Jump to content

«ئاللاھ» بىزنىڭ، «تەڭرى» ئۇلارنىڭمۇ؟ (2)

ئورنى Wikipedia

«ئاللاھ» بىزنىڭ، «تەڭرى» ئۇلارنىڭمۇ؟ (2)

ئالتىنچى: «مۇسۇلمان ئابا - ئەجدادىم قوللانغان بولسا، نېمىگە ئاساسەن ئاللاھ دېگەن خاس ئىسىمنىڭ ئورنىغا تەڭرى دېگەن ئورتاق ئىسىمنى قوللانغان؟» دېيىشمۇ مەسىلىگە توغرا دىياگنوز قويغانلىق بولمايدۇ. ھەم بۇ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. ھەتتا بۇنداق دېيىش ئابا - ئەجدادقا تۆھمەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى مۇسۇلمان ئابا - ئەجداد ھېچقاچان تەڭرى دېگەن «ئورتاق ئىسىم» دەۋېلىنغان سۆزنى ئاللاھ دېگەن خاس ئىسىمنىڭ ئورنىغا ئىشلەتكەن ئەمەس. بەلكى بۇ ئىسىمنى ئاللاھ، خالىق، بەدىيئ، قەدىير قاتارلىق ئىسىم - سۈپەتلەر بىلەن بىر قاتاردا پەرۋەردىگار، خۇدا، تەڭرى قاتارلىق ئىسىم - سۈپەتلەرنى ئىشلەتكەن ۋە بۇلارنى يۇقىرىقى ئەرەبچە ئۇقۇملارنىڭ تۈركىي تەرجىمىسى شەكلىدە قوللىنىپ كەلگەن. «ئورنىغا ئىشلەتكەن» دەۋالغۇدەك، ئاللاھنى قوبۇل قىلىش ياكى تەڭرىنى بازارغا سېلىپ ئاللاھنى تۈركىي تىلغا ئەكىرمەسلىك پوزىتسىيەسىدە تۇرۇۋالغانمۇ ئەمەس. شۇڭا ئورنىدا ئىشلەتكەن ئەمەس، يۇقىرىقى قۇرئانىي ئاتالغۇلار بىلەن بىر قاتاردا، شۇ ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى بولالايدىغان ساپ تۈركچە سۆزلەرگە ساغلام بولغان ئۇقۇم - مەزمۇنلارنى يۈكلەپ تۇرۇپ تېرمىن - ئىستىلاھ سۈپىتىدە، تەرجىمە نۇقتىئىنەزەرىدە ئىشلەتكەن.

  ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى «مۇسۇلمان ئابا - ئەجداد» دەۋاتقىنىمىزدىن تۇغۇلۇش تارىخى بىزدىن بۇرۇن ھېسابلىنىدىغان ئۇلۇغ - ئۇششاق ھەممە تۈركىستانلىقلارنى كۆزدە تۇتمايۋاتقىنىمىز ئېنىق. كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىمىز دىنىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى تۈركىستان ۋە ماۋەرائۇننەھردە گۈللەپ ياشنىتشتا رول ئوينىغان، بىر پۈتۈن دارۇلئىسلامدىكى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئۆلىماسى بولغان ئىلىم پېشۋالىرىمىز، مۇجتەھىد ۋە مۇھەققىقلىرىمىز، دانىشمەن - پەيلاسوپلىرىمىز، ئەدىب ۋە ئارىفلىرىمىز، مۇئەررىخ ۋە ساھىبقىرانلىرىمىز مەقسەتتۇر. شۇڭا، بۇ توغرىسىدىكى سوئال «نېمە ئۈچۈن تەڭرى ئۇقۇمىنى تاشلىۋەتمەي ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇردى؟»، بولۇشى لازىمكى، «نېمىگە ئاساسەن ئاللاھ دېگەن خاس ئىسىمنىڭ ئورنىغا تەڭرى دېگەن ئورتاق ئىسىمنى قوللانغان؟» دېگەندەك رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغان تەرزدە بولماسلىقى لازىم. چۈنكى رېئاللىق، تارىخ، ئىلىم بۇنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى دەلىللەيدۇ.

تەڭرى ئۇقۇمىنى ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ سەۋەب - ھېكمىتىمۇ ناھايىتى ئېنىقتۇر. چۈنكى تەڭرى تۈركلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى بىر خۇدالىق ئەقىدىسىدىكى يەر - كۆكنىڭ ئەسلىي ئىدارە قىلغۇچىسىنىڭ، مۇتلەق ئىلاھىي كۈچنىڭ، مەۋجۇتلۇقنىڭ مەنبەسىنىڭ ئىسمى. شۇنداقلا تەڭرىقۇت تەخەللۇسىغا سازاۋەر خاقانلارنىڭ قۇت «ئىلاھىي كۈچ» ئالىدىغان، خەلقنىڭ خاقانلىق مەشرۇئىيىتىنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان، يەنى ھاكىمىيەتنىڭ مەشرۇئىيىتىنى تەستىققا ئىگە قىلىدىغان مەنبەدۇر. شۇڭا خاقاننىڭ قۇت ئىگىسى بولۇشى ئۇنىڭدىكى قۇتنىڭ كۆك تەڭرىدىن، يەنى كائىنات تەڭرىسىدىن كەلگەنلىكىدىندۇر. خاقانغا ئىتائەت قىلىشنىڭ تەڭرىگە ئىتائەت قىلغانلىق بولىدىغانلىقىدەك بىر زېھنىيەتنىڭ بولۇشى تۈركلەرنىڭ دۆلەت سىستېمىسىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان مەنىۋى ئاساسلاردىندۇر. خان ئەۋلادىنىڭمۇ خان بولىدىغانلىق مەشرۇئىيىتىمۇ مۇشۇ چۈشەنچىدىن كېلىپ چىققاندۇر. خەلق ۋە خاقان ئارىسىدىكى ھاكىم ۋە مەھكۇم، شاھ ۋە پۇقرا مۇناسىۋىتىمۇ مۇشۇ تۇتقىغا باغلانغان. مانا بۇ تەڭرى ئۇقۇمىنىڭ بىر خۇدالىق چۈشەنچىسى ئاساسىدا ئوينىغان رولى. «مەن بەندىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى توغرا دىن ئۈستىدە ياراتتىم. كېيىن شەيتانلار ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارنى دىنىدىن ئازدۇردى» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك، بۇددىستلىشىش، شامانىستلىشىش بولسا، خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋھىد دىنى، بىر خۇدالىق ئەقىدىسى ئەرەب ئارىلىدا ياشايدىغان قەبىلىلەردە قانداق بۇرمىلانغان بولسا، تۈركلەردىمۇ بۇرمىلاشقا ئۇچرىغان. ئىمام ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ دەۋىتىنىڭ سۇتۇق بۇغراخاننى، تۈركىستاننىڭ مىڭ يىللىق بۇددىزم پەلسەپەسىگە جاۋاب بېرەلەيدىغان بىر ئالىمنىڭ بۇ جۇغراپىيەنىڭ ئەربابلىرىنى قايىل قىلىشىمۇ ئىسلامنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ كۆك تەڭرى چۈشەنچىسىنى تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈرگەنلىكىدىن، شۇ دەۋر ئەقىدە، پەلسەپە نامايەندىلىرىدىن ماتۇرىيدىي ۋە فارابىيلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان شۇ دەۋر مۇسۇلمانلىرىنىڭ باشقا دىن ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى پەلسەپەۋى سوئاللىرىغا يۇقىرى سەۋىيەدە جاۋاب بېرەلەيدىغان ئىلمىي يۈكسەكلىكتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. دېمەك، تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ، بولۇپمۇ خاقانىيە تۈركلىرىنىڭ ئىسلامغا كىرىشى بىلەن بۇلغانغان تەڭرى ئۇقۇمىنىڭ ئەسلىدىكى ساپ ھالىتىگە قايتۇرۇلۇشى، ھەمدە ئۇنىڭ ئىسلامنىڭ تەۋھىد مەزمۇنلىرى بىلەن پۇختىلىنىشى، نەتىجىدە تەڭرى ئۇقۇمىنىڭ ئاللاھنى كۆرسىتىدىغان مەفھۇمغا ئىگە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېيىشكە بولىدۇ.

يەنە بىر نۇقتىدىن قارىساق، مەلۇم بولغىنىدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىشتىن بۇرۇنمۇ جاھىلىيەت ئەرەبچىسىدە ئاللاھ ئىسمى بار ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ئابدۇللاھ بولۇشىمۇ بىھېكمەت ئەمەس. لېكىن ئاللاھ ئاتالغۇسى شېرىك ۋە كۇفۇر دەۋرىلىرىدە مەزمۇنى بۇزۇلغان، جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان دەۋر بولغان. پەيغەمبەر كېلىشى بىلەن ئۇ ئىسىمنى ئۆچۈرۈپ يېڭى ئىسىم پەيدا قىلغىنى يوق. ئاللاھ ئىسمىغا تەۋھىد پىرىنسىپىنى ئورنىتىپ مۇكەممەل بىر دۇنيا قاراش ھالىغا ئېلىپ كەلدى. تەڭرى ئۇقۇمىمۇ ئەسلىدىكى مەنىسى ۋە مەزمۇنىنى تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ ئەسىرلەر داۋامىدىكى دىن ئۆزگەرتىش ۋە مەدەنىيەت يەڭگۈشلەش جەريانىدا قايسى تەۋەلىككە ئۆتسە شۇنىڭ دۇنيا قارىشىغا ئۇدۇل كېلىدىغان ئۇسۇلدا ئىچى بۇلغانغان ئۇقۇمغا ئايلانغان. ئىسلام كېلىشى بىلەن تۈرك ئەجدادلىرىمىز ئىسلامنىڭ تەۋھىدىنى ئەڭ قەدىمكى دىنىنىڭ مېتافىزىكىسىدىكى ئورتاقلىقلارنى بايقىدى ۋە بۇرمىلانغان ئاتالغۇنى خۇددى ئاللاھ كەلىمىسى ۋە ئۇقۇمى قانداق مۇكەممەللەشكەن بولسا، تەڭرى ئۇقۇمىغىمۇ ۋەھيىدىن ئوزۇقلانغان ئاللاھ ئۇقۇمىدىكى تەۋھىد ئاساسلىرىنى يۈكلىدى ۋە ساپلاشتۇرغان ھالىتى بىلەن ئىشلىتىشنى داۋام قىلىپ كەلدى. چۈنكى تەڭرى ئۇقۇمى پاگانىزم ياكى بۇددىزمدىن مەنبەلەنگەن ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى ئوغۇز ئەپسانىلىرىدە، ئورخۇن ئابىدىلىرىدە مەلۇم بولغىنىدەك زامان - ماكاندىن مۇتلەق ئۈستۈن، ھەممىنىڭ مەۋجۇتلۇق مەنبەسى، بىردىنبىر چوقۇنۇشقا، دۇنيالىق ھاياتىنى ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن ياشاشقا تېگىشلىك مۇتلەق قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئىسمى. بۈگۈننىڭ تارىخچىلىرى، مۇتەپەككۇرلىرى ئېيتقاندەك، ئەجدادلار ئىسلامغا كىرىش بىلەن دىنىلا ئەمەس، تىلىنىمۇ مۇسۇلمانلاشتۇرغان. ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ «تىل رۇس بولماي ئىمان رۇس بولمايدۇ» دېگەن تەۋسىيەسىنى نېگىزى بىلەن چۈشەنگەنلەر بولغان.

تەڭرى ئۇقۇمىنى ئىشلىتىشنى داۋام قىلىشنىڭ شەرئىي ئاساسىغا كەلسەك: ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم - سۈپەتلىرىنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتە كەلگەندىن باشقا سۈپەتلەر بىلەن تەبىرلەش ياكى ئۇلۇغلاشتا ئۆلىمالار مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك شەرت قويغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئومۇمىيسىنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

بىرىنچى،  ئىشلىتىلگەن سۆز پەقەتلا ئاللاھنىڭ كامالىغا، مۇتلەقلىقىگە، ئۇنىڭغىلا لايىق بولىدىغان مەزمۇنغا ئىگە بولغان بولۇش. بۇ شەرت بويىچە تەۋھىدنى بۇلغايدىغان بۇددا، زىئوس قاتارلىق يات دىننىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىسىملىرى ياكى شۇلارنىڭ سۈپەتلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەقىللىق، بىلىملىك، ئويغاق، ئۆتكۈر دېگەندەك سۈپەتلەرمۇ توغرا بولمايدۇ. ھەر ئىككىسى مۇكەممەللىك، مۇتلەقلىق سۈپەتلىرىنى زېدىلەيدۇ، ياكى مەخلۇققا، يارىتىلغانلارغا ئوخشىتىش، كاماللىققا نىسبەتەن نۇقسانىيلىققا ئېلىپ بارىدۇ.

ئىككىنچى، ئۇنى مەخلۇققا ئوخشىتىپ قويۇشقا ياتىدىغان، ياكى ئۇنىڭ ئۆزى سۈپەتلىمىگەن ۋە سۈپەتلەشكە بولمايدىغان سۈپەتلەرنى مەزمۇن قىلغان ئۇقۇم ۋە سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، ئاللاھ قۇرئاندا كىنايە قىلىپ ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ خەيرلىكى دېگەن بولسا، بىرى چىقىپ ئاللاھنى «ماكىر (ھىيلە - مىكىرچى)» دەپ سۈپەتلەپ ئىشلىتىۋالسا بولمايدۇ.

ئۈچىنچى، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىق رولىنى، يەنى ئىبادەتكە ئۇنىڭلا بىردىنبىر لايىقلىقى چۈشەنچىسىنى، ئىلاھلىقىنى زېدىلەيدىغان بولماسلىقى، مەسىلەن، ئەي ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، خۇدالارنىڭ خۇداسى دېگەنگە ئوخشاش. ياكى بولمىسا ئاللاھ، ئەزىز (ھەممىدىن غالىب) قاتارلىق ئىسىملاردىن سۆز ياساپ شۇ ئىسىملارنىڭ ۋارىيانتىدەك كۆرسىتىپ ياسىۋالغان بۇتلارغا ئىسىم قويۇپ ئۇنىڭغىمۇ ئىلاھلىق، مەبۇدلۇق تۈسى بېرىشكە ئوخشاش.

يۇقىرىقى پىرىنسىپلارغا ئاساسەن تەڭرى ئۇقۇمىغا قارايدىغان بولساق، بۇ ئۇقۇم ئالدى بىلەن بۇددىزم ۋە پاگانىزم چۈشەنچىلەردىن ئېرىغدىلىپ ئەسلىدىكى يەر ۋە كۆكنىڭ ئىگىسى مەنىسىگە قايتۇرۇلغان ۋاقىتتا بۇنىڭ تۈپ ئۇلى ئاللاھ ئۇقىمىدىكى تەۋھىد پىرىنسىپلىرى بىلەن پاراللېل ئورتاقلىق بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ پاراللېللىق يۇقىرىقى ئۈچ شەرت بويىچە تامامەن ياراتقۇچىغا قوللىنىشقا بولىدىغان ئاتالغۇ بولۇشىغا ئاساس سالغان. خۇددى ئاللاھ ئۇقۇمى پەيغەمبەرنىڭ كېلىشى ۋە ئىسلاھ قىلىشى بىلەن شېرىك مەنىلەردىن ئېرىغدىلىپ ساپ مەنىسى بويىچە پۇختىلانغان بولسا، ئىسلامىيەت تۈركىستانغا قەدەم بېسىشى بىلەن تەڭرى ئۇقۇمىمۇ ساپلاشقان، پۇختىلانغان. دىنمۇ، تىلمۇ ئىسلاملاشقان، ئىسلاھ بولغان. ئىسلامنىڭ بىر دىننى ئۆرۈپ يەنە بىرىنى تىكلەش بولماستىن، ئەكسىچە تەۋھىدتىن بۇزۇلۇپ شېرىككە ۋە ھەر تۈرلۈك باتىل ئىلاھ ياكى ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا قارشى ئىسلاھاتكار سۈپىتىدە شېرىكتىن تەۋھىدكە قايتۇرۇش، بۇزۇلۇشتىن ئىسلاھاتقا قايتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان بىر دىن ئىكەنلىكىنى ئىددىئا قىلىشىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، ئەجدادنىڭ ئىسلامنى قايسى مەنىدىن چۈشىنىپ ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن تەڭرى ئۇقۇمىنى تاشلىماستىن يېڭىلاپ، ساپلاشتۇرۇپ ۋە ئىسلاملاشتۇرۇپ قوللانغانلىقىنىڭ ھېكمىتىگە يېتىش، ھەمدە بۇنىڭ مىللىي خاسلىق ۋە ئىسلامىي جاھانشۇمۇللۇق مەپكۇرىسى نۇقتىسىدىن نەقەدەر دانا ئىش بولغانلىقىنى چۈشىنىشمۇ تەس بولمايدۇ.

يەتتىنچى: سوئالدا يەنە «ئايتەڭرى، خان تەڭرى دېگەن سۆزلەر قەدىمكى ئەسەرلەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ» دېيىلىپتۇ. توغرا، ئەلۋەتتە ئۇچرايدۇ-دە. لېكىن ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى كىلاسسىك ئەسەرلەردە ئۇنداق كۇفۇر سۆزلەر ئەسلا ئۇچرىمايدۇ. جاھىلىيەت ئەرەبچىسىدە ئىلاھۇلقەمەر سۆزىنى ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن، ئەمما ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇچراتمايمىز. چۈنكى بىر مۇسۇلمان ئىلاھ كەلىمىسىنى تىلغا ئالسا ئاللاھتىن باشقىسى كۆزدە تۇتۇلمايدۇ. جاھىلىيەتتىن بۇرۇنقى «ئابدۇللاھ» دېگەن ئىسىم قويۇش مەسىلە بولمىغاندەك، ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ «ئابدۇلئىلاھ» دېگەن ئىسىم مەسىلە بولغان ئەمەس.  بىزدىمۇ ئاتائۇللاھ دېگەن ئىسىم بولغىنىدەك، تەڭرىبەردى دېگەن ئىسىممۇ پاراللېل ئىشلىتىلگەن. تىل زاپىسىدا بار سۆزلۈكنى توغرا ۋە ساغلام ئۇقۇمغا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىشتەك بۇ گۈزەل خىسلەت ئەجدادلىرىمىزدىمۇ داۋاملاشقان. تەڭرى سۆزىگە ئورتاق ئىسىم دېگەن قالپاقنى كەيدۈرۈپ قويۇپ پىپەن نۇقتىسى قىلىۋېلىشتەك بۇ خىل تۇتۇم ئەمەلىيەتتە بىرنەرسىنىڭ بۇرمىلانغان قىسمىنى نەزەرگە ئېلىپ ئىسلاھ قىلىنغان قىسمىنى چۆرۈپ تاشلاشقا، ئىسلاھ بولغاننى بۇزۇلغاننىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ بۇزۇلغاننى بۇزۇق قوبۇل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش بولۇپ، خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈشتۇر.

سەككىزىنچى: سوئالدا نەجىب فازىلنىڭ «ئاللاھ تەڭرىنىڭ بالاسىنى بەرسۇن. تەڭرى سىلەرنى قوغدىسۇن ئاللاھ بىزگە كۇپايە» دېگەندەك تەڭرى كەلىمىسىنى ئاللاھ كەلىمىسىنى ئىپادىلەشتە لايىق كۆرمىگەن يەرلىرى بار، دېيىلىپتۇ. ئېيتقاندەك بۇ نەجىب فازىلنىڭ چۈشەنچىسى. ئالىملار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ نۇقتىسىدىن كېلىپ چىققان ئىلمىي تەرجىھ ئەمەس. نەجىب فازىل شۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەن بولسا، بۇنىڭ بىرىنچى خىل ئېھتىماللىقى نەجىب فازىلنىڭ شۇ سۆزنى قىلغان چاغدىكى دەۋر مۇھىتى، ئىسلامىي پىكىرلەرگە قارشى چىقىۋاتقان تەتۇر قۇيۇنلارغا قارىتا زاكون نۇقتىسىدىن دېيىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىسلام مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشنى، غەربلىشىش ۋە ئاشقۇن مىللەتچىلىكنى دەۋا قىلىدىغان تائىپىلەرنىڭ ئاللاھنى سۆكۈپ ۋە ھەتتا تىلدىن چىقىرىپ تاشلاش تەشەببۇسىدىكى تىل فاشىستلىرىغا قاراتقان بولىدۇ. ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە ئاللاھ دېگىلى بولمايدىغان بىر مەبۇدنى تىكلەپ ئۇنىڭغا قەدىم تۈركچىدىكى تەڭرى ئىسمىنى بېرىپ ئىسلامدىن ۋاز كېچىش تەرەپدارى بولغانلارغا قاراتقان، دەپ چۈشىنىش مۇمكىن.

ئىككىنچى خىل ئېھتىماللىقتا بولسا، نەجىب فازىلنىڭ يۇقىرىقى ئىپادىلىرى ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئىلمىي قېزىشلاردا تۈركىستاندىكى ئەجدادلىرىدىن تارتىپ ئوسمانلىيدىكى ئالىم ئەجدادلىرىنىڭ ھېچقاچان تەڭرى ئۇقۇمى بىلەن بىرە مەسىلىسى بولۇپ باقمىغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئارىفلىق يولىغا ياتقىن بىر شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىستانلىق ئەجدادى خوجا ئەھمەد يەسەۋىينىڭ:

ھەر ساباھتا بوينۇم قىسىپ رەببىم دېسەم،

رەببىم ماڭا مۇرادىمنى بېرەرمىكىن.

قانلار تۆكۈپ كۆزلىرىمدىن زار ئېڭرىسام،

تەڭرىم مېنىڭ ھالۇ دىلىم سورارمىكىن.

دېگەن شېئىرىدىن خەۋەردار بولۇشى كۈتۈلىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىدىن تۆت ئەسىر مۇقەددەم ئۆتكەن ئوسمانلىي ئالىمى، ھەمدە تىلشۇناس مۇتەپەككۇر شائىر مۇھەممەد ئەھمەد ئەررۇمىي ئەپەندىنىڭ قەلىمىدە ئەرەبچە ۋە ئوسمانلىچە ئىككى تىللىق سېلىشتۇرما شەكلىدە يازغان نەزمىي سۆزلۈك كىتابىدىكى:

ئاللاھ، تەڭرى، بىر ئىسمىدۇر رەھمان،

قۇددۇس، ئارى، بىر نەئتىدۇر سۇبھان.

بارىئ ۋە فاتىر، ياراتىجىدۇر ئۇ،

ۋاقىئۇ ئاسىم، ھافىت نىكەھبان.

دەپ يازغان نەزمىسىدىن ئاللاھنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى تەڭرىدۇر، دېگەنلىكىنى، يەنە ئۇندىن باشقا ئوغۇز تۈركچىسى ئەدەبىياتىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارالغان بۇيۈك مۇتەپەككۇر يۇنۇس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرىدىكى:

تەڭرى ئارسلانى ئەلى ئوڭ يېنىدا مۇھەممەدنىڭ،

ھەسەن بىلەن ھۈسەيىن سول يېنىدا مۇھەممەدنىڭ.

يىلدا يەتمىش مىڭ ھاجى، ھەربىرى نىيەت قىلار،

بارىپ زىيارەت ئېتىشكە نۇرىنى مۇھەممەدنىڭ.

يۇنۇس ئەمرە ئاشىقتۇر، ناقىستۇر، مىسكىندۇر.

ھەركىم يىيەلمەس مەھرۇمدۇر، دەستۇرخانى مۇھەممەدنىڭ.

دەپ ئېيتقان پىغانلىرىدىن، ھەمدە ئۆزىدىن بەش ئەسىر مۇقەددەم ئوسمانلىي ئەدىبلىرى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان دەدە قورقۇت ھېكايىلىرىدە بىر جۈملە ئىچىگە ھەم ئاللاھ، ھەم تەڭرى سۆزىنى تەۋھىدىي شۇئۇرنى مەركەز قىلىپ بىمالال ئىشلەتكەنلىكىدىن يەنىمۇ سەگىگەن بولار ئىدى. شۇنداقلا ئۆزىگە ئەڭ يېقىن دەۋردە يېزىلغان ئوسمانلىي تۈركچىسىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتلىرىدىكى تەڭرى سۆزىنى ئاللاھ، خۇدا دەپ ئىزاھلانغانلىقىمۇ ئالدىراپ چەتكە قاقماسلىققا سىگنال بولار ئىدى. خەير...

قىسقىسى، نەجىب فازىل تۈركىستان ۋە ئاناتولىيە تۈركلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىن ھېچقاچان تەڭرى سۆزى بىلەن بىر مەسىلىسى بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلگىنىدە يۇقىرىقىدەك تەڭرى ئۇقۇمىغا گويا خۇسۇمەتچىسى مىسالىي پوزىتسىيە تۇتۇشتىن ساقلانغان بولار ئىدى. ئېيتقىنىمىزدەك، ھېسسىياتىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىشقا قانچە ئۇرۇنۇشىغا باقماي، دەلىل - پاكىت، ئىلىم ۋە تارىخىي رېئاللىق ئاللاھنىڭ رەببىمىزنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلگەنلىكىنى قانداق ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرسە، تەڭرىمىزنىڭمۇ خالىق تائالادىن باشقا ئەمەسلىكىنى، تەڭرى دېگىنىمىزدە ئۆز نۆۋىتىدە ئاللاھنى دەۋاتقانلىقىمىزنى ۋە بۇنىڭ تاكى مەدەنىيەت پۈتۈنلۈكى بۇزۇلغان ئاسارەت دەۋرىگە قەدەم قويغىنىمىزغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

خۇلاسە قىلساق، تەڭرى ئورتاق، ئاللاھ خاس ئىسىم دېگەن يۈزەكى تەقسىماتقا ئاساسلىنىپلا ئۇنىڭ تىلىمىزدا قېلىپلىشىپ بولغان، ئىسلامىيلىشىپ بولغان ھالىتى تۇرسىمۇ ئاللاھنى ئۆز ئانا تىلىمىزدا تەڭرى كەلىمىسى ۋە سۈپىتى بىلەن چاقىرىلىشىنى، ئۇلۇغلۇقنى، مۇتلەق قۇدرەت ئىگىسى، مەۋجۇداتنىڭ بار بولۇشى ۋە دۇنيالىقىنى توغرا يولغا سالغۇچى ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشكە يارايدىغان بۇ ئۇقۇمنى ئاللاھتىن باشقىنى مەبۇد قىلغۇچىلارنىڭ ئاتالغۇسىدەك كۆرۈۋېلىش ئاساسسىزدۇر. خۇددى بۈگۈن خىرىستىيان ئەرەبلەر ئاللاھ دېگىنىدە ئۇلارنىڭ ئاللاھى بىلەن مۇسۇلمان ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئاللاھ دېگىنى بىر - بىرلىرى ئۈچۈن مەسىلە بولمىغاندەكلا، مەسىلە قىلىۋېلىش ھاجەتسىز بولغان مەسىلىدۇر. مەسىلە قىلىۋېلىشىمىز بولسا، ئۆزىمىزنىڭ مېتافىزىك ئىلمىغا چوڭقۇر ئەمەسلىكىمىزنىڭ، سىرتقى كېلىۋاتقان مەدەنىيەت بوھرانلىرىغا قالقان بولۇپ تۇرالىغۇدەك مەزمۇت قورغانغا ئىگە بولۇپ بولالمىغانلىقىمىزنىڭ، كومپىلىكس (كەمسىنىش) پىسخىكىسىدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇنىڭدەك ئۆزىمىزگە ئائىت ۋە ئۆز بولۇپ كەلگەن بىر ئاتالغۇنى يات مەبۇدنىڭ ئاتىقى قىلىۋالغۇچىلارنىڭ ئىددىئالىرىغا چۈشۈپ بېرىپ ئۇلارغا تارتقۇزۇپ قويۇشنى راۋا كۆرۈش، ئاللاھنى تەڭرى دېيىشتىن تەرەددۇتتا قېلىش مەسىلىنى تەھقىقىي سەۋىيەدە ئايرىيالماسلىقتىندۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىب كەبى مۇجەددىد بىر ئالىمنىڭ ئۆز ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىنى «حمد وسباس ومنت واكدي تنكري عزوجل قا كيم...»، يەنى ھەمدۇسانا، مىننەت، مەدھىيە - ئالقىشلار تەڭرى ئەززە ۋە جەللەگە بولغايكى... دېگەن خاقانىيە تۈركچىسى بىلەن باشلىغانلىقى، قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىلىرىدە تەڭرى كەلىمىسىنىڭ بىمالال ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە بۈگۈنگە قەدەر تەڭرى ئۇقۇمىنىڭ ئىستېمالى تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىدەك بىر رېئاللىقنىڭ بۈگۈننىڭ موللا ۋە زىيالىي تائىپىسى ئوتتۇرىسىدا ئايدىڭ بىر مەسىلە بولۇپ بولالماسلىقىمۇ ئاسارەتتىن كېيىنكى پىكرىي بۆلۈنۈش، ئىلمىي چېكىنىش ۋە شالغۇتلاشتۇرۇش پىروجىلىرىدە مەيدانغا كەلگەن كۈلتۈرەل ياتلىشىشنىڭ بىر ئىپادىسى بولغانلىقتىن، شۇنداقلا مېتافىزىكىمىزغا، دۇنيا قارىشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن بىر تۈرلۈك ئىدىيەۋى كىرىزىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. يەنە كېلىپ ئانا تىلىغا خام موللىلارنىڭ؛ ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشىغا، تىلىغا، كالامىغا، پەلسەپەسىگە قارا ساۋاتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن يازغۇچىلارنىڭ؛ ئىسلام مەدەنىيىتىگە مەنسۇپلۇقىغا قارىماي ئۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىلىم تىلىدىن، قىممەت قاراش ۋە ھايات قارىشىدىن يوقسۇز زىيالىي توپىنىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ، بۇ خىل پاجىئەلىك كىرىزىسنىڭ قېچىپ قۇتۇلغۇسىز ئاپەت ئېلىشىدىكى مۇقەررەرلىكلەردىن بىرى. شۇنداقلا مەسىلىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئەتراپلىق بىلىش ئۈچۈن ئابا - ئەجدادلىرىنىڭ كالام ۋە پەلسەپە ئەسەرلىرىدە، ئۇسۇل فىقھى تەتقىقاتلىرىدا مەخسۇس بەھس قىلىنىپ ماڭىدىغان «ئىسىم ۋە مۇسەمما ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسى»، «ئىسىم بىلەن سۈپەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرق» قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرىدا سۆزلىنىدىغان: سۆزلۈك ۋە ئۇقۇم بىردەكلىكىنى قانداق ساقلاشتا قانداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكى، ئاللاھ ئىسمى بىلەن سۈپەت خاراكتېرلىك تېرمىنلارنى ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى مول قىممەتكە ئىگە پىكىر بايلىقلىرىدىن بىخەۋەر قالغان ياكى مەزكۇر پىكىر بايلىقلىرىدىن مېۋە ئۈزۈپ يېيىش سەۋىيەسىنى ھازىرلىمىغان «ئىلىم ئاشىنا»لىرىنىڭمۇ يۇقىرىقىدەك تەرەددۇدلىنىشلاردىن خالىي بولالمايدىغانلىقى ئەمەلىيەت. بۇنداق ئەھۋالدا مەسىلىنىڭ مېتافىزىك تەرىپىنى ئەقىدىۋى نۇقتىدىن قانداق ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئايرىۋاشلىيالىشىمۇ ئەمرى مۇھال. مۇسۇلمان ئەجداد دەل بۇ تۈردىكى مەسىلىلەرنى فىلولوگىيەلىك نۇقتىدىن بولسۇن، ئىستىلاھ نۇقتىسىدىن بولسۇن، ئىلاھىيات ياكى مېتافىزىك ئىلمى نۇقتىسىدىن بولسۇن ھەر تەرەپلىمە ئېنىقلاپ ھەمدە ئىلمىي تارازىدىن، شەرئىي ئۆلچەمگە لايىقلاشقان ھالدا ئىدىيەسىدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ ئاندىن ئۇنى ئىشلەتكەن ۋە ئومۇملاشتۇرغاندۇر. مانا بۇ ھېكمەت ئوچۇقىدا تاۋلانغان ئەقىل جەۋھىرىدىن نېسىۋە ئېلىشتۇر. ۋەھيىنىڭ نۇرىدا كۇفۇر جاھالىتىدىن ئۈزۈل كېسىل بولۇش، نىجاسەتنى يۇققان كىيىم بىلەن قوشۇپ كېسىپ تاشلاپ يىلتىزىدىن قومۇرۇش تۈرىدىكى يولدا ئەمەس، بەلكى يۇققان ياكى يۇقتۇرۇلغان نىجاسەتلەرنى تازىلاپ پاكلاش، شەيئىنىڭ ساپلىقىنى بۇلغىغان دۇغلارنى سۈزۈپ ساپلاشتۇرۇش يولى ئارقىلىق جەۋھەر ھالىتىگە كەلتۈرۈپ ئىشلىتىشنى، ئەسلىي قىممىتىنى ئوز ئورنىغا چۈشۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشنى شەرىئەت قىلغان مۇھەممەد مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىدا يۈرۈشتۈر. ۋەسسالام!

-بۇرھان مۇھەممەد

2022-06-14

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى


باشقا قايت: «ئاللاھ» بىزنىڭ، «تەڭرى» ئۇلارنىڭمۇ؟ (1)