ئابدۇراخمان ھاۋاز

ئورنى Wikipedia

ۋاقىتسىز ئۆچكەن كىنو چولپىنى _ ئابدۇراخمان ھاۋاز

1993 - يىلى 7 - ئىيۇل ، چارشەنبە . ئىشىكنىڭ تۇيۇقسىز ، جىددىي، كەينى - كەينىدىن قېقىلىشىدىن ئويغىنپ كەتتىم . تاڭ ئەمدىلا يورۇشقا باشلىغان بولۇپ ، دېرىزىدىن غىل - پال يورۇق چۈشۈپ تۇراتتى . ئەندىشىلىك بىر خىيال مېڭەمدىن يالت قىلىپ ئۆتتى ، ئىتتىك بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم، ئىشىك تۈۋىدە بىر خىزمەتدىشىم كۈنلۈك ئاستىدا ئۆزىنى يامغۇردىن دالدا قىلىغان ھالدا قاراپ تۇراتتى . ئۇنىڭ كۆزلىردىن ئەلەملىك بىر قايغۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى .

ئابدۇراخمان ھاۋاز 1936 - 6 - ئاينىڭ 11 -كۈنى چۆچەك ناھىيىسىنىڭ سەنگۇڭ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1945 - يىلدىن 1952 - يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى چۆچەكتە ئوقۇغان. 1952 يىلدىن 1956 - يىلىغىچە چۆچەك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمىي باشقارمىسىدا ئىشلەپ، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنى مەخسۇس تۇتقان.

كىشى بالىلق، بولۇپمۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە قويغاندا نۇرغۇن ئارزۇ - ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ ۋە شۇ ئارزۇسىغا يېتىش يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىدۇ. ئەينى يىللادا مەشھۇر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم بازىلىرىدىن بىر بولغان چۆچەك شەھىرى ئىچىدە مىللىي ئارمىيىنىڭ تەشۋىقات ئەترىتى ، سەنئەت ئۆمەكلىرى دائىم دېگۈدەك ئويۇن قويۇپ تۇراتتى، بۇ گۆدەك ئابدۇراخمان قەلبىدە سەنئەت بىخلىرىنىڭ يېتىلىشىگە مەلۇم تۈرتكە بولغانىدى. ئابدۇراخمان ھاۋاز بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا سەنئەتكە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ ، ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىپ تۇردى. ئۇ ھەر خىل چالغۇلاردىن چىققان رىتىملىق ، جاراڭلىق ،شوخ كۈيلەرنى قىزىقىپ ئاڭلايتتى ، زېھىن قويۇپ ئانالىز قىلاتتى . ئۇ ئۆز مەھەللىسىدىكى، ئۆز سىنپىدىكى ئۆسمۈرلەر بىلەن بۈك - باراقسانىلىق تاللىقلاردا ،باغچىدا دائىم كۆڭۈل ئېچىپ سورۇنى تۈزەتتى . ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپلا ئۇ دوخراتكا، بايان قاتارلىق سازلارنى چېلىشقا زور ئىشتىياق باغلاپ ،ئۇزۇنغا قالماي ئۇلارنىڭ پۇختا ۋە كامالەتكە يەتكۈزۈپ چالالايدىغان بولدى . تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چۆچەك ناھىيىسى ئۇيغۇر ، قازاق ،تاتار ،رۇس ، داغۇر ،خەنزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ناھىيە بولغاچقا ، بۇ مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىمۇ ئابدۇراخماننىڭ سەنئەت ھاياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى .

ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر سەنئەت كەسپى بىلەن قېلىشى ناھايىتى تاسادىپىي بولدى . 1956 - يىلى ئىلى ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئارمىيە -خەلق ئىشتىن سىرتقى سەنئەت كۆرىكىدە ئۇ ئاجايىپ ماھارىت بىلەن ئويىنغان « ئادنوچكا » سورۇندىكى تاماشبىنلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇپ ،قىزغىن ئالقىشلارندى. ئۇنىڭ بۇ ماھارىتى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 - كورپۇسىدىكى ئالاقىدار رە ھبەرلىكنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئابدۇراخمان ھاۋاز خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ دەسلىپىدە 5 - كورپۇس سەنئەت ئۆمىكىدە ، كېيىن ئۇزۇن مۇددەت شىنجاڭ ھەربىي رايون سىياسىي بۆلۈمى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل ئەترىتىدە سە ھنە سەنئىتى ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى ، بۇ مەزگىلىدە ئاپئاق قار - مۇزلار بىلەن قاپلانغان تەڭرىتاغ ،ئالتاي تېغى ،پامىر ئېگىزلىكىدە ، ھەرقايسى چېگرا مۇداپىئە پونكىتلىرىدا مەخمەلدەك ياپيېشىل يايلاقلاردا ، بۈك - باراقسان قارىغايزارلىقلاردا ، ئەمگەك ناخشىلىرى ياڭراپ تۇرغان ئېتىز - دالىلاردا ،زاۋۇتلاردا، نېفىت بۇرغىلاش سۇپىلىردا ئۇنىڭ ئاياغ ئىزلىرى ،ياڭراق ئاۋازلىرى،كۆلەڭگىلىرى قالدى .

1961 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ( سابىق شىنجاڭ كىنو ستۇدىيىسى ) بىلەن بېيجىڭ كىنو ستۇدىيىسى بىرلىشىپ « ئانارخان » ناملىق كىنو سېناىيىسىنى ھېكايە قىلىم قىلىپ ئىشلەش تەييارلىقىنى باشلىۋېتىدۇ. ئۇلار ھەرقايسى ئىدارە ،جەمئىيەتلەردىن ئارتىس تاللاشقا كىرىشىدۇ. بېيجىڭ كىنو ستۇدىيىسىنىڭ رېژىسسورى لى ئىنجيې «ئانارخان » فىلىمنىڭ باش رېژىسسورى ئىدى. ئۇ نۇرغۇن كىشلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تاللاپ باققان بولسىمۇ ،كۆڭۈلدىكىدەك ئارتىس تاپالمايدۇ. بۇ چاغدا ئابدۇخمان ھاۋاز ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار بىلەن سىرتقا ئويۇن قويۇۋاتاتتى .بۇ ئۆمەك سىرتتىن قايتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا رېژىسسورى لى ئىنجيې ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايغا كېلىپ ئارتىسلارنى بىر - بىرلەپ كۆرۈپ چىقىدۇ - دە ئابدۇراخماننىڭ يېنىغا كېلىپ توختايدۇ . رېژىسسورى ئۇنىڭدىن كىنو توغرسىدا بەزى نەرسىلەرنى سوراپ ، ھەرىكەت ئىشلىتىپ باقىدۇ - دە ئۇنى بوي -تۇرقى ،مېجەز - خاراكتېرى جەھەتتە بۇ فىلىمدىكى ئاق كۆڭۈل ، نامرات ، ئىشچان يىگىت قۇربان ئوبراز ىغا ماس كېلىدىغان بىردىنبىر ئارتىس دەپ بېكىتىدۇ . بۇ چاغدا ئابدۇراخمان ھاۋاز ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن بولۇپ ،فىلىمدىكى قۇرباندەكلا شوخ ،روھلۇق ،جۇشقۇن بىر يىگىت ئىدى.

« ئانارخان » فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى قەشقەرگە فىلم ئىشلەش ئۈچۈن بارىدۇ. رېژىسسور ئابدۇراخماننى بىر ھەپتە تۇرمۇش ئۆگىنىشكە ،جەمئىيەت كۈزىتىشكە ئاجرىتىدۇ. ئابدۇراخمان بۇ فىلىمدىكى يىللىقچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان يېتىم ،نامرات ،ئاق كۆڭۈل قۇرباننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ،خاراكتېرىنى ياخشى يارىتىش ئۈچۈن مەھەللە ،كوچىلارنى ئارىلايدۇ، چاكارنىڭ پىسىخىكىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشلەر بىلەن مۇڭدىشىدۇ.ئۆز زامانىسىدىكى چاكار بولغانلار بىلەن كېچە - كېچىلەپ سىردىشىپ چىقىدۇ. ئۇ ئىلگىرى كىنو بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ ،شۇ قېتىم « ئانارخان» فىلىمىدە قۇربان ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ ، بىرقلا شۆھرات قازىنىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەممىلا كىشى يېقىنچىلىق بىلەن ئۇنى « قۇربان » دەپ چاقىرىشىدىغان بولىدۇ.

كېيىن ئۇ يەنە ئالىي مەكتەپنىڭ مال دوختۇرلۇق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، يايلاقتا يىلتىز تارتىپ ئىشلەۋاتقان ياش زىيالىيلانىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن « يايلاقتىكى بۈركۈت » فىلىمدە باش قەھرىمان قادىرنىڭ ، 1965 - يىلى دېھقانلارنىڭ قۇم - بوران ئاپىىتىگە قارشى تۇرۇپ ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ ، كوللېكتىپ بېيىش يولىغا ماڭغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ھېكايە فىلىم « قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن » دا ئەر باش قەھرىمان خالىقنىڭ رولىنى ئېلىپ ھەرمللەت تاماشىبىنلىرى ئەڭ ياقتۇردىغان ئارتىسلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ باش رول ئالغان «قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن » فىلىمى 1965 -يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەش مەزگىلىدە خې لۇڭ مۇئاۋىن زۇڭلى باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى تەرىپىدىن سوۋغات سۈپىتىدە شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىنىپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زاۋۇت ، كان- كارخانا ، شەھەر - يېزا ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كەڭ دائىرىدە قويۇلدى. ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن يۇقىرىقى ئۈچ فىلىمدى ئايرىم - ئايرىم ھالدا چاكار ، ياش زىيالىي ، كوپىراتسىيە باشلىقى قاتارلىق بىر -بىرگە ئۇخشىمايدىغان ئۈچ ئىجابىي قەھرىماننىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ،ئەينى يىللادا شىنجاڭ كىنو ئېكرانىدا ئەڭ كۆپ رول ئالغان مۇنەۋەر كىنو ئارتىسلىرىدىن بولۇپ قالدى ،شۇ يىللادا ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى گېزىت - ژۇرناللىرىدا كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇپ ، ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىگە يۇقىرى باھا بېرلگەن ماقالە ،ئوبرازلار كۆپلەپ بېسىلدى .

تارىختا مىسلى كۆرۈكمىگەن ئاپەتلىك يىللاردا ئابدۇراخمان ھاۋاز گەرچە ھەربىي قىسىمدا ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ ، بىر قىسىم كىشلەر . ئۇنىڭغا يەنىلا غەيرىي مۇئامىلدە بولدى ،ئۇنى « چەت ئەل بىلەن باغلىنىشى بار » ، «يۈرىكى بىزدە ئەمەس »، « ئىشەنگىلى بولمايدۇ» دەپ قارىلىدى ،ئۇنىڭغا ئازار بەردى ، ئەنە شۇ سەۋەبلەر ئۇنىڭ ھەربىي قىسىمدىن ۋاقىتسىز ،بۇرۇن ئايرىلىشغا سەۋەب بولدى .ئۇ 1970 - يىلى شىنجاڭ ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىدىن ئايرىلىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ 1979 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا - تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا ،جوجىلىق بۆلۈمىدە ئىشلىدى. 1979 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو ستودىيسىنىڭ ھېكايە فىلىم ئىشلەش خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن كىنو ستودىيسىگە ئالمىشىپ كېلىپ ،بۇ ستۇدىيە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن تۇنخى ئىشلىگەن،رەڭلىك ھېكايە فىلىم« يول باشلىغۇچى »ھىندى چاكىرى رولىنى ئالدى . بۇ فىلىم 1980 - مەدەنىيەت مىنستىرلىكى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر فىلم مۇكاپاتىغا نائىل بولدى .

1980 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو ستودىيسى «غىرىپ - سەنەم» فىلىمىنى ئىشلىگەندە ،ئۇ بۇ فىلىمنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن سىرىت ، قاسىم ۋەزىر رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىكئۇرۇندىدىن . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ « قىز قەبرىسى » فىلىمىدە مۇخان ھاكىم ، « چېگرا يېزىدىكى مۇھەببەت » فىلىمدە مۇسا ھاكىم ، « ئالتۇن قازغۇچىلار پىرى » فىلىمدە خەمىت تاغا ،شياڭگاڭلىق مەشھۇر رېژىسسور شۈي شياۋمىڭ 1986 - يىلى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم « ئېزىتقۇ»دا يېزا باشلىقى ، تەڭرىتاغ كىنو ستودىيسى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم « كېچىك مېھمان » دا ھۇشۇر بوۋاي ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋزىيە ئىستانىسى ئىشلىگەن تېلېۋزىيە تىياتىرى «كومېدلىك ئارتىس » دا كومېدىك ئارتىس ئېلاخون،ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋزىيە ئىستانىسى ئىشلىگەن بىر قىسىملىق تېلېۋزىيە تىياتىرى « غەربىي دىيار روھى »دا ساپال ساتقۇچى بوۋاي، تەڭرىتاغ كىنو ستودىيسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سۇغۇرتا شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئۈچ قىسىملىق تېلېۋزىيە تىياتىرى « 2 - كۈز »دە بېيىغان پېشقەدەم دېھقان قاتارلىق ئوخشاشمىغان پېرسونالاژلار رولىنى ئالغاندىن سىرت ، يەنە « قىز قەبرىسى» قاتارلىق ھېكايە فىلىملەرنىڭ ۋە «تىمتاس گۇگۇم »نامىلىق تېلېۋزىيە تىياتىرىنىڭ فىلىم مۇدىرلىقىنى ئۆتىدى .

ئابدۇراخمان ھاۋاز 1980 - يىلى سىچۈەندە نەشر قىلىغان چوڭ ھەجىملىك « كىنو قۇللانمىسى» دېگەن كىتابتا نەچچە يۈزلىگەن كىنو سەنئەتكارى قاتارىدا شىنجاڭدىكى بىردىنىبر كىنو سەنئەتكارى بولۇپ تونۇشتۇرۇلدى . ئۇنىڭدىن سىرت يەنە « شىنجاڭ رەسىملىك ژۇرنىلى »، « شىنجاڭ گېزىتى» ، « تەڭرىتاغ ئېكرانى»، ژۇرنىلى،« ئاسىيا كىندىكى گېزىتى »، « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى » ۋە رادىئودا ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى تونۇشتۇرۇلدى.


ئابدۇراخمان ھاۋازنىڭ ۋاقىتسىز ئېلىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىنو ئىشلىرى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش . ئۇنىڭ خۇشخۇي سىماسى ، ئېكران ئوبرازى ھەرمىللەت خەلىقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ يادىلىنىدۇ، تۆ ھپىسى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]