ئابدۇقادىر تاش

ئورنى Wikipedia

ئابدۇقادىر تاش (ئۇيغۇر لاتىن: Abduqadir Tash، ئەرەبچە: عبدالقادر طاش[1]) ھىجرىيە 1371 / مىلادى 1951 – يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تائىف شەھرىدە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە توغۇلغان[2]. 1949 - يىلى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىپ «شىنجاڭ» دەپ ئاتاپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ ئائىلىمۇ باشقا نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنىڭ قاتارىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا پاناھلىنىدۇ.

ئوقۇش تارىخى[تەھرىرلەش]

ئابدۇقادىر تاش ھىجرىيە 1395 – يىلى (مىلادى 1975 – يىلى) ئىمام مۇھەممەد ئىبىنى سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى كەسپىدە باكلاۋۇرلۇقنى ئالىدۇ. ھىجرىيە 1400 – يىلى (مىلادى 1980 – يىلى) ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى ئوكلاھوما ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلان – ئاخبارات كەسپىدە ماگىستىرلىققا، ھىجرىيە 1403 – يىلى (مىلادى 1983 – يىلى) ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى جەنۇبىي ئېلىنويس ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارالىق ئېلان – ئاخبارات كەسپىدە دوكتورلۇققا ئېرىشىدۇ.

ئىلمىي ھاياتى[تەھرىرلەش]

ئابدۇقادىر تاش سەئۇدىدا كۆپلىگەن ئاكادېمىك ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قىلغان بولۇپ، 1983 – يىلىدىن 1990 – يىلىغىچە رىيادتىكى ئىمام مۇھەممەد بىن سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات قىسمىدا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى، كاندىدات ئوقۇتقۇچى ۋە رەئىسلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن ۋە بىرقانچە گېزىت – ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى قىلغان. مەسىلەن، 1990 – يىلى «دەۋەت» ژۇرنىلىنىڭ، 1991 – يىلى «مۇسۇلمانلار» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى قىلغان بولۇپ، بۇ خىزمەتلىرى بەش يىل داۋاملاشقان. 1994 – يىلى «Arab news» نامىدىكى ئىنگىلىزچە گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۆتىگەن.

2000 – يىلى «اقرأ (ئىقرائ)» تېلىۋىزىيە قانىلىنى تەسىس قىلىپ، ئىككى يىل بۇ قانالنىڭ مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 2002 -، 2003 – يىللىرى ئارىسىدا بىرقانچە دۆلەتتىكى گېزىتلەرنىڭ باش مۇھەررىرلىكى بىلەن بىرگە «دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى» تەرىپىدىن چىقىرىلغان «ئىسلام دۇنياسى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى قىلغان.

دوكتور ئابدۇقادىر تاش ئىسلام ئاخباراتچىلىق ئاسمىنىدا چاقنىغان ۋە بۇ ساھەدە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر يورۇق يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئاخباراتچىلىقنى ۋاسىتە، دەۋەتنى غايە قىلىپ ئىسلام دەۋىتىدە ئالاھىدە رول ئوينىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە بىرقانچە كىتابلارنى، ئونلىغان ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى يازغان، شۇنداقلا بۇ كىتاب – ماقالىلەر مۇشۇ ساھەنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىغا ئۇل سالغان ۋە كېيىنكىلەرمۇ شۇنى ئاساس قىلغان.

ئابدۇقادىر تاش ئىسلام ئاخباراتچىلىقىنىڭ نەزەرىيەۋى قىسمى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئەمەلىي تەتبىقلاش دەرىجىسىگە يۈكسەلدۈرگەن، بىرقانچە كەسپىي ئىسلام مەتبۇئاتلىرىنىڭ رەئىسلىكى ۋە مۇھەررىرلىكىنى ئۆتىگەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى «مۇسۇلمانلار» گېزىتى، «دەۋەت» ژۇرنىلى، «ئىسلام دۇنياسى» گېزىتى ۋە «ئەررىسالە» سەھىپىسى قاتارلىقلار. ئۇ يەنە تۇنجى كەسپىي ئىسلامىي تېلىۋىزىيە قانىلى بولغان «اقرأ (ئىقرائ)» قانىلىنىڭ تۇنجى مۇدىرى بولغان، ئۇنىڭدىن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستان «قۇرئان كەرىم» رادىئوسىدا ۋە سەئۇدى تېلېۋىزىيەسىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلغان.

ئاللاھ ئابدۇقادىر تاشنىڭ قىسقىغىنە ئۆمرىگە بەرىكەت بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلىم ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى ناھايىتى مول ئىدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىكى چوڭ تەسىرى ھەرخىل ساھەلەردە ئىز قالدۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.

ۋاپاتى[تەھرىرلەش]

ئابدۇقادىر تاش ھىجرىيە 1425 – يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 14 – كۈنى دۈشەنبە (مىلادى 2004 – يىلى 4 – ئاپرېل) جىددە شەھىرىدىكى دوختۇرخانىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئۆپكە راكى سەۋەبلىك ئالەمدىن ئۆتتى ۋە ئەتىسى بامدات نامىزىدىن كېيىن ھەرەم مەسجىدىدە نامىزى چۈشۈرۈلدى.[3]

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

ئاخبارات ساھەسىدە:[تەھرىرلەش]

  • «الصورة النمطية للعرب في مرآة الإعلام الغربي (ئەرەبلەرنىڭ غەرب ئاخبارات ئەينىكىدىكى تىپ ئوبرازى)»؛
  • «الإعلام والتغريب الثقافي (ئاخبارات ۋە كۈلتۈر جەھەتتىن غەربلەشتۈرۈش)»؛
  • «الإعلام وقضايا الواقع الإسلامي (ئاخبارات ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى)»؛
  • «نظريات إعلامية في القنوات الفضائية (سۈنئىي ھەمراھ قاناللىرىدىكى ئاخباراتچىلىق نەزەرىيەلىرى)».

دەۋەت ۋە پىكىر ساھەسىدە:[تەھرىرلەش]

  • «أميركا والإسلام تعايش أم تصادم؟ (ئامېرىكا بىلەن ئىسلام… چىقىشىپ ياشاشمۇ ياكى توقۇنۇشمۇ؟)»؛
  • «قدَرُنا أن نكون إسلاميين (ئىسلامچى بولۇشىمىز بىزنىڭ پىشانىمىز)»؛
  • « الثقافة والإعلام وما بينهما (كۈلتۈر، ئاخبارات ۋە بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت)»؛
  • «رؤى على طريق الدعوة (دەۋەت يولىدىكى كۆز قاراشلار)»؛
  • «الصحوة الإسلامية… وقفات للمراجعة ورؤى للمستقبل (ئىسلامىي ئويغىنىش… قايتا قاراپ چىقىش ئۈچۈن توختىلىش ۋە كېلەچەك كۆز قاراشلىرى)».

زۇلۇم ئاستىدا قالغان ۋە ئاز سانلىق ھالەتتىكى مۇسۇلمانلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە:[تەھرىرلەش]

  • «تركستان الشرقية وأهلها المنسيون (شەرقىي تۈركىستان ۋە ۋە ئۇنتۇلغان ئاھالىسى)»؛
  • «المسلمون في الاتحاد السوفياتي… مشاهدات وشهادات صحفية (سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمانلار … كۆز بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللار ۋە ئاخبارات گۇۋاھلىقلىرى)»؛
  • «المسلمون في آسيا الوسطى والدور الإسلامي المطلوب (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ۋە تەلەپ قىلىنىۋاتقان ئىسلامىي رول)».

باشقا[تەھرىرلەش]

مەرھۇم ئابدۇقادىر تاش، خەير - ساخاۋەت ساھەسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئىزچىل بۇ ساھەدە خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كەڭ ئىش - ئىزلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورىدا ئېلان قىلىنغان.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. https://ar.wikipedia.org/wiki/عبد_القادر_طاش_(إعلامي)
  2. دوكتورنىڭ ئاتىسى مەرھۇم مۇھەممەد تاش ھاجىم خوتەننىڭ لوب ناھىيىسىدىن دەپ قارىلىدۇ. ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى.
  3. مەزمۇن ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى، 2020 - يىل 18 - ئۆكتەبىر مەنبەسى.