«ساجىيە»نىڭ جاۋابىغا «ئويغاقلار»دىن سالام!
«ساجىيە»نىڭ جاۋابىغا «ئويغاقلار»دىن سالام!
ئالدى بىلەن ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزىنىڭ كەمىنىنىڭ تەكلىپ ۋە چاقىرىقىنى ئىلىك ئېلىپ ئۆزىگە خاس تۇرۇشىنى، مۇستەقىل خاراكتېرى ۋە ھەقىقەتپەرۋەرچە تۇتۇمىنى كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسى بىلەن ئورتاقلىشىپ دادىل مەۋقەدە تۇرغانلىقىنى «ئويغاقلار دۇنياسى»نىڭ ئەزالىرى سۈپىتىدە چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز ۋە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. بۇ جاۋابتىن بىرىنچى بولۇپ ھېس قىلغىنىمىز ئىلىم ساھەسىدە، بولۇپمۇ پەتىۋا ۋە شەرئىي ئىلىم ساھەلىرىدە نېمە ئۈچۈن ساجىيەنىڭ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتقان قايناققا ئايلىنالىغانلىقىنى، ئېتىبار ۋە ئېتراپىنى دىپلومدىن بەكرەك ئەمەلىي ئىجتىھادتىن كەلگەن ئىلمىي تىرىشچانلىقىدىن، بىر – بىرىگە ئىناۋەت ۋە ئاتاق سودىسى قىلىش ئۈچۈن سۈنئىي توپ شەكىللەندۈرۈپ موللا – ئۆلىما ياساپ چىقىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن، مۇھەممەد سالىھ داموللامدىن باشلانغان يېقىنقى زامان ئىسلام ئىلىم تارىخىمىزنىڭ نوپۇزلۇقلىرىنىڭ تەن ئېلىشى، ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىشلىرىغا سازاۋەر بولۇشتىن تەبىئىي شەكىللەنگەن ئەمەلىي رېئاللىق ئىكەنلىكى بولدى.
مەن بىلگەن ئىلىم تارىخىدا ئىسلام ئىلىم مەدەنىيىتىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرى نېمە دېيىلسە، جاۋابلار ئىچىدە ئەڭ دىققەت تارتىدىغىنى، ئالىملارنىڭ مۇتالەئە، مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە ئەنئەنىسىنى مىسسوپوتامىيە مەدەنىيەت ھاۋزىسىدا شەكىللەنگەن ئاغزاكى دىيالوگ ھالىتىدىن كىتاب – ئەسەر قىلىپ پۈتۈش، ئارىغا ھەر تۈرلۈك سۇقۇنۇش ۋە پىتنە ئىغۋانىڭ سىڭىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان خەت ئالاقە كۈلتۈرىنىڭ ئومۇملىشىشى، مەغرىپتە يېزىلغان بىر ئەسەرگە، مەشرىقتە تۇرۇپ جاۋاب يېزىشى، ھەتتا ئۆزىدىن بىر قانچە نەسىل ئاۋۋال ئۆتكەن بىر پېشۋانىڭ چاقىرىقىنى نەچچە ئەسىر كېيىن كەلگەن بىر ئەللامە ئىلىك ئېلىپ ئاشۇ چاقىرىققا جاۋاب يېزىلىشى، بىرى باشلىغان ئىلمىي لايىھە قۇرۇلۇشىنى، يەنە بىرى شۇ سەۋىيە ۋە سۈپەتتە تاماملىشى، بىر قىتئەدە پارتلاتقۇچ بىر ئىددىئا ياكى مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا چىققاندا، يەنە بىر قىتئەدە تۇرۇپ تەمكىن ۋە سالماقلىق بىلەن جاۋاب يېزىشى، يېزىلغان جاۋابقا قارشى تەرەپتىن رەددىيە، ئاندىن رەددىيەگە رەددىيەلەر يېزىلىشى، ساھە ئىگىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلمىي قانائىتىنى جاكارلاشتىن، يەنە بىر جاۋاب بەرگۈچىنىڭ چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتەلەيدىغان روھىي جاسارەتكە باي بولۇشى قاتارلىق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ئېڭىنىڭ بولۇشى دېگەن چۈشەنچە دېيىشىم مۇمكىن. ئىسلامىيەت ئىلىم تارىخى ھەققىدە مول تەتقىقاتلىرىنى سۇنۇش بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن گېرمانىيەلىك ئالىم فرانز روزېنتالنىڭ «‹ئىلىم› مەۋجۇتلا بولىدىكەن ئىسلام تارىختىن ئەسلا يوقالمايدۇ»، دېگەن چوڭقۇر قانائىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق، شۈبھىسىزكى، بۇنىڭ مەركىزىدە ئۇشبۇ ئىلىمنى ياشناتقان، ئەھيا قىلغان، نەسىلدىن نەسىلگە قالدۇرۇپ زېھنىي ۋە ئىلمىي مىراسنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىنى تەمىنلىگەن، قىسقىسى ئىلىمنىڭ ھەققىنى بەرگەن ئالىم – ئۆلىمالارنىڭ بارلىقىغا قىل سىغمايدۇ. چۈنكى، ئالىم مەدەنىيىتىمىزدە ئەڭ ئالدى بىلەن پاكىت ئادىمى. ئالىم بىزنىڭ ئىلىم كۈلتىرىمىزدە دەلىلنىڭ يېتەكلىگەن يېرىگە قاراپ نەتىجە چىقارغۇچى، سەۋەبتىن مۇسەببەبنى، مۇسەببەبتىن يەكۈننى، يەكۈندىن «بۇرھانىي دەلىل» دىن ئىبارەت تەۋرەنمەس ھەقىقەتنى سۈزۈپ چىقارغۇچى ۋە ئۇنى خەلققە تەقدىم ئەتكۈچى كىشىدۇر.
بىز «ئۆزىمۇ ئازىدۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازدۇرىدۇ» ناملىق چاتما ئوبزورىمىزدا، مەسىلىنىڭ پەقەت بىزگىلا كۆرۈنگەن تەرەپلىرىنى ئاساس قىلىپ ئەمەس، بەلكى شەخسنىڭ كامېرا ئالدىغا چىقىپ تۇرۇپ دېگەن ۋە ئىككى لەۋ ئارىسىدىن چىققان، ھەممىگە كەڭ تارقىلىپ بولغان، پەقەتلا سۈكۈتلا قىلىنىشتىن باشقا تەرەپلىرى ھەممە مەلۇملۇق ئوپئوچۇق بولغان پاكىتلارنى تۇتقا قىلغان ھالدا تەھلىللەرنى ئېلىپ باردۇق. تەنقىدىي نۇقتىلاردا شەخسنىڭ زېھنىيىتى، تۇتۇمى ۋە بۇ ئىككى تۈرتكىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرگە، چاتاقلارغا ساھەنىڭ تىلى بىلەن ئوبزور ئېلىپ بارغان بولدۇق. نېمە قىلىشنىڭ خاتا بولغانلىقىنى، قىلىنغان ۋە دېيىلگەن ئىشنىڭ قايسى خىل خاتاغا تەۋە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، توغرىسى مۇنداق - مۇنداق نۇقتىلاردىن مۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى، دېيىشتەك تۈزەتمىلەرگىچە ئەسكەرتمىلەرنى بەرگەن بولدۇق. ھەم مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ھەم تۈزەتمىلەردىن كېيىن مەسىلىنىڭ رويى ھالىتىنى پەقەتلا بىزنىڭ ئوبزورىمىز ئاساسىدا ئەمەس، شەرئىي ئىلىم ساھەلىرىدە بوي كۆرسىتىۋاتقان جامىئەنىڭ ئۆز كىشىلىرىنىڭمۇ ھەقنى سۆزلەش مەجبۇرىيىتىنى ئورۇندىشىنى ئۈمىد قىلىپ تەكلىپ سۇنۇش بىلەن ئوبزورىمىزنىڭ بىر باسقۇچىنى تۈگەللىگەن بولدۇق.
راستىنى ئېيتقاندا، مەسىلىنىڭ ئەمەلىي رېئاللىقتىن ۋە پاكىتلاردىن يولغا چىققان ھالدا دىياگنوزىمىز ۋە ئىلمىي باھالىرىمىز، شۇنداقلا ساھەنىڭ كەسپىي ئەخلاقى جەھەتتىن تۇتۇشقا تېگىشلىك مەۋقەسى جەھەتتىن ساجىيەنىڭ بىزدىن بەكرەك مەسىلىنىڭ ئىچ يۈزىگە ۋاقىپلىقى، ساھەنىڭ ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى بىزنىڭمۇ بىخەۋەر قالغان تەرەپلىرىمىزدىن خەۋەردار بولۇپ، مەسىلىگە ئۆزىنىڭ ئىلمىي ۋەسپى، مەشرۇئ بولغان فىقھىي ساھەسى نۇقتىسىدىن كەسكىن ۋە دادىل باھا بېرىپ كەلگەنلىكى بولدى. بىزگە نامەلۇم تەرىپى بولسا، پەقەتلا مەسىلىنىڭ قەلەمگە ئېلىنمىغانلىقى، ساھەنىڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقى بولدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ساجىيەنىڭ جاۋابى ھەم خىجىل قىلدى، ھەمدە تەئەججۈپكە سالدى. خىجىل قىلغىنى شۇنىڭدىكى، بۇ قەدەر ساھەنىڭ پايخان قىلىنىشىغا، دىنىي ئاينىشلارغا ساجىيەدەك ئىلمىي مەركەزلەرنىڭمۇ دىققىتىگە ئېلىنماي كېلىۋاتىدۇ، دەپ قاراپ قاپتۇق ۋە شۇنداق قارىغاچقا ئۇلارنىڭ تۈگۈلۈۋالغانلىقىنى ئىما قىلىپ يۈكلىنىپتۇق. بىراق ساجىيەنىڭ جاۋابىدىن مەلۇم بولدىكى، بۇ نۇقتىدا بىز «چۆچۈرىنى ئاللىبۇرۇن خام ساناپتۇق». مەگەر ساجىيە ئۇ قەدەر غەپلەتتە ئەمەسكەن، ئويغاقكەن. قانداقتۇر ئۆزىنىڭلا زاۋۇتىنى ماڭدۇرۇش، ئۆزىنىڭ مېلىنىلا توۋلاپ سېتىشقا تۇرغان بىكىنمە مەركەزلەردىن ئەمەسكەن. ئەكسىچە بىز كۆزەتكەن نۇقتىلاردىن سىرت، بىز بىلمىگەن تەرەپلەردىن خەۋەردار، بىز خەۋەر تاپمىغان ئەمرى مەئرۇپ، نەھيى مۇنكەر مەسئۇلىيىتىنى خاتانى كۆرگەن ھامان تەنقىدلەپ، تۈزەپ ماڭغان ئىكەن. ساجىيەنىڭ قايسى مەسىلىگە قانداق پەتىۋا بەرگەنلىكى، قانداق مەسىلىگە دۇچ كېلىپ ئومۇمدىن سوئال چۈشكەندە چاتاقنىڭ كىمنىڭ تەرىپىدىن چۈشكەنلىكىنى پەملەپ، ئۇنىڭ توغرا جاۋابىنى ئىلمىي مەنبەلەر بىلەن شەرھلەپ، چۈشەندۈرۈپ ماڭغانلىقى قاتارلىقلار دەرۋەقە ئەمەلىيەت ئىكەن. ئىلمىي ۋە ئەقىدىۋى خاتالىقلارغا پەتىۋا يېزىلىپ ساجىيە تورىدا ئېلان قىلىنغان ئىكەن. بۇلارنى قىلمىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ تۈگۈلۈۋالماسلىققا چاقىرىشىمىز، ئىھمال كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشىمىز بىزدىن ئۆتۈپتۇ. بۇ نۇقتىدىن ساجىيەنىڭ جاۋابى بىزنى خىجىل قىلدى. تەئەججۈپكە سالغان تەرىپى شۇكى، مەسىلىنى تۈزەتكەن ۋە پەتىۋا تورىدا بايان قىلغاندا، بىدئەتنىڭ ۋە بۇزۇقلۇقنىڭ مەنبەسىگە ئىشارەت بەرمەسلىكى بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر، ھەتتا بىز زاكات خۇسۇسىدىكى ئازغۇن پەتىۋانىڭ سىياسىي دەۋاغا تەسىر ئېلىپ كېلىدىغان تەرىپىنى بىزگە ئوخشاش خەۋەردار ئىكەنلىكى، ئەمما ئىلگىرىكى پەتىۋالاردەك، دەرھال بۇ خۇسۇستا بىزدىن بىر قەدەم ئالدىدا خاتا پەتىۋاغا رەددىيە بەرمىگەنلىكى بولدى. توغرا پەتىۋا بىلەن خەلقىمىز خەۋەردار قىلىنغاندا، غولغۇلا كۆپەيمەسلىكى، بىزنىڭ تەنقىد قىلىش زۆرۈرىيىتىنى كېچىكتۈرۈشىمىز، پەرقلىق نۇقتىدا كۆزىتىشىمىزمۇ ۋە مۇئامىلە قىلىشىمىزمۇ مۇمكىن ئىدى. خەير، ھەسەنات سەييئاتنى ئۆچۈرىدۇ، دېگەندەك، تەئەججۈپىمىز خىجالىتىمىزنى يۇيسا ئەجەب ئەمەس.
ساجىيەنىڭ جاۋابى، بەلكىم بىز بىلىپ يېقىنقى دەۋرىمىزدە دىنىي ساھە بىلەن ئۇنىۋېرسال ساھە ئارىسىدا قۇرۇلغان، تولاراق ھالدا بىر – بىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا مايىل توپتىكى پىكىر ئەربابلىرىنىڭ تەكلىپ ۋە جاۋاب تەرىقىدە بىر پۈتۈن ئامما ئالدىدا ئوچۇق يورۇق دىيالوگ قۇرۇشى، دېسەك ئانچە مۇبالىغە بولماس. ئەلۋەتتە، بىز تەنقىدىي باھايىمىزدا يەڭگىللىك قىلغان، پاكىتقا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان تەرەپلىرىمىز بولسا، ساجىيە رەددىيە بىلدۈرسە، بۇمۇ بىر دىيالوگ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇۋېرەتتى. لېكىن مەسىلىگە بولغان تۇتۇملىرىمىز تەنقىدىي نۇقتىدا كۆپ جەھەتتىن ئورتاقلىق بولۇش بىلەن خاراكتېرلىنىشى بۇمۇ خەيرلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئىللىتىنى بايقاش ۋە دىياگنوز قويۇش، ئىلمىي ھاۋانىڭ ساپلىقىنى قوغداش، ئىدىيەۋى يۆنىلىشنىڭ روشەنلىكىنى ئوچۇقلاشتا پەرقلىق ساھەدىن، ئەمما ئوخشاپ كېتىدىغان نەتىجە ۋە دىياگنوزلارنىڭ قويۇلۇشى ئەلۋەتتە ئوخشاش ئىللەتكە، ئوخشىمىغان رېتسىپقا ئىگە ئىككى دوختۇرنىڭ مەسىلە كۆزىتىشى مىسالى پەرقلىق نۇقتىدىن دىياگنوزنىڭ توغرىلىقى ۋە دەللىكىنى كۈچلەندۈرۈش جەھەتتىن پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئەھمىيەت قازىنىدۇ، دەپ قارايمىز. بولۇپمۇ، ئىمام غەززالىينىڭ ئۆلىمالارنى «أطباء القلوب» سۆزى بىلەن تەرىپلىشىنى دىققەتكە ئالساق، يۇقىرىقىدەك ئىجابىي خۇلاسىنى چىقىرالايدىغانلىقىمىزدا شەك يوق.
شۇمۇ ھەم دىققەتكە سازاۋەركى، سەھىپىمىز تەرىپىدىن تۈرلۈك سىياسىي، ئەدەبىي، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ئەدەبىيات، تەرجىمىچىلىك ياكى شەرئىي مەسىلىلەرگە مۇئەييەن نەزەرىيەۋى قۇرۇلمىنى رامكا قىلغان ئاساستا تەنقىدلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بەزى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن پالانىنى تەنقىد قىلىپ، پۇستانىنى تەنقىدلىمەيدۇ، دېگەنگە ئوخشاش شىكايەتلىرى بىر قىسىم تېمىلاردا ئىنكاس شەكىلدە، گاھ ئايرىم ئۇچۇردا دېيىلگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىمىز سەمىمىزدە. ھالبۇكى، ھەر ۋاقىتتىكىدەك، يۈزەكى كۆزىتىش ھېسابلىنىدىغان بۇ خىل شىكايەتنىڭ توغرىسى مۇنداق خاتالىقنى پالانى بىلەن پالانى ئوخشاش سادىر قىلسا، ھەر ئىككىسىنى تەڭ تەنقىدلەنمەي، بىرىنى قالدۇرۇپ يەنە بىرىنىلا تەنقىد قىلدى، دېسە ئورۇنلۇق بولار ئىدى. چۈنكى بۇنىڭدا تەڭسىزلىك ئېنىق. ئەمما ئۇنىۋېرسال بىر كاتېگورىيە مەركىزىدە تۇرۇپ ئالدىن تەنقىدلەشكە تېگىشلىك بولغان، بۈگۈن سەل قارالسا بولمايدىغان مەسىلىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىپ تۇرۇپ، تەنقىدلىنىش نۇقتىلىرىنى ئاۋۋاللىق ۋە زۆرۈرلۈك نۇقتىسىدىن دەرىجىسىگە قاراپ نۆۋەت بېرىپ تۇرۇپ تەنقىدلىشىمىز تامامەن نورمال ئەھۋال. لېكىن تەنقىد قىلمىغان ساھە ياكى شەخسلەر خۇسۇسىدا ھەقىقەتەن تەنقىدلىنىشكە تېگىشلىك تەرەپلەر يوقمۇ؟ دېيىلسە، جاۋاب: ئەلۋەتتە بار. يوق دېگەن گەپ ئورتادا تەنقىدچى دەيدىغان بىرى يوق، دېگەن گەپكە تەڭ. ئىنسانىي پائالىيەت، مەيلى ئەقلىي ياكى ئەمەلىي ھەرىكەت جەھەتتىكى پائالىيەتلەردە بولسۇن ئادەم بالىسى بولۇش ئېتىبارى بىلەن نۇقساندىن، سەھۋەنلىكتىن خالىي ئەمەس. تەنقىدچىمۇ، تەنقىدلەنگۈچىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. شۇڭا ئىنسان بار يەردە تەنقىد بار، تەنقىدچى بار. ئەمما نېمىنى تەنقىدلەشنى، نېمىنى قانداق ۋە قاچان تەنقىدلەشنى بىلمىگەندىن تەنقىدچى چىقىشىمۇ ئەمرى مۇھال. چىقسا - چىقسا پىتنىچى چىقىدۇ، خالاس. چۈنكى مەۋجۇت ھالەتتىن رازىمەن كىشىدىن تەنقىدچى چىقمايدۇ. زامانىمىز ئوبزورچىلىرىدىن يالقۇن روزى ئېيتقاندەك: «مەۋجۇت ھالەتكە قانائەت قىلىش ئوبزورچىنىڭ خىسلىتى ئەمەس».
شۇ قاتاردا ئوچۇق يورۇق ھالدا دەيمىزكى، ساجىيەنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرى، تەنقىد جەھەتتىن پىكىر بېرىلىشكە، ئوبزور قىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان تەرەپلىرى يوقمۇ؟ دېيىلسە، بۇنىڭ جاۋابى شۇ، ئەلۋەتتە بار! ئالايلۇق، تەنقىدىي نەزىرىمىزگە چۈشكەن تەرەپلەر ئىچىدە ساجىيەنىڭ چاغداش يېزىق تىلىمىزدا بىر قەدەر ئومۇملىشىپ بولغان، ئومۇم خەلقنىڭ ئېڭىدا ئىسىم ۋە تەلەپپۇز جەھەتتىن ئەينەنلىكىنى يوقاتقان بولسىمۇ، مەزمۇن ۋە مۇسەمما جەھەتتىن ئاللبۇرۇن ئومۇملىشىپ، سىڭىپ بولغان، دېيىلگەن زامان ئىش – ھەرىكىتىنىڭ رۇسلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ بولىدىغان سۆزلۈك ۋە ئاتالغۇلاردا ئاتىكارچىلىق تۈسىدە بەزىدە ئىملا، يەنە بەزىدە دىنىي ئاتالغۇلارنى تۇرۇپ - تۇرۇپ پېتىقلاپ قويۇشتەك ھازىرچە پايدىسىدىن زىيىنى ئېغىر ئولتۇرىدىغان قىلىقلارنى سادىر قىلىپ يۈرۈۋاتقانلىقى، بۈگۈننىڭ مەسىلىسى ياكى ھەپىلىشىپ ئىسلاھ قىلىمەن، دەپ يامىشىپ قالىدىغان تېمىلىرىغا ئارىدا بىر چوماق سوقۇپ تۇرۇشلىرى قاتارلىق تەرەپلىرىمۇ كۆزگە چېلىقماي قالغانمۇ ئەمەس. بۇندىن باشقا يېقىنقى نەشر قىلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ مىللەتنىڭ ئاڭ – پىكىرىدىن بەكرەك، ئۇششاق جۈزئىياتلارغا ياتىدىغان مەسىلىلەرنى بىر خىل بازارلىق نەشردەك تەييارلاشقا زورۇقۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ پىكرىي ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بولۇۋاتقانلىقى، تولاراق تەرجىماننىڭ ياۋا خاھىشىغا بېقىپ قىلىنغان تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ ئاۋۇپ قېلىشى قاتارلىقلارنىمۇ تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ئەمما بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ قارغىش ئالغاندەك ياشاۋاتقان مۇھاجىرەت توپلۇمىدىكى ئاۋۋال تەنقىدكە ئېلىش، تۈزەش ۋە ئوڭشاش كېرەك بولغان زۆرۈر مەسىلىلەر ئالدىدا، بولۇپمۇ سىياسىي كىرىزىسلىرىمىزنىڭ چوڭىيىۋاتقان بىر پەيتىدە كىرىشىپ قىلىشقا ئەرزىش جەھەتتىن زېھىن ۋە ۋاقىت ئاجرىتىشقا قانچىلىك تېگىلىشك، دېگەن مەسىلە سوئال ئىشارىتى بولۇپ تۇرماقتا. يەنە بەزىلىرىنىڭ زۆرۈر بولسىمۇ تەنقىد قىلىنمايۋاتقانلىقى بولسا، بۇ خۇسۇسلارنىڭ تەنقىد ۋاقتىنى كۈتۈپ ياتقانلىقىدىن، تەنقىدلەنمەي تۇرۇلۇشى پەقەتلا نۆۋەتنى كېچىكتۈرۈپ تۇرۇش يۈزىسىدىن، خالاس. نۆۋىتى كەلدى دەپ قارىغان چېغىمىزغىچە ئىسلاھ بولمىسا، ئەلۋەتتە بۇنىمۇ مۇناسىپ تىلى بىلەن تەنقىدلەش مەسئۇلىيەتنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغۇسى.
شۇنداقلا، بۇ يەردە پەقەتلا ئوبزور قىلغىلى بولمايدىغان، توغرىسى ئوبزور قىلىش ئىشى بىزگە چۈشمەيدىغان تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەس. ئۇ بولسىمۇ پەتىۋا چىقىرىش ساھەسىدىكى مەسىلىلەردۇر. سەۋەب شۇكى، قارشىمىزدا پەتىۋا يېزىۋاتقان شەخس ئىشىنىڭ ۋايىغا يەتكەن ئەھلى. قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ قامۇسىنى چايغا ناۋات سېلىپ ئېرىتىپ ئىچكەندەك، ئىچىۋالغان بىر ئادەم. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن پەرقلىق مەسىلىلەردە پەرقلىق قاراشنى ئارىدا ساقلاپ قېلىپ تۇرساق، قالدى جەھەتلەردە نورمال پوزىتسىيە تۇتساق بولۇۋېرىدۇ. شۇنداقلا قارشىمىزدىكى شەخس قايسى گېپىنى كىمنىڭ دەلىلىدىن، قايسى ئۇسۇلۇلفىقھى نۇقتىئىنەزەرىدىن سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلىدىغان، قايسى دەلىللەرنى ئىلغاش ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ دېيىلگەنلىكىنى بىلىدىغان بىر مۇتەخەسسىس. بەزى ھەجىملىك يېزىلغان پەتىۋالىرىدىنمۇ كۆرىمىزكى، بۇ كىشى ئۆزىنىڭ تەرجىھ قىلغان قارىشىنى ئۆزىدىن ئاۋۋالقى فەقىھلەرنىڭ تەرجىھىنى ئاجىز قىلىۋېتەلەيدىغان دەرىجىدە بەزى كۈچلۈك ئىلمىي ئېتىرازلارنىمۇ تاشلىيالايدىغان، دەۋرىمىزگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ قانداق ھۆكۈم قىلىنسا قۇرئان ۋە سۈننەت روھىغا ئەڭ ئۇيغۇنلۇقىنى دىتلىيەلەيدىغان، دەۋاتقان گېپىگە جاۋاب بېرەلەيدىغان، رەددىيە يازسا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنازىرىلىشەلەيدىغان سەۋىيەدىكى ئىلىم ئەھلى. بۇنداق ئەھۋالدا، نوقۇل ئوقۇرمەننىڭ شىكايىتىگە قالماسلىق ئۈچۈنلار زورلاپ تېرىق چىقىرىپ مۇجتەھىدلەردىن كوماندا ياساپ ھەر كوماندىنى بىر - بىرىگە گول ئاتقىلى سالىدىغان ئايىغى چىقماس ئىختىلاپلار بىلەن بەند بولۇشقا سەۋەب بولۇش شۇملۇق تېرىش ئەمەسمۇ؟ ئىشىنى جايلاپ قىلىۋاتقاننى، قىلىشقا تىرىشىۋاتقاننى يەنىمۇ غەيرەت بىلەن قوللاشمۇ، بەزى ۋاقتى ئەمەس تېمىلاردا ئىختىلاپلىشىشنى، تەنقىدلەشنى سۈرۈپ تۇرۇشمۇ ئەقەللىي پەزىلەت، تەنقىتچىگە خاس خۇلقتۇر. ھەتتا تۈپكى ئىشلار روياپقا چىققان ئەھۋال ئاستىدا بەزى ئىشلار قىلىنماي كەتسىمۇ ھېچ ئىش يوقتۇر. خۇددى پەيغەمبەرنىڭ ھەتىم دائىرىسىنى كەئبە ئىچىگە ئېلىشتەك چوڭ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ھايات چېغىدىكى چوڭ ئارزۇسى بولۇشقا قارىماي كېچىكتۈرگىنى، ھەتتا ئۆمرى يار بەرمەي دۇنيادىن خوشلاشقانلىقىغا ئوخشاش. بۇنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەنسەك، بۇ قىسقىغىنا ھاياتنىڭ «ھەممىگە يېتىشىمەن، ھەممىنى قىلىۋالىمەن»نىڭ ھاياتى ئەمەسلىكىنى، ئەھمىيەت ۋە زۆرۈرلۈك جەھەتتىن ئاۋۋاللىق ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىشنىڭ ھېكمىتىنى تونۇپ يېتىش كېرەكلىكىنىڭ ئاقىلانىلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. مانا بۇلار نېمىشقا ساجىيەگە قارىتا بىر قەدەر سالماق تۇرغانلىقىمىزنىڭ جاۋابى سۈپىتىدە ئوقۇرمەنگىمۇ، ساجىيە ئەھلىگىمۇ بەرمەكچى بولغان ئۇچۇرىمىز.
گەپ تېشىلگەن ئىكەن، بىزنىڭ نۆۋىتىنى ساقلىتىپ تۇرغان تەنقىدلىرىمىزنىڭ تېزىسى ساجىيەگىلا خاس ئەمەس. كۈنى كېلىپ تەنقىد تېزىسىمىزدا ھەرقايسى سىياسىي ئاپپاراتلارنىڭ ھەرىكەت ۋە ئىدېئولوگىيەسىگە، سىياسىي ئانسامبىل زېھنىيتىدىن زۇلمەت كۆمۈرىدىن ئىس - تۈتەك ياساپ مىللەتكە مەشئەل كۆرسىتىۋاتقان شالغۇت زېھنىيەتلەرگە، شۇنداقلا سۈرگۈندى ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان كاتتىباشلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا، ئىدىيەۋى قاراشلىرىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا مۇناسىپ تەنقىدىي قاراشلىرىمىزنىڭ نۆۋەت كۈتۈپ ياتقانلىقىنى، ئۇندىن باشقا نەشرى ئەپكارچىلىقتا يۈز بېرىۋاتقان، تىل ۋە تەرجىمە ساھەلىرىنى ئارقا ھويلىسىغا ئېچىۋالغان بوز يەرنىڭ ئورنىدا خالىغانچە چېپىپ ئويناپ تىلنى ۋە تىلنىڭ ئەدەبىيلىكىگە، پەلسەپەۋىلىكىگە، ئۆزىگە خاس تېرمىن، ئاتالغۇلىرىغا كەتمەن سېلىپ ئويناشتەك ھەدسىزلىكلەرگىمۇ مۇئەييەن تەنقىدىي تېزىسلىرىمىز نۆۋىتىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. بۇ ۋەجىدىن تەنقىد تارازىمىزنى ئىلىم ۋە مۇستەقىل پىكىرنىڭ مەھسۇللىرىدىن سىرت توشقۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىما قىلىش ئەمەس، ئويلاشقا سەۋەب بولۇشىمۇ بىز ئۈچۈن ھاقارەت بابىدىن سانالغۇسى.
سۆزىمىزگە قايتىپ كەلسەك، ساجىيەنىڭ سەھىپىمىزگە قارىتىپ بەرگەن جاۋابنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ ئەلۋەتتە كۆپلىگەن مەيدانى پاكىز، ئىلىمگە، پىكىرگە ۋە پاكىتقا ھۆرمەت قىلىدىغان ئويغاق كوللېكتىپنىڭ ھاياتلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان تۇتۇملىرىنى، ئەمەلىي ئىنكاسلىرىنى كۆرگەن بولدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلىم ۋە پىكىر ئەربابلىرىنىڭ رەددىيە ۋە جاۋاب مېتودىغا قارا ساۋاتلارنىمۇ، كۆپىنچە بۇ قاراساۋاتلىق مەنبەسىنىڭ چالا تالىپچاقنىڭ مەستانىلىرىگە ئايلىنىپ قالغان تەرەپبازلاردىن سادىر بولغانلىقىنى، ساھەسىدە ئالىم ۋە مۇتەخەسسىس بولۇپ بولغان بىر ئۆلىماغا ئەسلا سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان بىر تالىپچاق ئۈچۈن دېمىگەن ئىغۋاسى، تۆھمىتى، قىلمىغان تەھدىت، ھاقارىتى قالمىغانلىقىغىمۇ شاھىت بولدۇق. سەھىپىمىزدە مەزكۇر ئوبزورىمىزدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر تەنقىدلەر چىققان بولۇشىغا قارىماي، دىنىي ساھەنىڭ ھەققى ھۆرمىتىگە يارىشىق كەلگەن تەنقىد بولۇشىغا رىئايە قىلىشقا ئۇرۇنغان بولۇشىمىزغا قارىماي، ئوبزور ۋە تەنقىدلەردىكى مەسىلىنىڭ ۋەزنى ۋە ۋەسىپىنى ئوبرازلاشتۇرۇشتا سۆزلەنگەن مەجاز، ئىستىئارە ۋە كىنايىلەردىن ئۆز كاللىسىچە ھاقارەت تامغىسى ياساپ، «شەخسىيەتكە تەگدىيەي»، «قاتتىق تەگدىيەي»، «يۈزىنى چۈشۈردىيەي» دېگەنگە ئوخشاش ناتىۋانلارچە ئۇششۇقلۇقلارنى بازارغا سېلىپ ھېسداشچىلار توپى شەكىللەندۈرمەكچى بولغانلارنى كۆرگەن بولدۇق. سالاچىلىق يولى ئارقىلىق قارشى تەرەپنى گويا شەخسىي ھەسەت تۈپەيلى تەنقىدلىگەنلىكتەك بىر قالپاقنى كەيدۈرمەكچى بولغانلارنى، ھاياتىدا ئوبزور ۋە تەنقىدچىلىك ساھەسىنىڭ گىرۋىكىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ باقمىغان، تۈزۈكرەك ئۇيغۇرچە ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرىنى، ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئەدەبىي تەنقىد ۋە رەددىيەلىشىشلەرنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنىڭ ۋاقتى كەلسە غۇلجا سورۇنلىرىدىكى ۋەزنى ئېغىر چاقچاقلىرىنىڭ قان قۇستۇرۇۋەتكىدەك تىل ئۇسلۇبلىرىنىمۇ بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى، چاقچاققا بولالىغان كىشىنىڭ مەرد، چىدالمىغاننىڭ بەئەينى «چەمبەر قوڭ» سۈپىتىنى ئېلىپ سورۇندا ئىناۋىتى قالمىغانغا ئوخشاش، تەنقىدكە تەنقىد بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئەقەللىي پەزىلەت، تەنقىدكە ئۇششۇغلۇق قىلىشنىڭ «چەمبەر قوڭلۇق» ھېسابلىنىدىغانلىقىدىن بىخەۋەرلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىمەنە ئۆكتەملىكلىرىنىمۇ كۆرگەن بولدۇق. ھەتتا بۇلار قاتارىدا پىكىر ۋە تەنقىد ھاۋاسىنى بىراقلا تۇنجۇقتۇرۇشقا ياتىدىغان ئۇرۇنۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ سەھىپىمىزنىمۇ تاقىتىش يولىدا قانداق رەزىللىكلەرگە قول ئۇرىدىغانلىقىنى ئىما قىلغان تەھدىتكالارنىڭ ئۇچۇرلىرىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدۇق.
ئەمما بۇ قەدەر ئەبگالىقلارنىڭ كۆزىمىزگە پۇتلاشقىنى بىزنى ھەقنى سۆزلەشتىن توختىتالامدۇ؟ بۇنىڭمۇ جاۋابى شۇ: ئەسلا مۇمكىن ئەمەس! بەلكىم ئۆز مىللىتىنىڭ ئالىمىغا ئالىملىقتىن دەرس ئۆتۈشتىن ھېيىقىشنى بىلمەيدىغان، سالاھىيەت ئىگىلىرىگە سالاھىيەتسىز تۇرۇپ ئالدىپەشلىك قىلىپ ئۈستىدىن ئىغۋا تېرىيدىغان، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىغا تاقەت قىلىشنى، يەنى قىسىدىغان يەردە قىسىشنى بىلمەيدىغان، ئىلىمىي باھا بېرىشىگە چىدىيالمايدىغان، تەنقىدلىسە رەددىيەسى چىقىشتىن ئاۋۋال سەۋر قىلالمايدىغان، مىخقا ئولتۇرۇۋاتقاندەك سەكرەپ تۇرالمايدىغان توپلۇم بۇ ئەسىردە پەقەت مۇشۇ توپلۇمىمىزدا ساقلىنىپ قېلىۋاتقان چوڭ قالاقلىق بولسا كېرەك. ئالىم ئالدىدا نادان ياكى شاگىرت سەۋىيەسىدە تۇرۇپ ئالىمغا ئىش ئۆگىتىدىغان بەغەرەزلىكمۇ بىزدە ساقلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ. بەلكىم مۇنقەرزلىشىشىمىزنىڭ باھانىسى ئۈچۈن يارىتىلغان بۇ مەخلۇقلارنىڭ بولۇشىمۇ بىر ھېكمەتتۇ ياكى پالاكىتىمىزدۇ. ئىشقىلىپ نەتىجىدە ئىلىم ئەھلىنىڭ تارتىشمىسىنى ئۆز ئارىلىرىغا قالدۇرۇپ قانداق دىيالوگ، قانداق مۇنازىرە مەيدانغا كېلىشىنى كۈتمەكتە يوق، ئۆزى تەرەپبازلىق قىلىۋاتقان تەرەپنىڭ، يەنى جانابى «پىركالانى»نىڭ جاۋاب بېرىشىنىمۇ ساقلىماستىن، ئىشلارنى ساھەنىڭ ئەھلىلىرىگە تاشلاپ بەرمەستىن، ئارىدا قۇيۇن چىقىرىشنى ساداقەت ۋە دىيانەت سانايدىغان بىر تۈركۈم زەكىجىنلار، مېكىجىنلار توپىنى كەشىپ قىلىۋالغان بولدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىردىن ئارتۇق ھېساب ئېچىپ ئىككى باشلىق، ئۈچ باشلىق يالماۋۇزنىڭ رولىنى ئېلىۋاتقانلارنىڭ تۆھمەتلىك ۋە ھاقارەتلىك تىپىرلاشلىرىمۇ ساقلىنىپ ماڭماقتا. ھېكمەتلىك ئالەمنى ياراتقان خۇدا، ئەلۋەتتە بۇ تۈر ئادەمسىمانلارنىڭ يارىتىشىدىمۇ بىھېكمەت ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قۇيۇشنى ئىلتىپات قىلىۋاتقان بولسا بىزگە نە چارە! بىزگە چۈشكىنى «سەللەمنا ۋە تەسەددەقنا» دېمەك، ئىبرەتى ئالەم ئۈچۈن خاتىرلىمەك بولىدۇ، خالاس!
ئۇشبۇ «جاۋاب»قا قايتۇرغان جاۋابىمىزنى تۈگەللەشتىن بۇرۇن ئوبزورىمىزدا تىلغا ئالغان تەكلىپىمىزنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئۆلىمالار بىرلىكى نامىدىكى گۇرۇپپىغا دېيىلگەن بولۇشىغا قارىماي، ھېلىھەم جاۋابسىز قالغانلىقىنى ئۇلارغا ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ھېلىھەم توغرىنى توغرا، خاتانى خاتا دېيەلەيدىغان بۇ خىسلەتنىڭ جارى بولۇشىنى ئۇلاردىن كۈتۈۋاتقان ئاخىرقى ئۈمىدىمىز بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتىمىز. شۇنداقلا ئوقۇرمەنلىرىمىزگە، تالىپچىقىمىز خۇسۇسىدا ئۇنىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەر تۈرلۈك جاۋاب ۋە ئىزاھاتلارغا، يازما ياكى ۋىدىيولۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سەھىپىمىز نامىدىن جاۋاب قايتۇرۇشنى مەسئۇلىيەت بىلىدىغانلىقىمىزنى، ئوتتۇرىغا ئاتقان پىكىر ۋە مۇئەييەنلەشتۈرمىلىرىمىزنى پاكىتلىق ۋە مەنتىقىلىق ئاساستا ئىزاھلاشتىن، تېنىۋېلىش ۋە خۇپسەنلىك قىلىشلارنىڭ ئەسلى ۋەسلىنى، ئۆتمۈشىدىن بۈگۈنىگە قەدەر يېشىشكە تېگىشلىك تۈگۈنلەرنى يېشىشتە بىر قەدەممۇ داجىپ قالمايدىغانلىقىمىزنى، قانچىلىك يۇيۇۋېلىنغان، يېگەن ئېغىزنى قانداق ئۇسۇلدا ئېيتىپ ئاق بالىخان رولىنى ئويناشنى داۋام قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، پاكىتقا ھۆرمەت قىلغان، پاكىتنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان ۋە دەلىللىگەن ئاساستا رەددىيەگە رەددىيە يوسۇنىدا ئوبزورىمىزنىڭ داۋاملىشىپ ماڭىدىغانلىقىدىنمۇ خەۋەردار قىلماقچىمىز.
ئاخىرىدا، قىممەتلىك جاۋابى بىلەن بىزنى خۇرسەن قىلغان بارچە ساجىيە ئەھلىگە، جۈملىدىن پەزىلەتلىك دىنىي ئالىمىمىز دوكتور ئابدۇلئەزىزگە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. ھەمدە بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۆۋەتتىكى ساجىيە بىلەن ئېلىپ بارغان مەزكۇر دىيالوگىمىزنىڭ ئىلمىي، پىكرى جەھەتلەردىن ئىجابىي بىر باشلىنىش بولۇپ قېلىشىنى، خەيرلىككە يول ئاچقان ھالدا، ئىلىم ۋە پىكىر ھاۋاسىدا كەلگۈسى ئۈچۈن سۈزۈك بىر سەھىپىنىڭ ئېچىلىشىغا ۋەسىيلە بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى - بۇرھان مۇھەممەد
2024-04-01
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى