ئابدۇراخمان مۇھىتى

ئورنى Wikipedia
ئابدۇراخمان مۇھىتى
ۋاپات بولغان يەر
مىللىتىئۇيغۇر
مائارىپ سەۋىيىسىئالىي مەكتەپ

ئابدۇراخمان مۇھىتى 1910 - يىلى تۇرپان ئاستانە يېزىسىنىڭ غۇجام ئالدى مەھەللىسىدە ھاللىق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. 1918 - يىلىدىن 1924 - يىلىغىچە ئاستانىدىكى «مەقسۇدىيە مەكتىپى» دە ئوقۇدى. 1924 - يىلىدىن 1931 - يىلىغىچە ئائىلىسىدە بولدى. 1932 - يىلى مەقسۇت مۇھىتى، مەھمۇت مۇھىتلار باشچىلىقىدا قوزغالغان دېھقانلار ئىنقلابىغا قاتناشتى.1933 - يىلى ئەتىيازدا دېھقانلار قوزغىلىڭى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا، كىچىك ئاتىسى مەھمۇت سىجاڭ قوشۇنى بىلەن قەدىمى شەھەر - قەشقەرگە باردى.

1934 - يىلى ئۇ بىر تۈركۈم ياشلار بىلەن بىللە تاشكەنت شەھىرىگە بېرىپ «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنۋېرسىتېتى» نىڭ مەمۇرىي - ھوقۇق پاكۇلتېتىدا ئۈچ يىل ئوقۇدى. 1937 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ، چۆچەك ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. 1938 - يىلى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ تاكى 1944 - يىلنىڭ ئاخىرغا كەلگەندە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلدى. ئۇ ئۆز يۇرتى ئاستانىگە قايتىپ كېلىپ «ئاستانە ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» دا خىزمەت قىلدى. 1945 - يىلى ئەتىيازدا بورھان شەھىدى تۇرپانغا كېلىپ ئۇنى ئۈرۈمچىگە بىللە ئېلىپ بېرىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.

1946 - يىلى 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى گومىنداڭ تەرەپ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقلابىي كۈچلىرى ئۈرۈمچىدە 11 بېتىم ئىمزالاندى. 11 بېتىمنىڭ روھى بويىچە ئابدۇراخمان مۇھىتى 1946 - يىلى 8 - ئايدا تۇرپان ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەيدى.

ئابدىراخمان مۇھىتى تۇرپانغا ھاكىم بولغان مەزگىلدە تۇرپانغا ئىنقىلابىي تەشكىلات - خەلق پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلدى.

1947 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئابدۇراخمان مۇھىتى پارتىزانلانى باشلاپ ئۈچ ۋىلايەتلىكە بېرىپ، خەلقچىل ياشلار تەشكىلاتىدا ئىشلىدى.

ئابدۇراخمان مۇھىتى 1956 - يىلى كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىردى ۋە خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى، سىياسىي كېڭەش كاتىبى، مىللىي ئىشلار كومىتېتى ئەزاسى. 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. ئۇ 1957 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 47 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.

1932- يىلى قوزغالغان مەخسۇت مۇھىتى ، مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ۋە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى ئابدۇراخمان مۇھىتى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇ ھاياتىدا <<ئاستانە ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى >>، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ خەلقچىل ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاردا ئىشلەپ ، شۇ چاغلاردىكى ۋەزىيەت ئۇچۇن تۈرتكىلىك روللارنى ئوينىغان . خەلقىمىز بۇ ئوغلاننى مەڭگۇ ئەسلەيدۇ .

مەنبە[تەھرىرلەش]