«ئۇيغۇر بۇلاق» ۋە ئەدەبىيات ھايانكەشچىلىكى (6)
(ئەدەبىياتىمىزنى قاماللاپ كەلگەن ھايانكەشلىك ۋە زېھنىي سۇيىقەستچىلىكنىڭ كۈنىمىزدىكى تىپىك ئۆرنىكى بولغان «ئۇيغۇر بۇلاق» ناملىق ئەسەر ھەققىدە ئوبزور)
«ئۇيغۇر بۇلاق» ۋە ئەدەبىيات ھايانكەشچىلىكى (6)
(خاتىمە ئورنىدا)
ئاپتور: بۇرھان مۇھەممەد
«تارىخ ياسالماسلىقى لازىم. تارىخ ياساش تارىخنى بۇرمىلاشتىن ھەسسە - ھەسسىلەپ ئېغىر جىنايى ھادىسە!
‐ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
-1-
تارىخ ۋە ئەدەبىيات گىرەلەشكەن ۋاقىتتا بەدىئىي چىنلىق بىلەن تارىخىي چىنلىق ئوتتۇرىسىنى كېلىشتۈرۈش زۆرۈر بولىدۇ. مەيلى تارىخىي رومان ياكى ھېكايىلەشكەن تارىخ بولسۇن، ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ياكى بولمىغانلىقى ئاپتورنىڭ مەزكۇر كېلىشتۈرۈشنى لاياقەتلىك ئېلىپ بارالىغان ياكى ئېلىپ بارالمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كېلىشتۈرۈش قانچە ئۇتۇقلۇق بولسا، ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىش نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەزكۇر «ئۇيغۇر بۇلاق» ئەسىرىدە بۇ خىل كېلىشتۈرۈش ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ھەتتا ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە بايان قىلىش ئۇسۇلىدىن قارىغان ۋاقىتتىمۇ، ئاپتورنىڭ بۇنداق بىر دەردىنىڭ بارلىقىمۇ كىشىنى شەكلەندۈرىدۇر. بىر ئەدەبىي ئەسەر مۇئەللىپىنىڭ بەدىئىي تىل ئەھلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىجادىيلىقنى قوغلىشىشى، بەدىئىيلىكنى ئاساس قىلىشى تەبىئىيلىك بولسىمۇ، بىراق تارىخنى ھېكايىلەشتۈرۈش ياكى ھېكايىلەشكەن تارىخ يېزىپ چىقىشتەك نازۇكلۇق تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىشتا سۆزلىنىۋاتقان ۋەقە - ھادىسىلەرنىڭ چىنلىقىنى قوغداشقا، ئۇنى خىيالىغا كەلگەنچە ئاستىن - ئۈستۈن قىلىشقا تۇتۇنماسلىقى لازىم. ئەكسىچە بولغاندا، ئەسەرنىڭ توقۇلمىلىق تەرىپى چىنلىق تەرىپىدىن ھالقىپ كېتىدۇ - دە، نەتىجىدە مەزكۇر ئەدەبىي خىزمەت تارىخنى ھېكايىلەشتۈرۈش دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ. مانا بۇ خىل ھالەت مەشھۇر تارىخشۇناس، ئەدەبىي ئوبزورچى ۋە پەيلاسوپ ھېپولت تېنى [Hippolyte Taine] نىڭ تەبىرى بويىچە «تارىخنى ئويۇنچۇقلاشتۇرۇش»، «تارىخنى ساختىلاشتۇرۇش» بولۇپ، تېنىنىڭ ئىپادىسى بىلەن ئېيتقاندا بۇ خىل تەرزدە ھېكايىلەشتۈرۈلگەن تارىخقا دائىر ئەسەرلەرنىڭ چىقىش نۇقتىسى ساختا تەسۋىرلەر ئارقىلىق تارىخىي ھەقىقەتلەرنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىشتىن باشقا بولمايدۇ. مەسىلەن تېنىغا كۆرە يېڭى زامان تارىخىي رومانچىلىق ۋە ھېكايىچىلىكنىڭ دەسلەپكى باشلامچىلىرىدىن ھېسابلانغان مەشھۇر ئەدىب ۋولتېر سكوت [Walter Scott] نىڭ بەدىئىي ئەسەرلىرى دەل مۇشۇ خىل تىپتىكى ئەسەرلەردىن بولۇپ، ۋولتېرنىڭ تارىخنى يېڭىچە قىياپەتتە تونۇشتۇرۇشتەك ياخشى نىيىتى ۋە يۈكسەك ئەدەبىي تالانتى ئۇنى تارىخىي چىنلىقلارنى بۇرمىلىشىدىن، بەدىئىيلىك نامى ئاستىدا تارىخىنى ئويدۇرما نەرسىلەرگە ئايلاندۇرۇۋېتىشىدىن توسۇپ قالالمىغان. ھېپولىت تېنى ۋولتېرنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى ئوبزورىدا شۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ قەلىمىدە يىراق ئۆتمۈشكە دائىر سۆزلەنگەن ئىشلار، تەسۋىرلەرنىڭ ھەممىسى ساختا بولۇپ، ئەگەر چىنلىق بار دېيىلسە پەقەتلا قىياپەت، مەنزىرە ۋە تاشقى كۆرۈنۈشلەرگە ئالاقىدار تەسۋىرلەردە بار، دېيىشكە بولىدۇ» (1).
دەرۋەقە، تارىخىي چىنلىق بىلەن ئەدەبىي چىنلىق ئوتتۇرىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئادەتتىكى يازارلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشمۇ ئەمەس. چۈنكى، تارىخنى چۆچەك ياكى ھېكايە تۈسىگە كىرگۈزۈش، مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر ئەدەبىي ئەسەر ھالىتىگە ئېلىپ كېلىش مەسىلىسى تۈگەل ئەدەبىي دىتقا، بەدىئىيلىك جەھەتتىكى ماھارەتلەرگە قاراشلىق ئىش ئەمەس. ئۇ يەنە مەشھۇر پەيلاسوپ ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلەردىن جورجى لۇكاس [György Lukács] كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، يازارنىڭ مول بولغان تارىخىي بىلىملەرگە، تارىخ ھەققىدىكى جاپالىق ئىزدىنىشلىرىگىمۇ قاراشلىق بولغان مەسىلىدۇر. ئەكسىچە تارىخ يازغۇچىنىڭ ئىشتىھاسىچە تەسۋىرلىسە بولىدىغان، خالىغانچە ۋەقە - ھادىسە ياساشقا بولىدىغان، ئىستىگىنىچە تەسەررۇپ قىلسا بولىۋېرىدىغان ئىگە - چاقىسىز مالغا ئايلىنىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. جورجى لۇكاس بۇ نۇقتىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى سۆزلىرىدىن بىرىدە شۇنداق ئېيىتىدۇ: «بىر تارىخىي رومان (ھېكايە) نىڭ بەدىئىي قەھرىمانلىرى ھەمدە توقۇلما ۋەقە – سۇژىتلىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ چوقۇم ئالدى بىلەن تارىخقا سادىق بولۇشى شەرت»(2).
بۇ ھەقتە يېقىنقى زامان شەرق ئەدەبىياتى تارىخىي رومانچىلىقى ۋە ھېكايىچىلىكىنىڭ ۋەكىللىرىدىن سانالغان ئاتاقلىق ئەدىب جورجىي زەيدان يۇقىرىقى نۇقتىئىنەزەرلەرنى تەكىتلەيدىغان سۆزىدە شۇنداق ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ بۇ ساھەدە كۆرسىتىۋاتقان بارچە تىرىشچانلىقىمىز بىر قىسىم غەربلىك يازغۇچىلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئەكسىچە تارىخنى ھېكايە - رومانچىلىقنىڭ كونترولى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئەمەس. بۇ بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق نىشانى ھېكايە بولۇپ، توقۇلما ھېكايىلىرىنى ھەقىقەت قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تارىخىي ھەقىقەتلەرنى قوشۇمچە ئىشلىتىدۇ. بۇنداق قىلىش تارىخىي ۋەقەلەرگە يېنىكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا، ئوقۇرمەننى قايمۇقتۇرۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما بىزنىڭ دەردىمىز بۇ ئەمەس. بىزنىڭ رومان - ھېكايىلىرىمىزنىڭ ئومۇرتقا نۇقتىسى تارىختۇر. تارىخنى ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىش يۈزىسىدىن ھېكايىلەشتۈرىمىز، ئەمما تارىخىي ۋەقە - ھادىسىلەرگە چېقىلماي ئۆز پىتى قالدۇرۇمىز»(3).
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تارىخنى ھېكايىلەشتۈرگۈچىنىڭ مەسئۇلىيىتى خاس ئەدەبىياتچىدىنمۇ، خاس تارىخچىدىنمۇ ئېغىر ۋە ئىنچىكىلىك تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق ۋەزنى يېنىك بولمىغان ھەمدە مەسئۇلىيەتچانلىق ئۈستىگە مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتنىڭ ئادەتتىكى ھەۋەسكار سەۋىيەسىدىكى «يازغۇچى»لارنىڭ، راست ۋە يالغان ئارىسىدىكى، ساختىلىق ۋە چىنلىق ئوتتۇرىسىدىكى پاسىللارغا بىر كۆزدە قارايدىغان، ئەخلاق مىزانلىرىغا بولسا، تۈگەل پىراگماتىست نۇقتىئىنەزەردە مۇئامىلە قىلىدىغان، نە كەسپىيلىكتىن، نە كەسپىي ساھەنىڭ ئەخلاقىدىن نېسىۋە ئالمىغان خىيالپەرەسلەرنىڭ قولىدىن ئەسلا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمايدىغانلىقى، چىققاندىمۇ ھەم ئەدەبىياتقا، ھەمدە تارىخقا داغ چۈشۈرۈشتىن باشقا نەتىجە بولمايدىغانلىقى مۇقەررەر.
تارىخىي رومانچىلىق ياكى ھېكايىلەشكەن تارىخ يېزىشنىڭ (ئەگەر ئۇنىڭغا غەرەز ئارىلاشتۇرمىغان، توغرا نىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان ۋاقىتتا) ئۆزىگە خاس ئەھمىيىتى ۋە ئەۋزەللىكلىرى بارلىقىدا شەك يوق. بۇ نۇقتىدا ئەدەبىياتنىڭ مىللىي ھېس - تۇيغۇلارنى ئويغىتىشتا، تارىخنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ زېھنىدە جانلاندۇرۇشتا كۈچلۈك قوراللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە دىققەت بەرمەي بولمايدۇ. ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، تارىخنى ھېكايىلەشتۈرۈشنىڭ بىر تۈرلۈك تارىخقا جان بېرىش، تارىخ بىلەن بۈگۈن ئارىسىدا باغ قۇرۇشنىڭ يوللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەمما بۇ يەردىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا، مەزكۇر ھېكايىلەشكەن تارىخنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشتا ئەسەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئاپتورنىڭ ئىدېئولوگىيەسى ۋە دۇنيا قارىشىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى، ئاپتورنىڭ بەلگىلىك بەدىئىي تەسۋىر ۋە توقۇلمىلار ياردىمىدە ئۆتمۈش ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنگىنى بىلەن مەلۇم جەھەتتىن ئۇنىڭ ئۆتمۈشكىمۇ، ھەمدە بۈگۈنگىمۇ پەرقلىق پەنجىرىدىن قاراۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۈگۈننىڭ ئىجتىمائىي دۇنياسىغا بولغان مۇئەييەن تۇتۇمىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقتۇر. چۈنكى كۆپلىگەن ئوبزورچىلار تەكىتلەپ ئېيتقىنىدەك، ھېكايىلەشتۈرۈلگەن تارىخ خاراكتېر جەھەتتىن ئۆتمۈشكە قانچە ئىچكىرىلىمىسۇن، ئۇ بەرىبىر بۈگۈن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئىزچىللىقنى ساقلاپ تۇرىدۇ. بۇ نۇقتىنى يەنە ئەدەبىي ئوبزورچى جورجى لۇكاسمۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يازغۇچىنىڭ تارىخ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۇ ياشاۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيىتى بىلەن ئەينەن ھالىتىدە تەكشى مۇناسىۋەتكە ئىگە دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق يازغۇچىنىڭ بۈگۈنى بىلەن تارىخ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىي مەنىدە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش مەۋجۇت»(4).
دەرۋەقە، تارىخ بىلەن بەدىئىيلىك بىرلەشكەندە، ئۇنىڭدىكى بەدىئىي توقۇلمىلارنىڭ تارىخنى ساختىلاشتۇرۇشىغا، ساختا تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىشىگە يول قويماسلىق، ئەكسىچە تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىيلىك ئارىسىدىكى مۇۋازىنەتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. شۇنداقلا بۇ تۈردىكى ئەسەرلەرنىڭ تارىخچىلىق ئىلمى بابىدىن ھېچبىر ئىلمىي قىممىتى بولمايدىغانلىقىنى، پەقەتلا تارىخنى خام ماددا قىلغان بىر بەدىئىي ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن يازارنىڭ تارىخ قارىشىنى، تارىخ پەنجىرىسىدىن ۋەقە - ھادىسىلەرگە قايسى تۇتۇمدا ۋە قانداق نۇقتىئىنەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى ئەدەبىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى پەرق قىلىش زۆرۈر. مەسىلىگە بۇ ئاساستا قارىغان ۋاقىتتا، بەدىئىي ئەسەرنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن ئاپتورنىڭ تىپىك ئىدېئولوگىيەسى سىڭگەنلىكىنى دىققەتكە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، تارىخىي رومان ياكى شۇنىڭ تەرزىدىكى ھېكايىنىڭ ئىچىدە سۆز قىلىۋاتقان شەخس مۇئەييەن دەرىجىدە ئىدېئولوگ ساھىبىدۇر. بۇ ھەقتە مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى ۋە پەيلاسوپ مىخائېل باختىننىڭ ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى روشەن بولۇپ، ئۇ شۇنداق ئېيتىدۇ: «رومان (ھېكايە) نىڭ ئىچىدە سۆز قىلىۋاتقان شەخس ئەمەلىيەتتە ئىزچىل ھالدا ۋە پەرقلىق دەرىجىدە ئىدېئولوگىيە ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان (سۇنۇۋاتقان) كىشىدۇر»(5).
-2-
دەرھەقىقەت، بىز مەسىلىگە چىنلىق ۋە بەدىئىيلىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەت نۇقتىسىدىن «ئۇيغۇر بۇلاق» ناملىق ئەسەرنى تەنقىد تارازىسىغا سېلىپ كۆردۇق. بىز مەزكۇر ئوبزورىمىز نەتىجىسىدە ئەسەرنىڭ مەيلى بەدىئىيلىك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تارىخىي چىنلىقنى مۇھاپىزەت قىلىش جەھەتتىن بولسۇن، ياكى چىنلىق ۋە بەدىئىيلىك ئوتتۇرىسىنى كېلىشتۈرۈش جەھەتتىن بولسۇن ساھەنىڭ ئەسلىي تەلىپىدىن ۋە تەبىئىي يۆنىلىشىدىن خېلىلا يىراقلىغانلىقىنى، ھەم ئاپتورنىڭ ئۇنداق بىر كەسپىي پىرىنسىپقا كۆڭۈل بۆلۈش تۇتۇمى بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. بۇ خىل تىپتىكى ئەسەرلەر ئەمەلىيەتتە، ئەدەبىي تەنقىدچى جورجى لۇكاس ئىشارەت قىلىپ ئۆتكىنىدەك، ئاپتورنىڭ تارىخ ھەققىدىكى مەلۇمات سەۋىيەسىنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدۇ(6). بۇ نۇقتىدىمۇ بىز ئەسەرنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى «تارىخنى ھېكايىلەشتۈرۈش» دەۋاسىدىن خېلىلا قايغان ۋە پەرقلىق نۇقتىدا ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاپتورنىڭ تارىخ ھەققىدىكى مەلۇماتىنىڭمۇ يۈزەكى، چالا ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۆتمۈشكە دائىر ئاز بولمىغان نۇقتىلاردا خاتا مەلۇماتلارنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. شۇنداقلا يەنە ئاپتورنىڭ ئاتالمىش «تارىخىي» دەپ ئاڭلىتىۋاتقان ۋەقە - ھادىسىلەرنى قوللىنىشتا تارىخىي چىنلىقنى يەنىمۇ يورۇتقۇچى بەدىئىي تەسۋىرلەر بىلەن بېزەش ئورنىغا، ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلەرچە، نوقۇل ئۆزى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان ئىدېئولوگىيەگە يارايدىغان شەكىلدە يوق يەردىن تارىخ ئويدۇرغانلىقىنى، يەنى ئەسەرنىڭ دەۋاسىدىكى «ھېكايىلەشتۈرۈلگەن تارىخ» رېلىسىدىن چىقىپ كەتكەن ھالدا ئېغىر دەرىجىدە ئويدۇرمىلارغا، مەنتىقىي جەھەتتىن سەپسەتىلەرگە رام بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئومۇمەن ئەسەر سۇژىتىنى تۈزۈپ چىقىشتا تەسەۋۋۇرىدا ئىپادىلىمەكچى بولغان مۇئەييەن ئىدېئولوگىيەلەرگە خىزمەت قىلىدىغان ۋە بۇ ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ مۇددىئاسى ھەمدە غەرىزىگە ماس كېلىدىغان قۇرۇلمىدا ياساپ چىقىشقا خېلى بەك كاللا قاتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چىقتۇق. نەتىجىدە تاكى ئىسكەندەر ئەپسانىسىدىن باشلانغان بۇ سېنارىيەنىڭ، يەنى ئىسكەندەرنىڭ تاجاۋۇز ھېسسىياتىنىڭ ئوت پىلتىسى بولغان «ئۇيغۇر بۇلاق» ئەپسانىسىدىن باشلاپ تاكى ئاتا - بوۋىلار نامى سۇيئىستېمال قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى پەش قىلىنغان ئاساستا توقۇپ چىقىلغان «يۇناندىن بېسىپ كەلگەن تاجاۋۇزچىلارغا ئىللىق نەزەر تۇتۇش» تەۋسىيەسىغىچە، مەزكۇر تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئاتالمىش «بىلىم، سەنئەت، مەدەنىيەت»تىن تەرەققىي قىلىپ، تاكى بۇددا دىنىغا ئەگىشىپ دىن سەۋەبلىك كىرىزىسقا پاتقان، دىنسىزلاردىنمۇ بەتتەر كۈنگە قالغان ۋەقەلىكلىرىغىچە، مەزكۇر كىرىزىستىن چىقىشتا فارابىي دەۋرىگە كەلگەندە، شۇ دەۋرنىڭ شۇنچە قويۇق ئىلمىي ۋە ئىسلامىي مۇھىت ئىچىدە تۇرۇپ يەنە شۇ زامان بىلەن ئالاقىسىز ھالدا، نوقۇل ئەتراپىدىكى ئۆزىنى مازاق قىلغان ئەرەبلەر بىلەن بەسلىشىش نەتىجىسىدە يەنە شۇ كەچمىش تارىختا بېسىپ كېلىپ ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تارقاتقان يۇنانغا قايتا تۇتۇشۇش ئارقىلىق شۆھرەت قازىنىش بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىغىچە بولغان بۇ چوڭ تىپتىكى سېنارىيەنىڭ ئاپتور دەۋاسىدىكى «ھېكايىلەشتۈرۈلگەن تارىخ ياكى چۆچەك» شەكلىنى ئالغان بولۇشىنىڭ ئەكسىچە، «تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر ئاتلىق بىر خەلقنىڭ يۇنان بىلەن چوققىغا كۆتۈرۈلگەن گۈللىنىشنى باشتىن كەچۈرۈشى ۋە يۇناندىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى مەھرۇملۇقنىڭ تىراگېدىيەلىرى ھەمدە قايتىدىن بۇ مەھرۇملۇققا خاتىمە بېرىشى» قاتارلىقلارنى تۈپكى مەزمۇن قىلغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەسەرنىڭ «بىر مىللەتنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەن يۇناندىن ئايرىلىپ يەنە يۇنانغا قايتا تۇتۇشۇش» داستانىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى كۆرگەن بولدۇق.
يېقىنقى زامان تارىخىي رومان ۋە ھېكايىچىلىكىنىڭ نامايەندىلىرىدىن مەشھۇر فرانسۇز ئەدىب ئالفرېد دې ۋىگنىي [Alfred de Vigny] تارىخىي ھېكايە ياكى چۆچەكلەردە تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئەكسىچە بەدىئىيلەشتۈرۈلگەن توقۇلما پېرسۇناژلارنى ئاساسلىق رول قىلىپ تەسۋىرلىنىشىگە دائىر ئوبزورىدا بۇ خىل تۇتۇمنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرىنىڭ ساپلىقىغا ئىجابىي تەسىر بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنداقلا ئۇ يەنە ۋولتېر سكوتنىڭ تارىخىي شەخسلەرنى ئەسەرنىڭ گىرۋەكلىرىدە، توقۇلما پېرسوناژلارنى بولسا مەركەزگە ئېلىنىشىنى تەنقىد قىلىدۇ ۋە بۇ تۈردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە تارىخىي چىنلىقتىن كېيىن بەدىئىي چىنلىق يارىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئەگەر «ئۇيغۇر بۇلاق»تىكى باش پېرسۇناژلارنىڭ، يەنى بوۋاي ئوبرازى، ئوغۇل ئوبرازى، ئىسكەندەر، بىلگە قاغان، ئەندەر، شۇخان قاتارلىق ئوبرازلارنىڭ ئەسەرنىڭ چىقىش ۋە تۈگەش نۇقتىسىغىچە بولغان جەريانلاردا باش قەھرىمان قىلىنغانلىقىنى، مەھمۇد كاشغەرىي، نەۋائىي، فارابىي قاتارلىق ئۇيغۇرنىڭ تارىخىي شەخسىيەت ۋە ئەجدادلىرىنىڭ ھەر زامان ياردەمچى ئورۇندا ۋە ھېكايىنىڭ تارىخ بويىقى بىلەن بويىلىشىغا ۋاسىتە بولىدىغان ئورۇنلاردا قوللىنىلغانلىقىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، يۇقىرىقى باھايىمىزنىڭ ئانچە مۇبالىغە بولمىغانلىقىغا چىن پۈتمەي تۇرالمايمىز. ئەلۋەتتە تىلغا ئېلىنغان ئوبرازلار ئىچىدە ئەسەردىكى فارابىينىڭ ئورنى پەرقلىق بولۇپ، مەزكۇر ئوبراز ئەسەردە تاكى ئەسەرنىڭ ئاخىرقى قىسمى بولغان فارابىي ھېكايىسىغىچە بولغان جەريانلارغا قەدەر سۇيئىستېمال نۇقتىلىرىدا بىرە - بىرە تىلغا ئېلىنغان بولسا، فارابىينىڭ بالىلىق دەۋرى تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلەردە باشتىن - ئاخىر مەزكۇر ئوبرازنىڭ فارابىي دەۋرى ۋە تارىخ كىتابلىرىدىكى ھەمدە ئومۇم تۈرك تارىخىدىكى ئوبرازىغا يېقىنمۇ كەلمەيدىغان بىر تۈستە ئۆزگەرتىپ تەسۋىرلەنگەن. نەتىجىدە مىللەتنىڭ تارىخىي قەھرىمان ئوبرازلىرىنىڭ ئاپتورنىڭ شەخسىي ۋە پارادوكسلىق تەسەۋۋۇرلىرىغا تولغان ساختا تارىخ ۋە بىمەنە ۋەقەلىكلەر بىلەن ئوراپ تاشلانغانلىقىدەك رېئاللىقمۇ مەزكۇر ئوبزورىمىزدا پاكىتلىق ھالدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ چىقىلدى. بۇ جەھەتلەردىنمۇ مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىزكى، «ئۇيغۇر بۇلاق» ئاتلىق بۇ ئەسەر تارىخىي چىنلىق بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يوقاتقاندىن سىرت، تارىخ نامى سۇيئىستېمال قىلىنغان توقۇلمىلار دۆۋىسىدەك بىر نەرسىگە ئوخشاپ قېلىشتىن قاچالمىغان. بۇ نۇقتىلارنىڭ ھەممىسىنى دىققەتكە ئالغاندا بولسا، ئەسەرنىڭ تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ ئەدەبىي تەنقىد تارازىسىدا «ئۆتمەس ماتا» ئورنىدىكى بىر ئەسەر بولۇپ پۈتۈپ چىققانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن.
بىز يەنە مەسىلىگە ئەدەبىي تەنقىدچىلەر تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «ئاپتورنىڭ بۈگۈنى بىلەن تارىخ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىدە ئەكس ئېتىدىغان ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش» نۇقتىسىدىنمۇ قاراپ چىقتۇق. بۇ نۇقتىدىمۇ بىز ئەسەردە ئاپتورنىڭ تارىخىي ۋەقە - ھادىسىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىشىدىن تارتىپ تاكى مەسىلىلەرگە ئوبيېكت باھا بېرىشىغا قەدەر بۈگۈنكى دەۋر سېكولارىستىك زېھنىيەت دۇنياسىغا بولغان ساداقىتىنى قايسى دەرىجىدە ئىزچىللاشتۇرغانلىقىغا، قانچىلىك ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىگە قاراپ چىقتۇق. مەسىلەن، ئاپتورنىڭ بۇددىزم جەمئىيىتى ھەققىدىكى ئەينى دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى، دىندار بۇددىستلارنىڭ ئوي - تەپەككۇرى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتلاردىكى چېكىنىش ۋەزىيىتىنىڭ سەۋەب - ئامىللىرى ئۈستىدىكى يۈزەكى تەھلىللىرى، ئاتالمىش بۇددا تەلىماتلىرى ھەققىدىكى يەكپاي ئىزاھاتلىرى قاتارلىقلاردا، شۇنداقلا فارابىي دەۋرى ۋە بۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي ھاۋاسى ھەققىدىكى جۆيلىمىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاپتورنىڭ ئەينى چاغدىكى تارىخىي دەۋرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋىيەت دۇنياسىنى يورۇتۇشتا خېلىلا قېيىپ كەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر كۈلتۈر ئەنئەنىسىگە داۋاملىشىپ كەلگەن مول پىكىر بايلىقلىرى بىلەن بېيىتىشتىن يىراقلاشقان ھالدا، مەسىلىلەرگە تەسەۋۋۇرىدىكى بۈگۈننىڭ سېكولار جەمئىيەتلىرىدە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان «دىن ۋە دىندار جەمئىيەت»كە مۇناسىۋەتلىك ئىدېئولوگىيەلىرىنى مەركەز قىلغان ئاساستا يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرۈپ چىقتۇق. شۇنداقلا ئەسەرنىڭ دەسلەپكى قىسىملىرىدىن تارتىپ ئاخىرغا قەدەر ئىلگىرى سۈرگەن ئىجابىيلاشتۇرۇش ياكى سەلبىيلەشتۈرۈش تىپىدىكى نۇقتىئىنەزەرلىرىدىمۇ ئاپتورنىڭ مەزكۇر سېكولارىستىك دۇنيانىڭ «دىن ۋە دىندار جەمئىيەت» چۈشەنچىسىنى مەركەزگە ئالغانلىقىنى دەلىل - پاكىتلىق تەھلىللەر ئاساسىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتتۇق. مانا بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ئەسكەرتىپ ئۆتكەن «تارىخىي رومان - ھېكايىچىلىرىنىڭ تارىخ ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىق ھەمدە جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرلىشىشتىن ساقلىنالمايدىغانلىقى» ھەققىدىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈشلىرىنىڭ روشەن ئىپادىلىرى بولۇپ، بىز بۇ نۇقتىلاردىمۇ ئاپتور ياقىلاۋاتقان ۋە ئوقۇرمەننىڭ زېھنىگە ئىشلەۋاتقان ئىدېئولوگىيەلىرىنىڭ قانداق نىقاب ۋە ئۇسلۇبتا بايان قىلغانلىقىنى پاكىتلىرى بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن بولدۇق. بۇ جەھەتتىنمۇ ئاپتورنىڭ زېھنىي دۇنياسىدا ئورۇن ئالغان ئۆتمۈش ھەققىدىكى بايان ۋە تەسۋىرلەرنىڭ بۈگۈننىڭ مۇئەييەن رېئاللىقلىرى بىلەن، ھەمدە بۇ رېئاللىقلار ئاساسىدا ئاپتوردا شەكىللەنگەن ئىدىيەلەر بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە باغلىنىشلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئاپتورنىڭ بەدىئىي توقۇلمىلارنى يارىتىشتىكى ئىمكانىيەتلەرنى ئەنە شۇ باغلىنىشلار ئاساسىدا قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولدۇق.
بىز يەنە مەسىلىگە ئەدەبىي ۋە تارىخىي رومان، تارىخىي ھېكايىلەردە گەۋدىلىنىشى مۇقەررەر بولغان «ئەسەر ۋە ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئىدىيەلىرى» نۇقتىسىدىن، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەدەبىيات ئوبزورچىسى مىخائېل باختىن تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن «ئەسەردىكى نۇتۇق ساھىبىنىڭ ئىدېئولوگىيە ئىشلەپ چىقارغۇچى ھېسابلىنىدىغانلىقى»، يەنى سۆز قىلغۇچىنىڭ بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى «ئىدىيە» ئىشلەپ چىقارغۇچى ھېسابلىنىدىغانلىقى نۇقتىسىدىن قاراپ چىقتۇق. نەتىجىدە ئاپتورنىڭ ئەسەرگە باشتىن ئاخىر قويۇق بولغان ئىدېئولوگىيە سىڭدۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بارغانلىقىنى، تارىخ دەپ ئويدۇرۇپ چىققان توقۇلمىلىرىنىڭ ئومۇم قۇرۇلمىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئىدېئولوگىيە بىلەن چەمبەرچەسلەنگەنلىكىنى ۋە بۇ ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر تارىخىغىمۇ، ھەمدە بۈگۈنىگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى دۇنيا قارىشىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تىپىك سېكولارىست زېھنىيەت، ماتېرىيالىست دۇنيا قاراش ۋە پوزىتىۋىست مەركەزلىك شالغۇت ئىدىيە سىڭدۈرۈش بىلەن گەۋدىلەنگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئەسەرنىڭ تىپىك خاراكتېرلىرىدىن بىرىنىڭ 70 يىلدىن ئارتۇق ئاسارەتلىك تارىختىن بۈگۈنگە قەدەر توختاۋسىز ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان «شالغۇت زېھنىيەت» ئىنشاچىلىقىنى يېڭىچە تۈستە راۋاج تاپقۇزۇش بولغانلىقىنى پاكىتلىق تەھلىللەر ئاساسىدا كۆرۈپ چىقتۇق.
مەسىلىگە بىز يەنە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتچىلىقىمىزنىڭ تىرەن پىكىرلىك ئويغاق ئوبزورچىلىرىدىن بىرى بولغان يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ 20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنى مەركەز قىلىپ ئىلگىرى سۈرگەن مۇئەييەنلەشتۈرمىلىرى، مىللىي ئەدەبىياتقا قول تىققۇچىلارغا قارىتا قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق ھەققىدىكى نۇقتىئىنەزەرلىرى پەنجىرىسىدىنمۇ كۆزىتىپ چىقتۇق. يالقۇن ئەپەندىنىڭ ئىپادىسى بويىچە سۆز - جۈملىلەرنىڭ قات - قاتلىرىدا ھەقىقەت دۇردانىلىرىنىڭ بار - يوقلۇقىغا، سەتىر قاتلاقلىرى ئارىسىدىكى مەقسەت - مۇددىئالىرىغا، ھەقىقەت قارىشىغا ھەمدە ئىدىيەۋى مەۋقەسىگە، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان ئىدىيەلىرى نۇقتىسىدىن نېمىنى يورۇتماقچى بولغانلىقىغا نەزەر ئاغدۇردۇق. بىز بۇ تۈرلۈك نەزەر ئاغدۇرۇشتا يالقۇن ئەپەندىنىڭ «ھەر قەۋمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرىگە، ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا يارىشا تۈرلۈك غايە - مەقسەتلىرى بولىدىغانلىقى، بۇ غايە مەقسەتلەرنىڭ ئاشۇ قەۋمنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقەت مەشئىلىگە تۇتاشقان بولىدىغانلىقى، ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ تۈپ مەسئۇلىيىتىنىڭ مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئەنە شۇ ھەقىقەت مەشئىلىنىڭ نۇرانە شولىسى بىلەن يورۇتۇش بولۇشى كېرەكلىكى» ھەققىدىكى پىرىنسىپال نۇقتىئىنەزەرلىرى نۇقتىسىدىن كۆزىتىپ كۆرگەن بولدۇق. كۆرۈپ يەتتۇقكى، «ئۇيغۇر بۇلاق»تا بۇنداق بىر مەسئۇلىيەتچانلىق تۇتۇمىدىن سۆز ئىچىش ئىمكانسىز. ئەكسىچە بىز تەنقىدى مۇئەييەنلەشتۈرمىلىرىمىزنى يېغىپ خۇلاسىلىگەندە، يالقۇن ئەپەندى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە ئەدەبىيات كوچىسىنى پېتىقلاۋاتقان «ئەخلەت ئەدىب»، «ئەخمەق ئەدىب» ۋە «ھايانكەش ئەدىب»لىكتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك چىرىك ئوبرازنىڭ مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە مۇجەسسەم تاپقانلىقىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. چۈنكى، ئەسەردە تارىخىي ھادىسىلەرنى ئىزاھلاش تىپىدىكى خۇسۇسلارنىڭ بۇرمىلىنىش تۈسىدە ئىپادىلەنگەنلىكىنى، بۇددىزم ۋە ئىسلامىيەت دەۋرى ئوتتۇرسىدىكى ھالىقىسىمان جەريانلارنى، شۇنداقلا بۇ دەۋرلەردە ئوتتۇرىغا چىققان تارىخىي شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىغا دائىر ئۇچۇرلار تارىخىي مەنبەلەردە مول بولۇشىغا قارىماي ھېچبىر ئىزدىنىش روھى سىڭمىگەن خاتا ئۇچۇر ۋە ئىزاھاتلارنى، سەپسەتەۋى ئەپسانىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ۋە بۇ ئىزاھاتلارنى ھېكايىنىڭ قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە روھىي زېمىن ھازىرلاشقا ئۇرۇنۇشلىرىنى، ۋەقە - ھادىسىلەرنى بۇرمىلانغان شەكلى بىلەن يورۇتقاندىن سىرت ساختا تارىخ ياساش ئارقىلىق ئەدەبىياتنىڭ بەدىئىي كۈچىنى ساختىلىقنىڭ قورالى قىلىشقا، تارىخنى بولسا شالغۇت ئىدېئولوگىيەنىڭ قۇربانى ۋە سۇيئىستېمال ئوبيېكتى قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەسەر تۈزۈلمىسى ۋە سۇژىتىنى تۈگەل ئىدېئلوگىيەلىك تۇتۇملىرىنى راۋاج تاپقۇزۇشقا، مىللەتنىڭ تارىخىي ھەقىقەتلىرىگە يېقىنمۇ كەلمەيدىغان سەپسەتەۋى دۇنيا قاراشلىرىنى دەستەكلەشكە يارايدىغان قىلىپ قوراشتۇرۇپ چىقماقچى بولغانلىقى قاتارلىقلارنى نەزەرگە ئالغان چېغىمىزدا، «ئۇيغۇر بۇلاق» ئەسىرىنىڭ ھەقىقەتەن مەزكۇر ئۈچ تۈرلۈك ئوبرازنىڭ بىر گەۋدىلىك ھالىتىنى نامايان قىلىشتا ئۆرنەك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە مەجبۇر بولىمىز.
يۇقىرىقىلارنى خۇلاسىلىگەن ۋاقتىمىزدا، دەرۋەقە، ئۇشبۇ ساھەنىڭ تەلىپى بويىچە تارىخنى ھېكايىغا، چۆچەككە ئايلاندۇرۇش شەكلىدە يېزىلغان بۇ خىل تىپتىكى ئەسەرلەر مەزمۇن، خاراكتېر ۋە سۇژىتى ئېتىبارى بىلەن ئۆتمۈشنى تىرىلدۈرۈش، مىللىي تۇيغۇنى كۈچەيتىش ۋە ئوقۇرمەن ئەۋلادلارغا تارىخنى ئۇنىڭ چىنلىقىنى بۇزمىغان ھالدا يېڭىچە قىياپەتتە سۇنۇش قاتارلىق ئەسلىدىكى تۈپ ۋە تەبىئىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش بولۇشى كېرەكلىكى ئۆز ئۆزىدىن مەلۇم. بىراق مەسىلىنىڭ تەھلىل ۋە مۇھاكىمە نەتىجىلىرى ئاپتورنىڭ مەزكۇر نۇقتىلارغا سەمىمىي شەكىلدە يېقىنلاشمايلا قالماستىن، ئەكسىچە مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىچ يۈزىنىڭ گويا تارىختىن گەپ سېتىۋاتقاندەك كۆرۈنۈش، ئەمما بىرەر تارىخىي دەۋرنىڭ سىيماسىنى ئوقۇرمەننىڭ تەسەۋۋۇرى سىغدۇرۇپ ئالالايدىغان دەرىجىدە ئاڭلاتماسلىق، شاختىن شاخقا قونغان تۈستە تارىخنىڭ ھەر سەھنىلىرىدىن بىر پارچىنى ئۈزۈپ ئېلىش، ئەمما ئۈزۈپ ئېلىنغان تارىخ سەھنىسىنى ئۆز دەۋرىگە خاس بولغان ھەقىقىتى ۋە رېئاللىقلىرىدىن ئايرىپ تاشلاش ۋە مەزكۇر ئۈزۈپ ئېلىنغان تارىخ سەھنىسىنىڭ ئىچىنى كاۋاكلاشتۇرۇپ كېيىنكى سەھنىگە ئاتلاش، مەسىلىگە تارىخ بىلەن بۈگۈننى تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئۆتەش ھەمدە مىللىي تارىخنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي ھايات تەجرىبىلىرىنى ئىزچىللىقنىڭ ۋە تاكامۇللىشىشنىڭ نەتىجىسى نۇقتىسىدىن ئەمەس، ئەكسىچە بىمەنە توقۇنۇشۇشلارنىڭ ئاپىرىدىسى بولۇشى نۇقتىسىدىن كۆزىتىشتەك غەيرىلىكلەر بىلەن تولغانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتا. ئۇندىن باشقا يەنە، مەيلى تارىخنىڭ مۇئەييەن بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنى تەسۋىرلىگەندە بولسۇن، مەيلى ئاپتور ئىدىيەسىدە ئىجابىي مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدىغان نۇقتىلار ياكى شەخسلەر ھەققىدىكى بايانلىرىدا بولسۇن، مەسىلىنى يورۇتۇشنىڭ مېتود ۋە ئۇسۇلىنىڭمۇ تۈگەل سېكولار ۋە ماتېرىيالىست زېھنىيەتنىڭ تۇتۇملىرىدىن بىرى بولغان: «بىرىنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن يەنە بىرىنىڭ ئۆرۈلۈشى كېرەكلىكى» ھەققىدىكى نۇقتىئىنەزىرىنى مەركەز قىلغانلىقىمۇ ئوپئوچۇق. مانا شۇنداق خۇلاسىلەر روي بەرگىنىدە، بىزنىڭ تۇتىدىغان تەنقىدىي مەۋقەيىمىزنىڭ تەبىئىي ھالدا مەشھۇر پەيلاسوپ ۋە ئەدەبىي تەنقىدچى جۇرجى لوكاسنىڭ تارىخىي رومان ۋە ھېكايىچىلىرى توغرىسىدىكى مۇئەييەنلەشتۈرمىلىرىدە خۇلاسىلەنگەن: «خالىغىنىڭچە بەدىئىي توقۇلما بىلەن ھەپىلەش، ئەمما تارىخقا خىيانەت قىلما»، دېگەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش بولىدىغانلىقى مۇقەررەر.
3
بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نامايەندىلىرىدىن مۇتەپەككۇر، تۆھپىكار ئەدىب ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شۇنداق ئېيتىدۇ: «تارىخ ياسالماسلىقى لازىم. تارىخ ياساش تارىخنى بۇرمىلاشتىن ھەسسە - ھەسسىلەپ ئېغىر جىنايى ھادىسە!» (7).
دەرۋەقە، تارىخنى بۇرمىلاش ھادىسىسى قەستەنلىك بولۇش ياكى بىلىم يېتەرسىزلىكى ياكى خاتا مەلۇماتقا ئاساسلىنىش تۈپەيلى مەيدانغا چىقىدىغان خاتا ئىزاھلاش تۈرىدىكى ھادىسە. گەرچە سەۋەب-ئامىللىرى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىلىم نۇقتىسىدىن جىنايەت بولسىمۇ، بۇنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ماھىيەتلەرگە، سەۋەب - ئاساسلىرىغا قاراپ ئېغىر ياكى يېنىك شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش مۇمكىن. بىراق تارىخ ياساش بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. تارىخ ياساش ماھىيىتى بىلەن ئېيتقاندا، مۇئەييەن غەرەزنىڭ مەھسۇلى. ئۇنىڭ ماجىراسى بارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇش، ياكى يوقنى بار قىلىپ كۆرسىتىش ۋەياكى بارنىڭ ئىچىنى كاۋاكلاشتۇرۇپ ئىچىنى باشقا نەرسىلەر بىلەن تولدۇرۇش ئارقىلىق تارىخىي ھەقىقەتلەرنى سەپسەتىلەر قاينىمىغا يۇتقۇزۇۋېتىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەۋجۇت خاتىرىنى يۇيۇپ ئورنىغا يېڭى خاتىرە قاچىلاشقا بېرىپ تاقىلىدىغان، پىلان ۋە ئىستراتېگىيەلىك مېڭە يۇيۇشقا چېتىلىدىغان كەچۈرگۈسىز جىنايى قىلمىشقا بېرىپ تاقىلىدۇ. گەرچە بۇ قىلمىشنىڭ ئىگىلىرى مۇئەييەن غەرەزگە يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتىنى توغرا چۈشىنىپ ئۆز ۋىجدانىچە قارار چىقىرىشى، غايىگە يېتىش يولىدا ۋاسىتە تاللىماسلىق مېتودى بويىچە ئۆزىنى تەسەللىي تاپقۇزۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ئىلىمنىڭ ھەققانىي سوتى ئالدىدا، شۇنداقلا ئىلىم ۋارىسلىرىنىڭ تەنقىد تارازىسى ئالدىدا مەڭگۈ كەچۈرۈلمەس جىنايەت ۋە قوبۇل قىلغۇسىز خىيانەتتۇر. مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپى ئېچىلغانىكەن، ئەلۋەتتە «ئۇيغۇر بۇلاق»قا ئوخشىغان شالغۇت ئىدېئولوگىيە قۇراشتۇرمىلىرى دۆۋىسىدىن پۈتۈپ چىققان بالىلار ئەسىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، يەنە كېلىپ تەپ تارتماستىن كېلەچەكنىڭ قۇرغۇچى نامزاتلىرى بولغان ياش ئەۋلادلارنىڭ دەرسلىك پىروجىسى نامىدا ساھەنىڭ ئەھلى ئەمەس بىرىنىڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا تاشلىنىشى، شۇنداقلا بۇنىڭ بۈگۈنكىدەك ئەدەبىيات مۇئەسسەسەلىرىمىز، شۇنداقلا بۇ مۇئەسسەسەلەرنىڭ پاسىبانلىرى بولغان ئويغاق ئەدىب، شائىر ۋە يازغۇچىلىرىمىز قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم قىلىنغان قاباھەتلىك بىر دەۋردە بازارلىق قىلىنىشى مۇئەمما ئۈستىگە مۇئەممادۇر. يەنە كېلىپ ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۇ دەرىجىدە خالىغانچە سېتىپ تەسەررۇپ قىلىنسا، خالىغانچە بوغۇزلاپ تاشلانسا بولۇۋېرىدىغان ئىگە چاقىسىز مال - چارۋا مىسالى مۇئامىلە قىلىنىشى ۋە بۇنىڭغا تەڭكەش ھالدا ئەدەبىيات ھەمدە باشقا بىر قاتار ئىلىم ساھەلىرىدىن نان تېپىپ يەۋاتقان بىر تۈركۈملەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلەرچە ئېلان - تەشۋىقات كومپانىيەلىرى بىلەن، ماددىي ۋە مەنىۋى قوللاشلار بىلەن، ئورۇنسىز مەدھىيە - ئالقىشلار بىلەن ساھىبلىنىۋاتقانلىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ئەۋلادلارنىڭ زېھىن قۇرۇلۇشىغا، مىللىي تارىخى ھەمدە ئۆتمۈشىگە دائىر زېھىنىي خاتىرسىگە، شۇنداقلا شەكىللەندۈرگۈسى دۇنيا قارىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق نازۇك ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرگە ئاڭلىق شەكىلدە ئىلىم ئارقىلىق ياكى بولمىسا مەزكۇر ساھەنىڭ كەسپىي تەلىپى بويىچە مۇئامىلە قىلىش ئورنىغا پاسسىپلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى، قارا - قويۇق ئىگە چىقىش ۋە بازارلىقىنى چىقىرىشتا ئاكتىپلىقى تۇتۇپ كېتىۋاتقانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
گېزى كەلگەندە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش ھاجەتكى، مىللەتنىڭ بۈگۈنكى ئىگە چاقىسىزلىقى ئۇنىڭ قىممەت بەرگەن، مۇقەددەس بىلگەن ھەمدە ئۇنىڭسىز مىللەتنىڭ مىللىيلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان بارلىق مەنىلەر ۋە مەنىۋىيەتلەر دۇنياسى ئىگە چاقىسىز قالغىنى يوق. شۇنداقلا بۈگۈنكىدەك ئۆزلۈكىمىزنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۇزاق يىللىق قەدىم تارىخىمىزنىڭ داۋامى بولۇش لاياقىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پاكلىنىش، سازلىنىش ۋە تاۋلىنىش زۆرۈر بولۇۋاتقان پەيتتە، مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ سىياسىي تەھدىتلىرى يەتمىگەندەك، باشقا مەدەنىيەت ۋە باشقا كۈلتۈر دۇنياسىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك قىممەتلىرىنى تەقلىد قىلىشقا، ئاڭسىزلارچە «باشقىلار يازغاندەك يازسام نېمە بوپتۇ» دەيدىغان زامانىۋى زېھىن قۇللۇقىنىڭ خېرىدارلىرىغا ئايلىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بىزنىڭ پاكلىنىشقا تېگىشلىك تالاي غەلغەشلىرىمىز بولغىنىدەك، يەنە ئۆزلەشتۈرۈشكە، بېزىلىشكە تېگىشلىك ھەمدە كەشىپ قىلىنىشقا تېگىشلىك تالاي خەزىنىلىرىمىز، قىممەتلىرىمىز، بايلىقلىرىمىز تۇرۇپتۇ. كەشىپ يولىنىڭ كېلەچەك يولۇچىلىرىنى، ئىستىقبالىمىزنىڭ كەلگۈسى قۇرغۇچىلىرىنى ھازىرلاپ يېتىشتۈرۈشتەك بۈيۈك مەسئۇلىيەت ئۆتمۈشنىڭ بۈگۈنكى مەھسۇللىرى بولغان بۈگۈنكىلەرنىڭ زىممىسىدە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، بىز ۋە بىزدىن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆسمۈر ۋاقتىدىلا زېھنىي شالغۇتلۇق پىروجىلىرىنىڭ تەجرىبە ماتېرىياللىرى قىلىنىشقا دۇچ كېلىشى سەل قاراپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. تەقلىدچىلىك باشقا، ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىش باشقا. بىرى ئۆزلۈكنى ئۆلتۈرسە، يەنە بىرى كۈچكە كۈچ قوشىدۇ. بىرى تەسلىمىچىلىكنىڭ ئىپادىسى بولسا، يەنە بىرى مۇستەقىل تەپەككۇرنىڭ سەمەرىسىدۇر. مىللەتنىڭ تارىخىي قەدەرىيەتلىرى، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە مەرىپەت خەزىنىلىرىنى كەشىپ قىلىش يولىدا ئۆمۈر ھاياتىنى سەرپ قىلغان مۇتەپەككۇر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيتقىنىدەك: «ئۆز ئۆزىگە تەپەككۇر مۇجەسسىمى بولمىغان مىللەت ئۆز ئۆزىگە ئىگە بولمىغان مىللەتتۇر»(8).
ئۇ يەنە بىر مەسئۇلىيەتچان تارىخ تەتقىقاتچىسى، مىللىي ئويغىنىش جاكارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «تارىخنى قايتا ئويلاش مىللىي ئويغىنىشنىڭ، مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە مۇقەددىمىسى. ئۇ مىللەتنىڭ ئۆز - ئۆزىنى قايتا تېپىۋېلىشىدىكى ئىجابىي قانات ۋە ئۇنىڭغا توسقۇن سەلبىي كۈشەندىلىرىنى پەرقلەندۈرۈشى ئۈچۈن زۆرۈر تەپەككۇر»(9). ئەلۋەتتە، «تارىخنى قايتا ئويلىنىش»نىڭ ئىشقا ئىشىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ساپلاشقان تىزىسى ۋە مازغاپلاردىن ئېرىغدالغان سۈزۈك ھالىتى قولىمىزدا بولۇشى، تەسەۋۋۇرىمىزدا جانلىنىشى كېرەك. تۇمانلىق ئاسماندا قۇياشنىڭ ئىللىقلىقى نامايەن بولمىغاندەك، غەلغەشلەشتۈرۈۋېتىلگەن ۋە ھەر تۈرلۈك باھانە - ۋاسىتىلەر بىلەن مازغاپلاشتۇرۇۋېتىلگەن تارىختىن بۈگۈن ئۈچۈن توغرا تەسەۋۋۇر شەكىللەندۈرۈش، كېلەچەكنىڭ ئىنشاسى ئۈچۈن ئۇل ھازىرلاش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقلا بۇنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئەسلا ھايانكەش ئەدەبىياتچىلىقنى ۋاسىتە قىلغان شوئارۋاز «شاكال ئۇيغۇرلۇق» بەرپا قىلىش بىلەن بولمايدۇ. ھاياجان ئىجاد قىلىشتىن باشقىغا ئەسقاتمايدىغان ساختا ئەدەبىياتچىلىق بىلەن تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. كۆرۈپ تۇرماقتىمىزكى، كەشىپ يولىنىڭ كېلەچەك ئىزباسارلىرى بولمىش ئەۋلادلارنىڭ زېھىن دۇنياسى ۋەتەن سىرتىدا تۇرۇپمۇ شالغۇت زېھنىيەت خىرىسلىرىغا دۇچ كەلمەكتە، سۈنئىي كىرىزىسلار قاينىمىغا ئىتتىرىلمەكتە. ئەمما شۇنىمۇ تەكىتلەش ھاجەتكى، قەلبىدە ئىمان، ئۈمىد ۋە ئىشەنچتىن ئىبارەت بۈيۈك تۇتقىغا ئىگە بولغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئەلۋەتتە بوھرانلار ئالدىدىكى بىھۇشلۇقتىن سەگىشكە قاراپ يۈزلەنمىكى لازىم. يول مەنزىلگاھ تامان يولۇچىلىرىنى كۈتمەكتە. يولغا يولۇچى كېرەك بولغىنىدەك، يولداشمۇ كېرەك. ئوخشاش قىسمەتكە خاتىمە بېرىشكە بەل باغلىغان ھەر بىر ئۇيغۇر بۇ يولنىڭ يولۇچىسى بولۇش بىلەن تەڭ، بۇ يولنىڭ ئىزباسارلارغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئاڭقىرىپ يەتمىكى زۆرۈر.
پاكىزە ئەقىل ۋە سۈزۈك قەلب بىلەن قولىمىزغا ئامانەت قىلىپ تاپشۇرۇلغان ئەۋلادلىرىمىز ئەنە شۇ كېلەچەك ئىزباسارلاردىندۇر. شۇنداقكەن، مىللەتنىڭ بۈگۈنكى قىسمىتىنى تەييارلاشقا ئۇل سېلىپ كەلگەن شالغۇت مائارىپنىڭ بۈگۈنكى نەمۇنىلىك مەھسۇللىرى بولمىش شالغۇت زېھنىيەت شوئارۋازلىرىنىڭ سەبىيلىرىمىز زېھنىگە سايە تاشلىشىغا سەل قارىماسلىق لازىمكى، ئەۋلادلارنىڭ قىسمىتى قىسمىتىمىزنىڭ تەكرارى بولۇشتىن ئامان قالسۇن! ئۇلارنىڭ كېلەچىكى بۈگۈنىمىزنىڭ تىراگېدىيەلىك داۋامى بولۇشتىن قۇتۇلسۇن! ساغلام روھ ۋە ساغلام ئىلىم - مەرىپەت بىلەن ئۇچراشسۇنكى، جىسمانىي ساغلاملىقى ھالال غىزا بىلەن ئۇزۇق ئالغاندەك، مەنىۋىيىتىمۇ شۈبھىدىن خالىي بولغان ھالال مەرىپەتلەر بىلەن ئوزۇقلانسۇن! ھەقىقەت ئاشىنالىرى بولۇپ يېتىشسۇنكى، سەپسەتىلەر ۋادىسىدا تېڭىرقاشتىن، زېھنىي بۆلۈنۈشتىن، شالغۇت زېھنىيەت ۋە ئىمپورت مەپكۇرىلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ تىلى باشقا، دىلى باشقا كۈيلەيدىغان، روھىيىتى باشقا، ھەرىكىتى باشقا قاترايدىغان يەكپاي توپلار تۈركۈمىنىڭ ئەزالىرىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن!
نەقىللەر:
1) پىروفېسسور قاسىم ئابدۇھ قاسىمنىڭ «الرواية التاريخية في الأدب العربي الحديث»، ناملىق كىتابى، دارۇل مائارىپ نەشرىياتى، 1979- يىل، 188 - بەت.
2) György Lukács, The Historical Novel, Merlin Press, 1962, P.151-152.
3) جورجى زەيداننىڭ «الحجاج بن يوسف» ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ «كىرىش سۆز» قىسمى. دارۇلھىلال نەشرىياتى، 1989 – يىل نەشرى، 6 - بەت.
4) György Lukács, The Historical Novel, Merlin Press, 1962, P.168.
5) Mikhail Bakhtin, ‘Discourse and the Novel’, in The Dialogic Imagination: Four Essays, tr. Caryl Emerson and Michael Holquist, Ed. Michael Holquist (Austin, TX: University of Texas Press, 1981), P.333.
6) György Lukács, The Historical Novel, Merlin Press, 1962, P.167.
7) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: يېپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 - يىل نەشرى، 187 - بەت.
8. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 - يىل، 57 – بەت.
9) يۇقىرىقى مەنبە، 199 - بەت.
تۈگىدى
مەنبەسى: «ئويغاقلار دۇنياسىدا- بۇرھان» سەھىپىسى