ئائىلە ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت

ئورنى Wikipedia

ئائىلە دېگىنىمىز _ نىكاھ مۇناسىۋىتىدىن شەكىللەنگەن ئورتاق گەۋدىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ئورتاق گەۋدە ئىچىدىكى ئەزالارنىڭ مۇناسىۋىتى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت دېيىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىدا قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت ئائىلە مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسىي ئامىل بولغاچقا، ئائىلە مۇناسىۋىتى كۆپلىگەن مۇرەككەپ ھاسىسىلەرنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئورنى ۋە دەرىجىسىدە كۆرۈلىدىغان روشەن پەرقلەردىن ئىبارەت.

خۇددى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارمۇ ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل فېئوداللىق ھاكىمىيەت كونتروللۇقىدا ياشىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلىۋى ئادەتلىرىدە ئاتىلىق قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەسىرى قويۇق ئەكىس ئېتىلگەن. يەنى ئائىلە باشلىقى ئەرگە مەنسۇپ بولۇپ. ئۇنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ۋە ھوقۇقى چوڭ بولغان. قالغان ئائىلە ئەزالىرى ئەنە شۇ ئائىلە باشلىقىنىڭ ھۆكۈمىگە مۇتلەق بويسۇنۇش شەرت قىلىنغان. بۇ ھال ئائىلىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىش تەقسىماتى، ۋارىسلىق ھوقۇقى، ئائىلىنىڭ جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەكىس ئەتكەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلاردا بىر ئائىلىگە نىسبەتەن بارلىق ئىقتىسادىي ئېلىم _ بېرىم ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش، ئائىلىنىڭ پۈتۈن ئىقتىسادىي ئىشلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ئائىلە باشلىقى بولغان ئەرگە خاس بولۇپ، باشقا ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئەگەر ئائىلە باشلىقى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئەر ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ياكى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ئۇزاق مەزگىل قايتىپ كېلەلمىگەن بولسا، ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى جامائەتنىڭ كېپىللىكى ۋە گۇۋاھلىقى ئاستىدا شۇ ئائىلىنىڭ چوڭ ئوغلى (ئەگەر شۇ ئائىلىدە ئوغۇل بالا بولمىسا ئائىلە باشلىقىنىڭ ئايالى) ۋەكالىتەن بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

ئائىلە ئىقتىسادىي مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئومۇمەن ئىسلام شەرىئىتىدە بەلگىلەنگەن مىراس ئايرىش بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلغان، يەنى ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەر بىر ئوق، ئايال يېرىم ئوق نىسبىتى بويىچە مىراس ئايرىلغان. شۇ ئۆينىڭ بىر قىسىم پارچە مۈلۈكلىرى، دېھقانچىلىق سايمانلىرى، قاچا - قۇچا، قازان - قومۇچ، ئۆي جابدۇقلىرى مىراسنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇ نەرسىلەر شۇ ئائىلىنىڭ چىرىغىنى يورۇتقان ئوغۇلغا قالدۇرۇلىدۇ. ناۋادا ئاتا - ئانا ھاياتىلىقىدا بېقىۋالغان نەۋرە - چەۋرىلەر ۋە باشقىلار بولسا، ئۇلار مۇشۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە قېرىنداش بىر تۇغقانلارغا ئوخشاش ئائىلە مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوغۇل بالاچوڭ بولۇپ ئۆي - ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن دەرھال ئۆي ئايرىمايدۇ. ئەگەر ئۆي ئايرىپ قويۇشقا توغرا كەلگەندە، ئاتا - ئانىسى ھايات بولسىلا ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم - چىقىمى ۋە ھاياتلىق مەنبەسى چوڭ ئائىلىگە باغلانغان بولىدۇ. ئاتا - ئانىسى ھايات تۇرۇپ مىراس تەلەپ قىلىش جامائەتچىلىك ئىچىدە قاتتىق ئەيىب ھېسابلىنىدۇ. بالىلار چوڭ بولۇپ ئۆي ئايرىغاندا، كىچىك ئوغۇل (كەنجى ئوغۇل) ئاتا - ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ، شۇ ئائىلىنىڭ چىرىغىنى يورۇتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن ئۇيغۇر چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىدا كەنجى ئوغۇلنى باتۇر ۋە دانىشمەن سۈپىتىدە ئۇلۇغلاش ئەنئەنىسى ئالغا سۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇرۇنراق فېئودالىزمغا كۆچكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسىدا ئۇرۇقچىلىق ۋە قەبىلىچىلىك ھاياتىنىڭ تەسىرلىرى كۆرۈنەرلىك ئورۇندا ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن ئەۋلاد - ئەجدادلارنىڭ نامىنى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت باغلىنىشىنى پەقلەندۈرىدىغان ئاتالغۇلارمۇ كۆرنەرلىك ئەمەس. يەنە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەر ۋە ئايال تەرەپ تۇغقانلىرىنىڭ نامى بەزى مىللەتلەردىكىدەك مەخسۇس ئاتالغۇ بىلەن ئەمەس، بەلكى «چوڭ»، «كىچىك» دېگەنگە ئوخشاش سۈپەتلەرنى قوشۇش ئارقىلىق پەقلەندۈرۈلگەن، مەسىلەن:

دادىنىڭ ئاكىسى - چوڭ تاغا (بەزى جايلاردا چوڭ ئاتا)

دادىنىڭ ئىنىسى - كىچىك تاغا (بەزى جايلاردا كىچىك ئاتا)

دادىنىڭ ئاچىسى - چوڭ ھامما (بەزى جايلاردا چوڭ ئاپا)

دادىنىڭ سىڭلىسى - كىچىك ھامما (ھامماچا، بەزى جايلاردا كىچىك ئاپا) دېگەنلەرگە ئوخشاش. ئەمما «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇرلاردىمۇ ۋاسىتىلىك تۇغقانلارنىڭ مەخسۇس نامى بولغانلىقى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار بار.

ئالايلۇق:

yuyq - خوتۇننىڭ ئىنىسى، يەنى ئەرنىڭ قېيىن ئىنىسى

ini - خوتۇنغا نىسبەتەن ئەرنىڭ ئۆزىدىن كىچىك ئۇكىسى

iqi - خوتۇنغا نىسبەتەن يېشى ئۆزىدىن چوڭ بولسا «iqi» بولىدۇ.

sinil - ئەرنىڭ ئۆزىدىن كىچىك قىز قېرىندىشى

baldiz - ئەرگە نىسبەتەن خوتۇننىڭ ئۆزىدىن كىچىك قىز قېرىندىشى

aga - ئەرگە نىسبەتەن خوتۇننىڭ ئۆزىدىن چوڭ قىز قېرىندىشى (مەھمۇت قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»Ⅲ - توم، 7 - بەت)

ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە «مەن» نى مەركەز قىلىپ يۇقىرىغا سانىغاندا، دادىسى بىلەن ئانىسىغىچە بىر ئەجداد، چوڭ دادىسى بىلەن چوڭ ئانىسىغىچە ئىككى ئەجداد، بوۋىسى بىلەن مومىسىغىچە ئۈچ ئەجداد، چوڭ بوۋىسى بىلەن چوڭ مومىسىغىچە تۆت ئەجداد ......ھېسابلىنىدۇ.

«مەن» دىن تۆۋەنگە سانىغاندا، ئوغۇل - قىزلىرى بىر ئەۋلاد، نەۋرىلىرى ئىككى ئەۋلاد، پەي نەۋرىلىرى بەش ئەۋلاد.....ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ توققۇز ئەۋلاد بىۋاسىتە قېرىنداشلىق كاتىگورىيىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ بىۋاسىتە قېرىنداشلار ئارا نىكاھلىنىش چەكلىنىدۇ.