Jump to content

«دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەكس تەسىرلىرى (2)

ئورنى Wikipedia

«دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەكس تەسىرلىرى (2)

(3)

ئۈچىنچى نۇقتا: «خىتاينى خىتايلارنىڭ ئۆزلىرى ئىچىدىن بۆلۈپ پارچىلىمىغۇچە ئامال قىلالمايمىز»، دېگەن چۈشەنچىدۇر. بۇمۇ يۇقىرىقىدەك، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن دۈشمەننى ئېنىق بېكىتىش، ئەمما  ئۇنىڭ مەغلۇپ قىلىش كۈرىشىدىكى ئامىلنى ئۆزگىگە ھاۋالە قىلىش تىپىدىكى چۈشەنچىلەردىن بولۇپ، بۇنىڭدىكى پەرقلىق نۇقتا دۈشمەننىڭ مەغلۇبىيىتىنى رېئال ھادىسە، دەپ قاراشتىن بەكرەك، ئۇنى ئارزۇغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش، قارشى تۇرۇپ ئاۋارە بولغاندىن كۆرە، خىتاي ئىچىدىكى ھەر تۈرلۈك پارچە - پۇرات ئىسيانكار تەشۋىقاتلارنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە زور كەلكۈنگە ئايلىنىشىنى كۈتۈش، قالايمىقانچىلىق چىقىپ ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن كېڭىيىپ بۆلۈنۈشىنى، پارچىلىنىپ كېتىشىنى كۈتۈپ يېتىشتىن باشقا چارە يوق دەپ قاراش، شۇنداقلا مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۆرمەسكە سېلىش ياكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ رولىنى كىچىك ساناش.

دەرۋەقە، بۇ نۇقتىدا كۆپىنچە سىياسىي ھەرىكەتلەردىن ئۈمىدى يوقىغانلىق، دۈشمەننى تونۇشنىڭ تەقەززاسى بولغان تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئىدىيەۋى ۋە ئەمەلىي تەييارلىق قىلىشنى «دۈشمەننى تونۇش»نىڭ بىر قىسمى دەپ بىلمەسلىك ئەكس ئەتكەندۇر. بۇنىڭدا كىشى گويا خىتاي توساتتىن بىر كېچىدە پارچىلىنىپ قالايمىقانلاشسا ھەممە ئىش ئۆز يولىغا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك، ئىشلار ئارزۇلىغاندەك بولۇپ بەرگەن چاغدا ئاندىن تەييارلىق باشلانسىمۇ بولىدىغاندەك بىر يۆنىلىشكە كىرىپ قالىدۇ. چۈنكى، بۇنداق بىر زېھنىيەتتە خىتاينى مەغلۇپ قىلىدىغان باشقا كۈچ مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ ھەقىقەتەن قۇدرەت تېپىپ بولدى، ئۇنى باشقا دۆلەتلەرمۇ ھېچ نەرسە قىلىپ بولالمايدۇ. پەقەت زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرغاندەك، خىتاي بىر كۈنى پارچىلىنىپ ئۆز بېشىنى ئۆزى يېمىگۈچە جان، مال ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ مەخسۇس تەييارلىق قىلغاننىڭ، سىياسىي داۋا قىلىمەن دەپ قاتراپ يۈرگەننىڭ پايدىسى يوق، مۇستەقىللىقنى كۆتۈرۈپ چىقىشمۇ بىر بىمەنىلىك. قارىماققا بۇ خىلدىكى زېھنىيەتتىمۇ ئالدىنقى نۇقتىدىكىلەرگە ئوخشاش دۈشمەنگە قارشى ھەرىكەتنىڭ غەلىبىسىنى بىراۋلارغا ھاۋالە قىلىش ۋە ئۆز رولىنى ئاسقۇغا ئېسىش خاھىشى مەۋجۇت بولسىمۇ، ماھىيەتتە ئالدىنقى زېھنىيەتتىكىلەردىن تەسلىمىچىلىك روھىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە، بىچارىلىكى ۋە ئىرادىسىنى يوقىتىش جەھەتتە خېلىلا پەرقلىققە ئىگە. چۈنكى، ئالدىنقى نۇقتىدىكىلەر غەلىبە ئامىلىنى ئۆزگىگە ھاۋالە قىلسىمۇ، بىراق دۈشمەننى سىرتقى كۈچ ئارقىلىق مەغلۇپ قىلىشنىڭ چوقۇم مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا جەزم قىلىدۇ. ئەمما بۇ نۇقتىدىكى زېھنىيەت ئىگىلىرىدە خىتاينىڭ قۇدرىتىگە بولغان تونۇش سېزىپ سەزمىگەن ھالدا چوقۇنىلىدىغان «بۇت»قا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاينى خىتايدىن باشقا كۈچنىڭ مەغلۇپ قىلىشىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىغا قانائەت كەلتۈرۈش ۋەزىيىتى مەۋجۇت.

دېمەككى، بۇ نۇقتىدا «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى تۈپ مەنىسىدىن بۇرۇلۇپ «دۈشمەننىڭ كۈچىنى يىمىرىلمەس دەپ بىلىش» تونۇشىغا ئايلىنىپ قالغان ۋە دۈشمەننىڭ مەغلۇبىيىتى پەقەت ئۇنىڭ ئۆزلۈكىدىن پارچىلىنىشىدىن ئىبارەت «تەمە قىلىش» خاراكتېردىكى ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا باغلىق قىلىپ قويۇلغان.

(4)

تۆتىنچى نۇقتا بولسا: «خىتايغا بىزنىڭ ئامالىمىز يوق، خۇدايىم جاجىسىنى بەرمىسە بىكار» دېگەن چۈشەنچىدىن ئىبارەت.

بۇ نۇقتىدا مەزكۇر چۈشەنچە ئىگىلىرىدە ئالدى بىلەن ئۇرۇش باشلانماي تۇرۇپ ئاق بايراق چىقىرىش پوزىتسىيەسى ئىپادىلىنىپ بولغان بولىدۇ. بۇنداق تىپتىكىلەرنىڭ روھىغا دۈشمەن ئۈستىدىكى قان - قىساسلاردىن ۋاز كېچىش، دۈشمەن بىلەن ھەر قانچە ھەپىلەشكەن بىلەنمۇ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تەن ئىلىشتەك تەسلىمچىلىك خاراكتېرى ئاللىبۇرۇن يىلتىز تارتىپ كەتكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل زېھنىيەت ئەھلىنى ئالدىنقى نۇقتىدىكىلەردىن، يەنى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشتا ئۆزىنىڭ رولىنى بىر چەتتە قويۇپ دۈشمەننى ئۆزىدىن باشقا سىرتقى كۈچلەرنىڭ يېڭىشىگە ھاۋالە قىلىش تىپىدىكىلەردىن، ھەمدە دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىشتا ئۇنىڭ ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىشىنى كۈتۈپ ياتقۇچىلاردىن يەنە بىر پەللە چۈشكۈنلۈككە پاتقان ۋارىيانتى، شۇنداقلا مەزكۇر ئىككى خىل تىپنىڭ يۇغۇرۇلمىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار ئېغىزىدا ئاشكارا ئېيتمىغىنى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەتلەردىكى پاسسىپلىقى، قوللاشقا تېگىشلىكنى ئەمەس، مودا بولغاننى قوللايدىغانلىقى، ئەيىبلەشكە تېگىشلىكنى ئەمەس، ئەيىبلەشكە بازارغا سېلىنغاننىڭ خېرىدارى بولۇپ بېرىۋاتقانلىقى بىلەن كۆزگە چېلىقىدۇ. مەسىلە تەھلىل قىلىش، بىلگەننى سۆزلەش، بىلمىگەنلىرى ئۈستىدە ئۆگىنىش جەھەتلەردە ئومۇمەن بىر تەرەپلىمە ۋە يوقسۇل. ھەرقانداق ئىجابىي تەشۋىقاتلارنى دۇئايىسالام بىلەن ئالقىشلاش، ھەرقانداق سەلبىي تەشۋىقاتقا بەددۇئا بىلەن ئىنكاس بىلدۈرۈشكە تەييار تۇرۇش، مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى نېمە، نېمە سەۋەبتىن بۇنداق بولۇۋاتىدۇ، دېگەنلەر ئۈستىدە ئويلانمايلا قوللاش تەرەپدارى بولۇش، مەيلى ئوڭ، مەيلى تەتۈر تەشۋىقات بولسۇن ھەممىنى توغرا چۈشىنىپ بېرەلەيدىغان بولۇش، نېمىنىڭ شاكال، نېمىنىڭ جەۋھەرلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، مەسىلە ھەققىدە ئىزدەنمەي تۇرۇپ ھەممىگە ئۇدۇل كەلگەنچە تەرەپدار بولۇپ بېرەلەيدىغان بولۇش، مەسىلىلەرگە مەيدان ۋە مەۋقە ئاساسىدا مۇئامىلە قىلماستىن ئاتالمىش «دەۋايىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ» دەيدىغان ياغلىق قاپاققا رام بولۇپ ھەممىگە پۈتۈنلەي ئوڭ كۆزدىلا قاراپ سەللەمنا بىلدۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مانا بۇ تۆتىنچى نۇقتىدىكى زېھنىيەت ئىگىلىرىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. بۇنداق تىپتىكىلەر «دۈشمەننى تونۇش»، دېگەننىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ ۋە مىللىتىنىڭ بۈ كۈنگە قالغانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سەۋەبلىرىنى قوشۇپ تونۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئاڭقىرىپ ئولتۇرمايدۇ، گېزى كەلگەندە ئۇشبۇ «تونۇش»نىڭ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ھەرىكەتنىڭ يۇقىرىقى ساھەلەر ئارا كۈچلىنىشتىن باشلىنىدىغانلىقىنى، مەزكۇر «دۈشمەننى تونۇش» ئىدىيەسىنىڭ مۆرىتى كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئەقلىي ۋە مەنىۋى بىلىم ساپاسىنى ياخشىلاشنى بىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىدۇ، دىققەت قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. سەۋەب - نەتىجە دۇنياسىدا «دۈشمەننى تونۇش ئېڭى بولۇش»، دېگەنلىكنىڭ ئۆز ئاجىزلىقىنى خۇداغا ھاۋالە قىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىش پىسخىكىسى بىلەن تەسەللى ئىزدەش ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە «دۈشمەننى تونۇش»، دېگەنلىكنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە دۈشمەنگە قارشى جىھاد قىلىشنىڭ ۋە دۈشمەن قانداق ۋەزىيەتتە بولمىسۇن ئىمكانىيەت يەتكەنچە تەييارلىق كۆرۈپ تۇرۇشنىڭ پەرزلىكىنى بىلىشنى، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش يولىدا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش ۋە سەۋەب قىلىشنىڭ ئىمانىي ۋە مىللىي بۇرچ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشنى،  تاجاۋۇزچىغا قارشى مىللىي ئىنقىلابتا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئادىمىيلىك بۇرچىنىڭ بارلىقىنى ئاڭقىرىشنى، شۇنداقلا بۇ ھەقتە توغرا ئاڭ يېتىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى ئىدراك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئۇلارنى قىزىقتۇرمايدۇ. ئۇلار بۇنداق پوزىتسىيەنىڭ ماھىيەتتە دۈشمەننى تونۇش ئەمەس، بەلكى دۈشمەنگە تەن بېرىشكە ياتىدىغان ئىپادە ئىكەنلىكىگە دىققەت بېرىپ كەتمەيدۇ.

داۋامى بار...

- بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: ئاپتورنىڭ «مەۋجۇتلۇق قورغىنىمىز تەھلىكىدە» ناملىق كىتابى.

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى


ئالدىنقىسى: «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەكس تەسىرلىرى (1)

كېيىنكىسى: «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەكس تەسىرلىرى (3)