«ئەل-ئەييالا» ئۇسۇلى
«ئەل-ئەييالا» ئۇسۇلى
2025-يىلى 5-ئايدا پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئەبۇزەبى شەھەرىنى زىيارەت قىلغاندا، ئەرەب ئاياللىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ زىيارىتىنى قارشى ئېلىش ۋە تەبرىكلەش ئۈچۈن «ئەل-ئەييالا» ئۇسسۇلىنى ئورۇندىدى. بۇ ئۇسسۇل ناھايىتى تېزلا كەڭ دائىرگە تارقىلىپ، دۇنيانىڭ بۇ ئەنئەنىۋىي ئۇسسۇلغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدى.
«پارس قولتۇقى» دۆلەتلىرىدە بارلىققا كەلگەن «خالىگې» ياكى «ئەل-ئەييالا» ئەنئەنىۋى ئەرەب خەلق ئۇسسۇلى بولۇپ، توي-تۆكۈن ياكى باشقا تەبرىكلەش پائالىيەتلەرىدە ئاياللار دائىم ئوينايدىغان بىر خىل ئۇسسۇلدۇر. پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، ئومان، بەھرەين، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«ئەل-ئەييالا» ئۇسسۇلى تاۋۇپ دەپ ئاتىلىدىغان ئۇزۇن ئاق (ياكى رەڭلىك) كۆينەك كىيگەن قىزلارنىڭ چاچنى ئوينۇتۇشى بىلەن داڭلىق بولۇپ، قىز ئۇسسۇلچىلار ھەمىشە باش ۋە قوللىرىنى رېتىملىق ھەركەتلەندۈرۈش ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى ئۆزلىرىگە جەلىپ قىلدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئەرلەر دۇمباق چېلىپ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ئەنئەنىۋى ناخشا ئېيتىدۇ. تاۋۇتنىڭ ئىشلىتىلىشى دراماتىك ھېسىياتنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇ قورساق ئۇسسۇلچىلار (راقس شارقى) ئارىسىدا بىرقەدەر ئومۇمىيلاشقان بولۇپ، ئەرەب دۇنياسىدىكى تىياتىر ۋە رېسترانلاردا كۆپ كۆرۈنىدۇ.
ئەل-ئەييالا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىلا ئەمەس، بەلكى بىر ئەنئەنىۋى سەنئەت شەكلى بولۇپ، «يۇنېسكو» (UNESCO) تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مەزكۈر سەننەت ئەنئەسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
ئەل-ئەييالا زىيارەتكە كەلگەن رەھبەرلەر ئۈچۈنلا ئەمەس. ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ھاياتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى، توي، دۆلەت بايرىمى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇسسۇل كۆپىنچە ئەرلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ھازىر تېخىمۇ كۆپ ئاياللار ئاممىۋى پروگراممىلارغا قاتنىشىۋاتىدۇ، بۇ ئەنئەنىۋى روللارنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق سەپىرى نۇرغۇنلىغان كاتتا قارشى ئېلىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، ئەمما ئەبۇزەبىدىكى ئەل-ئەييالا ئۇسسۇلى ئۇنتۇلغۇسىز ئالاھىدە بىر پائالىيەت بولدى. ترامپ ئۇسسۇلچىلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا: «نېمىدېگەن گۈزەل بىر شەھەر! مەن بۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن!» دېدى. ترامپ ئۇسسۇلچىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ناھايىتى قىززىقارلىق بىلەن ئۇلارنى كۈزەتتى.