ئابباسىيلار ئىنقىلابى

ئورنى Wikipedia

ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىجتىمائىي ھەرىكەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇمەييە سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھۈسەيىن سۇلالە قوشۇنى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار <تەختنى تارتىۋالغان ئۇمەييەلەر> گە قارشى تۇرۇپ، ھاشىم جەمەتى (پەيغەمبەر جەمەتى) نڭ شەرىئەتكە لايىق مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يەنى ھاكىمىيەتنى پەيغەمبەر جەمەتىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى. شىئە مەزھىپىدىكىلەر ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار، خۇراسان دېھقانلىرى، مەۋالىلار ۋە يەمەندىن شىمالغا كۆچكەن ئەرەبلەر ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى بولدى. باشتا شىئە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، كۇفە، مەدىنە قاتارلىق جايلارنى پائالىيەت مەركىزى قىلدى، مۇھەممەد بننى ھەنەفىيەنىڭ ئوغلى ئەبۇ ھاشىم مىلادىيە 716 - يىلى قازا قىلدى.

شىئە مەزھىپىنىڭ ئىماملىقى ھاشىم جەمەتىنىڭ بىر تارمىقى - ئابباس جەمەتىدىكى مۇھەممەد بىننى ئەلى (؟ - 743) گە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تەرغىبات ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى ئابباسىيلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. كېيىن ئىبراھىم مۇھەممەد (؟ - 749) ھاشىم جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى بولدى، ھەمدە تەرغىبات ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دەمەشىقتىن ئەرەب يېرىم ئارىلىغا بارىدىغان ھىجازنىڭ كارۋان يولىغا جايلاشقان ھۇمەيمە مەھەللىسى (ھازىر پەلەستىن چېگرىسى ئىچىدە) يېڭى پائالىيەت مەركىزى بولدى. كۇفەدە ئەبۇ سالام جايلارنىڭ دىنىي تەرغىبات ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەبۇ مۇسلىمنى قوراللىق قوزغىلاڭنى مەخپىي ئۇيۇشتۇرۇشقا ئەۋەتتى. خۇراساننىڭ مركىزى مەرۋىدە (ھازىر ئىران چېگرىسى ئىچىدە) 12 نەپەر نەجىب (باشلىق) تىن تەركىب تاپقان مەخپىي كومىتېت قۇرۇلدى.

نەجىبلەرنىڭ ئاستىدا 58 نەپەر (بەزىلەر 70 نەپەر دەيدۇ) دائى جايلاردا تەشۋىق قىلدى. ھەرىكەت 746 - يىلى مەخپىلىكتىن ئاشكارىلىققا يۈزلەندى. ئىنقىلابنىڭ سىمۋولى بولغان قارا بايراق (ئەرەبلەر قارا يەكتەك كىيگەنلىكتىن ياكى ئابباسىيلارنىڭ چىرايى قارا بولغانلىقتىن قارا بايراق تۇتقان بولۇشى مۇمكىن) 747 - يىلى 6 - ئايدا خۇراساندىكى مەسچىت سىرتىدا چىقىرىلىپ، ئۇمەييەلەرگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلدى. 749 - يىلى ئۇمەييە خەلىپىسى ئابباسىيلارنىڭ سىياسىي قارا نىيىتىنى تۇيۇپ، ئىبراھىمنى قولغا ئېلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. لېكىن، كېچىككەنىدى. ئىبراھىم جەمەت ئەزالىرىنى ھۈمەيمەدىن خىزمەت ئاساسىغا ئىگە كۇفەگە مەخپىي كۆچۈرۈپ، ئۇكىسى ئەبۇ ئابباس ئابدۇللا بىننى مۇھەممەد يەنى جەئفەر (750 - يىلىدىن 954 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) نى ئىزباسار قىلىپ تەيىنلىدى. ئەبۇ مۇسلىمنىڭ قوشۇنى ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلىۋاتقاندا، ئەبۇ ئابباس 750 - يىلى ئابباسىيلار سۇلالىسىنى قۇردى. ئۇمەييە سۇلالىسى يوقىدى.