل كېلىدۇ، دېگەن پىكرىنى نەزەرگە ئالساق، بۇ چۈشەنچىگە ئاساسەن تۈركىي تىلدا تەڭرى دېگەنلىك ئەرەبچىدىكى ئىلاھ دېگەنلىك بولىدۇ. يەنى تەڭرى دېگەنلىك ئېنىق قىلىپ مەبۇدى بەرھەق بولغان ئاللاھنى كۆزدە تۇتقان ۋە مۇشۇنى مەزمۇن قىلغان بولىدۇ. ئايەتتە يەنە ئىلاھقا ۋاھىد سۈپىتىنى قوشۇش ئەمەلىيەتتە ئىلاھنى كۆپەيتىشنىڭ باتىللىقىنى ئۇرغۇلاش ئۈچۈندۇركى، قانداقتۇر ئىلاھ ئۇقۇمىنىڭ سەلبىيلىكىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس. خۇددى «قل هو الله أحد» ئايىتىدە ئاللاھ دەپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەھەد، سەمەد قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن تەكىتلەش زۆرۈرىيەت بولغان، ھەمدە مۇشۇنداق سۈپەتلەش شېرىكنى ۋە كۆپ خۇدالىقنى رەت قىلىشنى تەكىتلەش ۋە تەۋھىدنى مۇقەررەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن بولسا، ئىلاھ سۆزى كەلگەندە ۋاھىد سۈپىتىنى قوشۇشمۇ ئوخشاشلا باتىل ئىلاھنى رەت قىلىش، ۋە شېرىكنى توسۇش، ئاللاھنى ئىلاھلار ئارىسىدىكى بىرى شەكلىدە تەسەۋۋۇر ياكى ئەقىدە قىلماستىن دائىم ئۇنىلا ئىلاھ دەپ ئەقىدە قىلىش، ئۇنى پەقەتلا تەۋھىد پىرىنسىپىدا تەسەۋۋۇر قىلىش ئۇرغۇلانغاندۇر. شۇڭا بۇ ئىلاھ كەلىمىسىنىڭ سەلبىي ياكى ئىجابىيلىقى بىلەن ئالاقىسىز. بۇنىڭغا بىنائەن «بۇ ئايەتتە ئىلاھ مەنپىي، ئاللاھ مۇسبەت شەكىلدە كەلگەن. ئىلاھ يوق پەقەتلام ئاللاھ بار» دېيىشمۇ ئورۇنسىز دەۋادۇر. چۈنكى، يەنە باشقا ئايەتتىكىدەك مۇسبەت كەلگەن جايلارمۇ ئوپئوچۇق بار.

شۇنداقلا سوئالدا دېيىلگەندەك «ئىلاھ يوق، ئاللاھ بار» دەۋېلىشنىڭمۇ ئاساسى يوق. «ئىلاھ يوق، ئاللاھ بار» ئەمەس، ئەكسىچە ئىلاھ بار. بار بولغان بۇ ئىلاھ خۇددى ئەھەد دەپ سۈپەتلەنگەن ئاللاھ ئۇقۇمىغا ئوخشاش، ۋاھىد سۈپىتى بىلەن سۈپەتلىنىدىغان بەرھەق ئىلاھتۇر. ئىلاھلارمۇ بار، ئەمما ئۇلار مەبۇدى بەرھەق ئەمەس، باتىل ئىلاھلاردۇر. پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقى ھەقتۇر. يەنى تەڭرىلەر باتىلدۇر، پەقەتلا ئاللاھلا ھەقىقىي تەڭرىدۇر. بۇ جەھەتتىن ئاللاھنى ئاللاھ ئۆزى دېگەندەك «ئىلاھ دېيىش» مۇجتەھىد ئۆلىمالارنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسەن ئىلاھ سۈپىتىنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇھىيىتىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم - سۈپەتلەردىن دەپ قاراش توغرا بولغان ئىكەن، نەجىب فازىلچە ئويلىغاندىمۇ ئىلاھ سۆزىنى تۈركچىگە ئۆرىگەندە ئۇنىڭ تۈركچىدىكى مەنىسىگە ئۇدۇل كېلىدىغان تەڭرى دەپ تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىش تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسىلىنى يەشسەك، خۇددى قۇرئان باشقىلار تەرىپىدىن مەبۇدى بەرھەق قىلىۋېلىنغان باتىل خۇدالارنى «ئالىھەھ» دەپ، كۆپلۈك شەكىلدە ئىشلەتكەن بولسا، باشقىلارنىڭ مەبۇدى بەرھەقلىرىنى تەڭرىلەر دەپ ئىپادىلەشمۇ دەل چۈشىدىغان تەرجىمە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەنمۇ قۇرئاندا ئاللاھنى ئۆزىگە ئىلاھ دېگەن چېغىدا مەبۇدى بەرھەقنى كۆزدە تۇتقان ئىكەن، ئۇنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى بولغان تەڭرى دېگىنىمىزدە ئىلاھ سۆزىگە ئۇدۇل كېلىدىغان سۆزنى ئىشلەتكەن بولىمىز. بۇ يەنە تىلىمىزنىڭ قۇرئان تىلىدىكى ئىلاھ كەلىمىسىگە ئوخشاش سۆز ۋە ئۇقۇمغا ئۇدۇل كېلىدىغان بىرلىك ۋە كۆپلۈك مەنىلىرىدە تەرجىمە قىلىپ قوللىنىشقا بولىدىغان ئاتالغۇمىزنىڭ كەم ئەمەسلىكىنى، تىل بايلىقىمىزنىڭ موللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. سەلبىي دەپ تاشلاپ قويۇپ ئۇنى باشقا مەدەنىيەت ۋە مەبۇدلارنىڭ تارتىۋېلىشىغا تاشلاپ قويساق، تىل ۋە دىن ئامانىتىنى جايلاپ ئىلىكىمىزدە تۇتالمىغاندىن سىرت ئۇنىڭغا ياتلىشىش، يەكلەش ۋە سەلبىي ئۇقۇم يۈكلەپ ئىجابىيلىقنى نەزەرگە ئالمىغان بولىمىز. خۇلاسە قىلغاندا، نەجىب فازىل چۈشەنچىسى بويىچىمۇ ئاللاھنى ئىلاھ مەنىسىدە تەڭرى دېيىش تامامەن ئۇيغۇن ئىش بولىدۇ. ئىلاھ سۆزىنى باتىل ئىلاھقا قوللىنىپ قويۇش بىلەن ئاللاھنى مەبۇدى بەرھەق مەنىسى يۈكلەنگەن ئىلاھ دەپ قاراش ھېچنىمىگە پۇتلاشمىغان ئىكەن، ئۇنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىگە ئۇدۇل كېلىدىغان تەڭرى سۆزىنىمۇ مەبۇدى بەرھەق مەنىسىدىكى ئىلاھقا ئۇدۇل كېلىدىغان سۆز دەپ يالغۇز كەلگەندە ئاللاھنى، كۆپلۈك شەكىلدە ئىشلەتكەندە باتىل ئىلاھلارنى مەقسەت قىلساق تامامەن ئۇيغۇندۇر. زاكون نۇقتىسىدىن ئەھۋال مۇشۇنداق.

تۆتىنچى: ھېچكىم تەڭرى سۆزى ئاللاھ سۆزى ئىپادىلەيدىغان مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ، دەپ دەۋا قىلغىنى يوق. تەرجىمىمۇ ئەسلى سۆزنىڭ بارلىق مەنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ، بەلكى مەلۇم مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالالىسا كۇپايە. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى ئاللاھ سۆزى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىلەرنى ئۆزىگە سىغدۇرمايدۇ. شۇنداق تۇرۇپ ئاللاھنى كۆزدە تۇتۇپ شۇ سۈپەتلەرنى ئىشلەتسە، مەسىلە بولمىغاندەك، ئىلاھنىڭ ياكى ئاللاھنىڭ تەرجىمىسى بولغان تەڭرى كەلىمىسىنى ئىشلەتسە، سېنىڭ بۇ سۆزۈڭ ئاللاھ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلارنى سىغدۇرمايدىكەن، دەۋېلىش ئورۇنسىزلىق بولىدۇ. بۇ يەنە بىر يازار چىقىپ خالىق سۈپىتىنىڭ تەرجىمىسى بولغان ياراتقۇچى دېگەن سۆزنى «ياراتقۇچىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە» دەپ ئىشلەتسە، بىرىنىڭ چىقىپ سەن نېمىشقا ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى ياكى خالىقنىڭ قانۇنىيىتى دەپ ئالمىدىڭ، چۈنكى ياراتقۇچى دېگەن تەرجىمە خالىق سۈپىتىگە ئۇدۇل كەلسىمۇ ئاللاھ سۈپىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىلەرنى سىغدۇرمايدۇ دەۋالغاندەكلا غەلىتە زاكوندۇر. خالىغانلار ياراتقۇچىنىڭ قانۇنىيىتى دەپ ئىشلەتسۇن، «خالىق» مەنىسىدە. خالىغانلار پەرۋەردىگار دېسۇن «رەببۇلئالەمىن» مەنىسىدە. خالىغانلار خۇدايىتائالا دەپ ئىشلەتسۇن «مەۋجۇداتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى» مەنىسىدە. خالىغانلار تەڭرى دېسۇن «ئىلاھ» مەنىسىدە. ھەممىسى ئاللاھقا دالالەت قىلىۋېرىدۇ.

بەشىنچى: تەڭرى دېسە بولمايدىغانلىققا ئەئراف سۈرىسىدىكى «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە ـ كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار» دېگەن ئايەتنى دەلىل قىلىش، تەڭرى دېيىلىشىنى «ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلمەس قوللانماڭلار» دېگەنگە چۈشۈپ قالىدىغانلىققا دەلىل قىلىش ياكى شۇنداق خۇلاسە چىقىرىش خۇددى سېھىرگەرنىڭ شەپكىسىدىن توشقان چىقارغىنىغا ئوخشاش سېركۋازچە تۇتۇمدۇر. ئايەت ئېنىق، تەپسىرىمۇ ئېنىق. بىرىنچىدىن، بۇ يەردە ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنى ئاللاھتىن باشقىلارغىمۇ نالايىق رەۋىشتە ئىشلىتىش چەكلەنگەندىن سىرت ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇق سۈپىتىگە توغرا كەلمەيدىغان، يەنى خالىققا ئەمەس، مەخلۇققا توغرا كېلىدىغان ئىسىم - سۈپەتلەر بىلەن چاقىرماسلىق ياكى مەخلۇققا خالىقنى كۆزدە تۇتىدىغان ئۇقۇم بىلەن سۈپەتلەپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش ئەسكەرتىلگەن. مەسىلەن ئاللاھنى سۈپەتلىدىم دەپ ئۇنى ناھايىتى قاملاشقان زات، بەك بىلىملىك، ئاجايىپ ئەقىللىق، ناھايىتى ئۇستا ھۈنەرۋەن دېگەنگە ئوخشاش ئۇنىڭ كامالى ۋە مۇتلەق قۇدرىتىنى زىدىلەپ مەخلۇقسىمانلاشتۇرۇپ قويىدىغان، گۈزەل ئىسىملاردىكى ئىلاھىيلىق مەنىلىرىنى بۇرۇۋېتىدىغان ئىسىم - سۈپەتلەرمۇ چەكلەنگەن. بۇ يۇقىرىقى ئايەتتىكى گۈزەل ئىسىم بىلەن چاقىرىشقا بۇيرۇپ تۇرۇپ بۇنىڭ بايانى سۈپىتىدە الحادقا، يەنى كەلسە -كەلمەس ئاتاشقا ياتىدىغان ئىسىم سۈپەتلەر بىلەن چاقىرماڭلار دەپ ئەسكەرتىشىنىڭ سەۋەبى. ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىدىمۇ مۇشرىكلارنىڭ: ئاللاھنى بىر دەپ تۇرۇپ ئۇنى رەھمان، رەھىم دېگەن تۈرلۈك ئىسىملار بىلەن سۈپەتلەشنىڭ «ئاللاھ بىردۇر» دېگەن ئەھەدىيلىكنى ئىنكار قىلىشتەك زىتلىققا ئېلىپ بارمامدۇ، دېگەن ئېتىرازىغا قارىتا نازىل بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئايەت نازىل بولۇش ئارقىلىق گۈزەل  ئىسىم - سۈپەتلەرنىڭ كۆپ بولۇشى ئاللاھنىڭ كۆپلىكىگە ئەمەس، ئۇنىڭ بىرلىكىنىڭ تۈرلۈك ۋەسىپلىرى ئىكەنلىكىنى، ئەسلى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە - كەلمەس ئىشلىتىشىنىڭ كەلسە - كەلمەس ئىشلىتىشنىڭ مۇشرىكلارغا ئوخشاش ئىلاھ قىلىۋالغان لات، ئۇززا قاتارلىق بۇتلىرىنىڭ، ئاللاھ، ئەزىز قاتارلىق ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم - سۈپەتلىرىدىن سۆز ياساپ ئويناپ تەڭرىلەشتۈرۈۋېلىش، بىر ياندىن «ئاللاھ ئاسمان - زېمىننى ياراتتى» دەپ تۇرۇپ يەنە بىر ياندىن بۇتلارنى مەبۇدى بەرھەق مەنىسىدە ئىلاھ ساناپ چوقۇنۇۋالغانلىقنىڭ زىتلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا مەسىلىگە ئايەت تەرجىمىسى بويىچىلا قاراپ يۈزەكى ھالدا مەفھۇم مۇخالىپقا چىقىۋېلىپ كاللىمىزدا ئالدىن يەكۈن چىقىرىۋالساق، تىلنىڭ پەلسەپەسىنى، دىننىڭ مەشرۇئ قىلغانلىرى ۋە چەكلىگەنلىرىدىكى ھېكمەت، سەۋەب - ئىللەتلەرنى تەھلىل قىلمايلا خۇلاسە چىقىرىشقا تۇتۇنساق يۈزەكىلىكتىن قۇتۇلالماي يۈرۈشىمىز مۇقەررەر بولغۇسى.

ئىككىنچىدىن، خاقانىيە تىلىدىكى قۇرئان تەرجىمىسىدە ئاللاھ دەپ كەلگەن جىمى ئايەتلەردە بىردەك «تەڭرى» دەپ تەرجىمە قىلىنىغاندەك، يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەرجىمىسىگىمۇ «تەڭرىنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەل ئىسىملىرى بار» دېگەن مەنە بېرىلگەن. يەنى تەڭرى ئاللاھ كەلىمىسىنىڭ تەرجىمىسى قىلىنغان. ئىلاھ دەپ كەلگەن سۆزلەرگە بولسا ساپ تۈركچە سۆز بولغان «تابۇنغۇ»، بۈگۈنكى تىلىمىزدىكى ئىلاھ ئاتالغۇسىنىڭ تەرجىمىسى بولغان «مەبۇد» سۆزى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان. دېمەك ئاللاھ سۆزىنىڭ تەرجىمىسى تەڭرى كەلىمىسى بىلەن، مەبۇد مەنىسىدىكى ئىلاھ كەلىمىسى بولسا، بۈگۈنكى تىلىمىزدىكى تېۋېنىش، تېۋېنماق سۆزى بولغان، شۇنداقلا چاغداش تۈركچىدىكى تاپماق، تاپىنماق سۆزىنىڭ ئەسلى بولغان «تابۇنغۇ» سۆزى بىلەن ساپ تۈركىي تىلىدا تەرجىمە قىلىنغان. شۇ دەۋردىكى تىل ئالاھىدىلىكىمىز، مول تىل بايلىقىمىز ئاللاھ ۋە ئىلاھ دېگەن بۇ ئىككى ئۇقۇمغا ئۇدۇل كېلىدىغان ئاتالغۇلارنى ئىككى ئۇقۇم قانداق ئايرىلغان بولسا، ئۆز مەنىسى ۋە دالالەت قىلىدىغان مەنىسىگە ماس كېلىدىغان ساپ تۈركىي تىل بىلەن تەرجىمە قىلغان. ئەلۋەتتە كېيىنكى دەۋرلەردىكى تەسىرلىشىش ھادىسىلىرى تۈرتكىسىدە كېيىنكى قۇرئان تەرجىمىلىرىدە «پەرۋەردىگار»، «خۇدا» قاتارلىق سۆزلەرمۇ قوبۇل قىلىنىپ تۈركىي تىل يەنىمۇ بېيىغان ۋە موللاشقان. بۇ نۇقتىلار ئايان بولغاندا، ئاللاھنى تەڭرى دەپ بىلىدىغان، تەڭرى سۆزىنى بىمالال ئىشلەتكەن تەرجىمە قۇرئانى بار بىر مىللەتتىن، تەڭرى ئاللاھنى كۆرسەتمەيدۇ، تەڭرى باشقا، ئاللاھ باشقا دەيدىغان ھالغا كېلىپ قېلىشتەك تىراگېدىيەگە مەھكۇم بولغانلىقىمىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك پاجىئەلەردىندۇر.

داۋامى بار...


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى

كېيىنكىسى: «ئاللاھ» بىزنىڭ، «تەڭرى» ئۇلارنىڭمۇ؟ (2)