Jump to content

«دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەكس تەسىرلىرى (3)

ئورنى Wikipedia

«دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەكس تەسىرلىرى (3)

(5)

بەشىنچى نۇقتا بولسا: «پۈتۈن ئۇيغۇرلار خىتاينى دۈشمەن دەپ تونۇپ بىرلەشمىگۈچە مۇستەقىل بولالمايمىز» دېگەن چۈشەنچىدۇر.

بۇ نۇقتا ئەمەلىي رېئاللىقتىن بەكرەك شوئار تۈسىنى ئالغان، مەنە جەھەتتىن بىر خىل ئۇتوپىيە خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، بۇنى ئۆز نۆۋىتىدە «دۈشمەننى تونۇش» چۈشەنچىسىدىن مەيدانغا كەلگەن بىر تۈرلۈك ئارزۇ - ئارمان، خام - خىيال دېيىشكە بولىدۇ. ئارزۇلار قانچە گۈزەل، قانچە رىتورىك بولغانچە رېئاللىقتىن چەتنەيدۇ. سىياسەتچىلىكتە رېئاللىقتىن چەتنىگەن ئارزۇلارنىڭ شوئارلىشىشى ئاممىنىڭ ۋىجدانىنى غىدىقلاشقا، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يارىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەسلا سىياسەتچىنىڭ، ئىدېئولوگلارنىڭ پىلان خەرىتىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىيەت قىلغان غايىسى بولۇپ قالماسلىقى، ئەمەلىي پىلان خەرىتىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان نىشانى بولماسلىقى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، سىياسەت سىياسەت بولۇشتىن چىقىدۇ. سىياسەتنىڭ ۋەزىپىسى مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا كېرەكلىك ئىمكانىيەتلەرنى ھازىرلاش، باشقا سىياسىي كۈچلەرنىڭ مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى قوللىشىنى ۋە ئەمەلىي دەستەكلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە بۇ ئاساستا مىللەتنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئېچىش، ئۇلارنىڭ ۋىجدانى، سۆزى بولۇش، ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىغا كېلىۋاتقان تەھدىتكە قارشى قوغدىغۇچى ماددىي ئىستىھكاملىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتۇر. قانداقتۇر مىللەتنىڭ جىمى ساھەلىرىنى سىياسەت رېلىسىغا باغلاپ سۆرەش، ھەممىگە چات كېرىپ قامال قىلىش، خىزمەت ئوبيېكتىنى ئېغىزدا ۋەتەن - مىللەت داۋاسى، ئەمەلىيەتتە تۈگەل مىللەتنىڭ ھەرقايسى ئىلمىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلىرىنى سىياسەت قازىنىغا سېلىپ قوچۇش، ھەممە ساھەنى كونترول قىلىش بولماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا سىياسەتچىلەردىكى خاتا ھەرىكەت يۆنىلىشلەرنىڭ پەرق ئېتىلمەسلىكى، تەنقىدلەنمەسلىكى ئۈچۈن پۈتكۈل جەمئىيەت قاتلىمىنى سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ پىشكىلىرىغا، چوماقچىلىرىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش، نەتىجىدە ھەممىنى سىياسىي ھەرىكەتلەرگە شېرىك قىلىۋېتىش ئارقىلىق جىمى مەشغۇلىيەتنى، جىمى تەييارلىقنى تۈگەل سىياسىيەتچىلەرنىڭ قارانچۇقلۇقى ئاستىدا قىلىدىغان قىلىۋېتىش، جىمى ساھەلەرنىڭ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىنى پەقەتلا سىياسىي ھەرىكەتلەردىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ بېسىشنى تەلەپ قىلىش بولماسلىقى كېرەك. سىياسەتچىلىك ئۆز يولىدا بولۇشى، باشقا ساھەلەرمۇ ئۆز ئىلگىرىلىشىدە ۋە مۇھىتىدا سىجىل تەرەققىياتىنى باشتىن كەچۈرۈشى، دۈشمەن تەرىپىدىن چېكىندۈرۈۋېتىلگەن ۋە مىللىي كىملىكنى مۇھاپىزەت قىلىشقا خىزمەت قىلىدىغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرىدىغان ئىز باسارلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا پۇرسەت يارىتىلىشى، ۋاقىت ئاجرىتىلىشى لازىم. سىياسەتچىلىك يەنە ئىلمىي، پىكرىي جەھەتتىكى بوشلۇقلارنىڭ تولدۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالىملارنىڭ، پىكىر ئەربابلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئورۇنداشقا شەرت - شارائىت ھازىرلاشقا خىزمەت قىلىشى كېرەككى، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى قىزىتىدىغان پايدىلىنىش ۋاسىتىسىگە، ئۆزلىرىنىڭ پائال ھەرىكەتلىرىدىكى خاتالىقلىرىنى ئاقلايدىغان ئادۋوكاتلىرىغا ئايلاندۇرۇش قەستىدە بولماسلىقلىرى لازىم. يەنى سىياسەت ئەھلىنىڭ ئىلىم ۋە پىكىر ئەربابلىرىغا بولغان يېقىنلىقى ئۇلارنىڭ ئىلغار پىكىرلىرىدىن، پايدىلىق ئىدىيەلىرىدىن زەرەتلىنىش مەقسىتىدە بولۇشى، ئەكسىچە ئۇلارنى ئۆز تەشكىلاتىنىڭ تەرەپبازلىرىغا ئايلاندۇرۇش قەستىدە بولماسلىقلىرى لازىم.

دەرۋەقە، ئىجتىمائىي قاتلاملاردا تەلەپكە لايىق مۇۋازىنەتنىڭ شەكىللەنمەسلىكى سەۋەبلىك مانا بۈگۈنكىدەك ھەممىنىڭ ئوي خىيالى مېدىيا ۋاسىتىسى بىلەن تەشۋىق قىلىنىۋاتقان كۈندە ھەممىنىڭ زېھنىنى سۈنئىي كۈن تەرتىپلەر ئىگىلىۋىلىپ بارماقتا. نەتىجىدە پۈتكۈل دىققىتى سىياسەتچىلەرنىڭ نېمىش قىلىپ، نېمىش قىلمىغانلىقى ھەققىدە چىقىدىغان «يېڭى خەۋەرلەر»نى كۈتۈش بىلەن ئاۋارە يۈرىدىغان، قاچان مېدىيا ۋاسىتىلىرىدە يېڭى خەۋەر چىقىپ قالار، دېگەن ئۈمىدتە تور ئارىلاپ، خەۋەر مارىلاپ تۇرىدىغان، ئۆز ئىشىنى تېپىپ قىلىشتا گاڭگىرايدىغان بىنورمال كوللېكتىپ ۋۇجۇدقا كەلمەكتە. ھەر ئايدا، ھەر مەۋسۇمدە ۋە ھەر پۇرسەتتە مىللەتنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى، تۇراقسىزلىشىشى، كۈن تەرتىپكە كەلگەن ھېچبىر ئىشنىڭ ئاخىرى چىقماسلىقى قاتارلىق ھادىسىلەر كوللېكتىپ ھاياتنىڭ چېچىلاڭغۇلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، قىممەتلىك ھاياتنى چېچىلاڭغۇ كۈن تەرتىپ ئاساسىدا ئاڭسىزلىق، پىلانسىزلىق ۋە غايىسىزلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈش ئادەتلىشىپ بارماقتا. بۇنداق بىر كوللېكتىپ ئارىسىدا ئەلۋەتتە، يۇقىرىقىدەك «ھەممە ئۇيغۇر خىتاينى دۈشمەن تونۇپ بىرلەشمىگۈچە مۇستەقىل بولالمايمىز» دەيدىغان چۈشەنچىنىڭ خېرىدارلىق بولۇشى، سىياسىي تەشۋىقات سەھنىلىرىدە ھېچبىر ئېتىرازسىز بازار تېپىشى، ئىستىخىيەلىك ھالدا ئومۇملىشىشى يىراق ئەمەس. چۈنكى، كۈن تەرتىپى تۇراقسىزلاشقان بىر كوللېكتىپتىن دەۋا مەسىلىلىرىدە دىققەتنى بىر نۇقتىغا يىغىشنى تەلەپ قىلىش، بىر غايىگە مەركەزلىشىشنى كۈتۈش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش. بۇنداق بىر توپتىن تەپەككۇرانە سەپەرۋەرلىكنى، سەۋرچانلارچە ئىزچىللىقنى، نەتىجە چىققانغا قەدەر بوشاشماسلىقنى كۈتۈشمۇ مۇمكىن ئەمەس. يۇقىرىقىدەك ئۇتوپىيە خاراكتېرىنى ئالغان بىر چۈشەنچنىڭ بۇنداق بىر توپنىڭ زېھنىيىتىدە ئۇچۇپ يۈرۈشى دەرۋەقە، «دۈشمەننى تونۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنىڭ ئەكىس تەسىرگە ئايلاندۇرۇۋېتىلىشى، غايىۋىلەشتۈرۈلۈشى ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلۇشىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۈمىد ۋە غەلىبىنى ھەممە ئۇيغۇرنىڭ خىتاينى دۈشمەن دەپ قارايدىغان كۈنىدىن باشلاپ كۈتۈشكە قاراشلىق قىلىدىغان بىر زېھنىيەتنىڭ، پاسسىپ چۈشەنچىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چۈشكۈنلۈك ھىدى كېلىدىغان بۇنداق بىر چۈشەنچىنىڭ نۆۋەتتىكىدەك چېچىلاڭغۇ توپنىڭ ئېڭىدا قىزىل چىراغ ياقماسلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس.

خاتىمە

يۇقىرىقى نۇقتىلار يۈز يىلدىن بىرى سىگنال سۈپىتىدە گاھ خىتاب تىلى بىلەن، گاھ ۋەزىيەت تىلى بىلەن تەكرارلىنىپ كېلىۋاتقان «دۈشمىنىڭنى تونۇ»، دېگەن خىتابنىڭ بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە ئەكس تەسىر سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار ئىپادىلىرى. ئۇنداقتا، مەزكۇر سۆزنىڭ ئەسلىدىكى قاراتمىلىقى ۋە بۇ سۆزدە ئىپادىلەنگەن خىتابنىڭ مەنە - مۇددىئاسى نېمە؟!

شۈبھىسىزكى، مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق تارىخ مۇساپىسىدە قۇرئان تىلىدىن ئوزۇق ئېلىپ كەلگەن ئانا تىلىمىز يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك مۇددەت داۋامىدا ئىزچىل مۇستەملىكە تۈزۈمىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلگەن بولۇشىغا قارىماي بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ قەدەر ئۇزۇن يىللىق مۇجادىلە ھاياتىدا بىر قىسىم يوقىتىشلارنى باشتىن كەچۈرمەيمۇ قالمىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە سۆز بايلىقىمىزنىڭ كېمىيىپ كېتىشى، سۆزلۈكلىرىمىزدىكى مەنە خەزىنىلىرىنىڭ قۇرۇقدىلىۋېتىلىشى، ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلىرىمىزنىڭ شاكاللاشتۇرۇۋېتىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار ئەنە شۇ چوڭ يوقىتىشلاردىن بولۇپ، بار سۆزلۈكلەرنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ سۆزلەرنىڭ روھىي زېمىنى بولغان ئاڭ قۇرغاقچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مەنە خەزىنىلىرىنىڭ قۇرۇقدىلىشى، ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇ قەھەتچىلىكى قاتارلىقلار تەپەككۇر بايلىقىنى يوقسۇللاشتۇرۇپ قويدى. قارىماققا مەنىداشتەك كۆرۈنىدىغان، ئەمما مەزمۇن ھەمدە قوللىنىش جەھەتلەردە ئىنچىكە ۋە نازۇك پەرقلەرگە ئىگە سۆزلۈكلىرىمىز ئىستېمالدىن قالدى ياكى قوللانساقمۇ ئۇنىڭ نازۇك پەرقلىرىگە دىققەت بەرمەس، سۆزنىڭ ئېڭىمىزدىكى قارشىلىقىغا لايىق ئىنكاس قايتۇرماس ھالغا كېلىپ قالدۇق. «تونۇش» ۋە «بىلىش» دېگەندىن ئىبارەت بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئۇقۇم مەنىلىرى مەزكۇر نۇقتىئىنەزەرىمىزنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىندۇر.

«بىلىش» ئۇقۇمىغا كەلسەك، ئادەتتە تىلىمىزدا بىر نەرسىنىڭ ئوبيېكتىپ ھالىتىنى بىلىشكە، ئاڭدا بولسا شەيئىنىڭ شەكلى ياكى قىياپىتى ۋە ياكى ئوبرازى ئاساسىدىكى تەسەۋۋۇرىغا قارىتىلغان. تونۇشقا كەلسەك، بۇ سۆز خىتاب تىلىمىزدا بىلىشنىڭ چوڭقۇرلاشقان، ئەتراپلىق چۈشىنىپ يەتكەن، بىلىشنىڭ ماھىيەتلەشكەن ھالىتىدۇر. بىلىش كۆپىنچە ھالدا ئومۇم قىياپەتنى كۆرسەتسە، تونۇش كۆپىنچە ماھىيەتكە ئىشارەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزۈڭنى بىل، دېيىلىدۇ، ئۆزۈڭنى تونۇ دېيىلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ يەردىكى بىلىش ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىنى، چېگراسىنى بىلىشتۇر. ئۆزۈڭنى تونۇ، دېيىلمەسلىكى ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى باشقىلاردىن ئەڭ ياخشى چۈشىنىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە بىل، دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن. يەنى بۇ يەردىكى بىلىش سۆزىدە ئۇنىڭ ئۆز ماھىيىتىنى بىلىشى كۆزدە تۇتۇلغان ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ھەددى - ھۇدۇدىنى، ئوبيېكتىپ مەنزىلىنى، ئاشسا بولمايدىغان چېگرا سىزىقىنى بىلىشى مەقسەت قىلىنغانلىقتىندۇر. دېمەك، نازۇك نۇقتىلاردا ماھىيەتلىك ۋە ئەتراپلىق بىلىش مەقسەت قىلىنغاندا «بىلمەك» سۆزى ئىشلىتىلمەستىن، تونۇماق سۆزى ئىشلىتىلگەن. «ئۆزىنى تونۇغان كىشى رەببىنىمۇ تونۇيدۇ»، دېگەن ئىبارىدىمۇ بۇ نۇقتا دىققەتكە سازاۋەردۇر. چۈنكى، مەزكۇر ھېكمەتتىكى تونۇش ماھىيەتلىك بىلىش، يەنى ئىرپانىي پەللىدە تۇرۇپ ئىدراك قىلىش بولۇپ، ئىلمىي ياكى نەزەرىيەۋى بىلىش ئەمەس، بەلكى ئارىفلىق ماقامىدىكى بىلىش، نەزەرىيەۋى شەكىلدە ئىلمىي ياكى بىلىم نۇقتىسىدىنلا بىلىش ئەمەس، بەلكى ماھىيەتلىك تونۇپ يېتىشتۇر. بۇ ۋەجىدىن تىلىمىزدىكى تونۇش سۆزىنىڭ قارشىلىقى قۇرئان تىلىدىكى ئېرپانىي بىلىشكە ئۇدۇل كەلسە، بىلىش، بىلىم قاتارلىق سۆزلەرنىڭ قارشىلىقى قۇرئان تىلىدىكى ئىلىم مەرتىۋىسىدە بىلىشكە، يەنى «ئىلىم» ئۇقۇمىغا ئۇدۇل كېلىدۇ. كىلاسسىك تىلىمىز بويىچە ئىپادىلىگەندە، بىلىش «ئىلىم»غا، تونۇش «مەئرىفەت»كە تەقابۇلدۇر.

«دۈشمەننى تونۇش» دېگەن بۇ خىتابتىمۇ ئەينەن يۇقىرىقى مەنە جەھەتتىكى نازۇكلۇققا ئېتىبار بېرىلگەن. شۇ سەۋەبتىن دۈشمەننى تونۇش، دېگەندە نوقۇل دۈشمەننىڭ كىملىكىنى بىلىش، ياكى مەلۇم ئوبيېكتنى دۈشمەن دەپ بېكىتىش، مەقسەت قىلىنغان بولمايدۇ. ئەكسىچە، دۈشمەننى ئوبيېكتىپ ھالدا ئېنىق بەلگىلەپلا قالماي، مەزكۇر ئوبيېكتنى ماھىيەتلىك چۈشىنىش، ئۇنىڭ ئىچكى يۈزىنى ۋە غەرەز - مۇددىئاسىنى چۈشىنىپ يېتىش، ئۇنىڭ رەزىل تەبىئىتىنى ھەر تەرەپلىمە ۋە ئىچ - ئىچىدىن تونۇپ يەتكەن ئاساستا ئۇنىڭغا قارشى تەۋرەنمەس قارارغا ئىگە بولۇش، ئۇنىڭ شەررىدىن ھەر زامان ئويغاق ۋە سەگەك بولۇش ئىشارەت قىلىنغان. بۇ نۇقتىدىن دۈشمەننى تونۇشقا چاقىرىق قىلىش، ئۆز نۆۋىتىدە بىلىش دەرىجىسىدىن ئاشقان چوڭقۇر تونۇپ يېتىشكە، ماھىيەتلىك چۈشىنىپ يېتىشكە، بۇ ھەقتە تەۋرەنمەس قارارغا ئىگە بولۇشقا چاقىرىقتۇر. دۈشمەننى بىلىش كىشى ئېڭىغا قارشى تەرەپنىڭ ئۆز كۈشەندىسى ئىكەنلىكىنى تەيىن قىلىشنى ئۇرغۇلىسا، «دۈشمەننى تونۇش» مەزكۇر تەيىن قىلىنغان ئوبيېكتىنى بىلىشتىن ھالقىپ دىققەتنى ئۇنىڭدىن بۇرايدىغان بارلىق مەشغۇلىيەتلەرگە خاتىمە بېرىشنى، دۈشمەن، دەپ بىلىنىۋاتقان بىر قاتار ئوبيېكتىپلار ئىچىدە ھەقىقىسىنى ۋە ھەرقاچان سەل قاراشقا بولمايدىغاننى نىشان قىلىپ بېكىتىشنى، ھېچقاچان غەپلەتتە قالماسلىقنى ئۇرغۇلايدۇ. دۈشمەننى تونۇشقا چاقىرىش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئۇنىڭ ياسالما قىياپىتىگە ئالدانماسلىققا، ئۇنى ھېچبىر زامان دوست قاتارى كۆرمەسلىككە، ساڭا چېقىلمايۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئۇنى زىيانسىز ۋە زەرەرسىز دەپ چۈشىنىپ قالماسلىققا چاقىرىق قىلىشتۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ ساڭا تۇتقان مەيدانى دۈشمەنلەرچە بولۇشتىن سىرت، ئىچ دۇنياسى پۈتۈنلەي ساڭا بولغان ئۆچمەنلىك ۋە سۇيىقەستلەر بىلەن تولغان. ئۇنىڭ ساڭا مەزگىللىك چېقىلمايۋاتقانلىقى ياكى سېنى ئارامىڭدا قويۇپ باشقىلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ سېنى ئۆز ئىرقىڭ ئىچىدە پەرقلىق دەپ بىلگەنلىكىدىن ياكى سېنى دوستى قاتارى كۆرگەنلىكىدىن ياكى ئۇنىڭ ساڭا ھېچقاچان دۈشمەنلىك قىلمايدىغانلىقىدىن ۋە ياكى ساڭا قارىتىپ دۈشمەنلىك قىلىش نۆۋىتىنىڭ ئەسلا كەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

دەرھەقىقەت، ئى ئۇيغۇر، دۈشمىنىڭنى تونۇ! دۈشمىنىڭنى تونۇغىنكى، ئۇنىڭ ئۆتمۈشتە سېنىڭ ئەجدادلىرىڭغا، قەھرىمانلىرىڭغا، ئالىملىرىڭغا، مۇتەپەككۇرلىرىڭغا، ھېچبىر گۇناھسىز ۋە مەسۇم ئەۋلادلىرىڭغا، تۇپراقلىرىڭغا، مەدەنىي مىراسلىرىڭغا نېمىلەرنى قىلغانلىقى ۋە قىلىۋاتقانلىقى كۆزۈڭدىن قاچمىسۇن، ئېسىڭدىن چىقمىسۇن. ئۇنى تونىغىنكى، ھەر بىر قەدىمىڭدە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرىڭ ئاقىلانە بولسۇن. ئۇزۇنغا سوزۇلسىمۇ، تەييارلىقىڭ ھېچ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن. ئەگەر سەن بىر كۈنلىرى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغۇدەك بولساڭ، ئۇنىڭ چاڭگىلىغا تەييارلىقسىز تۇتۇلغۇدەك بولساڭ، ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئورنىغا كەلتۈرۈۋالغۇسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇدەك بولساڭ، بىلگىنكى، بۇ دۈشمىنىڭنىڭ كىملىكىنى بىلگەنلىكىڭدىن ئەمەس، بەلكى دۈشمىنىڭنى تونىمىغانلىقىڭنىڭ ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇپ بولالمىغانلىقىڭنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.

- بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: ئاپتورنىڭ «مەۋجۇتلۇق قورغىنىمىز تەھلىكىدە» ناملىق كىتابى.


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى

ئالدىنقىسى: «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەكس تەسىرلىرى (2)

باشقا قايت: «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەكس تەسىرلىرى (1)