«چالا تەرجىمان» كىمنى ئۆلتۈرگەن؟ كىملىكنى ئۆلتۈرەمدۇ؟

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمان دېگەن سۆز ھەممە ئۇيغۇرغا چۈشىنىشلىك. ئۇيغۇرچىدا بۇ سۆزنىڭ تىلماچ، تەرجىمان دېگەن ئۆز تىلدىكى مەنىداشلىرى بولغاندىن سىرت پەييى، تۇڭچى دېگەن يات تىلدىن كىرگەن ۋارىيانتلىرىمۇ بار. تۇڭچى دېگەن سۆز چىڭ ئىمپىرىيىسى ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىنى ئىستىلا قىلىپ بىرمەزگىلدىن يەنى 1880-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەن. پەييى سۆزى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى. بۇ يەردىكى تىلماچ سۆزى قەدىمكى سۆز بولۇپ «قۇتادغۇبىلىك» تە كۆپ ئۇچرايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «تىل ئەقىلنىڭ تەرجىمانى» دېگەنىكەن. تىلدا بىر سۆزنىڭ ئەسلى مەنەدە قوللۇنۇلۇشتىن ئوخشۇتۇش شەكلىدە قوللۇنىلىشقا ئۆتىشى شۇ سۆزنىڭ ئاۋامغا ئاللىقاچان كۈندەك ئايان بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئوخشۇتۇش ئابستراكىت، مۇجىمەل ئۇقۇمنى رۇشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن قوللۇنىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەقىلنىڭ رىياللىشىش جەريانىنى تىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىش جەيانىغا ئوخشىتىشى ئۇيغۇرلار نىڭ تەرجىمە ۋە تەرجىمانلىق ھەققىدە مول كەچۈرمىشكە، ئۇزاق تارىخىي تەجرىبىگە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. قاراخانىلار دەۋرىدە ئۇيغۇر تىلىغا “قۇرئان”، “ئىنجىل”قاتارلىق دەستۇرلارنىڭ، “ئىزۇپ مەسەللىرى”، “بەشنامە” قاتارلىق غەرپ ۋە شەرق ئەدەبىيات جەۋھەرلىرىنىڭ مىڭ يل بۇرۇنلا تەرجىمە قىلىنغانلىقى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوخشۇتىشىنىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى دەلىللەيدۇ. ئەگەر بىز شۇ دەۋردە خەن سەيياھ ۋاڭ يەندىنىڭ “تۇرپاندا ساۋاتسىز ئادەم يوقكەن،” دېگىنىنى ۋە چىڭگىز خاننىڭ ئۇيغۇر تىلنى ئۆزى ئىستىلا قىلغان بارلىق رايۇنلاردا ئىمپىرىيە تىلى قىلغانلىقىنى ئەسلىيەلىسەك، چىڭگىز ئىمپىرىيىسى ئارقىلىق دۇنيانى تەرتىپلىگەن ئۇيغۇر ئەقلىنىڭ ۋە شۇ ئەقىلنى باشقا تىللىقلارغا مۇكەممەل ئۆرۈپ بېرەلىگەن ئۇيغۇر تىلنىڭ زامانىسىدىكى قۇدرىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالىشىمىز مۇمكىن. "قۇتادغۇبىلىك" تە دېيىلىۋاتقان ئەقىل بىلەن تىلماچ ھەر ئىككىلىسى ئوخشۇتۇش بولۇپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇنى كېيىنكى بايانلىرىدا رۇشەنلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭچە ئەقىل دېمەك قۇدرەت، غەزىنە، پاراسەت دېمەكتۇر، تىل ئاچقۇچ بولۇپ تىلماچ ئاچقۇچنى قوللانغۇچىدۇر. مەن مۇشۇلارنى ئويلىسام يۇقارقى ماقال ماڭا غەلىتە تۇيۇلىدۇ. تىلماچ ۋە تىل ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر مىڭ يىللار بۇرۇن ئومۇملاشقا بىر مىللەت قانداق بولۇپ تەرجىمان ھەققىدە تېمىدىكىدەك سەلبىي ۋە مەنپى قاراشقا كېلىپ قالدى؟ بۇ مەنپى قاراش قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئالماشقان ئۈچ خىل ھاكىمىيەت جەريانىدىمۇ ئىزچىل ئالماشماي بازارلىق بولدى؟

تېمىدا تىلغا ئېلىغان ماقال ئاۋام ئۇيغۇرنىڭ تىلىدا «چالا پەييى ئادەم ئۆلتۈرۈرەر، چالا تۇڭچى ئادەم ئۆلتۈرەر» مۇ دېيىلىدۇ. “پەييى” دېگەنلىك خەنچە تەرجىمان دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تەلەپپۇزىغا بويسۇندۇرلىشى. “زىيالىلار بۇ يەردىكى “پەييى” سۆزىنى تەرجىمان، تىلماچ دەپ ئۇيغۇرچە قوللۇنىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى خەنلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقىنىغا تېخى نەچچە ئون يىل بولغان بۇ ئاۋاممۇ بۇ سۆزنىڭ خەنچىسىنى نەچچە ئەۋلادتىن بېرى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ "ئىز" رومانىدا تۆمۈر خەلىپىگە خائىنلىق قىلغان كىشىنىڭ ئىسمى سايىت تۇڭچى دەپ يېزىلغان. ئۆتكۈر ئەپەندىم نېمىشقا بۇ سۆزنى سايىت تەرجىمان، ياكى سايىت تىلماچ دەپ يازمايدۇ؟ چۈنكى تۇڭچى سۆزى ئەينى چاغدا ھەممە ئۇيغۇرغا تولۇق ئۇقۇشلۇق ئېدى، شۇڭا خەنسۇچىدىن كىرگەن بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئەسكەرتىش بىھاجەت ھىساپلانغان بولسا كېرەك. ئادەتتە تىلنىڭ قوللۇنىلىشى قاتلاملىق بولىدۇ. ئاۋامنىڭ تىلىدا قوللۇنىلىۋاتقان سۆزلەر ئومۇملاشقان، پۈتكۈل جامائەتكە چۈشىنىشلىك بولىدۇ، زىيالنىڭ تىلىدا قوللۇنۇلغىنى مەلۇم دائىرىدە ۋە مەلۇم ساھەدىلا چەكلىنىدۇ. مەسىلەن، مەتبۇئات، مۇھەررىر، دەرسلىك، تەتقىقات، تەپەككۇر، مەجھۇل، مەۋھۇم، مەنپىي، مۇسبەت…قاتارلىق سۆزلەرنى ئاۋام ئۇيغۇرلار كۆپ قوللانمايدۇ. تۇڭچى دېگەن بۇ سۆزنىڭ ماقال تەمسىللەردە ۋە ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان بىر روماندا ھىچ بىر ئىزاھاتسىز قوللۇنىلىشى بۇ سۆزنىڭ خەنچىدىن ئۇيغۇرچىغا كىرىش تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى ۋە ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان ھادىسىلەر بىلەن باغلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ماقالدىكى تۇڭچى سۆزى چىڭ ئىمپىرىيىسى زامانىدا خەنچىدىن كەلگەن. چۈنكى چىڭ زامانىسىدا تەرجىمان خەنچىدە توڭشى(通事 )دېيىلگەن. ئۇيغۇرچە مەنسۇپ بولغان تۈركى تىللاردا ش بىلەن چ نۆۋەتلىشىدىغان قائىدە بولغاچقا توڭشى دېگەن بۇ سۆز ئۇيغۇرچىدا تۇڭچى بولۇپ قالغان. مىڭ سۇلالىسىنى مۇنقەرزى قىلىپ شۇ تىرىتورىيەدە چىڭ سۇلالىسىنى قۇرغان مانجۇلار مەمۇرىيەتنى تەشكىللەش، جەمئىيەتنى تەرتىپلەش ۋە دۆلەتتىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنى بىر ياقىلىق قىلىشتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنسۇلار خانلىقلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان. دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى بولمىغان مانجۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى (ئورتا ئىقلىمنى) خەنچە ھاكىمىيەت ئەنئەنىسى بىلەن ئۆزلىرى بىۋاستە باشقۇرغان. ئۇيغۇر ئېلىگە ئوخشاش 1884 -يىلدىن كېيىن رەسمى قارام بولغان يىراق يېڭى چىگرالارنى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ۋاستىلىك باشقۇرغان بولغاچقا چىڭ زامانىسىدا ئىنتايىن ئاز ساندا تىلماچ-تۇڭچىغا ھاجەت چۈشكەن. چۈنكى چىڭ ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ئەمەلدار پەقەت بىر سىموۋۇل بولۇپ ئەمەلىي ھوقۇق يەنىلا ئۇيغۇر شاھلار(ۋاڭلار) ۋە ھاكىمبەگلەردە بولغان. تۇڭچىلارغا ئەڭ كۆپ ئىھتيياج چۈشكەن چاغ، دەل شۇ يەرلىك شاھ(قۇمۇلدا، تۇرپاندا، كۇچادا)، ھاكىمبەگلەر(غۇلجىدا) ۋە باشقا بەگزادە ھۆكۈمدارلار ئاجىزلىتىلغان ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مىنگو زامانى بولغان. مىنگو مىللەتچىلىكنى ئاساس قىلغان بولغاچقا ئاتاقتا بەش مىللەت جۇمھۇرىيىتى(ئۇيغۇر، خەن، تۈبۈت، موڭغۇل، مانجۇ) دېسىمۇ، چىڭ سۇلالىسىدىن قالغان ئىمپىرىيە زېمىنىنى خەنسۇلار قۇرغان مىڭ خانلىقنىڭ داۋامى دەپ قاراشتا چىڭ تۇرغان. مىللەتچى مىنگوچىلار ئاغزىدا بەش مىللەت جۇمھۇرىيىتى دېگەن بىلەن باشقا مىللەتلەرنى جوڭخۇئا(ئوتتۇرا خۇئا= خەن) مىللىتىنىڭ بىر ئۇرۇقى دەپ قارايتتى. بۇ ئىدولوگىيەنىڭ سەۋەبلىك ئۇلار يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھاكىم بەگ ۋە شاھلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بارلىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائى ساھەلەرگە جوڭخالىقلارنى ھاكىم قىلدى. بۇنداق تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش جەمئىيەتكە نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلارنى، زىدىديەتلەرنى يۈكلىدى. مىنگوچىلار زىددىيەتنى پەقەت يەرلىك خەلقنىڭ قالاقلىقىدىن كۆرەتتى. مىنگوچىلارچە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ قالاقلىقى ئۇلارنىڭ شەرەپلىك جوڭخالىق بولالماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئېدى. يەرلىك نادان مىللەتلەرگە ئۇلۇق جوڭخالىقلاردەك ياشاش بەختى پەقەت جوڭخالىقلار سۆزلەۋاتقان تىلنى بىلىش ۋە شۇلارنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشاتتى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى جوڭخۇئالىقلارنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن شۆتاڭ ( خەن تىللىق مەكتەپ) لەرنى قۇردى. كۆپىنچىسى ئەزەلدىن يات تىل ئۆگىنىپ باقمىغان، ئۆز ئىقلىمىنى دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ قارايدىغان مىنگو مىللەتچىلىرى ئالۋاڭ تاپشۇرىۋاتقان خەلقنىڭ پۇلىغا “ھەقسىز” خەنسۇچە شۆتاڭ - مەكتەپ ئېچىپ، يەرلىك “ياۋايىلار”نىڭ بالىلرىنى ئوقۇتتى، مەقسەد پەقەت تەرجىمان تەربىيەلەش ئېدى. ئۇيغۇر بالىلار نەچچە يىل ئوقۇسىمۇ ھىچ نېمىنى ئاڭقىرالماي ئوقۇشتىن زېرىكسە مىنگوچىلارنىڭ قالاق دەپ كەمسىتىشىگە ئۇچرىدى. شۆتاڭ مائارىپى نەتىجىسىدە پەقەت خەنچىدىن باشقا ھىچ نېمە بىلمەيدىغان تەرجىمان- تۇڭچىلار يېتىشىپ چىقتى. زاماندا نېمىگە ئىھتىياج ئارتىپ كەتسە تىلدىمۇ شۇنىڭغا ماس سۆزمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ، يۇقارقى سەۋەپ تۈپەيلى ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمان، پەييى، تىلماچ، تۇڭچى دېگەن سۆزلەر دائىم قوللۇنۇلىدىغان بولدى. پەۋقۇلاددە قىسقا ۋاقىتتا تەربىيەلەنگەن تەرجىمانلار ھەممە ساھەدە، ھەممە يۇرت ئايماقلاردا بۆك ئورنىغا كاللا كەلتۈرۈپ ، ئەسلىدىنلا كەسكىن زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىۋەتتى. بۇلارنىڭ ئەڭ پاجىيەلىك ئاقىۋىتىنى ئۇيغۇرلار “چالا تەرجىمانلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرىشى” دەپ خۇلاسىلىغان بولسا كېرەك. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىلىدا “چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرەر” دېگەن ماقال قالغان بولۇشى مۇمكىن.

ئادەتتە ماقاللار خەلقنىڭ خاتىرىسىگە تامغا بولۇپ بېسىلغان تارىخي رىياللىقتىن كېلىدۇ. مەن مۇشۇ كۈنگىچە ئۆزەم يامان ئەمەس بىلىدىغان خەنچە، ئىنگىلىزچە، تۈركچە، پارىسچە قاتارلىق تىللارنىڭ ھىچ قايسىدا “چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرەر ” دېگەن ماقالنىڭ ئۆزىنى ۋە ياكى شۇنداقراق دېگەن مەنىدىكى ماقالنى كۆرمىدىم. دېمەك بۇ خەلقلەرنىڭ ھاياتىدا تەرجىمان سەۋەبلىك مۇبارەك جانلار قەتىل قىلىنمىغان بولسا كېرەك. چالا تەرجىمان سەۋەبلىك پاجىيەلىك تەقدىرگە مۇپتىلا بولغان قەۋىم ئەۋلادلىرىغا تىل ئارقىلىق ئاشۇنداق ۋەسىيەتلەرنى قالدۇرغان بولىدۇ. لېكىن ۋەسىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىنىۋەرمەيدۇ. بولۇپمۇ ئەجداتنىڭ ئەقلىدىن، سەلتەنىتىدىن، ئۇتۇقلىرىدىن گۇمانلانغان ئەۋلاد ياكى بىخەۋەر قالغان ئەۋلاد ئەمەل قىلىپ بولالمايدۇ.

بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئومۇمى گەۋدىسىنى تەرجىمىلىك جەمئىيەتنىڭ تىلسىز ئەزالىرى دېسە خاتالاشقانلىق بولمايدۇ. چۈنكى ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى 60 يىلدىن بېرى خەنچىدىن ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە جەريانىدا قايتا قۇراشتۇتۇلغان. بۈگۈنكى ئۇيغۇرنىڭ تەپەككۇرى ئون نەچچە يىللىق تەرجىمىلىك مائارىپ ۋە تەربىيە تۈرتكىسىدە شەكىلگە كىرگەن. ئۇيغۇرچە ئوقۇش بەختىگە ئېرىشكەن 90-يىللارغا مەنسۇپ ئۇيغۇر ئايلىقچىلار ئەدەبىياتتىن باشقا ھەممە دەرسنىڭ خەنچىدىن ئۆرۈلگەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە تەربىيەلەندۇق. ئوقۇمىغانلار يوللارغا ئورنۇتۇلغان ۋارقىراق كارنايلاردىن تەرجىمە سىياسەت ۋە بۇيرۇقلارغا ئەگىشىپ ھاشاردا تەربىيەلەندى. بۇ ئىككى توپنىڭ تەربىيە ئېلىشىدىكى پەرقى بىرسى مەجبۇرى يەنە بىرى ئىختىيارى ئىدى. ئوخشاشلىقى ئىككىلىسىدە ئەسلى مەنە، مەقسەدنىڭ ساڭا مەڭگە سىر بولۇپ قالىدىغانلىقىدۇر. مەيلى ئايلىقچى بولايلى ياكى ئايلىقسىز بولايلى تەرجىمە خەۋەر، تەرجىمە ئۇچۇر، تەرجىمە پەرمان ۋە تەرجىمە كىنو ۋە تىلۋىزىيە تىياتىرلىرى ئارقىلىق مىڭىمىزنىڭ بويالغانلىقى ۋە شىددەتلىك بويىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. مىسالەن، يېقىندا يېتىك ئەدىپ نۇرىمۇھەممەد توختى ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي ئاخباراتىنى ئوقۇپ قالدىم. بۇ موھتەرەم يازغۇچىمىز ئەسىرىنىڭ بېشىنى مىللىي بۇرزازىيە دېگەندەك ماركىسىزىملىق تەرجىمە ئاتالغۇلىرى بىلەن باشلاپ پىرسۇناجى تارتقان مۈشكۈللەرنى “غەرپكە ساياھەت” تە سۆزلەنگەن نوم ئەكىلىش جەيانىدىكى رىيازەتلەرگە تەققاسلاپ قاناتلاندۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ غەمخۇرلۇقى بىلەن ئەسىرىنى ھەق دادىغا يەتكۈزۈپتۇ. يەنە بىر مىسال، ھازىرقى “ئىناق جەمئىيەت” تەشەببۇسى ئەسلى جوڭگۇدىكى يىزا بىلەن شەھەر، بايلار بىلەن كەمبەغەللەر، ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالار، تەرەققىي قىلغان رايۇنلار بىلەن ئارقىدا قالغان رايۇنلار، كۆپسانلىقلار بىلەن ئاز سانلىقلار… قاتارلىق مەنپەئەت گورۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تەڭشەشكە قارتىلغان بولۇپ، بۇ يەردىكى مەقسەد شۇلارنى تەڭشەش، ماسلاشتۇرۇش، مۇۋازنىنەت شەكىللەندۈرۈش ئېدى. بۇنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئىناقلىق- ئىتتىپاقلىق بىلەن ھىچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق ئېدى. ئۇيغۇرچىدىكى “ئىناق جەمئىيەت” دېگەن تەرجىمە ئەمەلىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دېگەن شۇئارنىڭ مەنىداش ئىبارىسى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت سىياسىتىدىكى ئەڭ ئەقەللى چۈشەنچىسىدىمۇ مۇجىمەللىك پەيدا قىلدى. دېمەك، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاقىلدىن تارتىپ غاپىلغىچە ھەممەيلەن دۇنيا، دۆلەت، ۋە ئۆزى ھەققىدە چىن، مۇستەقىل، سۈزۈك بىلىم ۋە تەسەۋۋۇردا ئەمەس تەرجىمە ئارقىلىق بۇرمىلانغان خىيالى تۇيغۇدا ئېقىمغا ئەگەشمەكتە. ئەمدى، گەپنىڭ مېغىزىغا كەلسەك، بۇنداق بىر تەرجىمىلىك موھىتتا ياشاۋاتقان، كاللىسى ئەسلى تىلنىڭ يېرىم ياتا رىۋايەتلىرى بىەن تولغان بىر مىللەت تەرجىماننىڭ چالا بوغۇزلاشلىرىدىن قايتا مۇستەسنا بولالىدىمۇ، بولالاۋاتامدۇ؟ تارىختا بولغىنى تەننىڭ قەتىل قىلىنىشى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئاۋام كۆزى بىلەن كۆرمىگەن نەرسە ھەققىدە ماقال توقۇمايدۇ. تارىختىكى چالا تەرجىمان سەۋەبلىك يۈز بەرگەن تەننىڭ قەتلىسىگە ئەلھۆكمىلۇللاھ، بۇنىڭ قازاسى شۇ شەھىدلەر بىلەن كەتسۇن دەيلى، ئەگەر مەدەنىيەت قەتلى قىلىنسا، رۇھىيەت چالا بوغۇزلانسىچۇ؟ بەلكىم يەنە ماقاللار توقۇلار. بەلكىم ھىچ بىر ماقال تۇقۇلماس، چۈنكى بۇ قېتىمقى تەرجىماننىڭ يېڭى قەتلىسدە ئادەم ئۆلمەيدۇ. مەسىلەن ياغلىقى تارتىۋېلىغان، يۈزلىرى ئېچىۋېتىلگەنگە شەخس سۈپىتىدىكى ھىچ بىر ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ، ئەمما بىر مىللەتنىڭ غۇرۇرى ئاياق ئاستى بولىدۇ. ساقاللار قىرقىلغانغا، بۇرۇتلار تاراشلانغانغا كىشى يارىلانمايدۇ ئەمما ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتى يىمىرىلىدۇ. ئەگەر ھەممىمىز جان بېقىشنى، تىرىكچىلىكنى پەرز دەپ قارىساق مىللىتىم، دىنىم، ئەۋلادىم، ئەجدادىم دەپ ئويلۇنۇشلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چالا تەرجىمان ۋە تەرجىمانلىق ئۆلگەن كۈن تىل ئۆلگەن كۈندۇر، شەخسنىڭ تىرىكچىلىكى ۋە ھالاۋىتى بەدىلىگە مىللىيلىك ۋە ئۇنىڭ تۈۋرىكى بولغان دىنىي تۇيغۇ ھالاكەتكە يۈزلەنگەن كۈندۇر. بۇرۇنقى چالا تەرجىماننىڭ ئۆلتۈرگىنى كىملەرنىڭ جېنى بولغان بولسا بۈگۈن قەتلى قىلىنىۋاتقىنى قىلىنىۋاتقىنى مىللىيلىك خاسلىق، كىملىكتۇر.



ئالدىنقى: ئۇيغۇرلار- نەزەردىن يىراق كۆڭۈلگە يېقىن

كـىيىنكى: «قۇرئان» دىكى ۋە ئۇيغۇرچىدىكى پەرقلىق ئۇقۇملار