بەندەر ئابباس

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئابباس پورتى)

ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مۇھىم پورت، دېڭىز قىرغاق ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، ھورقمۇز بوغۇزىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇن. شەھەر ئاھالىسى 45 مىڭدىن ئاشىدۇ. بەندەر ئابباسنى ھورموز بوغۇزىغا جايلاشقان كىشىم ئارىلى توسۇپ تۇرىدۇ. بەندەر ئابباسنىڭ سۈيى چوڭقۇر ئەمەس، شۇڭا چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى بىۋاسىتە كېلەلمەيدۇ، ھازىر بەندەر ئابباسنىڭ غەربىدە يېڭىدىن بىر پورت قۇرۇلماقتا. بەندەر ئابباس ئارقىلىق ئاساسەن گىلەم، مېۋە - چېۋە قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ كونسېرۋا، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان.