Jump to content

«ڭ» ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆزلەرنىڭ ئىزاھى

ئورنى Wikipedia
ئىزاھى
ڭ
  • ڭ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرىمىنچى ھەرپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن يىگىرىمىنچىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرتىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما، ئۇيغۇر تىلىدا سۆز بېشىدا كەلمەيدۇ.
  • «ڭ» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ڭ» بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى يوق، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى. «ڭ»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ىڭ»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «ڭې».
  • «ڭ» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل تۈۋى-يۇمشاق تاڭلاي تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن دىماق تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشتۇر.

مەنبە: ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى