ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارس قەشقەرى
ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارس قەشقەرى (تەخەللۇسى غازى) ئالىم، شائىر.
ھاياتى
[تەھرىرلەش]ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارس قەشقەرى 1862 - يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا ئابدۇۋارس ئىسىملىك دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ، بالىلىق دەۋرىنى ئۆز يېزىسىدا ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قەشقەر، بۇخارا، سەمەرقەنت، ئۇفا قاتارلىق جايلاردا بىلىم ئالدى، ئىلمىي، ئەدەبىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى ۋە ئاخىرقى ئۆمرى قەشقەردە مەدرىسلەردە مۇدەرىسىلىك قىلىش، مەدەنىي ئاقارتىش ئېلىپ بېرىش بىلەن ئۆتتى.
ئابدۇقادىر داموللام مەرىپەتپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر بىر زات ئىدى. ئۇ يېڭى ئىلىم - پەن ئارقىلىق خەلقنى نادانلىق، جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلدى. فېئودالىزمىڭ دوگما، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، قالاق دىنىي ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، دەۋر تەلىپى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئۇسۇلى ۋە دەرسلىك ماتېرىيالى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش ئىسلاھات ئېلىپ باردى. ئۇ «سەرف نەھۋى» (مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس)، «ئىلمىي تەجۋىد» (قىرائەت)، «ئىلمىي ھېساب»، «ئەقائىدى زۆرۈرىيە»، «ئەقائىدى جەۋھەرىيە»، «تەئلىمى سەبىيات» (بالىلار تەربىيىسى)، «نەسائىھۇل ئەتفال» (ياش - ئۆسمۈرلەرگە نەسىھەت)، «مىفتاھىل ئەدەب» (ئەدەب ئاچقۇچى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، دەرسلىكلەرگە زور يېڭلىق ئېلىپ كىردى.
ئابدۇقادىر داموللام تونۇلغان ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ئىدى. ئۇ، روسىيە، كىچىك ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا قوزغالغان بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى ۋە ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى، شىنخەي ئىنقىلابى ۋە «4 - ماي ھەرىكىتى» نىڭ تەسىرى ئاستىدا، شىنجاڭدا فېئوداللىق ئاسارەتكە قارشى مەنىۋى ئەركىنلىك، خەلقچىللىق، گۈللىنىش، ئىلىم - مەرىپەت ۋە دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇددىئاسى بىلەن كۆتۈرۈلگەن پائالىيەتلەرنىڭ باشلامچىسى، ئەمەلىي سۈپىتىدە تونۇلغانىدى.
ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن جاھانگىرلارنىڭ ئىبلىس قولى تەرەپ - تەرەپتىن ئېلىمىزگە سوزۇلدى. ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن «سەددىچىن سېپلىنىڭ سىرتىدىكى تىنچ ماكان» دەپ ئاتالغان شىنجاڭمۇ بۇنىڭدىن چەتتە قالمىدى. ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ يول قويۇشى بىلەن ئەنگىلىيە، شىۋېتىسىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چىرايلىق نام بىلەن بېزىتىلگەن ھەر خىل مۇئەسسەسەلىرى شىنجاڭنى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن تالان - تاراج قىلىشقا كىرىشتى. ئابدۇقادىر داموللام بىر ۋەتەنپەرۋەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى. ئۇ «نەسىھەتى ئاممە» ناملىق ئەسىرىدە: «پېشىۋالىرىمىزنىڭ ئەخلاقى ۋە ئەسەرلىرى ئۇنتۇلۇپ، خۇراپاتلىق باش كۆتۈردى، ئىززەت - ئابرۇيلار قولدىن كەتتى. مۇخالىبلار (ئەجنەبىيلەر) ۋەتىنىمىزگە قول سېلىشقا باشلىدى»، «ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر، بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىماق يوقىلىش، ئۆلۈم يولىدۇر» (خېۋىر تۆمۈر: «ئابدۇقادىر دامۇللا ھەققىدە قىسسە»)شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1990(، 149 -، 151 - ۋە 222 - بەتلەر.) دەپ ئېنىق كۆرستىپ، خەلقنى نادانلىق، جاھالەتتىن قول ئۈزۇپ، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، ئىلىم - مەرىپەت ئىگىلەشكە چاقىردى. ئۇ «مىفتاھىل ئەدەب» ناملىق ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ تەرەققىيپەرۋەرلىك، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش روھىنى روشەن ئىپادىلەپ: «ئەۋلادلىرىڭلارنى باشقا بىر زامان ئۈچۈن تەلىم ئېتىڭلار، چۈنكى، ئۇلار سىلەر ياشىغان زاماندىن باشقا بىر زاماندا ياشىماق ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەندۇر» (خېۋىر تۆمۈر: «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»)شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى، 1990 (، 149-، 151- بەتلەر) دېگەن جاراڭلىق خىتابنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇستەبىت ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى بولغان فېئودال بەگ - خوجا ۋە جاھىل مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ دۈشمەنلىكى، يوشۇرۇن پىلانلىشى، ساتقىنلارنىڭ قول سېلىشى بىلەن تونۇلغان ئالىم، شائىر، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ئابدۇقادىر بىننى ئابدۋارس قەشقەرى 1924 - يىلى 8 - ئايدا قەشقەر كونا ئوردىدىكى ئۆيىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئۆلتۈرۈلدى. پۈتۈن قەشقەر ماتەمگە چۆمدى، مىڭلىغان تالىپلارنىڭ «قەشقەردە داموللا ئابدۇقادىر ناھەق كەتتىلەر» دېگەن تەزىيە شېئىرى قەشقەر ئاسمىنىنى تىتىۋەتتى. شائىر قۇتلۇق ھاجى شەۋقنىڭ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان:
«ۋاھ ! ھەسرەتا، بۇ دەھرىنىڭ كارى ئىرۇر مىكرو زەرەر،
ئادىتىدۇر غەدرۇ - سېتەم، يوقتۇر مۇرۇۋەتتىن ئەسەر»
دېگەن مىسرالار بىلەن باشلانغان مەرسىيىسى قايتا - قايتا ئوقۇلدى. قەبرىستانغا بارغۇچە ھازىچىلار ئابدۇقادىر داموللامغا ئاتاپ توقۇغان قوشاقلارنى ئېيتىپ يىغلاپ مېڭىشتى:
«ئېتىڭ بەكمۇ چىرايلىق،
ئابدۇقادىر ئەمەسمۇ.
خەلقىمىزگە يول باشلاپ،
ئۆمرۈڭ ئۆتكەن ئەمەسمۇ!
. . . . . . . . . (بۇ قوشاقلاردىن بىر قىسمى يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ 349-، 350- بەتلىرىدە بېرىلگەن.)
ئابدۇقادىر داموللام ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيەت، مائارىپ تارىخىدا باشلامچى بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىي دەۋرىگە ئۆتۈشى يولىدىكى باشلامچىلاردىن بولۇشى بىلەن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىمۇ مۇئەييەن ئورۇنغا ئىگە. ئۇ يازغان «مىفتاھىل ئەدەب» مەكتەپلەرنىڭ مۇھىم ۋە ئاساسىي ئەدەبىيات دەرسلىكى سۈپىتىدە ئالاھىدە تونۇلغان. ئىككى قىسىم، 15 بابتىن تۈزۈلگەن، گۈزەل، پاساھەتلىك شېئىرىي تىل يېزىلغان بۇ ئەدەبىي - ئىلمىي ئەسەردە ئەدەبىياتنىڭ، بولۇپمۇ شېئىرىيەتنىڭ ھەممە تۈرلىرى ۋەە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۈلگىلىك مىساللار ئاساسىدا ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئەسەر 1910- يىلى تاشكەنتتە نەشىر قىلىنىپ كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭ «جەۋاھرۇل ھەقايىق» («ھەقىقەت جەۋھەرلىرى») ناملىق شېئىرىي ئەسىرى ھازىر مىسىردىكى «جامىئۇل ئەزھەر دارىلئۇلۇم» نىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. يېقىنقى يىللاردا يەنە شائىرنىڭ « كۇللىيات مۇخەممەس» ناملىق قول يازما ئەسىرى تېپىلدى (بۇ ھەقتىدىكى مەلۇمات «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1987 - يىللىق 2 - سانىدا بېرىلدى.)، شۇنداقلا بىر قىسىم مۇخەممەسلىرى ھەم «مېۋىلەرمۇنازىرىسى» ناملىق مەسنەۋى شەكلىدىكى شېئىرىي ئەسىرى «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 1989 - يىللىق 1- سانىدا (رەجەپ يۈسۈپ نەشىرگە تەييارلىغان) جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىللىرىدىن بىرى ھۈسىيىنخان تەجەللى - مۇجەللى ئۆزىنىڭ بىر دوستىغا ئەۋەتكەن خېتىگە «ئەزھىممەتى غازىي شۇر»(غازى تەخەللۇسلۇق ئالىمنىڭ غەيرىتىدىن كېلىپ چىققان غەۋغالارنى) دېگەن مىسرانى تىزىپ، ئۆزىنىڭ ئابدۇقادىر داموللامغا بولغان قايىللىقىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە بىر نەچچە پارچە قەسىدە يېزىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ «دىۋان ئەرەبى» ناملىق ئەسىرگە كىرگۈزگەنىدى. نۆۋەتتە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلۇشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا ئويىنغان رولى تېخىمۇ روشەنلەشمەكتە.