«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»تىن ئارىيە
«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تىن ئارىيە
ئۆز ۋاقتىدا بەگ- غوجاملار تولغان ساراي،
غۇربەت بېسىپ قۇرۇق سۆلەت دالان بولدى.
بىر چاغلاردا بەزمە-مەشرەپ قاينىغان جاي،
گۈللەر توزۇپ، دەل-دەرەخلەر خازان بولدى.
زەر تورۇسقا ئۆمۈچۈكلەر باغلىدى تور،
گۈل پەنجىرلەر ئوت-گىياھقا ئاشيان بولدى.
ئۇپا-ئەڭلىك، خۇش پۇراقنىڭ نە ھاجىتى؟
قىروۋ قوندى چاچقا، قېرىلىق ئايان بولدى.
كېچە تۇپراق ئارا كىرسە مۇردا، بۈگۈن-
ئاشىق-مەشۇق ھۇجرا ئارا پىنھان بولدى.
ساندۇق-ساندۇق ئالتۇن-كۈمۈش ساقلىغانلار،
كۆز ئاچقۇچە گادايلىشىپ ۋەيران بولدى.
ئۆمرى قىسقا دەپ ئۆزگىدىن ئاھ ئۇرغانلار،
كېلىپ ئۆزى ئۇ ئالەمگە راۋان بولدى.
ئاتىسىدىن قاتتىق تەنبىھ ئالغان زاتلار،
ئېھتىمالىم، قىلمىشلىرى ئەسيان بولدى.
بايۋەچچىدىن ئۆزىگە جۆر ئىزدىگەنلەر،
تاپقان جايى خۇنۈك چالا مەيدان بولدى.
تاجىسىنى كىچىك كۆرۈپ كىيمىگەنلەر،
كىيىپ قوۋۇق، ياتقان يېرى زىندان بولدى.
ئاخشام تېخى جۇل-جۇل توندىن غىڭشىغانغا،
بۈگۈن بەگلىك چاپىنىمۇ يامان بولدى.
بىرى تەختتىن چۈشسە، يەنە بىرى چىقتى،
ئاقىۋەتتە ماڭا يات يۇرت ماكان بولدى.
قويغىنە، بۇ ئەپسانىنى، ھەننىۋاسى-
باشقىلارغا ئاخىر تويلۇق چاپان بولدى.
陋室空堂,当年笏满床;衰草枯杨,曾为歌舞场。
蛛丝儿结满雕梁,绿纱今又在篷窗上。
说什么脂正浓,粉正香,如何两鬓又成霜?
昨日黄土陇头埋白骨,今宵红绡帐底卧鸳鸯。
金满箱,银满箱,转眼乞丐人皆谤。
正叹他人命不长,那知自己归来丧?
训有方,保不定日后作强梁;
择膏粱,谁承望流落在烟花巷!
因嫌纱帽小,致使锁枷扛;
昨怜破袄寒,今嫌紫蟒长。
乱哄哄,你方唱罢我登场,反认他乡是故乡。
甚荒唐,到头来,都是为他人做嫁衣裳!