ئائىلە قۇرۇلمىسى

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە ئەسىرلەر بويى ئەر ئاساس قىلىنغان فېئودال ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمى ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن. ئائىلە قۇرۇلمىسى ئاتا قان سېستىمىسى ئاساس قىلىنغان بىر ئەر - خوتۇنلۇق چوڭ ئائىلىدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى:

1) ئائىلە ئەزالىرى ئەر جەمەتىنى ئاساس قىلغان ئۈچ ياكى تۆت ئەۋلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار چوڭ دادا ۋە ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولغان ئاكا - ئۇكا ھەم ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئىبارەت. ئادەتتە ئۈچ ئەۋلات بىرگە ياشايدىغان ئائىلىلەر بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، چوڭ دادا ھايات ۋاقتىدا ئاكا - ئۇكىلار ئاسانلىقچە بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتمەيدۇ. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئەر جەمەتىدىن بولغان چوڭ دادىنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ. ئائىلىنىڭ چوڭ ھوقۇقى چوڭ دادىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ئائىلە ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، <ئۆينىڭ بەرىكىتى> دەپ ھۆرمەتلىنىدۇ، ئاسرىلىدۇ. ئۇنىڭ سۆز ھەرىكىتى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئائىلە قانۇنى ھېسابلىنىدۇ، پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى ئولتۇرسا - قوپسا ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيدۇ، ئۆزلىرى ھەرقانچە غورىگىل قالسىمۇ، ھەممە نەرسىنىڭ باش بۇرنىنى ئۇنىڭغا ئاتايدۇ.

2) تۇنجى ئوغۇلنىڭ ئورۇن مەرتىۋىسى يۇقىرى.

ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە تۇنجى ئوغۇل <ئىككىنچى ئاتىلىق> ھۆرمىتىگە سازاۋەر. ئۇ سىرتقا قارىتا ئائىلە باشلىقىغا ۋاكالىتەن بارلىق <تاشقى ئىشلار> غا؛ ئائىلە ئىچىدە بولسا، ئائىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل. ئەمما ئائىلىنىڭ بىر يىللىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، كىرىم - چىقىم ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مال - مۈلۈكىنى باشقۇرۇش، پەرزەنتلەرنىڭ نىكاھ ئىشلىرى قاتارلىق ئىشلاردا بىر قارارغا كىلىشتە ئالدى بىلەن ئائىلە باشلىقىنىڭ سەمىگە سېلىپ، ئۇنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

3) ئائىلە ئەنئەنىسىنى ئەلا بىلىش، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسراش، ئائىلە ئىتتىپاقى، ئىناقلىقىنى ساقلاش ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن. ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە بۇنىڭغا خىلاپ ئىشلار سادىر قىلىنسا، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئاتا - ئانىغا ۋاپاسىزلىق، ئائىلە ئەنئەنىسىگە ئاسىيلىق دەپ قارىلىپ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قاغىش - نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر ئائىلىسىدىكى مۇنداق مۇھەببەت نەپرەت <يەر سۇ بىلەن كۆكۈرەر، ئەر ئەر ئاتا - ئانا دۇئاسى بىلەن (كۆكۈرەر)>، <ئاتا قارغىش ئوق> دېگەن تەمسىلدە ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تىپى ۋە قۇرۇلمىسىدا ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىش بىلەن فېئودال چوڭ جەمەتلىك ئائىلە ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى ئائىلىلەرمۇ شەكىللەنگەن. مەسىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا قەشقەردىكى تاش ئاخۇن بايلار ئائىلىسى؛ قەشقەر شىنجاڭ رايونىدا تۇرپاندىكى مۇسۇلبايلار ئائىلىسى؛ شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا ئىلىدىكى مۇسابايوۋلار ئائىلىسى قاتارلىق ئائىلىلەر ئەنە شۇنداق فىئودال چوڭ جەمەتلىك ئائىلىلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىندۇر. ئىككى ئەۋلات بىرگە ياشايدىغان ئائىلىلەر ئوتتۇرا تىپتىكى ئائىلىلەردىن بولۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. فېئودال چوڭ جەمەتلىك ئائىلىلەر، ئوتتۇرا تىپتىكى ئائىلىلەرگە ئوخشاش تەرەققىي قىلالمىغان.