Jump to content

ئابدۇرراھمان I

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئابدۇراخمان I)

ئابدۇراخمان Ⅰ (ئەرەبچە: عبد الرحمن الداخل؛ لاتىن:Abd ar-Rahman I؛ 731 — 788) ئىسپانىيە ئەمەۋييە خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى (756 — 788). 750 - يىلى ئەمەۋىيلەرنىڭ ئورنىنى ئابباسىيلار خاندانلىقى ئىگىلىگەن. ئەمەۋىي جەمەتىدىن بولغان ئابدۇراخمان شىمالىي ئافرىقىغا قېچىپ بارغان، كېيىن يەنە ئىسپانىيىگە بارغان. 756 - يىلى ئۇ يەرلىك بىر قىسىم ئەرەبلەرنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، گۇئادالچىۋىر (Guadalquivir) دەرياسى ئەتراپىدا ئەمەۋىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى يۈسۈپ (Yusuf، ؟ — 759)نى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆزىنى مۇستەقىل كوردوۋا باش ۋالىيسى قىلىپ تىكلەپ، كېيىنكى ئۇمەييە خاندانلىقىنى قۇرغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە مەركىزىي ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن ھەمدە فرانكلار بىلەن كۆپ قېتىم جەڭ قىلغان. ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈمۈش پۇل قۇيدۇرغان ھەمدە فرانك پادىشاھلىقىنىڭ پۇل تۈزۈمىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن.