«كېلىشىش»مۇ، سېتىشىشمۇ؟
«كېلىشىش»مۇ، سېتىشىشمۇ؟
«ۋەتەندە تۇغۇلۇپ چوڭ بولمىغان ئادەمدىن ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر چىقمايدۇ، ئېسىڭىزدە بولسۇن! باشقا يەردە تۇغۇلۇپ، ھەممە يەردە يەھۇدىيلاردەك يەكلىنىپ خارلانغاندا، ۋەتەن لازىم بولغاندا ئاندىن ۋەتىنىنىڭ كويىغا كىرىدۇ. توققۇزى تەل ئادەمگە ۋەتەن نېمە كېرەك؟».
يۇقىرىقى سۆزلەرنى مۇھاجىرەت ھاياتىدا مەن ئاڭلىغان ئۆزى ئاچچىق ئەمما ئىنكار قىلغۇسىز رېئاللىققا ئىگە سۆزلەر دېيىشكە بولىدۇ. بۇنى ئېيتقان بۇرادىرىمگە شۇ مەزگىللەردە مۇنداق مۇتلەق كېسىپ گەپ قىلىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، بىر قەدەر بىرتەرەپلىمە سۆزلەپ قويغانلىقىنى دېگۈم كەلگەن بولسىمۇ، ھەرقانداق بىر تەرەپلىمە سۆزنىڭمۇ قېزىپ ئاختۇرسا، ئاشۇ تەرەپلىمىلىكنىڭ تەرىپىنى ئوچۇقلايدىغان مەلۇم بىر رېئاللىقتىن نېسىۋە ئالىدىغانلىقى كۆز ئالدىمغا كەلگەن ۋە بۇنى نەزەردە تۇتۇپ ئارتۇقچە تاكاللاشماستىن سۈكۈت قىلغىنىم ئېسىمدە. بۇ ئاز كەلگەندەك، يېقىنقى بىرقانچە كۈن مابەينىدە بەزى سىياسىي سېيمالار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر بايانات دەل يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ ماڭا تىكىلىپ «قانداق، شۇ چاغدا راست دەپتىكەن دەپ قالغانسىز» دەۋاتقاندەك كۆزگە پۇتلىشىپ ئولتۇردى. جايىدا قىلىنغان سۈكۈتنىڭ، مۇھاجىرەتنى مەندىن بۇرۇن كەزگەنلىكىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ قىلغان ئاشۇ چاغدىكى سۈكۈتۈمنىڭ ئەمدىكى خۇلاسىسىنى كۆرۈپ ئاشۇ بۇرادىرىمگە غايىبانە تەشەككۈرۈمنى ئېيتماي تۇرالمىدىم.
مەقسەتكە ئۆتسەك، ھېلىقى جانابنىڭ باياناتىدا كۆزگە پۇتلاشقان ۋە سىياسىي مەنىسىنى ئويلانغانچە تىنچ زېھىننى قوداڭشىتىغان ئۇ جۈملىسى «ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا كېلىشتۈرگۈچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرسا» دېگەنلەر بولدى. تېخى يېقىندىلا قىرىق بەش يىللىق دەۋا تارىخىدا سىياسەتتە كەتكۈزگەن ئەڭ چوڭ خاتاسىنىڭ خىتاي كونسۇلى ئالدىغىلا بېرىپ نامايىش قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بۇ جانابنىڭ قىرىق ئالتىنچى يىلىغا كەلگەندە مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلق بىلەن مۇستەملىكىچىسى ئوتتۇرىسىدا «كېلىشتۈرگۈچى»لىك رولىنى ئويناش تەكلىپىنى ئېلان قىلىشىتەك، مىللىي دەۋانىڭ مەيدانىدىن ئەمەس، خىتاي مۇستەملىكىچىسىنىڭ توقۇۋالغان مەۋھۇم ئىددىئا ۋە تۆھمەتلىرىنى مەقبۇل كۆرگەن تەرزدە گويا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەققىدىكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى يېنىكلىتىش زۆرۈرىيىتى باردەك بىر ئويدۇرما ئىددىئاغا پاس چىقارغان شەكىلدە ئارىنى ئوڭشاپ قويۇشقا تەكلىپ قىلىشىدەك «دانا»لىقى ھەقىقەتەن دىققەت تارتىدۇ. بىز تېخى ھەپتە ئاۋۋال مۇستەقىللىق تەرەپدارى بولغان «ئوڭ قانات»لار توپىنىڭ ھۆرلۈك مۇنبىرى ئاستىغا ئۇيۇشقانلىقىغا، ئورتاق بىرلەشمە قارار جاكارلىغانلىقىغا شاھىت بولدۇق. دەرۋەقە، كوللېكتىپ قارار شەخسنىڭ تەكلىپىدىن ئەلا. قارايدىغان بولساق، مەزكۇر كوللېكتىپ قارارنىڭ بىرەر ماددىسىدا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئارىسىدا «كېلىشتۈرۈش» يولى ئىزدەش خۇسۇسىدا بىرەر مەزمۇن بايقالغىنى، ياكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىقىدىكى تەشكىلات ۋە قۇرۇملارنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ بىرەر ئىما - ئىشارىتىمۇ بولغىنى يوق. يەنە بىلىمىزكى، ئۆزىنى مۇستەقىلچىمەن دەيدىغان جانابنىڭ مىللەتنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى توپ ئارىسىدا، نە سايىسى، نە ئىزناسىنى كۆرمىدۇق.
گېزى كەلسە قازناق ئۆيدە بودىلىدىغان، گېزى كەلگەندە دالىغا ئېلىپ چىقىپ قاۋىتىپ يەنە قازنىقىغا بەند قىلىۋېتىلىپ ئەتىۋارلىنىدىغان ئەرمەكسىمان ئاپشاركىدەك، ياكى بولمىسا سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىپ قويۇلغان، پەقەتلا كۇنۇپكىسى كىمنىڭ قولىدا بولسا، شۇنىڭ ئۆچۈرۈپ ياكى ياندۇرۇشىغا قاراشلىق قالىدىغان پوزاسىمان تائىپىلەر تارىخنىڭ ھەر بۆلۈم ياكى بابلىرىنىڭ مۇئەييەن پاراگرافلىرىدا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ ساقلانغىلى بولمايدىغان ھادىسە. لېكىن ساقلىنىشقا بولىدىغىنى ھەقىقىي سەھنە ئىگىلىرى بىلەن ئالدىنئالا ئېسىپ قويۇلغان چىراغ ياكى پوزىنىڭ پەرقىنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشتا. پەگاغا لايىقنى پەگاغا، تۆرگە لايىقنى تۆرگە، ئەخلەت ساندۇقىغا تېگىشلىكنى يېمەكلىكلەرنىڭ بارار جايىغا يولغا سېلىپ تۇرۇشتا. يەنى ھەممىگە ئۆزىگە تېگىشلىك ماقامى بويىچە مۇئامىلە قىلىشتا.
مەسىلىگە قايتىپ كەلسەك، مۇستەقىللىق تەرەپدارلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بىلدۈرگەن ئوڭ قاناتلار توپى شەكىللىنىۋاتقاندا، مىللىي دەۋانىڭ كوللېكتىپ رەھنەمالىرى مۇستەقىللىق يۆنىلىشىدە ئورتاق قەدەم ئېلىش سېپى شەكىللىنىۋاتقاندا، سەپنىڭ نە ئوڭىدىن نە سوڭىدىن ئورۇن ئېلىش شەرىپىگە ئىگە بولمىغاننى ئاز دەپ، كوللېكتىپ بېرىشكە تېگىشلىك قارار ۋە تەكلىپلەرنى يانپىشىغا ئۇرغانچە ماددا تۈزۈپ باشقا ئەلنىڭ ھۆكۈمەت ئەربابلىرىغا دىيەسلىتەلىش مىللىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن كۆز يۇمۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىش ئەمەس. ناۋادا بۇنداق بىر قارار ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق مۇنبىرىنى شەكىللەندۈرگەن تەشكىلات ۋە ھۆكۈمەت رەھنەمالىرىنىڭ قىلچە سىياسىي غۇرۇرىنى غىدىقلىمىغان بولسا، دەيدىغىنىمىز «Hepimize Geçmiş olsun!». نەرىمىزگە گېچىرسە گېچىرسۇن ۋاقتى كەلسە بۇمۇ بىزنىڭ شۇنىڭغا ھەقلىقلەشكەنلىكىمىز ۋە مەزكۇر سىياسىي سېتىلمىلىققا سۈكۈت قىلىشىمىزدىن بولغان بولىدۇ. ئەگەر ھۆرلۈك مۇنبىرىدىكى ئوڭ قانات دېيىلىۋاتقان توپ ئۆزىنى مۇستەقىللىق دەۋاچىلىرى دەپ قارىسا، كوللېكتىپ قارارغا تېگىشلىك بولغان، بولۇپمۇ مىللەت ۋە خەلق نامىدىن ئۇلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ جاراھەتلەنگەن يىرىڭىغا تۇز سېپىشقا ياتىدىغان ياپتا تەكلىپ ۋە سۇنۇلمىلارغا سۈكۈت قىلماسلىقى، مىللەتنىڭ ئىرادىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مىللەتنىڭ مۇستەملىكىچىسى بىلەن بولغان قان - قىساس ۋە سىياسىي مۇستەقىللىق كەبى ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنىڭ «كېلىشتۈرگۈچى»گە ھاجىتى بار ياكى يوقلىقىنى ئېنىق قىلىۋېتىشى، شۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى سىياسىي پىرىنسىپلار ئاساسىدا تارازىلاپ تۇرۇپ ئىپادە بىلدۈرۈشى، خەلق ۋە مىللەتكە ۋاكالىتەن بۇنداق بىر ھەدسىزلەرچە مىللەت ۋە ۋەتەن مەسىلىسىدە تەكلىپ ۋە سۇنۇملارنى گويا مەھەللىسىگە يىغىۋالغان يېتىم بالىلارنىڭ ۋەلىيسىدەك ئوتتۇرىغا تاشلىشىغا قارىتا مىللىي سادا چىقارمىقى زۆرۈر.
شۇنىڭدەك، مەزكۇر قىرىق بەش يىللىق دەۋاگەرلىكىنى بازارغا سالغان جانابمۇ نېمە ئۈچۈن باشقا ئەلنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئارىسىغا «كېلىشتۇرغۇچى» بولۇشى زۆرۈر؟ شۇنداق قىلىشقا نېمە زۆرۈرىيەت بار ۋە بۇ زۆرۈرىيەت شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنىڭ نەرىدە؟ سىياسەتچىلىكتە مۇستەملىكىچى بىلەن ۋەتىنى ئىشغال ئاستىدىكى خەلق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە «كېلىشىش» دېگەن ئۇقۇمنىڭ خاسىيىتى نېمە؟ ئەگەر مەزكۇر جاناب بۇنداق مۇناسىۋەتتە «كېلىشىش» بىلەن «سېتىلىش» ئوتتۇرىسىدا پەرق يوقلىقىنى ئىلغا قىلمىغۇدەك دەرىجىدە ئاڭقاۋ بولسا، بۇنداق بىر ئاڭقاۋلىقنى سىياسەتمەنلىك قالپىقىنى كىيىۋاتقان بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللەت ئالدىدا قىلغان گېپىنىڭ جاۋابكارلىقىغا مەسئۇل بولۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتىشى ۋە مەقسەتنى ئايدىڭ قېلىشى، ھېچ قىلمىسا مىللەتنى ياۋايى خەلق كاتېگورىيەسىگە سېلىپ ئىندىجىنىس قىلىپ سېتىشتىن يانمىغان ھېلىقى رەسۋاسى چىقىپكەتكەن ھەمدە كونا ئۈلپەتداش ياكى مەنسەپ سودىسىدا كېلىشەلمەي ئايرىلىپ كەتكەن ھەمتاۋاقلىرى بولغان سىياسىي ئانسامبىللار كەبى رەڭگىنى ئېنىق قىلىپ قوش يۈزلۈك كۆرسىتىۋاتقان نىقابىنى ئېچىپ تاشلاپ ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئۆزىنىڭ زادى قايسى قاناتقا مەنسۇپلىقىنى ئوچۇقلىۋېتىشى، مۇستەقىلچىلەرنىڭ يولىغا شېغىل دۆۋىسى تاشلاش ئويۇنلىرىغا ھەمتاۋاقلىشىپ، سۈنئىي سىياسىي ۋەزىپە ياساپ ئويناشقا بەس قىلىشى زۆرۈر بولۇپ تۇرۇپتۇ. شۇنداق بولغىنىدا، كىمنىڭ كىملىكى ۋە قەيەرنىڭ زۇۋانىلىقى، مىللەتنىڭ ئاۋازى تەرەپدارىمۇ ياكى مىللەت ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ مىللەتنىڭ ئاۋازىنى تەتۈر ئۆرۈپ تەرجىمە قىلىپ جان باقىدىغان سىياسىي ئاپشاركىلاردىنمۇ ئېنىق بولغۇسى ھەمدە ئېغىزدىكى ئىددىئاغا ئەمەس، قىلىنىۋاتقان قىلىقلارغا قاراپ سېپىنىڭ نېمىلىكى بەلگىلەنگۈسى ۋە شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىلىنغۇسىدۇر.
-بۇرھان مۇھەممەد
2024-6-5
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى