«دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەكس تەسىرلىرى (1)
«دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەكس تەسىرلىرى (1)
يۈز يىلدىن بىرى سىياسەت ۋە تەشۋىقات سەھنىلىرىدە ئۆزىنى تەكرارلاۋاتقان بىر ھادىسە بار دېيىلسە، بۇ ھادىسىنىڭ ھال ۋەزىيىتىنى «ئى ئۇيغۇر، دۈشمىنىڭنى تونۇ»، دېگەن جۈملىگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن. دەرۋەقە، بۇ خىتاب تاكى بۈگۈنگە قەدەر قىممىتىنى يوقاتماي كېلىۋاتىدۇ. يۈز يىل بۇرۇن بۇ خىتاب قانداق مۇھىم بولغان بولسا، بۈگۈنمۇ ئوخشاش مۇھىم، ھەتتا مۇھىملىقتا ئۆتمۈشنىمۇ بېسىپ چۈشكىدەك زۆرۈرلۈكىنى مەلۇم قىلىپ تۇرۇپتۇ. بۇ نەقەدەر ئېغىر پاجىئە، ھە!؟
«دۈشمەننى تونۇش» دېگەن بۇ ئۇقۇم گەرچە ئاسارەت تارىخىمىزدىن بىرى ئىزچىل بىزگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ سۆز ئارىمىزدا پەقەتلا لېكسىكىلىق مەنىسى بىلەن ياشاپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىدىيەۋى مەنىسىمۇ تەلىم - تەربىيە باسقۇچىدىن تاكى ئەمەلىي خىزمەت دەۋرىمىزگە قەدەر ئىزاھسىز ھالدا يوچۇن شەكىلدە تەلقىن قىلىنىپ كەلدى. نەتىجىدە بۇ ئۇقۇمنىڭ ئىدىيەمىزگە ئورنىشىمۇ پەرقلىق چۈشەنچىلەر بىلەن قوشۇلۇپ يىلتىز تارتىشتىن ساقلىنالمىدى. شۇنداق ئىكەن، بۈگۈنكىدەك رېئاللىقىمىزدا، ھەمدە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىمىزدىكى بىنورماللىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاڭ ۋە پىسخىكا جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەزكۇر «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى ئۈستىدە توختىلىشقا موھتاج بولماقتىمىز.
كۈنىمىزدىكى «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمنىڭ بۈگۈنكى پىسخىكىمىزدىكى ئەكس تەسىرلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئىخچاملاشقا بولىدۇ:
بىرىنچى، دۈشمەن ھامان كۈچلۈك، شۇڭا بىز نېمە قىلساق بىكار.
ئىككىنچى، دۈشمىنىمىز خىتاي، ئەمما ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدىغىنى بىز ئەمەس باشقا دۆلەتلەر.
ئۈچىنچى، خىتاينى خىتايلارنىڭ ئۆزلىرى ئىچىدىن بۆلۈپ پارچىلىمىغۇچە ئامال قىلالمايمىز.
تۆتىنچى، خىتايغا بىزنىڭ ئامالىمىز يوق، خۇدايىم جاجىسىنى بەرمىسە بىكار.
بەشىنچى، پۈتۈن ئۇيغۇرلار خىتاينى دۈشمەن تونۇپ بىرلەشمىگۈچە مۇستەقىل بولالمايمىز.
(1)
بىرىنچى نۇقتىدا، يەنى «دۈشمەن ھامان كۈچلۈك، شۇڭا بىز نېمە قىلساق بىكار»، دېگەن نۇقتىدا، دۈشمەننىڭ يىمىرىلمەس ۋە مەڭگۈ زاۋال تاپماس كۈچ ئىكەنلىكى يوشۇرۇن ئاڭدا قايىللىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن بولۇپ، بۇ خىل زېھنىيەتتە «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى «خىتاي بىلەن ھەپىلىشىپ نەتىجە ئالغىلى بولمايدۇ» دېگەن قارارغا ئايلىنىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر زېھنىيەت ئىگىسىنىڭ ئېڭىدا سىڭگەن ناننى يېيىش كېرەكلىكى، تىنچ ياشاپ، خاتىرجەم ئۆتۈپ كېتىش، تىرىكچىلىك قەيەردە ئاقسا شۇ يەردە جاھانسازلىق قىلىپ ياشاپ ئۆتۈپ كېتىش لازىملىقى ئاقىلانە يول بولۇپ قالغان.
مانا بۇ خىل زېھنىيەتكە ئارىمىزدىكى كۆپ سانلىق پۇلدارلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن. دەرۋەقە، مەزكۇر نۇقتىدىكى روھى ھالەت ئۆزىگە بېرىلگەن نېمەتلەرنىڭ ھېسابى سورالمايدىغاندەك، قەيەرگە سەرپ قىلغانلىقى ياكى سىقىمداپ بېسىپ ياتقانلىقى تارازىغا سېلىنمايدىغاندەك تەرزدە ياشايدىغان، تاپقان – تەرگىنىنى سىقىپ يېتىۋاتقان پۇلدارلار توپىدا ئىپادىلىنىدىغان پىسخىكىدۇر. ئۇلاردىكى بۇ چۈشەنچە «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمىدىن دۈشمەننىڭ قۇدرىتىنى تونۇشقا ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، دۈشمەن قولىنىڭ ھەر يەرگە سوزۇلۇپ بارالايدىغانلىقى غايىۋى دەرىجىدە مۇبالىغەلەشتۈرۈۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنىڭ زور قىسمى پەقەتلا تاپقان تەرگىنىنىڭ ئازلاپ كەتمەسلىكىگە ياكى شەخسىي ئىستەكلىرىنىڭ سىرتىغا سەرپ قىلىنىپ قالماسلىقىغا مەركەزلىشىپ قالغان. بۇ جەھەتتىن مىللىتىنىڭ قىرىلىپ كېتىۋاتقانلىقى، ۋەتىنىنىڭ بايلىقلىرىنىڭ خىتايلارنىڭ ئولجىسى بولۇۋاتقانلىقى بۇ تۈردىكى پۇلدارلار ئۈچۈن ئانچە چوڭ ئىشمۇ ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خىتاي كۈچ - قۇدرەت جەھەتتە ھەرقاچان زىيان تارتماس، ھېچقاچان يېڭىلمەس ۋە ئەبەدىي يىقىلماس ئابىدە. ئۇنىڭغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش، تەشكىللىنىش بىھۇدىلىك. ئۇلاردىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋە ۋەھىمىلىك ھادىسە بولسا، خىتاينىڭ دەپتىرىگە چۈشۈپ قالماسلىق، ھېچقاچان خىتاينىڭ قاپىقىنى تۈرگۈزىدىغان بىرەر يولغا مەبلەغ ئاجرىتىپ قېلىشتەك چوڭ «گۇناھ»قا دەسسەپ سالماسلىق.
بۇنداق زېھنىيەتتىكىلەردە ئۆزلىرىنىڭ مىللەتنىڭ ئىقتىسادى تومۇرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە توغرا ئاڭ شەكىللەنمىگەن، مىللەت ئالدىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۆلگەن. ئۇلاردا ئۆزلىرىنىڭ مىللەتكە كۈچ مەنبەسى بولۇش پوتېنسىيالىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر يوقنىڭ ئورنىدا. شۇڭىمۇ ئۇلاردا مىللەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مائارىپ ۋە ئىلمىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەقىقىي مەنىدىكى بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇش روھى تېپىلمايدۇ. ئۇلاردا تېپىلىدىغىنى پەقەتلا ماداراچىلىق تىپىدىكى ۋە ھېساب - كىتابلىق ھەمدە رىياكارلىق تىپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئۆز تىرىكچىلىكىنىڭ خاتىرجەم ۋە راھەت بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خاھىشىدۇر، خالاس! ئۇلار مەزكۇر «قۇدرەتلىك دۈشمىنى»نىڭ دەپتىرىگە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ پەقەتلا پۇل تاپار سودىگەرلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا، كۆز - كۆز قىلىشقا كۈچەيدۇ، ئەمما ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن شەكىلدە بولسۇن، مىللىي ئىقتىسادنى روناق تاپقۇزۇش، ئىقتىسادىي كۈچنى پىلانلىق ھالدا سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىقتىسادى كۈچنى تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ ئارقا تېرىكى ھالىغا ئېلىپ كېلىشكە، ئەگەر ئۇنداق ساغلام ئورگان ياكى مىللەت ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلات تېپىلمىغان تەقدىردە، ئۇنى قۇرۇپ چىقالايدىغانلارنى يېتىشتۈرۈشكە سەرپ قىلىش ياكى قۇرۇپ چىقىشقا سالاھىيەتلىكلەرگە مەبلەغ سېلىش قاتارلىقلارغا كەلگەندە جۈرئەت قىلالمايدۇ. سىياسىيغا جۈرئەت قىلالمىسىمۇ، ئىلىم - مەرىپەتكە، ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلارغا مەبلەغ سېلىشنى خالىمايدۇ. ئىلمىي ھەرىكەتلەرنىڭ جانلىنىشىدىكى تايانچ بولۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. مىللەتكە نەق ئەسقاتارلىق بولغان، شۇنداقلا بارلىققا كەلتۈرۈش ئاسانغا توختىمايدىغان، روياپقا چىقىشى ۋاقىت ئالىدىغان، قول تۇتىدىغان، ئەمما مىللەتنىڭ پىكرى ۋە ئىدىيەۋى ھاياتىغا ئۇزاق مۇددەتلىك، ھەتتا ئەسىرلەپ خىزمەت قىلىدىغان، ھەمدە قىممىتى ئۆچۈپ كەتمەيدىغان ئىلمىي خىزمەتلەرگە، ئىلمىي تەتقىقاتلارغا مەبلەغ سېلىشتىن تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئۆزىنى تارتىدۇ. ھەر ساھە تەتقىقاتچىلارنىڭ، قابىلىيەتلىك پىكىر ئىگىلىرىنىڭ پەقەتلا ئىقتىسادىي كاپالىتىنىڭ بولمىغانلىقى، مىللىتىگە پىدائىيلارچە بولسىمۇ ئىلمىي خىزمەت قىلىشقا شارائىتى يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆزگە مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ مائارىپىغا ۋە ئىلمىي تەتقىقاتىغا زېھىنىنى ۋە ۋاقتىنى ئاجرىتىشقا مەجبۇر قالغانلىقىغا قاراپ تۇرسا تۇرىدۇكى، ئۇلارنى بىر ئارىغا يىغىدىغان، ئۇلارنى ئىقتىسادىي بېسىمغا دۇچ كەلمەستىن بىمالال شەكىلدە مىللەتنىڭ ئىلمىي ۋە مەدەنىي مىراسلىرىنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈش، يېڭىچە ئىدىيە ۋە روھىي ئويغىنىشلارنى قانداق قىلىپ بارلىققا كەلتۈرۈش خۇسۇسىدا باش قاتۇرۇپ ئىزدىنىشىگە قارىتا يول ئېچىپ بېرىشكە، شارائىت ھازىرلاپ بېرىشكە ئېرىنىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىچە ياردەم قىلىۋاتقانلىقى بىلەن ماختىنىپ يۈرگەن ئىشلىرى، ئاسترىتتىن ماددىي دەستەك بولۇپ قوللاۋاتقانلىقى بىلەن ئىشتىنىغا پاتمىغۇدەك دەرىجىدە مەغرۇر بولۇپ كېتىشلىرى ئارقىسىدىمۇ ئەنە شۇ «قۇدرەتلىك دۈشمەننى تونۇش» پىسخىكىسى ئۇرۇن تۇتقاندۇر. مىللەتنىڭ ئەڭ ھالقىلىق كۈچ مەنبەلىرىگە ئىگە چىقىش، ئىلمىي تەتقىقات پىلانلىرىغا، ساغلام ۋە مەزمۇتلۇق بىلەن قەدەم ئېلىۋاتقان سىياسىي پائالىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلان-لايىھەلىرىگە ئارقا سەپ كۈچ بولۇش ۋە ماددىي دەستەكلەر بىلەن قوللاش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇلارنىڭ قارىسىنى كۆرگىلى بولماسلىقى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قانداقتۇر ئايىغى چىقماس كۇرسلارنىڭ جانباقار مەسئۇللىرىنىڭ رەھمەت - تەشەككۈرىنىڭ خېرىدارى بولۇۋېلىشلىرى، دەرنەك ۋە ۋەخپەلەر تەرىپىدىن تەييار بېقىلىۋاتقان، ئېھتىياجلىرى قامدىلىۋاتقان ئورۇنلارغا ئانچىكى دەسمىي سېلىپ قويۇپ ئارقىدىن «پالانى كۇرسقا مۇنداق ياردەم لازىم دەپ كەپتىكەن، مەن بېرىۋەتتىم»، دېگەنگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ مىللەتنىڭ خىزمىتىنى قوللىغۇچىلىرى بولۇپ كۆرۈنۈش ئىستىكىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلغۇچى ۋە كۆيۈنگۈچىلەر بولۇپ كۆرۈنۈشلىرى، دەمھال ئەل - جامائەتنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ داستىخان سالغۇچىلىرى بولۇپ كۆزگە چېلىقىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئەنە شۇ «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمىنىڭ مەزكۇر پۇلدارلار ئېڭىدا «دۈشمەننىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇش»قا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرىنى تېپىش مۇمكىن. ئۇلار بىر تەرەپتىن دۈشمەن تەرەپكە گويا مىللەتكە ئەمەلىي پايدىسى بولىدىغان ئىشلارغا ئارىلىشىشتەك «ئۇلۇغ جىنايەت»نى سادىر قىلمايۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئاتالمىش «قۇدرەتلىك دۈشمەن»نىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ قالماسلىقنىڭ، ئۇلارنىڭ دەپتىرىگە چۈشۈپ قالماسلىقنىڭ، شۇ سەۋەبلىك چوڭ - چوڭ تىجارەتلىرىنىڭ ئاقسىماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاممىۋى سورۇن ئىشلىرىدا، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە، ئەھمىيىتىگە قارايدىغان ئالىم ۋە پىكىر ئەربابلىرىنىڭ نەزىرىدە ئەمەس، ئەكسىچە ھەممە ئىشنىڭ تاشقى سۈرىتىگە قاراپ باھا بېرىدىغان ئاۋامنىڭ نەزىرىدە «ئوبدان» ۋە «سېخى» بولۇپ كۆرۈنۈشتەك ۋاقىتلىق شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئاتالمىش ۋىجدان تەسەللىسىگە مەلھەم ئىزدىمەكچى ۋە بۇنىڭ بىلەن كۇپايىلەنمەكچى بولىدۇ.
ھەر قاچان «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش» كېرەك، دېگەننى ھايات نىزامى قىلىۋالغان بۇ پۇلدار تىپلار دەل بىرىنچى تۈرلۈك «دۈشمەننى تونۇش» كاتېگورىيەسىگە مىسال قىلىشقا بولىدىغان تىپلاردۇر. دەرۋەقە، بۇ خىل پۇلدارلار ۋەتەندىكى ئۆزلىرىگە ئوخشاش كاتېگورىيەدىكى پۇلدارلارنىڭ، يەنى خىتاي كېلىپ ھەر تۈرلۈك بەتناملارنى چاپلاپ تۇرۇپ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىۋالمىغۇچە، بۇلاپ ئېلىۋالمىغۇچە ئۆزلىرىگە تەمەننا قويۇپ يۈرۈۋەرگەن، ئۇلارنىڭ دەپتىرىگە چۈشمەسلىككە شۇنچە تىرىشقان بولۇشلىرىغا قارىماي خانىۋەيران بولىدىغان كۈننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئاخىرىدا خارلىققا مەھكۇم بولغان، ئاقىۋەتتە مىللەتكە خىزمەت دەپ ئاتىغىلى بولغىدەك بىرەر ئەمەلىي ئىشقىمۇ يارىمىغان ئاشۇ كۆپ سانلىق بايۋەچچىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىدىن ساۋاق ئالمىغانلار، ئۆزلىرىنىڭ جېنىغىمۇ ئەسقاتالمىغان مال - دۇنياسى سەۋەبلىك قامىلىپ ياتقان بايلارنىڭ تىراگېدىيەسىدىن ئىبرەت ئېلىشنى بىلمىگەنلەردۇر.
ئۇلار ئەسلىدە مۇشۇ دۇنيادىلا ھېساب بېرىشنى باشلىغان ئاشۇ مەزلۇم پۇلدارلار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ (ئەگەر ئۇلارنىڭ مەزلۇملۇقى تەڭرى ئالدىدىكى جاۋابكارلىقىغا ئارا تۇرالمىغان تەقدىردە) بىر سەپتە ھەشر قىلىنىدىغانلىقىنى پەملىشى، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرەتتىكى ھېسابىنىڭ مەزكۇر مەزلۇم پۇلدارلاردىنمۇ ھەسسىلەپ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئاڭقىرىشى ۋە دۇنيالىق ھېساب - كىتابلىرىدا بۇ نۇقتىلارنى نەزەرگە ئېلىپ قويۇشى لازىم ئىدى. ئەمما رېئاللىقىمىزدىن كۆرۈنمەكتىكى، تەڭرىنىڭ يول ئاچسۇن، كېلەچەك قۇرۇشقا سەرپ قىلسۇن، دەپ بەرگەن، سىناق ۋە ئىمتىھان سۈپىتىدە ئاتا قىلغان مال - دۇنيالارنى ئۆزلىرىگە ئامانەت ۋە مەسئۇلىيەت دەپ چۈشەنمەيدىغان، قول - ئېلىكىگە تۇتقۇزۇلغان ماددىي بايلىقلاردا مىللەتنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى ئويلاپ قويمايدىغان، ھەقلەرنى ئادا قىلىش ۋە ئۆز ئىمكانىيەتلىرى دائىرىسىدە بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشىنىڭ مىللەت ئالدىدىكى بۇرچى ۋە قەرزى ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمۇۋالىدىغان بۇ ئەربابلارنىڭ، پۇلدار بايۋەچچىلەرنىڭ بۇرنىغا ھېلىھەم سۇ كىرگىنى يوق.
ئەگەر بۇ خىل ئاقىۋەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئەخلاقىي ۋە ئىمانىي نۇقتىلارنى بىر ياققا قايرىپ پەقەتلا ئىدىيە نۇقتىسىدىن دىياگنوز قويۇشقا توغرا كەلسە، بۇنىڭ دىياگنوزى: «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمىنى «دۈشمەننى يېڭىلمەس»، دەپ بىلىشتىن، ئۇلارنى «ھامان كۈچلۈك، بىز نېمە قىلساق بىكار» دەپ تونۇشتىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ.
(2)
ئىككىنچى نۇقتىغا، يەنى «دۈشمىنىمىز خىتاي، ئەمما ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدىغىنى بىز ئەمەس باشقا دۆلەتلەر»، دېگەن نۇقتىغا قارايدىغان بولساق، مەزكۇر نۇقتىدا «دۈشمەننى تونۇش» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۇنىڭ ئەكس تەسىرى بولغان يەنە بىر ۋارىيانتقا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، يەنى بۇ ئۇقۇمنىڭ «دۈشمىنىمىز خىتاي، لېكىن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغىنى بىز ئەمەس، باشقا دۆلەتلەر» دېگەن چۈشەنچىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
بۇنداق بىر چۈشەنچە ئۆز نۆۋىتىدە مۇستەملىكىچى ئالدىدىكى روھىي تەسلىمىچىلىكتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭدا مۇستەملىكىچىنىڭ يوقىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش بار، بىراق ئۇنىڭ يوقىلىشىدا ئۆزىمىزنىڭ رولىنى، ئىقتىدارىنى ئاسقۇغا ئېسىپ قويۇش، كۆزنى يۇمۇش مەۋجۇت. بۇنداق بولغاندا، خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەردە بىزنىڭ مەيدانىمىز ۋە ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى بىز ئەمەس، بەلكى ياشاۋاتقان ئەللەردىكى ھاكىمىيەت ياكى سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ بەلگىلىشى ھەق بولىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، كىم بېشىمىزنى سىلىسا شۇ بىزنىڭ كېمىمىزگە كاپتانلىق قىلىشى كېرەك بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا دەۋايىمىزنىڭ ھەمدە سىياسىي پائالىيەتلىرىمىزنىڭ يوللۇق بولۇشى چوقۇم بىراۋلارنىڭ قانۇنلۇق دەپ بېكىتىپ بېرىشىگە قاراشلىق بولۇشى كېرەك بولۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى، يوللۇقلۇق ۋە قانۇنلۇق دېگەن بۇ ئۇقۇم پەرقلىق ئىككى ئېقىنغا تەۋە پەرقلىق ئىككى ئۇقۇم بولۇپ، سىياسىي دەۋايىمىزنىڭ يوللۇق بولۇشى ئۈچۈن قانۇنلۇق بولۇشنى ئاساس قىلىش ۋە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش بەلگىلىك مەنىدە ئورۇنلۇق بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىقىدەك كىم باشنى سىلىسا، شۇنىڭ ئىستىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ يول تۇتۇش، دەۋانىڭ يۆنىلىشىنى ساغلام داۋام قىلدۇرۇش ۋە ھەرىكەت مىزانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەزكۇر «ساخاۋەتچى»نىڭ قاش - قاپىقىغا باقىدىغان ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قىلىش قاتارلىقلار كۆپىنچە ھالدا مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ھەر زامان ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن، مەنپەئەتلەر توقۇنۇشقاندا مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش ياكى يەمچۈك قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغاندا بولسا، دەۋانىڭ يۆنىلىشىنى مىللەتنىڭ ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى تۇرۇۋاتقان دۆلەت ياكى تەشكىلاتنىڭ ئىستراتېگىيەسى ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ ئىستەكلىرى بەلگىلەشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە دەۋا يولىدىكى مۇستەقىل مەۋقە، پىرىنسىپال ئىدىيە خاراكتېرسىزلىشىدۇ، ئىدىيە پاخاللىشىدۇ. ئىدىيە خاراكتېرسىزلەشكەندە بولسا، دەۋانىڭ ۋەزنى، قىممىتى ۋە سىياسىيلىقى يوقايدۇ. بۇنداق ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان سىياسەتچىنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئۇ پەقەتلا شاھمات تاختىسىدىكى پېشكىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئاكتىيورغا، باشقىلار يېزىپ بەرگەن نوتىلارنى چالغۇچى سازەندىگە، ياكى چېلىنغان سازنىڭ ئۇسۇلچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، خالاس!
ئىدىيەدىكى پىرىنسىپاللىق پاخاللاشقاندا، دەۋانىڭ ئۇلۇغۋارلىقى يوقايدۇ. شۇنداقلا ئۇلۇغۋارلىقنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بولغان پىداكارلىق، شىجائەت، قەھرىمانلىق، بەدەل تۆلەش قاتارلىق خىسلەتلەرمۇ يوقايدۇ. بەدەل تۆلەشتىن، پىداكارلىقتىن قورقۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن، ئۆزىنىڭ رولىنى ئاسقۇغا ئېسىپ قويغان ھالدا ئۈمىدنى ئۆزگىلەردىن كۈتۈپ داۋاملىشىدىغان سىياسىي دەۋا مەڭگۈ بىر ئىزىدا تۇرسا تۇرىدۇكى، ھېچقاچان ئالغا باسمايدۇ. مانا بۇ «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمىدىن كېلىپ چىققان ئەجەللىك ئەكس تەسىرلەردىن بىرى. بۇنىڭدا دۈشمەننى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن بەلگىلەش ئەمما ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىنى باشقىلارنىڭ تونۇشىغا ھاۋالە قىلىش، دۈشمەننىڭ ھامان مەغلۇپ بولىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىش ئەمما بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ رولىغا سەل قاراش، ئۆز كۈچىنى تۆۋەن چاغلاش ۋە بېقىندىلىق خاھىشقا مايىل بولۇش ئەكس ئەتكەن.
داۋامى بار...
- بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: ئاپتورنىڭ «مەۋجۇتلۇق قورغىنىمىز تەھلىكىدە» ناملىق كىتابى.
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى