ئابدۇرېھىم ئىسمايىل

ئورنى Wikipedia
ئابدۇرېھىم ئىسمايىل
مىللىتى[[ئۇيغۇر]]

شائىر ئابدۇرېھىم ئىسمايىل 1939 - يىلى يېڭىسار ناھىيە بازىرىدا كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يېڭىساردا تۈگەتكەن، 1956 - يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1958 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ [[قاغىلىق]]، يېڭىسار ناھىيلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.

ئابدۇرېھىم ئىسمايىلنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1957 - يىلىدىن باشلاپ رەسمىي باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <خەلقىمگە>، <ئاخشىمى>، <شائىرغا>، <كۆزلىرىڭ>، <ئانا ھەققىدە مۇخەممەس>، <ياخشىلىق ھەققىدە مۇخەممەس> قاتارلىق نەچچە يۈز پارچە شېئىر، بىر قانچە پارچە داستان يازغان. ئابدۇرېھىم ئىسمايىل يەنە كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ <دەھرىلىنىخات>، <ئەخلاقۇلمۇھۆسىنىن> قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنى؛ <پادىشاھى ئادىل>، <مەلىكە گۈلرۇخ> قاتارلىق داستانلارنى ئېلان قىلغان.

ئابدۇرېھىم ئىسمايىلنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <زەرەپشان چېچەكلىرى> (ئابدۇسەمەت خېلىل بىلەن بىللە، 1982 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <ھايات كۈيلىرى> (ئابدۇللا ياقۇپ بىلەن بىللە، 1986 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <تەدبىرلىك بالا> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى بار.

ئابدۇرېھىم ئىسمايىل ھايات ۋاقتىدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

مەنبە[تەھرىرلەش]