«ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» قىلالمامدۇق؟
«ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» قىلالمامدۇق؟
گوللاندىيەدىكى بۇ پائالىيەتتە كۆكرەك كېرىپ چىققان قېرىندىشىمىزنىڭ جەسۇر ھەرىكىتىگە ئاپىرىن! نەچچە يىلدىن بېرى دويىن ۋە تىك توكلاردا تارقاپ يۈرگەن ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان خىتايلارنىڭ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئوقۇۋاتقان، ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتقان خىتايلارنىڭ ۋىدىيولىرىنىڭ خۇلاسىسى مانا ئەمدى بىر – بىرلەپ چىقىۋاتقاندەك. ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نامىدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل، ئۇيغۇرچە ناخشا ۋە سەنئەت نومۇرلىرىغا ئىشتىياق باغلاش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈۋاتقاندەك كۆرۈنۈشلەرنىڭ تارقىلىشى ئارقىسىدا، ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان سەنئەتكارلارنىڭ تۇشمۇتۇتۇشتىن تۇتۇپ يوق قىلىنىشتىكى سۇيىقەستنىڭ ياتقانلىقى سىر ئەمەس ئىدى. بۇنداق ساختا قىزغىنلىقنىڭ ئەۋج ئالدۇرۇلۇشى ئەسلىدە سەنئەتچىلىك ساھەسىدە سۈپەتنى ۋەيران قىلغاندىن سىرت ساننىمۇ ئازايتىش، ئورنىغا تەقلىدچى خىتايلارنى دەسسىتىپ، چەتئەلدىن كەلگەن – كەتكەنلەرنىڭ كۆزىنى بوياشقا خىزمەت قىلدۇرۇش ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئاتالمىش شالغۇت «مەدەنىيىتى»نىڭ پەرقلىق كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتلەر بىلەن ئېجىل – ئىناقلىق ئىچىدە ياشىيالايدىغانلىق، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تېنىۋېلىشتەك خۇپسەنلىكلىرىنى پەردازلاش ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇرچە ياساندۇرۇپ مىللىي ئۇسسۇلغا سېلىشتەك بۇنداق رەسۋالىقنى پاش قىلىش، بولۇپمۇ ساختا سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تىجارەت ۋە باشقا خەلقئارالىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە تايىنىپ سورۇنمۇسورۇن قوللىشىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پۇشتىدىن بولغان نائەھلى مۇناپىقلارنىڭ ماسلىشىشى ۋە بۇنىڭ جاۋابسىز قېلىشى مەسىلە بولۇۋاتقان پەيتتە كۆكرەك كېرىپ چىقىپ تەسىر يارىتىدىغان بىر تۈستە ساختىلىقنى پاش قىلىش، رەسۋاسىنى چىقىرىشقا ئۇرۇنۇش تەقدىرلەشكە تېگىشلىك بىر ئەھۋال. بۇ خىل ھەرىكەتلەر ھەم چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانسامبىللارنىڭ مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش نامىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بولغان تونۇشنى زەئىپلىتىش، خورىتىش تىپىدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەش جەھەتتىنمۇ، خەلقنىڭ قاتمۇقات ساختىلىقلارغا قارشى ھۆركىرەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئەھمىيەتلىك. لېكىن بۇنىڭمۇ ئىلگىرىكىلىرىدەك، قانداقلا بىر ھەرىكەت قوزغالسا، سىياسەتچىسىدىن تارتىپ ئاكتىۋېسىغىچە ھەممە شۇنىڭغا يېپىشىۋېلىپ قىلىۋاتقان پائالىيەت ۋە ھەرىكەتلەر بىر ياقتا قېلىپ ئاشۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىپ ئاخىرىدا ئىشنىڭ مىجىقىنى چىقىرىپ تېتىماس، مەنىسىز بىر ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قاراپ ئولتۇرۇشتەك بىنورماللىقلارنىڭ قۇربانى بولماسلىقىغا دىققەت قىلىش زۆرۈر. شۇنىڭدەك، قايسىسى ئاكتىۋېىسنىڭ، قايسىسى سىياسەتچىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرمەسلىك، ئەمەلىي دەستەكلەيدىغان ئىش بىلەن چاقىرىق نۇقتىسىدىن قوللاش ئوتتۇرىسىنى ئايرىماي مالىمانچىلىق، ئۆزئارا غوۋغا ئاۋۇتۇشقا ئايلاندۇرۇپ ھېچ ئىشنىڭ باش ئاخىرى چىقماس، ھېچبىر كۈنتەرتىپنىڭ كۈتۈلگەن ئۈنۈمى ئەمەلگە ئاشماس بولۇپ تۈگەشتەك غەلىتە ئادەتنىڭ تەكرارلانماسلىقىغىمۇ دىققەت قىلماق زۆرۈر.
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ۋەتەن ئىچىدە قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى پەملەپ سىرتقا يۈرۈش قىلىشنى، تۈرلۈك فېستىۋال، بايرام مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ساختا ئوبرازىنى ساختا سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن پەردازلاشقا تىرىشىۋاتقاندا، يۇقىرىقىدەك كۆكرەك يېرىپ چىقىپ «سەن ئاۋۋال ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!» ساداسىنى چىقىرىش، قىرغىنچىلىقتا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ مىللىي قىممەت ۋە سەنئەت مىراسلىرىنى شۇلار ئۈستىدىن قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرنى يېپىشقا سۇيىئىستېمال قىلىشىغا يول قويماسلىق ئەقەللىي ۋىجدانىي تۇتۇمدۇر. كىشىلەر توپىغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ساقلانغان ئاساستا، تۈزۈلگەن ساختا سورۇننى بۇزۇۋېتىش، كۆز بويامچىلىق قىلىپ سالغان داستىخىنىنى، قاينىغان قازىنىنى ئۆرۈۋېتىش، ھەم قىرغىن قىلىپ ھەمدە مىللەت ئۈستىدىن كۈلۈشتەك بۇ نومۇسسىزلىقنى پاش قىلىپ، بۇنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ خەۋەر قاناللىرىنى كۆپلەپ خەۋەر ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشمۇ بەلكىم مۇھاجىرەتتە قايتۇرالىغۇدەك ئەمەلىي ئىنكاسلار ئىچىدە بىر قەدەر دىققەت تارتارلىق ھەمدە تىنچلىقپەرۋەر ئىنكاس قايتۇرۇش ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇنى مىللىي دەۋانىڭ ئوبرازىنى زېدىلىمەيدىغان، سىياسىي پىرىنسىپلارنى بۇلغاپ ئويناشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىشقا يول قويمىغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلغاندا شۇنداق.
ۋەتەن ئىچىدە زالىمغا قارشى سۇيىقەستلىك قوللارنى كېسىپ تاشلاش تۈگۈل، ئۇنىڭغا ئۈنلۈكرەك قىلىپ «قولۇڭنى تارت» مۇ دېيەلمىدۇق، ئەمما زالىم – قانخورلارنىڭ داقا – دۇمباقلىرى، كاناي – سۇنايلىرى مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر دۆلەت ۋە ئەللەرگە قەدەر كېلىپ نەچچە يىللاردىن قىلىپ كېلىۋاتقان زۇلۇم - سىتەملىرىنىڭ تەنتەنىسىنى كۆز ئالدىمىزدا قىلالايدىغان ھالغا كېلىۋاتىدۇ. دۆلەت – دۆلەتلەردە تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ نومۇسسىز جىنايەتلىرىنى پەردازلاش ئۈچۈن ئانسامبىللىرىغا بارىگاھ قۇردۇرۇپ پىروپاگانداسىنى بىمالال قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھەر جايدىكى مەرد – ئوغلان، جىگەرلىك خانىم – قىزلارنىڭ قىلالىغۇدەك ئەڭ ئاداققى ئىمكانىيىتى بىلەن قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ قۇرۇلغان بارىگاھلارغا ئارام بەرمەسلىكى، قايسى دۆلەتتە، قايسى ئەلدە بولسۇن، خەۋەر تاپقان ھامان شۇ يەردە ئۈنۈپ بولۇش، بارىگاھمۇبارىگاھ قوغلاپ بېرىپ زۇلۇمنى پەردازلاش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەش كوللېكتىپ قارشىلىق روھىنى نامايان قىلىشنىڭ پۇرسەتلىرىدىندۇر. بۇ كۆلەملەشكەندە بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىنىڭ بېشىنى ئاغرىتالايدىغان، قۇرغان ئويىنىنى بۇزۇپ رەسۋا قىلىشقا يارايدىغان ئۈنۈملۈك بىر ئۇرۇنۇش بولۇپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ.
-بۇرھان مۇھەممەد
2024-02-25
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى