Jump to content

«مېنى خائىن دېدى» كومېدىيەسىگە ...

ئورنى Wikipedia

«مېنى خائىن دېدى» كومېدىيەسىگە ...

دۈشمەنمۇ ساڭا ياراشتۇرغىدەك، مىللىتىڭ نەزىرىدە سەندىن پەخىرلەنگۈدەك بىرەر گۇناھنى ئارتىشقا ئەرزىتمەستىن قويمىچىلار كاتېگورىيەسىگە تىزىپ سولاپ قەھرىمان ياساپ ئاقتۇرالمىدى. توغرىسى ئۆزۈڭنىڭ شاللاق پەيلىڭ، چاكىنا تۇتۇملىرىڭ، ساختىپەزلىك ئادىتىڭ، يالغاننى يالماپ يۇتۇپ راستقا ئايلاندۇرۇش ھۈنەرلىرىڭ سېنى بىمەنە شىكايەتلىرىڭدە تىلغا ئالغان دوست ۋە تونۇش - بىلىشلەردىن يىراقلاشتۇردى. سېنى دوست بىلىپ ئارىلىشىپ بۇرنىغا يېگەن تالاي كىشىلەر ئۆز تەجرىبىلىرىدىن كېيىن ساڭا ئەڭ چۈشىدىغان سۈپەتنىڭ يەنىلا مىللەتنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن قويۇلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ۋاسىتە بولدى. دېگەنلىرىڭگە تېنىۋالغانلىرىڭنىڭ نىسابىنىڭ نەچچە قاتلىشى بىرنۆرى. يازغانلىرىڭنىڭ ئۆزىلا بىر - بىرىگە زىتلىقى، پۈچەكلىكى، ھېسسىي ۋە تۇتۇرۇقسىزلىقلىرىمۇ، تۆكمە قىلىپ تۆكۈۋەتكەن پارازىت ئىدىيەلىرىڭنىڭ تەنقىد تارازىسىدىكى ئەبجەق ھالىتىمۇ ئوتتۇرىدا.  بىر ئادەم ھەم ئۆز مىللىتىدىن، ھەم مىللىتىنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىنمۇ ئوخشاش رەۋىشتە ئادىمىيلىك ئەخلاق نۇقسانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىشى، «سەن بىر ئىشەنچسىز مەخلۇق» دەيدىغان خۇلاسىنى دەججالنىڭ پېشانىسىدىكى تامغىدەك ياراشتۇرۇشقا دۇچ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىدا ئىكەن، بۇ قەدەر بىچارە قىياپەتتىكى ئۇششۇقلۇق، كۆكەرمىلىككە نە ھاجەت؟ ئىددىئا قىلىنغان ۋە ئەسلى ماھىيىتى بۇرمىلانغان گەپلەرنىڭ ئىگىلىرى چىقىپ قېتىملاپ سېنىڭ يالغانچىلىقىڭنى، ساختىپەزلىكىڭنى رەسۋا قىلىپ يۈزۈڭگە سېلىپ تۇرسىمۇ يەنە شۇ داپيۈزۈڭنى كۆتۈرۈپ قۇرۇق گەپ ساتالىشىڭ ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ چاندۇرغىنىڭ بولماي نېمە؟ بەلكىم بۇنداق تىپقا، بۇنداق بىر ۋەزىيىتىمىزدە قارشىلىشىپ قىلىشىمىز، مۇشۇنداق تىپلارنىڭمۇ ئۇيغۇردىن تۆرىلىپ قالغانلىقىغا، «زىيالىي» ئاتىلىپ قالغانلىقىغا شاھىت بولۇشىمىزمۇ بىر تەقدىر بولسا كېرەك. مىللىتى تەرىپىدىنمۇ، مىللىتىنىڭ دۈشمىنى تەرىپىدىنمۇ ئوخشاش مەزمۇن ئەپ چۆرىسىدىكى باھانىڭ ئەتراپىدا توختاپ قېلىش، بۇ قەدەر رەسۋالىقلارنى ياشاپ تۇرۇپمۇ يەنە ئارىدا مۇزەبزەبلىك ۋەزىيەتتىن قۇتۇلالماي كۈن ئۆتكۈزۈشمۇ ئاز بولمىغان خورلۇقلارنىڭ ئادىمىيلىك غۇرۇر ئەلگىكىدىن ئۆتۈشىگە كۆز يۇمۇشقا توغرا كېلىدۇ. نەچچە نۆۋەت چاپان يەڭگۈشلەپمۇ، نەچچە رەت سالاھىيەت ئالماشتۇرۇپمۇ، چاڭچىلىكەشلەرچە تالايلاپ ئالدى - كەينىگە دەسسەپ يۈرۈپمۇ ھېلىھەم ئۆزىنىڭ بۇ قەدەر نەزەردىن قالغان خۇمپەر چىراي تىپلارغا ئوخشاپ قالغانلىقىنىڭ تېگىگە يېتىپ ھەددىنى بىلمەس بولۇۋېلىش، ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرمەستىن، يەنە شۇ كونا ھۈنەر بويىچە «مېنى ئاساسسىز مۇناپىق، ساختىپەز، قويمىچى» دېدى دەپ بىچارە كۆرۈنۈپ چالۋاقاپ ئولتۇرۇشتىنمۇ ئارتۇق ھارامزادىلىك، بىچارىلىك بولسۇنمۇ؟! ئەتراپىدىكى ساغلام كىشىلەرنىڭ قارشىسىدىكى كىشىلەرگە ئايلىنىپ قېلىشى ئارقىسىدا ئۆزىنىڭ قىلچە سەۋەنلىكى، سەمىمىيەتسىزلىكى، كاززاپلىق ۋە تانغاقلىقلىرى يوقتەك بولۇۋېلىشتىنمۇ ئارتۇق خۇپسەنلىك، بەغەرەزلىك بولسۇنمۇ؟ بۇرۇن بىلمەي غايىبانە ياخشى ئويلىغانلىقنىڭ بەدىلىنى تۆلىگەنلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەمدىلىكتە گۇمان بىلەن قاراپ ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقى ئارقىسىدىكى سەۋەبلەرنىمۇ دەڭسىمەستىن يول ئۈستىدە ئۆلۈكىنى سېتىپ يېتىۋالىدىغان ماڭنۇرلاردەك سۆرەم تارتىشتىنمۇ ئارتۇق بىشەملىك بولسۇنمۇ!؟

ھەي شالغۇت ئۈندۈرمىسى! سېنىڭ قەلەم نەيرەڭۋازلىقلىرىڭنى، ئىلىم ساختىپىزى، ئىدىيەۋى قويمىچى، ئەدەبىيات ھايانكىشى، تارىخ ئوغرىسى ئىكەنلىكىڭنى ئەڭ كۆپ پاش قىلغان بۇ يازار دەيدۇكى، كەمىنە تېخى سېنى سەن تىزغان ئۇ ئىسىملاردىكى كىشىلەرگە ئوخشاشلا سېنى خائىن دەپ ئېنىق جاكارلىغىنى يوق. يازارغا قالسا، سېنى خائىن دەپ ئاتاپ ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزى شەيتاننى «مەلئۇن» دەپ تىللاپ ئولتۇرۇشتەكلا بىھۇدە ئىش. ۋەتىنى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان تۇرۇپ، تاجاۋۇزچى ھاكىمىيەت ۋەتەنداش قىلىشنى رەت قىلىپ پاسپورتنى كېسىپ قولغا تۇتقۇزۇپ كونسولخانىسىدىن قوڭغا تەپكەن سىياقتا ھەيدەپ چىقارسىمۇ، ۋاي مېنىڭ زېمىن تەلىپىم يوق، بېشىمنى سىيلاپ ئادىل بولساڭ بولاتتى، دەپ نالە ئوقۇغان بىر ماڭقۇرت زېھنىيەت ئۈچۈن نېمە دېيىلىشى كېرەكلىكى ئەقىل ساھىبلىرى ئۈچۈن سىر ئەمەس. ساڭا قارىتا يېزىلىۋاتقان ۋە دېيلىۋاتقانلارمۇ ماھىيەتتە ئەمەلىيەتنى يورۇتۇش، ئۆرنەك ۋە مىسال ئاساسىدا دۇغلۇق ۋە نەيرەڭۋازلىقلارنى پاش قىلىش يۈزىسىدىن خالاس! ئەگەر ئۆز - ئۆزۈڭگە «خائىن ئاتالغانلىق» ھېكايىسى توقۇش ئارقىلىق مەشھۇر بولۇش، ھېسسىي سۇيىئىستېمالچىلىق قىلىپ چاپارمەن توپلاش يولىنى سىنىغۇڭ كەلگەن بولسا، «خائىن دەپ تۆھمەت قىلىندىم» ناملىق تۆھمىتىڭنى چاپارمەنلىرىڭنىڭ سەپەرۋەرلىكىدە راۋاج تاپقۇزۇپ كۆرسەڭ ئۇمۇ سېنىڭ تاللىشىڭ. ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك. تىلىسەڭ تاپىسەن، دېگەندەك، ئارزۇلىغان ئىش يۈز بېرىپ قېلىشىمۇ يىراق ئەمەس. ئەمما ساختىلىق بازار تاپقۇزۇلماقچى، سەپسەتىلەر بوياقلاردا بويىلىپ مىللەتكە سۇنۇلماقچى بولىدىكەن، ھەر ۋاقىت مۇناسىپ تىل ۋە ئۇسۇلدا ماڭدامدا بىر كۆزگە پۇتلىشىپ كېلىۋاتقان ساختىپەزلىكىڭ، خۇپسەنلىكىڭ تۈزەتكۈچىلەر، كۆزەتكۈچىلەر ۋە ساغلام قەلەم ۋە ئەقىل ئىگىلىرى تەرىپىدىن پاش قىلىنىپ تۇرغۇسى. ئېيتقاندەك تاللىشىڭ قانداق بولسا، ئېرىشىدىغىنىڭمۇ شۇنىڭغا بېقىپ ھوسۇل بېرىپ تۇرىدۇ، ۋەسسالام.


---

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

Yash Uyghur غا:

دوناي - سايماق گەپلىرىڭىزنىڭ ئورانىدىن قارىغاندا بۇندىن بۇرۇن نوخلىڭىزنى دىليار ئەپەندىم ئوبدانلا ئېلىپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ. دارىتمىلاۋاتقانلىرىڭىزنىڭ ھېچبىرى كەمىنىگە ئالاقىسىز بولغاچ مۇناسىۋەتلىك جاۋابنى بېرىشنى ئەرزىتمىدىم. ئىت ئۇرغۇچىسىغا ئامراق دەپ، شاپىلاقنى دىليار ئەپەندىدىن يېگۈڭىز بولغانكىن، ئۇدۇل سەھىپىسىگە كىرىپ ئاۋۇ كېلەڭسىز تەڭلىمىلىرىڭىزگە جاۋاب بېرىشنى كۈتسىڭىز پاقىڭىزغا قانارسىزكەن. ھېلىمۇ كېچىكمەيسىز، بۇ يەردە ماڭا مۇناسىۋەتسىز، ئەمما جاۋاب قايتۇرۇش دىليار ئەپەندىمگە ئۇيغۇن بولىدىغان گەپلىرىڭىزنى مالال كۆرمەي ئۇنىڭ سەھىپىسىگە تاشلاپ كۆرسىڭىز، بۇرۇن ئېلىنىپ كەتكەن نوخىلىرىڭىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ جاۋاب قايتۇرۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ماڭا يامىشاي دېسىڭىز، ئېيتقىنىمدەك، نۆۋەت كۈتۈڭ. نۆۋىتىڭىز كەلگەندە تېگىشلىك شاپىلىقىڭىز سىزنى چوقۇم تاپماي قويمايدۇ. قانچە ئىسىمنىڭ ئارىسىغا مۈكۈۋېلىڭ، قانداقسىمانلىشىۋېلىڭ بەرىبىر. نەدىن نېمە يەپ كەتكىنىڭىزنى تۇيمايلا قالغىنىڭىزدا، ئەندىكىپ كەتمەستىن، ھە، ئەسلىدە نۆۋىتىم كەپتىكەن-دە، دەپ قالسىڭىز بولغىنى، جانابى ئابدۇرېھىمجانسىمان يولداش!


ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

Yash Uyghur غا:

جانابى ئابدۇرېھىمجانسىمان يولداش! سىلىنىڭمۇ گەدەن قىچىشىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟ قاغا بىلەن دوست بولساڭ يىيىشىڭ پوق، دەپ ھەقىقەت قارىغولىرى بىلەن دوست تارتىشىۋېرىپ قەلىمىدىن چىققان يازمىسىدىن تارتىپ چىراي تۇرقىغا قەدەر نىپاقلىق گىرەلىشىپ كەتكەن كىرالىق قەلەمكەشلەرنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان ھۈنەرنىمۇ باشلىۋاپتىكەنلا. دەستۇرلىرىنى قايسى شۇەنزاڭنىڭ نومىدىن ئىلھاملىنىۋاتقانلىقىمۇ كۈنسېرى ئايدىڭلىشىپ قېلىۋاتىدۇ. قازانغا يولۇقساڭ قارىسى، دەپ دۆتلۈك كېسلىگە ياندىشىپ بارغانچە كۆزىمىزمۇ بىر قىسىم ھەقىقەت قارىغولىرىدەك موخورلىشىپ يۇقتۇرغىدەك مۇغەمبەرلىك بولسا يۇقتۇرۇشقا باشلىۋاپتۇق. تەخمىن-پەرەز دېگەننىمۇ سەل تۇتسا سېپى قولغا ئىلىناشقىدەك يىپ ئۇچىنى تېپىپ ئاندىن قىلىدىغان نەرسە. بىراقلا قارىسىغا پالانچى سەن شۇغۇ، دېگەن سىياقتا تومۇر تۇتۇشتەك چاكىنىلىقلارنىڭ مودىسى ئۆتكىلى خېلى زامانلار بولۇپ قالدى. بەك قېچىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئازىراق سەۋر قىلىپ بەرگەيلا، نۆۋەت سىلىگە كەلگەندە ھاپپاققا ئاشقۇدەك بىر نەچچە شاپىلاقنى ئۆزلىرىگە قىسىنىپ قالساق، ئېرىنمەي پاقىلىرىغا قاندۇرۇپ قويغايمىز.


ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

Yahsh Uyghur غا:

ئابدۇرىھىمجانسىمان يولداش! قاشاڭلىقتىن قاششاقلىق ھاياتقا مەھكۇم قالغۇچە ئاز كۈن كۆرمىگەنلىكىڭىز كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. دەپتىرىڭىزنى ئېچىپ قالسام بەك ئېچىۋېتىپ قالىمەن. ئەمما دېگەندەك نۆۋىتىڭىزنى كۈتۈڭ. ئېلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم نوخىلىلىرىڭىز دىليار ئەپەندىنىڭ سەھىپىسىدە ھېلىھەم باراڭدىكى سېسىق كاۋىدەك ھىدى كەتمەي تۇرۇۋېتىپتۇ. ئىت ئۇرغۇچىسىغا ئامراق، دەپ سېغىنغان بولسىڭىز ئۆزىنىڭ سەھىپىسىگە كىرىپ پاقىڭىزغا قېنىپ چىققايسىز.

توخۇنىڭ پوقىدەك، دەپ دەل سىزدەك قارىسىغا بىرىنىڭ سەھىپىسىگە كىرىۋېلىپ سەن پالانى شۇ دەپ تۇرۇپ سەھىپىسىگە ھېچ مۇناسىۋىتى يوق باشقا بىر ئادەمنى قەدەمدە بىر چىشلەپ تارتىدىغان، كەچمىشىنى زىدىلەيدىغان مەرەز ئىبارىلەرنى ئەتەي قوللىنىپ ھاقارەت ۋە غۇملىرىنى چىقىرىش قەستىدە يۈرىدىغان مەرەز ئادەمنى دېسە بولىدۇ. بىلسىڭىز سىز شۇ تاپ ئېغىر ئەخلاقسىزلىق ۋە چاكىنىلىق سادىر قىلىۋاتىسىز. ھېسابتا سىز مېنىڭ سەھىپەمگە كىرىۋېلىپ دىليار ئەپەندىنىڭ ئابرۇيى، ئىززىتىنى يەرگە ئۇرۇشقا كۈچەۋاتىسىز. دىليار ئەپەندى بۇ سەھىپىدە يوق ھالەتتە، يەنە كېلىپ سىز ئۇنىڭ سەھىپىسىگە، مەن چىقارغان رەسىمنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ يازغان تېمىسىدا روبىرو دېيىشەلەيدىغان، ئەركىن يېزىشالايدىغان ھالەتتە تۇرۇپ، جىمىكى تېتىقسىز گۇمانلىرىڭىز ۋە تاكاللىشىشلىرىڭىزنى قىلالايدىغان ۋە قىلىپ باققان تۇرۇپ يەنە بۇ يەردە قېرى لالمىدەك تىمىسقىلاپ دىليار ئەپەندىگە دائىر بىر توقام تۇتۇرۇقسىز گەپلەرنى دەۋېلىپ ئولتۇرسىڭىز قاملاشمايدۇ. سىز ھەر قانچە ئاغزىڭىزنى ئۇپۇرۇتۇپ ماڭا بۇرۇن سەن ئۇنداق قىلغان، ئەمدى مۇنداق قىلىۋاتىسەن، ئانداقتىڭ، مانداقتىڭ، ئاقىلەي، شاقىلەي دەپ مىڭ پال ئاچسىڭىزمۇ، ھەرقانچە ۋالاقلىسىڭىزمۇ بىكار، پىسەنتىمگە كەپ قالمايدۇ. چۈنكى سىزنىڭ بۇ ۋالاقلاشلىرىڭىزغا جاۋاب قايتۇرغۇچىمۇ، مەزكۇر كەچمىش ۋە ھازىر ئارىسىدا ئوبيېكت قىلىنىۋاتقان شەخسمۇ، داڭقان پۇتى ئىددىئالىرىڭىزنىڭ مۇخاتەبى ۋە ئىنكاس قايتۇرغۇچىسىمۇ بۇ سەھىپىنىڭ ساھىبى بولغان كەمىنە ئەمەس، بەلكى دىليار مۇساباي ئەپەندى. بۇنداق ئەھۋالدا سىز مېنى: سەن ئۈمىد مۇساباي شۇ، دەپ ئۇنىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭغا دائىر غەيرى رەسمىي ئۇچۇرلارنى شىپى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ تىل - ھاقارەت قىلىپ ئەسكىلىك قىلسىڭىز، ھېلىقىدەك ياۋروپالىقلار سىزگە باقتۇرۇپ ھارغۇزۇۋەتكەن پىستەك ئىتلىرىڭىزدەك ئەركىلىگەننى قىلىپ ئۇيەر بۇيەردىن چىشلىۋاپ ھىجىيىپ ئولتۇرسىڭىز ئېغىر ناچارلىق قىلغان، يولسىزلىق قىلغان، جۈملىدىن دىليار ئەپەندى يوق مەجلىستە ئۇنىڭ ئابرويىغا ناھەق ئۇسۇلدا چېقىلغان بولىسىز.

خۇلاسە گەپ شۇ: دىليار ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىمۇ، ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ ئاچقان ۋە سىزگە شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىن ئۇنتۇلماس دەرس بېرىپ قويغان سەھىپىسىدە تۇرۇپتۇ. قەيەردە ھۆل دەرەخنى كۆرسە بىر ئىككى شىڭگىل غاجىلىۋالمىسا خۇمارى تۇتۇپ كېتىدىغان مادا ئېشەككە ئوخشاش غاجىغۇچىلار تائىپىسىگە ئائىتلىقىڭىزنى تەن ئالغانلاردىن بولماي دېسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى سەھىپە قائىدىسىگە، زاكونلىشىش يوسۇنىغا رىئايە قىلغايسىز. ھەر مەجلىسنىڭ ئادابىغا ئۇيغۇن زاكونلىشىشنى، يوسۇنىغا باب پىكىر قاتناشتۇرۇشنى، ئۆكۈزدەك ئۈسۈپ كىرىپ ھاقارەتكە تاقىلىپ توختايدىغان بەتتام گەپلەرنى ئاۋۇتۇپ ئولتۇرماي، ماقامغا كۆرە ماقال ئېيتىشنى ئۆگىنىۋالغايسىز، نۆۋىتىڭىز كەلگەنگە قەدەر سىز بىلەن مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرسۇن، خەير - خوش!

(ئەسكەرتىش: سۆرۈن تەلەت داپشاقلىقىڭىزغا رېكورت قوشۇپ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز يەنە گەپ ياندۇرۇپ لاۋزىلىشىپ يۈرسىڭىز، شۇ زامان تازلىنىسىز.)


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى