Jump to content

«قانداق ئۆگىنىشنى ئۆگىنىش» يادرولۇق ماھارەت

ئورنى Wikipedia

كېۋىن كېللىي: «قانداق ئۆگىنىشنى ئۆگىنىش» يادرولۇق ماھارەت

2024.09.16


2024-يىللىق Inclusion ۋەيتەن يەرمەنكىسى مەزگىلىدە، داڭلىق كەلگۈسىشۇناس ،«لىنىيە» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، قۇرغۇچىسى؛ «5000 كۈندىن كېيىنكى دۇنيا»، «كونترولنى يوقىتىش» (Out of Control) قاتارلىق داڭلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى كېۋىن كېللي (Kevin Kelly) ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئاساسىي مۇنبەردە سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

سۈنئ‍ىي ئەقىل ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەندە، ئۈچ چوڭ يۈزلىنىش بارلىققا كېلىدۇ: يەر شارىزىم (Globalism)، يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش ۋە AI نىڭ تۈرتىكىسىدە ھاسىل قىلىش.

كېۋىن كېللي مۇنداق دېدى: «يەر شارىزىم تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، چۈنكى بىز تېخنىكىنى ئاساس قىلغان «دەرىجىدىن تاشقىرى ئورگانىزم» نى ئورتاق بەرپا قىلىۋاتىمىز. بىز ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى يانفون، خاتىرە كومپيۇتېر ۋە بارلىق سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتېرلىرىنى غايەت زور ھېسابلاش سىستېمىسىغا ئۇلاۋاتىمىز. ھەر بىر ئۈسكۈنە خۇددى بۇ غايەت زور كومپيۇتېرنىڭ بىر نېۋرونىغا ئوخشايدۇ. بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەمدە يۇقىرى سۈرئەتتە ئىشلەۋاتىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە كىشىلەرنىڭ ئۈسكۈنە ۋە مەزمۇنغا بولغان قىزىقىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ پەرقلەر پەقەت ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق بولۇپ، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر سۇپىغا تەۋە. دۇنيادىكى بارلىق رەقەم تېخنىكىسى، جۈملىدىن سۈنئىي ئەقىل بۇ يېڭى سۇپىدا ئىجرا قىلىنىدۇ.

كېۋىن كېللىي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۈنئىي ئەقىل دەۋرىدىكى يەر شارىزم بىر خىل يېڭىدىن گۈللەنگەن يەر شارى مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە كىيىنىشىمۇ تەدرىجىي ئوخشاپ كېتىۋاتىدۇ، پادىچىلار ئىشتىنى بىلەن T مايكىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى، بىز ھەممىمىز پولات چىۋىقلىق بېتون ئۆيدە تۇرىمىز، ئۆيدە ھاۋا تەڭشىگۈچ، تۇرۇبا سۈيى ۋە Wi - Fi بار.

ماسلوۋنىڭ ئېھتىياج قاتلىمى نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، كىشىلەرنىڭ تۆۋەن قاتلام ئېھتىياجى ئۆزگەردى ھەمدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

ماسلوۋنىڭ ئېھتىياج قاتلىمى قۇرۇلمىسى پىسخولوگىيەدىكى مۇھىم نەزەرىيەلەرنىڭ بىرسى. ئۇ ئىنسانلار ئېھتىياجىنىڭ بەش دەرىجىلىك مودېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئادەتتە پىرامدا شەكىلدە دەرىجىگە ئايرىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ.

ماسلوۋنىڭ ئېھتىياج قاتلىمى قۇرۇلمىسى ئاستىدىن يۇقىرىغا قاراپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا: فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياج (تۇرالغۇ، يېمەكلىك ۋە كىيىم - كېچەك)، بىخەتەرلىك ئېھتىياجى (خىزمەت كاپالىتى)، ئىجتىمائىي ئالاقە ئېھتىياجى (دوستلۇق، مۇھەببەت)، ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجى ۋە ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش (غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش) ئېھىيتاجى.

بۇ خىل بەش باسقۇچلۇق ئېھتىياج تۆۋەن قاتلام ئېھتىياجى ۋە ئېشىش ئېھتىياجى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ئالدىنقى تۆت دەرىجە ئادەتتە تۆۋەن قاتلام ئېھتىياج دەپ ئاتىلىدۇ ، بەشىنچىسى ئېشىش ئېھتىياجى دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، سۈنئ‍ىي ئەقىل ھەقىقىي «رېئال ۋاقىتلىق تەرجىمە» نى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، ئالاقە ئەمدى كەينىگە سۈرۈلمەيدۇ، يەر شارى مىقياسىدا تىل توسالغۇسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەۋھۇم رېئاللىق ( VR ) تېخنىكىسى قوشۇلسا، بۇ دۆلەت ھالقىغان خىزمەت ۋە ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىدۇ، يەر شارىلاشقان «ئەمگەك كۈچى» تۇنجى قېتىم پەيدا بولىدۇ.

ئىككىنچى يۈزلىنىش يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تېزلىشىشى.

كېۋىن كېللى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: AI تېخنىكىسى يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلەتتى، بۇ خىل تېزلىنىش كۆپ تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ، جۈملىدىن يېڭى كەشپىيات ۋە يېڭى ئىدىيەنىڭ تارقىلىش سۈرئ‍ىتى بارغانسېرى تېزلىشىدۇ، كۈچەيتىلگەن رېئاللىق (AR) ۋە مەۋھۇم رېئاللىق (VR) تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈدۇ، بۇنىڭغا سۈنئىي ئەقىلنىڭ ماشىنا ۋە باشقا سېنزورلار ئارقىلىق دۇنيانى ھېس قىلىشى قوشۇلۇپ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ChatGPT قاتارلىق سۈنئ‍ىي ئەقىل مودېللىرى كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش سۈرئ‍ىتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتتى.

كېۋىن كېللى مۇنداق دەپ قارايدۇ:

«بۈگۈنكى كۈندە، مەن ياشلارنىڭ ChatGPT قاتارلىق سۈنئ‍ىي ئەقىل قوراللىرى ئارقىلىق ئۆگەنگەن نەرسىلىرىنىڭ مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىگە ئىشىنىمەن». ئۇ مۇنداق دېدى، ئەگەر سىز ياش بولسىڭىز، سىزنىڭ ئىككى يىلدىن كېيىنكى خىزمىتىڭىز تېخى پەيدا بولمىغان بولىدۇ. ئىككى يىل ئىچىدە، سىز مەكتەپتە نۆۋەتتىكى خىزمەت بازىرىغا قارىتىلغان تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلسىڭىز ئۆزگىرىش بولىدۇ. سىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا مەۋجۇت بولمىغان خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىسىز.

جاۋابقا ئاسانلا ئېرىشەلەيدىغان بولغاندا، ھەقىقىي قىممىتى بولغىنى ئەكسىچە توغرا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىقتىدارى (جاۋابقا ئېرىشىش ئەمەس، سۇئال سوراش مۇھىم دېمەكچى)، شۇنداقلا توغرا تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئىگىلەش ئىقتىدارى بولىدۇ.

«قانداق ئۆگىنىشنى ئۆگىنىش» كەلگۈسىدە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يادرولۇق ماھارىتى بولۇپ قالىدۇ.

ئاخىرىدا كېۋىن كېللى AI نىڭ تۈرتىكىسىدە ھاسىل قىلىش يۈزلىنىشى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

سۈنئىي ئەقىل بىزنىڭ مېخانىك، مەنىسىز خىزمەتلەردىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل تاماملىيالمايدىغان ۋەزىپىلەرنى تاماملىشىمىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان يېڭى شەيئىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ دەل سۈنئىي ئەقىل ئېلىپ كەلگەن ھەقىقىي غايەت زور ئىنقىلاب.

سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى يېڭى شەيئ‍ىلەرنى ھاسىل قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار تېخى مۇكەممەل ئەمەس، لېكىن بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، سۈنئىي ئەقىل كۆپ خىل بولىدۇ، ئۇ پەقەت بىر خىللا ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ خىل ئوخشىمىغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىجاد قىلىمىز.

ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ بىر يېرىم يىلدىن بۇيان ChatGPT ۋە باشقا چوڭ تىل مودېللىرىنى ئىشلىتىش تەجرىبىسىدىن قارىغاندا ،سۈنئ‍ىي ئەقىل قورالىدىن ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەنلەر ئەمەلىيەتتە ئىپادىسى ئادەتتىكىچە ياكى ناچارراق خىزمەتچىلەر. سۈنئىي ئەقىل قورالى پەقەت ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەر ئۈچۈنلا تەييارلانغان ئەمەس، ئۇلار يەنە ئانچە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولمىغان كىشىلەرنىڭ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى تاماملىشىغا ياردەم بېرىدۇ.


مەنبە: ئالپ سالونى