«دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى ۋە بۇنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەكس تەسىرلىرى
«دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى ۋە بۇنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەكس تەسىرلىرى
(1)
يۈز يىلدىن بىرى سىياسەت ۋە تەشۋىقات سەھنىلىرىدە ئۆزىنى تەكرارلاۋاتقان بىر ھادىسە بار دېيىلسە، بۇ ھادىسىنىڭ ھال ۋەزىيىتىنى «ئى ئۇيغۇر، دۈشمىنىڭنى تونۇ»، دېگەن جۈملىگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن. دەرۋەقە، بۇ خىتاب تاكى بۈگۈنگە قەدەر قىممىتىنى يوقاتماي كېلىۋاتىدۇ. يۈز يىل بۇرۇن بۇ خىتاب قانداق مۇھىم بولغان بولسا، بۈگۈنمۇ ئوخشاش مۇھىم، ھەتتا مۇھىملىقتا ئۆتمۈشنىمۇ بېسىپ چۈشكىدەك زۆرۈرلۈكىنى مەلۇم قىلىپ تۇرۇپتۇ. بۇ نەقەدەر ئېغىر پاجىئە!؟
گەرچە «دۈشمەننى تونۇش» دېگەن بۇ ئۇقۇم ئاسارەت تارىخىمىزدىن بىرى ئىزچىل بىزگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ سۆز ئارىمىزدا پەقەتلا لېكسىكىلىق مەنىسى بىلەن ياشاپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىدىيەۋى مەنىسى بولسا، تەلىم - تەربىيە باسقۇچىدىن تاكى ئەمەلىي خىزمەت دەۋرىمىزگە قەدەر ئىزاھسىز ھالدا يوچۇن شەكىلدە تەلقىن قىلىنىپ كەلدى. نەتىجىدە بۇ ئۇقۇمنىڭ ئىدىيەمىزگە ئورنىشىمۇ پەرقلىق چۈشەنچىلەر بىلەن قوشۇلۇپ يىلتىز تارتىشتىن ساقلىنالمىدى. شۇنداق ئىكەن، بۈگۈنكىدەك رېئاللىقىمىزدا، ھەمدە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىمىزدىكى بىنورماللىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاڭ ۋە پىسخىكا جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەزكۇر «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى ئۈستىدە توختىلىشقا موھتاج بولماقتىمىز.
كۈنىمىزدىكى «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمنىڭ بۈگۈنكى پىسخىكىمىزدىكى ئەكس تەسىرلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئىخچاملاشقا بولىدۇ:
1. دۈشمەن ھامان كۈچلۈك، شۇڭا بىز نېمە قىلساق بىكار.
2. دۈشمىنىمىز خىتاي، لېكىن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغىنى بىز ئەمەس باشقا دۆلەتلەر.
3. خىتاينى خىتايلار ئىچىدىن بۆلۈپ پارچىلىمىغۇچە ئامال قىلالمايمىز.
4. خىتايغا بىزنىڭ ئامالىمىز يوق، خۇدايىم جاجىسىنى بەرمىسە بىكار
5. پۈتۈن ئۇيغۇرلار خىتاينى دۈشمەن تونۇپ بىرلەشمىگۈچە مۇستەقىل بولالمايمىز.
(2)
بىرىنچى نۇقتا (دۈشمەن ھامان كۈچلۈك، شۇڭا بىز نېمە قىلساق بىكار) دا، دۈشمەننىڭ يىمىرىلمەس ۋە مەڭگۈ زاۋال تاپماس كۈچ ئىكەنلىكى يوشۇرۇن ئاڭدا قايىللىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن بولۇپ، «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى بۇ خىل زېھنىيەتتە «خىتاي بىلەن ھەپىلىشىپ نەتىجە ئالغىلى بولمايدۇ» دېگەن قارارغا ئايلىنىپ كەتكەن. شۇڭا سىڭگەن ناننى يېيىش كېرەكلىكى، تىنچ ياشاپ، خاتىرجەم ئۆتۈپ كېتىش، تىرىكچىلىك قەيەردە ئاقسا شۇ يەردە جاھانسازلىق قىلىپ ياشاپ ئۆتۈپ كېتىش ئاقىلانىلىق بولۇپ قالغان.
مانا بۇ خىل زېھنىيەتكە ئارىمىزدىكى كۆپ سانلىق پۇلدارلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن. يۇقىرىقى بىرىنچى نۇقتىدىكى روھى ھالەت ئۆزىگە بېرىلگەن نېمەتنى ھېسابى سورالمايدىغاندەك، قەيەرگە سەرپ قىلغان ياكى بېسىپ ياتقانلىقى تارازىغا سېلىنمايدىغاندەك تاپقان – تەرگىنىنى سىقىپ يېتىۋاتقان پۇلدارلار توپىدا ئىپادىلىنىدىغان پىسخىكىدۇر. ئۇلاردىكى بۇ چۈشەنچە «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمىدىن دۈشمەننىڭ قۇدرىتىنى تونۇشقا ئۆزگىرىپ بارغان، ئۇنىڭ قولىنىڭ ھەر يەرگە سوزۇلۇپ بارالايدىغانلىقى غايىۋى دەرىجىدە چوڭ كۆرۈشكە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنىڭ زور قىسمى پەقەتلا تاپقان تەرگىنىنىڭ ئازلاپ كەتمەسلىكى ياكى شەخسىي ئىستەكلىرىدىن سىرتىغا سەرپ قىلىنىپ قالماسلىقىدىن ئىبارەت. ئۇلار ئۈچۈن مىللىتىنىڭ قىرىلىشى، ۋەتىنىنىڭ بايلىقلىرىنىڭ خىتايلارنىڭ ئولجا قىلىنىشى ئانچە چوڭ ئىشمۇ ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە خىتاي كۈچ - قۇدرەت جەھەتتە يېڭىلمەس ئابىدە. شۇڭا ئۇنىڭغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش، تەشكىللىنىش بىھۇدىلىك. بۇ جەھەتتىن ئۇلاردىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋە ۋەھىمىلىك ھادىسە خىتاينىڭ دەپتىرىگە چۈشۈپ قالماسلىق، ھېچقاچان خىتاينىڭ قاپىقىنى تۈرگۈزىدىغان بىر يولغا مەبلەغ ئاجرىتىشتەك چوڭ «گۇناھ»قا دەسسەپ سالماسلىق.
بۇنداق زېھنىيەتتىكىلەردە ئۆزلىرىنىڭ مىللەتنىڭ ئىقتىسادى تومۇرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوق دېيەرلىك. ئۆزلىرىنىڭ مىللەتكە كۈچ مەنبەسى بولۇش پوتېنسىيالىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئاڭ، چۈشەنچە ئۆلۈپ تۈگىگەن. شۇڭا ئۇلاردا مىللەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مائارىپ ۋە ئىلمىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەقىقىي مەنىدىكى بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇش روھى يوق. پەقەتلا ماداراچىلىق تىپىدىكى ۋە ھېساب - كىتابلىق ھەمدە رىياكارلىق تىپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئۆز تىرىكچىلىكىنىڭ خاتىرجەم ۋە راھەت بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خاھىشى مەۋجۇت. بۇ ۋەجىدىن ئۇلار بىر تەرەپتىن «قۇدرەتلىك دۈشمىنى»نىڭ دەپتىرىگە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن ئۆزىنى پەقەتلا پۇل تاپار سودىگەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا، كۆز - كۆز قىلىشقا كۈچەيدۇ، ئاشكارا ھالدا مىللىي ئىقتىسادنى روناق تاپقۇزۇش، ئىقتىسادىي كۈچنى پىلانلىق ھالدا سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىقتىسادى كۈچنى تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ ئارقا تېرىكى ھالىغا ئېلىپ كېلىشكە، ئەگەر ئۇنداق بىر ساغلام ئورگان ۋە مىللەت ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلات تېپىلمىغان تەقدىردە، ئۇنى قۇرۇپ چىقالايدىغانلارنى يېتىشتۈرۈشكە ياكى قۇرۇپ چىقىشقا سالاھىيەتلىكلەرگە مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. سىياسىيغا جۈرئەت قىلالمىسىمۇ، ئىلىم - مەرىپەتكە، ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلارغا مەبلەغ سېلىشنى خالىمايدۇ. ئىلمىي ھەرىكەتلەرنىڭ جانلىنىشىدىكى تايانچ بولۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. مىللەتكە نەق يارارلىق ئىلمىي خىزمەتلەرگە، ئىلمىي تەتقىقاتلارغا مەبلەغ سېلىشتىن تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئۆزىنى تارتىدۇ. ھەر ساھە تەتقىقاتچىلارنىڭ، قابىلىيەتلىك پىكىر ئىگىلىرىنىڭ پەقەتلا ئىقتىسادىي كاپالىتىنىڭ بولمىغانلىقى، مىللىتىگە پىدائىيلارچە بولسىمۇ ئىلمىي خىزمەت قىلىشقا شارائىتى يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆزگە مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ مائارىپىغا ۋە ئىلمىي تەتقىقاتىغا زېھىنى ۋە ۋاقتىنى ئاجرىتىشقا مەجبۇر قالغانلىقىغا قاراپ تۇرسا تۇرىدۇكى، ئۇلارنى بىر ئارىغا يىغىدىغان، ئۇلارنى ئىقتىسادىي بېسىمغا دۇچ كەلمەستىن بىمالال شەكىلدە مىللەتنىڭ ئىلمىي ۋە مەدەنىي مىراسلىرىنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈش، يېڭىچە ئىدىيە ۋە روھىي ئويغىنىشلارنى قانداق قىلىپ بارلىققا كەلتۈرۈش خۇسۇسىدا باش قاتۇرۇپ ئىزدىنىشىگە قارىتا يول ھەمدە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشتىن قاچىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىچە ياردەم قىلىۋاتقانلىقى بىلەن، ئاسترىتتىن ماددىي دەستەك بولۇپ قوللاۋاتقانلىقى بىلەن ئىشتىنىغا پاتمىغۇدەك دەرىجىدە مەغرۇر بولۇپ كېتىشلىرى ئارقىسىدىمۇ ئەنە شۇ «قۇدرەتلىك دۈشمەننى تونۇش» پىسخىكىسى ئۇرۇن تۇتقاندۇر. مىللەتنىڭ ئەڭ ھالقىلىق كۈچ مەنبەلىرىگە، ئىلمىي تەتقىقات پىلانلىرى، ساغلام ۋە مەزمۇتلۇق بىلەن قەدەم ئېلىۋاتقان سىياسىي پائالىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىغا ئارقا سەپ كۈچ بولۇش، دەستەك بولۇشتا ئۇلارنىڭ قارىسىنى كۆرگىلى بولماسلىقى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قانداقتۇر ئايىغى چىقماس كۇرسلارنىڭ جانباقار مەسئۇللىرىنىڭ رەھمەت - تەشەككۈرىنىڭ خېرىدارى بولىۋېلىشلىرى، دەرنەك ۋە ۋەخپىلەر تەرىپىدىن تەييار بېقىلىۋاتقان، ئېھتىياجلىرى قامدىلىۋاتقان ئورۇنلارغا ئانچىكى دەسمىي سېلىپ قويۇپ، پالانى كۇرسقا مۇنداق ياردەم لازىم دەپ كەپتىكەن، مەن بېرىۋەتتىم، دېگەنگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ مىللەتنىڭ خىزمىتىنى قوللىغۇچىلىرى بولۇپ كۆرۈنۈش ئىستىكىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلغۇچى ۋە كۆيۈنگۈچىلەرگە بولۇپ كۆرۈنۈش، دەمھال ئەل - جامائەتنىڭ كۆزگە چىلىقىدىغان ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ داستىخان سالغۇچىلىرى بولۇپ كۆزگە چېلىقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەنە شۇ «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمىنىڭ مەزكۇر پۇلدارلار ئېڭىدا «دۈشمەننىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇش»قا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىدۇر. ئۇلار بىر تەرەپتىن دۈشمەن تەرەپكە گويا مىللەتكە ئەمەلىي پايدىسى بولىدىغان ئىشلارغا ئارىلىشىشتەك «ئۇلۇغ جىنايەت»نى سادىر قىلمايۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئاتالمىش «قۇدرەتلىك دۈشمەن»نىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ قالماسلىق، ئۇلارنىڭ دەپتىرىگە چۈشۈپ قالماسلىقنىڭ، شۇ سەۋەبلىك چوڭ - چوڭ تىجارەتلىرىنىڭ ئاقسىماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاممىۋى سورۇن ئىشلىرىدا، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە، ئەھمىيىتىگە قارايدىغان ئالىم ۋە پىكىر ئەربابلىرىنىڭ نەزىرىدە ئەمەس، ئەكسىچە ھەممە ئىشنىڭ تاشقى سۈرىتىگە قاراپ ماختاش ۋە مەدھىيە ئوقۇيدىغان ئاۋامنىڭ نەزىرىدە «ئوبدان» بولۇپ كۆرۈنۈشتەك ۋاقىتلىق شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئاتالمىش ۋىجدان تەسەللىيسىگە مەلھەم ئىزدەش بىلەن كۇپايىلەنمەكچى بولىدۇ.
ھەر قاچان «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش» كېرەك، ئەنئەنىسى بويىچە ياشايدىغان بۇ پۇلدار تىپلار دەل بىرىنچى تۈرلۈك «دۈشمەننى تونۇش» كاتېگورىيەسىگە مىسال قىلىشقا بولىدىغان تىپلاردۇر. دەرۋەقە، ئۇلار ۋەتەندىكى ئۆزلىرىگە ئوخشاش كاتېگورىيەدىكى پۇلدارلارنىڭ، يەنى خىتاي كېلىپ ھەر تۈرلۈك بەتناملارنى چاپلاپ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىۋالمىغۇچە، بۇلاپ ئېلىۋالمىغۇچە ئۆزلىرىگە تەمەننا قويۇپ يۈرۈۋېرىدىغان، ئۇلارنىڭ دەپتىرىگە چۈشمەسلىككە شۇنچە تىرىشقان بولۇشلىرىغا قارىماي خانىۋەيران بولىدىغان كۈننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ يېتىپ، ئاقىۋەت مىللەتكە خىزمەت دەپ ئاتىغىلى بولغىدەك بىرەر ئىشقىمۇ يارىمىغان بايۋەچچىلەرنىڭ، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ جېنىغىمۇ ئەسقاتالمىغان مال - دۇنياسى سەۋەبلىك قامىلىپ ياتقان بايلارنىڭ تىراگېدىيەسىدىن ئىبرەت ئېلىشنى بىلمىگەنلەردۇر. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ دۇنيادىلا ھېساب بېرىشنى باشلىغان ئاشۇ مەزلۇم پۇلدارلار بىلەن (ئەگەر ئۇلارنىڭ مەزلۇملۇقى تەڭرى ئالدىدىكى جاۋابكارلىقىغا ئارا تۇرالمىغان تەقدىردە) بىر سەپتە ھەشىر قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرەتتىكى ھېسابىنىڭ مەزلۇم پۇلدارلاردىن ھەسسىلەپ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئاڭقىرىشى لازىم ئىدى. ئەمما رېئاللىقىمىزدىن كۆرۈنمەكتىكى، ھېلىھەم تەڭرىنىڭ يول ئاچسۇن، كېلەچەك قۇرۇشقا سەرپ قىلسۇن، دەپ بەرگەن مال - دۇنياسىنى ئۆزلىرىگە ئامانەت ۋە مىللەت ئالدىدىكى قەرزى دەپ بىلمەيدىغان بۇ ئەربابلارنىڭ، بايۋەچچىلەرنىڭ بۇرنىغا سۇ كىرگىنى يوق.
ئەگەر بۇ خىل ئاقىۋەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئەخلاقىي ۋە ئىمانىي نۇقتىلارنى بىر ياققا قايرىپ پەقەتلا ئىدىيە نۇقتىسىدىن دىياگنوز قويىدىغان بولساق، بۇنىڭ دىياگنوزى: «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمىنىڭ «دۈشمەننى يېڭىلمەس دەپ بېلىش»، ئۇلارنى «ھامان كۈچلۈك، بىز نېمە قىلساق بىكار» دەپ تونۇشتىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ.
(3)
ئىككىنچى نۇقتا (دۈشمىنىمىز خىتاي، لېكىن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغىنى بىز ئەمەس باشقا دۆلەتلەر) غا قارايدىغان بولساق، مەزكۇر نۇقتىنى «دۈشمەننى تونۇش» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئەكس تەسىرى بولغان يەنە بىر ۋارىيانتقا ئۆزگىرىپ كېتىشى، يەنى «دۈشمىنىمىز خىتاي، لېكىن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغىنى بىز ئەمەس، باشقا دۆلەتلەر» دېگەن تونۇشقا ئايلىنىپ قېلىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
بۇنداق بىر تونۇش ئۆز نۆۋىتىدە مۇستەملىكچى ئالدىدىكى روھىي تەسلىمىچىلىكتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭدا مۇستەملىكىچىنىڭ يوقىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش بار، بىراق ئۇنىڭ يوقىلىشىدا ئۆزىمىزنىڭ رولىنى، ئىقتىدارىنى ئاسقۇغا ئېسىپ قويۇش، كۆزنى يۇمۇش مەۋجۇت. بۇنداق بولغاندا، خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەردە بىزنىڭ مەيدانىمىز ۋە ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى بىز ئەمەس، بەلكى ياشاۋاتقان ئەللەردىكى ھاكىمىيەت ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ بەلگىلىشى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، كىم بېشىمىزنى سىلىسا شۇ بىزنىڭ كېمىمىزگە كاپتانلىق قىلىشى كېرەك بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا دەۋايىمىزنىڭ، سىياسىي پائالىيىتىمىزنىڭ يوللۇق بولۇشى چوقۇم بىراۋلارنىڭ قانۇنلۇق دەپ بېكىتىپ بېرىشىگە قاراشلىق بولۇشى كېرەك بولۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى، يوللۇقلۇق بىلەن قانۇنلۇق پەرقلىق ئىككى ئېقىن بولۇپ، سىياسىي دەۋايىمىزنىڭ يوللۇق بولۇشى ئۈچۈن قانۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش بەلگىلىك مەنىدە ئورۇنلۇق بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىقىدەك ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قىلىش كۆپىنچە ھالدا مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ھەر زامان ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغاندا بولسا، دەۋانىڭ يۆنىلىشىنى مىللەتنىڭ ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى تۇرۇۋاتقان ئەلنىڭ ئىستراتېگىيەسى بەلگىلەشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە دەۋا يولىدىكى مۇستەقىل مەۋقە، پىرىنسىپال ئىدىيە خاراكتېرسىزلىشىدۇ، ئىدىيە پاخاللىشىدۇ. ئىدىيە خاراكتېرسىزلەشكەندە دەۋانىڭ سىياسىيلىقى يوقايدۇ، دە، ئۇ پەقەت شاھمات تاختىسىدىكى پېشكىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئاكتىيورغا، باشقىلار يېزىپ بەرگەن نوتىلارنى چالغۇچى سازەندىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىدىيەدىكى پىرىنسىپاللىق پاخاللاشقان چاغدا بولسا، دەۋانىڭ ئۇلۇغۋارلىقى يوقايدۇ. شۇنداقلا ئۇلۇغۋارلىقنىڭ خاسلىقلىرى بولغان پىداكارلىق، شىجائەت، قەھرىمانلىق، بەدەل تۆلەش قاتارلىق خىسلەتلەر يوقايدۇ. بەدەل تۆلەشتىن، پىداكارلىقتىن قورقۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن، ئۆزىنىڭ رولىنى ئاسقۇغا ئېسىپ قويغان ھالدا ئۈمىدنى ئۆزگىلەردىن كۈتۈپ داۋاملىشىدىغان سىياسىي دەۋا مەڭگۈ بىر ئىزىدا تۇرسا تۇرىدۇكى، ئالغا باسمايدۇ. مانا بۇ «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمىدىن كېلىپ چىققان ئەجەللىك ئەكس تەسىرلەردىن بىرى. بۇنىڭدا دۈشمەننى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن بەلگىلەش ئەمما ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىنى باشقىلارنىڭ تونۇشىغا ھاۋالە قىلىش ئەكس ئەتكەن.
(4)
ئۈچىنچى نۇقتا: «خىتاينى خىتايلار ئىچىدىن بۆلۈپ پارچىلىمىغۇچە ئامال قىلالمايمىز»، دېگەن چۈشەنچىدۇر. بۇمۇ يۇقىرىقىدەك، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن دۈشمەننى ئېنىق بېكىتىش، ئەمما ئۇنىڭ مەغلۇپ قىلىش كۈرىشىدىكى ئامىلنى ئۆزگىگە ھاۋالە قىلىش تىپىدىكى چۈشەنچە بولۇپ، بۇنىڭدىكى پەرقلىق نۇقتا دۈشمەننىڭ مەغلۇبىيىتىنى رېئال ھادىسە، دەپ قاراشتىن بەكرەك، ئۇنى ئارزۇغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش، قارشى تۇرۇپ ئاۋارە بولغاندىن خىتاي ئىچىدىكى ھەر تۈرلۈك پارچە - پۇرات ئىسىيانكار تەشۋىقاتلارنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە زور كەلگۈنگە ئايلىنىشىنى كۈتۈش، قالايمىقانچىلىق چىقىپ ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن كېڭىيىپ بۆلۈنۈشىنى، پارچىلىنىپ بېرىشىنى كۈتۈپ يېتىشتىن باشقا چارە يوق دەپ قاراش، شۇنداقلا مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۆرمەسكە سېلىش ياكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ رولىنى كىچىك ساناش.
دەرۋەقە، بۇ نۇقتىدا كۆپىنچە سىياسىي ھەرىكەتلەردىن ئۈمىدى يوقىغانلىق، دۈشمەننى تونۇشنىڭ تەقەززاسى بولغان تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تەييارلىق قىلىشنى «دۈشمەننى تونۇش»نىڭ بىر قىسمى دەپ بىلمەسلىك ئەكس ئەتكەندۇر. بۇنىڭدا كىشى گويا خىتاي توساتتىن بىر كېچىدە پارچىلىنىپ قالايمىقانلاشسا ھەممە ئىش ئۆز يولىغا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك، ئىشلار ئارزۇلىغاندەك بولۇپ بەرگەن چاغدا ئاندىن تەييارلىق باشلانسىمۇ بولىدىغاندەك بىر يۆنىلىشكە كىرىپ قالىدۇ. چۈنكى، بۇنداق بىر زېھنىيەتتە خىتاينى مەغلۇپ قىلىدىغان باشقا كۈچ مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ ھەقىقەتەن قۇدرەت تېپىپ بولدى، ئۇنى باشقا دۆلەتلەرمۇ ھېچ نەرسە قىلىپ بولالمايدۇ. پەقەت زەھەرنى زەھەر قايتۇرغاندەك، خىتاي بىر كۈنى پارچىلىنىپ ئۆز بېشىنى ئۆزى يېمىگۈچە مەخسۇس تەييارلىق قىلغاننىڭ، سىياسىي داۋا قىلىمەن دەپ قاتراپ يۈرگەننىڭ پايدىسى يوق، مۇستەقىللىقنى كۆتۈرۈپ چىقىشمۇ بىر بىمەنىلىك. قارىماققا بۇ تىپتىكى زېھنىيەت دۈشمەنگە قارشى ھەرىكەتنىڭ غەلىبىسىدە ئۆز رولىنى ئاسقۇغا ئېسىش جەھەتتە ئالدىنقى نۇقتىدىكىلەر بىلەن ئوخشاشتەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتە ئالدىنقى زېھنىيەتتىكىلەردىن تەسلىمىچىلىك روھىنىڭ بىچارىلىكى ۋە ئىرادىسىنى يوقىتىش جەھەتتە بەلگىلىك پەرقلىققە ئىگە. چۈنكى، ئالدىنقى نۇقتىدىكىلەر غەلبە ئامىلىنى ئۆزگىگە ھاۋالە قىلسىمۇ، دۈشمەن مەغلۇبىيىتىنىڭ سىرتقى كۈچ بىلەن يوقىتىشنىڭ چۇقۇم مۇمكىنلىكىگە جەزم قىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما نۆۋەتتىكى نۇقتىدىكى زېھنىيەت ئىگىلىرىدە بولسا، خىتاينىڭ قۇدرىتىگە بولغان تونۇشى سېزىپ سەزمىگەن ھالدا چوقۇنۇلىدىغان «بۇت»قا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، خىتاينى خىتايدىن باشقا كۈچنىڭ مەغلۇپ قىلىشىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىغا قانائەت كەلتۈرىدۇ.
دېمەككى، بۇ نۇقتىدا «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى دۈشمەننىڭ يىمىرىلمەس كۈچىنى تونۇشقا ئايلىنىپ قالغان، شۇنداقلا دۈشمەننىڭ مەغلۇبىيىتىنى پەقەت ئۇنىڭ ئۆزلۈكىدىن پارچىلىنىشىدىن ئىبارەت «تاما قىلىش» خاراكتېردىكى ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا باغلىق قىلىپ قويۇلغان.
(5)
تۆتىنچى نۇقتا بولسا: «خىتايغا بىزنىڭ ئامالىمىز يوق، خۇدايىم جاجىسىنى بەرمىسە بىكار» دېگەن چۈشەنچىدىن ئىبارەت.
بۇ نۇقتىدا مەزكۇر چۈشەنچە ئىگىلىرىدە ئالدى بىلەن ئۇرۇش باشلانماي تۇرۇپ ئاق بايراق چىقىرىش پوزىتسىيەسى ئىپادىلىنىپ بولىدۇ. بۇنداق تىپتىكىلەرنىڭ روھىغا دۈشمەن ئۈستىدىكى قان - قىساسىدىن ۋاز كېچىش، دۈشمەن بىلەن ھەر قانچە ھەپىلەشكەن بىلەنمۇ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تەن ئىلىشتەك تەسلىمچىلىك خاراكتېرى ئاللىبۇرۇن يىلتىز تارتىپ كەتكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل زېھنىيەت ئەھلىنى ئالدىنقى نۇقتىدىكىلەرنىڭ، يەنى دۈشمەننىڭ كۈچىنى چوڭ كۆرۈپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشتا ئۆزىنىڭ رولىنى چەتتە قويۇش، ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆزىدىن باشقا دۈشمەنلەرنىڭ يېڭىشىگە ھاۋالە قىلىش تىپىدىكىلەرنىڭ ۋە ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىشىنى كۈتۈپ ياتقۇچىلارنىڭ يۇغۇرۇلمىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار ئېغىزىدا ئاشكارا ئېيتمىغىنى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەتلەردىكى پاسسىپلىقى، قوللاشقا تېگىشلىكنى ئەمەس، مودا بولغاننى قوللايدىغانلىقى، ئەيىبلەشكە تېگىشلىكنى ئەمەس، ئەيىبلەشكە بازارغا سېلىنغاننىڭ خېرىدارى بولۇپ بېرىۋاتقانلىقى بىلەن كۆزگە چېلىقىدۇ. مەسىلە تەھلىل قىلىش، بىلگەننى سۆزلەش، بىلمىگەنلىرى ئۈستىدە ئۆگىنىش جەھەتلەردە ئومۇمەن بىر تەرەپلىمە ۋە يوقسۇل. ھەرقانداق ئىجابىي تەشۋىقاتلارنى دۇئايىسالام بىلەن ئالقىشلاش، ھەرقانداق سەلبىي تەشۋىقاتقا بەددۇئا بىلەن ئىنكاس بىلدۈرۈشكە تەييار تۇرۇش، مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى نېمە، نېمە سەۋەبتىن بۇنداق بولۇۋاتىدۇ، دېگەنلەر ئۈستىدە ئويلانمايلا قوللاش تەرەپدارى بولۇش، مەيلى ئوڭ، مەيلى تەتۈر تەشۋىقات بولسۇن ھەممىنى توغرا چۈشىنىپ بېرەلەيدىغان، نېمىنىڭ شاكال، نېمىنىڭ جەۋھەرلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، مەسىلە ھەققىدە ئىزدەنمەي تۇرۇپ ھەممىگە ئۇدۇل كەلگەنچە تەرەپدار بولۇپ بېرىدىغان، مەسىلىلەرگە مەيدان ۋە مەۋقە ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەستىن ئاتالمىش «دەۋايىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ» دەيدىغان ياغلىق قاپاققا رام بولۇپ ھەممىگە پۈتۈنلەي ئوڭ كۆزدىلا قاراپ سەللەمنا بىلدۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مانا بۇ تۆتىنچى نۇقتىدىكى زېھنىيەت ئىگىلىرىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. بۇنداق تىپتىكىلەر «دۈشمەننى تونۇش»، دېگەننىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ ۋە مىللىتىنىڭ بۈ كۈنگە قالغانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سەۋەبلىرىنى قوشۇپ تونۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، گېزى كەلسە، ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتنىڭ يۇقىرىقى ساھەلەر ئارا كۈچلىنىشتىن باشلىنىدىغانلىقىنى، ۋاقتى كەلسە دۈشمەننى تونۇش روھىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقلىي بىلىم ساپاسىنى ياخشىلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىدۇ، دىققەت قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. سەۋەب - نەتىجە دۇنياسىدا دۈشمەننى تونۇش ئېڭى بولۇش، دېگەنلىكنىڭ ئۆز ئاجىزلىقىنى خۇداغا ھاۋالە قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىش پىسخىكىسى بىلەن تەسەللىي تاپقۇزۇشنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى، «دۈشمەننى تونۇش»، دېگەنلىكنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە دۈشمەنگە قارشى جىھاد قىلىشنىڭ ۋە دۈشمەن قانداق ۋەزىيەتتە بولمىسۇن تەييارلىق كۆرۈپ تۇرۇشنىڭ، سەۋەب قىلىشنىڭ پەرزلىكىنى بىلىشنىمۇ، زالىمغا قارشى مىللىي ئىنقىلابتا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئادىمىيلىك بۇرچى بارلىقىنى ئاڭقىرىپ يېتىشنىمۇ، شۇنداقلا بۇ ھەقتە توغرا ئاڭ يېتىلدۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئۇلارنى قىزىقتۇرمايدۇ. ماھىيەتتە بۇنداق بىر پىسخىكىنىڭ دۈشمەننى تونۇش ئەمەس، بەلكى دۈشمەنگە تەن بېرىشكە ياتىدىغان ئىپادە ئىكەنلىكىگە دىققەت بېرىپ كەتمەيدۇ.
(6)
بەشىنچى نۇقتا بولسا: «پۈتۈن ئۇيغۇرلار خىتاينى دۈشمەن، دەپ تونۇپ بىرلەشمىگۈچە مۇستەقىل بولالمايمىز» دېگەن چۈشەنچىدۇر.
بۇ نۇقتا ئەمەلىي رېئاللىقتىن بەكرەك شوئار تۈسىنى ئالغان، مەنە جەھەتتىن بىر خىل ئۇتوپىيە خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، بۇنى ئۆز نۆۋىتىدە «دۈشمەننى تونۇش» چۈشەنچىسىدىن مەيدانغا كەلگەن بىر تۈرلۈك ئارزۇ - ئارمان، دېيىشكە بولىدۇ. ئارزۇلار قانچە گۈزەل، قانچە رىتورىك بولغانچە رېئاللىقتىن چەتنەيدۇ. رېئاللىقتىن چەتنىگەن ئارزۇنىڭ شوئارلىشىشى سىياسەتچىلىكتە ئاممىنىڭ ۋىجدانىنى غىدىقلاشقا، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يارىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەسلا سىياسەتچىنىڭ، ئىدېئولوگلارنىڭ كەلگۈسى ئىشقا ئاشۇرۇش غايىسىدە، ئەمەلىي پىلان خەرىتىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان نىشانى بولماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، سىياسەت سىياسەت بولۇشتىن چىقىدۇ. سىياسەتنىڭ ۋەزىپىسى مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا كېرەكلىك ئىمكانىيەتلەرنى ھازىرلاش، سىياسىي كۈچلەرنىڭ مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى قوللىشىنى ۋە ئەمەلىي دەستەكلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە بۇ ئاساستا مىللەتنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئېچىش، ئۇلارنىڭ ۋىجدانى، سۆزى بولۇش، ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىغا كېلىۋاتقان تەھدىتكە قارشى قوغدىغۇچى ماددىي ئىستىھكاملىق رولىنى قۇرۇشتۇر. قانداقتۇر مىللەتنىڭ جىمى ساھەلىرىنى سىياسەت رېلىسىغا باغلاپ تۇرۇپ سۆرەش، ھەممىگە چات كېرىپ قامال قىلىش، خىزمەت ئوبيېكتىنى ئېغىزدا ۋەتەن - مىللەت داۋاسى، ئەمەلىيەتتە تۈگەل مىللەتنىڭ ھەرقايسى ئىلمىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلىرىنى سىياسەت قازىنىغا سېلىپ قوچۇش، ھەممە ساھەنى كونترول قىلىش بولماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا سىياسەتچىلەردىكى خاتا ھەرىكەت يۆنىلىشلەرنىڭ پەرق ئېتىلمەسلىكى، تەنقىدلەنمەسلىكى ئۈچۈن پۈتكۈل جەمئىيەت قاتلىمىنى سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ پىشكىلىرىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش، نەتىجىدە ھەممىنى سىياسىي ھەرىكەتلەرگە شېرىك قىلىۋېتىش ئارقىلىق جىمى مەشغۇلىيەتنى، جىمى تەييارلىقنى تۈگەل سىياسىيەتچىلەرنىڭ قارانچۇقلۇقى ئاستىدا قىلىدىغان قىلىۋېتىش، جىمى ساھەلەرنىڭ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىنى پەقەتلا سىياسىي ھەرىكەتلەردىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ بېسىشنى كۈتۈش بولماسلىقى كېرەك. سىياسەتچىلىك ئۆز يولىدا بولۇشى، باشقا ساھەلەرمۇ ئۆز تەرەققىياتى ۋە مۇھىتىدا سىجىل تەرەققىياتىنى باشتىن كەچۈرۈشى، دۈشمەن تەرىپىدىن چېكىندۈرۈۋېتىلگەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرىدىغان ئىز باسارلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا پۇرسەت يارىتىلىشى، ۋاقىت ئاجرىتىلىشى لازىم. سىياسەتچىلىك يەنە ئىلمىي، پىكرىي جەھەتتىكى بوشلۇقلارنىڭ تولدۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالىملارنىڭ، پىكىر ئەربابلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئورۇنداشقا شەرت - شارائىت ھازىرلاشقا خىزمەت قىلىشى كېرەككى، ئۇلارنى سىياسىي پائالىيەتلىرىنى قىزىتىدىغان پايدىلىنىش ۋاسىتىسىغا، ئۆزلىرىنىڭ پائال ھەرىكەتلىرىدىكى خاتالىقلىرىنى ئاقلايدىغان ئادۋوكاتلىرىغا ئايلاندۇرۇش قەستىدە بولماسلىقلىرى لازىم. يەنى ئىلىم ۋە پىكىر ئەربابلىرىغا بولغان يېقىنلىقى ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىدىن، ئىدىيەلىرىدىن زەرەتلىنىش مەقسىتىدە بولۇشى، ئەكسىچە ئۇلارنى ئۆز تەشكىلاتىنىڭ تەرەپبازلىرىغا ئايلاندۇرۇش قەستىدە بولماسلىقى كېرەك.
ئىجتىمائىي قاتلاملاردا تەلەپكە لايىق مۇۋازىنەتنىڭ شەكىللەنمەسلىكى مانا بۈگۈنكىدەك ھەممىنىڭ ئوي خىيالى مىدىيا ۋاستىسى بىلەن تەشۋىق قىلىنىۋاتقان كۈندە ھەممىنىڭ زېھنىنى سۈنئىي كۈن تەرتىپلەر ئىگىلىۋالغان، ھەممىنىڭ دىققىتى سىياسەتچىلەرنىڭ نېمىش قىلىپ، نېمىش قىلمىغانلىقى ھەققىدە چىقىدىغان «يېڭى خەۋەرلەر»نى كۈتۈش بىلەن ئاۋارە يۈرىدىغان، قاچان مېدىيا ۋاسىتىلىرىدە يېڭى خەۋەر چىقىپ قالار، دېگەن ئۈمىدتە تور ئارىلاپ، خەۋەر مارىلاپ يۈرىدىغان، ئۆز ئىشىنى تېپىپ قىلىشتا گاڭگىرايدىغان كوللىكتىپ ۋۇجۇتقا كەلمەكتە. ھەر مەۋسۈمدە، ھەر ئايدا ۋە ھەر پۇرسەتتە مىللەتنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى، تۇراقسىزلىقى، كۈن تەرتىپكە كەلگەن ھېچبىر ئىشنىڭ ئاخىرى چىقماسلىقى قاتارلىق نەتىجىلەر كوللىكتىپ ھاياتنىڭ چېچىلاڭغۇلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، چېچىلاڭغۇ كۈن تەرتىپ ئاساسىدا ھاياتنى ئاڭسىز، پىلانسىز، غايىسىزلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈش ئادىتى شەكىللىنىپ بارماقتا. بۇنداق بىر ھاياتتا ئەلۋەتتە، يۇقىرىقىدەك «ئۇيغۇرلار خىتاينى دۈشمەن تونۇپ بىرلەشمىگۈچە مۇستەقىل بولالمايمىز» دەيدىغان چۈشەنچىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ سىياسىي تەشۋىقات سەھنىلىرىدە ھېچبىر ئېتىرازسىز بازار تېپىشى، ئىستىخىيەلىك ھالدا ئومۇملىشىشى يىراق ئەمەس. چۈنكى، داۋا مەسىلىلىرىدە كۈن تەرتىپى تۇراقسىزلاشقان بىر كوللىكتىپتىن دىققەتنى بىر نۇقتىغا يىغىشنى تەلەپ قىلىش، بىر غايىگە مەركەزلىشىشنى كۈتۈش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش. بۇنداق توپتىن تەپەككۇرانە سەپەرۋەرلىكىنى، سەۋىرچانلارچە ئىزچىللىقنى ۋە نەتىجە چىققانغا قەدەر بوشاشماسلىقنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس. يۇقىرىقىدەك ئۇتوپىيە خاراكتېرىنى ئالغان بىر چۈشەنچنىڭ بۇنداق بىر توپنىڭ زېھنىيىتىدە ئۇچۇپ يۈرۈشى دەرۋەقە، «دۈشمەننى تونۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنىڭ غايىۋىلەشتۈرۈلۈشى ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلۇشىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۈمىد ۋە غەلىبىنى ھەممە ئۇيغۇرنىڭ خىتاينى دۈشمەن دەپ قارايدىغان كۈنىدىن باشلاپ كۈتۈشكە قاراشلىق قىلىدىغان بىر زېھنىيەتنىڭ، پاسسىپ چۈشەنچىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۆۋەتتىكىدەك چېچىلاڭغۇ توپنىڭ ئېڭىدا قىزىل چىراق ياقماسلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە!
خاتىمە
يۇقىرىقى نۇقتىلار يۈز يىلدىن بىرى سىگنال سۈپىتىدە گاھ خىتاب تىلى بىلەن، گاھ ۋەزىيەت تىلى بىلەن تەكرارلىنىپ كېلىۋاتقان «دۈشمىنىڭنى تونۇ»، دېگەن خىتابنىڭ بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە ئەكس تەسىر سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار ئىپادىلىرى. ئۇنداقتا، مەزكۇر سۆزنىڭ ئەسلىدىكى قاراتمىلىقى ۋە بۇ سۆزدە ئىپادىلەنگەن خىتابنىڭ مەنە - مۇددىئاسى نېمە؟!
شۈبھىسىزكى، مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىخ مۇساپىسىدە قۇرئان تىلىدىن ئوزۇق ئېلىپ كەلگەن ئانا تىلىمىز يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك مۇددەت داۋامىدا ئىزچىل مۇستەملىكچى تۈزۈمنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلگەن بولۇشىغا قارىماي بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ قەدەر ئۇزۇن يىللىق مۇجادىلە ھاياتىدا بىر قىسىم يوقىتىشلارنى باشتىن كەچۈرمەيمۇ قالمىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە سۆز بايلىقىمىزنىڭ كەمىيىپ كېتىشى چوڭ يوقىتىشلاردىن بىرى بولۇپ، بار سۆزلۈكلەرنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ سۆزلەرنىڭ روھىي زېمىنى بولغان تەپەككۇر بايلىقىنىمۇ يوقسۇللاشتۇرۇپ قويدى. قارىماققا مەنىداشتەك كۆرۈنىدىغان، ئەمما مەزمۇن ھەمدە قوللىنىش جەھەتلەردە ئىنچىكە ۋە نازۇك پەرقلەرگە ئىگە سۆزلىرىمىز ئىستېمالدىن قالدى ياكى قوللانساقمۇ ئۇنىڭ نازۇك پەرقلىرىگە دىققەت بەرمەس، سۆزنىڭ ئېڭىمىزدىكى قارشىلىقىغا لايىق ئىنكاس قايتۇرماس ھالغا كەلدۇق. «تونۇش» ۋە «بىلىش» دېگەن بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئۇقۇم مەنىلىرى مەزكۇر نۇقتىئىينەزەرىمىزنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرىدۇر.
«بىلىش» ئۇقۇمى ئادەتتە تىلىمىزدا بىر نەرسىنىڭ ئوبيېكتىپ ھالىتىنى بىلىشكە، ئاڭدا بولسا شەيئىنىڭ شەكلى ياكى قىياپىتى ۋە ياكى ئوبرازى ئاساسىدىكى تەسەۋۋۇرىغا قارىتىلغان. تونۇشقا كەلسەك، ئۇ خىتاب تىلىمىزدا بىلىشنىڭ چوڭقۇرلاشقان، ئەتراپلىق چۈشىنىپ يەتكەن، بىلىشنىڭ ماھىيەتلەشكەن ھالىتىدۇر. بىلىش كۆپىنچە ھالدا ئومۇم قىياپەتنى كۆرسەتسە، تونۇش كۆپىنچە ماھىيەتكە ئىشارەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزۈڭنى بىل، دېيىلىدۇ، ئۆزۈڭنى تونۇ دېيىلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ يەردىكى بىلىش ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىنى، چېگراسىنى بىلىشتۇر. ئۆزۈڭنى تونۇ، دېيىلمەسلىكى ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى باشقىلاردىن ئەڭ ياخشى چۈشىنىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە بىل، دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن. يەنى كىشىنىڭ ئۆزىنى بىلىشىدە ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشى كۆزدە تۇتۇلغان ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ھەددى - ھۇدۇدىنى، ئوبيېكتىپ مەنزىلىنى، ئاشسا بولمايدىغان چېگرا سىزىقىنى بىلىشى مەقسەت قىلىنغانلىقتىندۇر. دېمەك، نازۇك نۇقتىلاردا ماھىيەتلىك ۋە ئەتراپلىق بىلىش مەقسەت قىلىنغاندا «بىلمەك» سۆزى ئىشلىتىلمەستىن، تونۇماق سۆزى ئىشلىتىلىتىگەن. «ئۆزىنى تونۇغان كىشى رەببىنىمۇ تونۇيدۇ»، دېگەن ئىبارىدىمۇ بۇ نۇقتا دىققەتكە سازاۋەردۇر. چۈنكى، مەزكۇر ھېكمەتتىكى تونۇش ماھىيەتلىك بىلىش، ئىرپانىي خۇسۇسىيەت دەرىجىسىدە تونۇپ يېتىش بولۇپ، ئىلمىي ياكى نەزەرىيەۋى بىلىش ئەمەس، بەلكى ئارىفلىق نەزىرىدىكى بىلىش، نەزەرىيەۋى ئاساستا ئىلمىي ياكى بىلىم نۇقتىسىدىكى بىلىشلا ئەمەس، ماھىيەتلىك تونۇپ يېتىش مەقسەتتۇر. بۇ ۋەجىدىن تىلىمىزدىكى تونۇش سۆزىنىڭ قارشىلىقى قۇرئان تىلىدىكى ئىرپانىي بىلىشكە ئۇدۇل كەلسە، بىلىش، بىلىم قاتارلىق سۆزلەرنىڭ قارشىلىقى قۇرئان تىلىدىكى ئىلىم مەرتىۋىسىدىكى بىلىشكە، يەنى «ئىلىم» ئۇقۇمىغا ئۇدۇل كېلىدۇ. كىلاسسىك تىلىمىز بويىچە ئىپادىلىگەندە، بىلىش «ئىلىم»غا، تونۇش «مەئرىفەت»كە تەقابۇلدۇر.
«دۈشمەننى تونۇش» دېگەن بۇ خىتابتىمۇ ئەينەن يۇقىرىقى مەنە جەھەتتىكى نازۇكلۇققا ئىتىبار بېرىلگەن. شۇ سەۋەبتىن دۈشمەننى تونۇش، دېگەندە نوقۇل دۈشمەننىڭ كىملىكىنى بىلىش، ياكى مەلۇم ئوبيېكتنى دۈشمەن دەپ بېكىتىش، دېگەنلىك مەقسەت قىلىنغان بولمايدۇ. ئەكسىچە، دۈشمەننى ئوبيېكتىپ ھالدا ئېنىق بەلگىلەپلا قالماي، مەزكۇر ئوبيېكتنى ماھىيەتلىك چۈشىنىش، ئۇنىڭ ئىچ يۈزىنى ۋە غەرەز - مۇددىئاسىنى چۈشىنىپ يېتىش، ئۇنىڭ رەزىل تەبىئىتىنى ھەر تەرەپلىمە ۋە ئىچ - ئىچىدىن تونۇپ يەتكەن ئاساستا ئۇنىڭغا قارشى تەۋرەنمەس قارارغا ئىگە بولۇش، ئۇنىڭ شەررىدىن ھەر زامان ئويغاق ۋە سەگەك بولۇش ئىشارەت قىلىنغان. بۇ نۇقتىدىن دۈشمەننى تونۇشقا چاقىرىق قىلىش، ئۆز نۆۋىتىدە بىلىش دەرىجىسىدىن ئاشقان چوڭقۇر تونۇپ يېتىشكە، ماھىيەتلىك چۈشىنىپ يېتىشكە چاقىرىشتۇر. «دۈشمەننى بىلىش» كىشى ئېڭىغا ئۇنىڭ ئۆز كۈشەندىسى ئىكەنلىكىنى تەيىن قىلىشنى ئۇرغۇلىسا، «دۈشمەننى تونۇش» ئۇنى بىلىشتىن ئېشىپ دىققەتنى بۇرايدىغان بارلىق مەشغۇلىيەتلەرگە خاتىمە بېرىشنى، دۈشمەن بىلگەن بىر قاتار ئوبيېكتىپلار ئىچىدە بىرىنى نىشان قىلىپ بېكىتىشنى، ھېچقاچان غەپلەتتە قالماسلىقنى ئۇرغۇلايدۇ. دۈشمەننى تونۇشقا چاقىرىش ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇنىڭ ياسالما قىياپىتىگە ئالدانماسلىققا، ئۇنى ھېچبىر زامان دوست قاتارى كۆرمەسلىككە، ساڭا چېقىلمايۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئۇنى زىيانسىز ۋە زەرەرسىز دەپ چۈشىنىپ قالماسلىققا چاقىرىق قىلىشتۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ ساڭا تۇتقان مەيدانى دۈشمەنلەرچە مەيدان بولۇشتىن سىرت، ئۇنىڭ ئىچ دۇنياسى ساڭا بولغان ئۆچمەنلىك ۋە سۇيىقەستلەر بىلەن تولغان. ئۇنىڭ ساڭا تەگمەيۋاتقانلىقى ياكى سېنى ئارامىڭدا قويۇپ قانداقتۇر بىراۋلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ سېنى ئۆز ئىرقىڭ ئىچىدە پەرقلىق دەپ بىلگەنلىكىدىن ياكى سېنى دوستى قاتارى كۆرگەنلىكىدىن ياكى ئۇنىڭ ساڭا ھېچقاچان دۈشمەنلىك قىلمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. دۈشمىنىڭنى تونىغىنكى، ئۇنىڭ ئۆتمۈشتە سېنىڭ ئەجدادلىرىڭغا، قەھرىمانلىرىڭغا، ئالىملىرىڭغا، مۇتەپەككۇرلىرىڭغا، ھېچبىر گۇناھسىز ۋە مەسۇم ئەۋلادلىرىڭغا، تۇپراقلىرىڭغا، مەدەنىي مىراسلىرىڭغا نېمىلەرنى قىلغانلىقى ئېسىڭدىن چىقمىسۇن. ئۇنى تونىغىنكى، ھەر بىر قەدىمىڭدە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرىڭ ئاقىلانە بولسۇن. ئۇزۇنغا سوزۇلسىمۇ، تەييارلىقىڭ ھېچ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن. ئەگەر سەن بىر كۈنلىرى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغۇدەك بولساڭ، ئۇنىڭ چاڭگىلىغا تەييارلىقسىز تۇتۇلغىدەك بولساڭ، ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئورنىغا كەلتۈرۈۋالغۇسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇدەك بولساڭ، بىلگىنكى، بۇ سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ كىملىكىنى بىلگەنلىكىڭدىن ئەمەس، بەلكى دۈشمىنىڭنى تونىمىغانلىقىڭ ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇپ بولالمىغانلىقىڭنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.
يازار: بۇرھان مۇھەممەد
2020-03-26
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى